كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 7

ئېشەك بىلەن قوي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53903
يازما
11
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېشەك بىلەن قوي
ئەخمەت ۋاھىدى
بىر ئېغىلدا ياشايدىكەن ئېشەك بىلەن قوي،
قۇترىسىمۇ كاللىسىدا ھەرخىل يامان ئوي.
ياۋاش بوينىڭ ئېشەكۋايغا ئىخلاسى چىڭكەن،
لىكىن ئېشەك ياتسا قوپسا قۇلىقى دىڭكەن.
ئېشەكۋاينىڭ ئېغىز پۇتى تۇرمايدىكەن بوش،
شۇم نىيەتتە كۆڭلى ئەسلا بولميدىكەن خوش.
تېپەر ئىكەن توخۇـتوشقان غازنى كۆرگەندە،
چىشلەيدىكەن خوشامىتى ئازنى كورگەندە.
كۇندىن-كۇنگە يامان بوپتۇ ئېشەكنىڭ ھالى،
چاغلايدىكەن ئوزىنى ئۇ يولۋاستىن ئالى.
چۇش كورەركەن ئېشەك ئالتۇن ئېگەرـ توقۇمنى،
ھاڭرايدىكەن شۇڭا ھەركۇن بىرخىل مۇكامنى:
«ئەي خۇدايا،مۇڭگۇز بەرسەڭ ئۇسسىسەم قوينى،
جۇپۇم بىلەن ئويناپ-كۇلۇپ ئۆتكۇزسەم توينى.
خوشامەتنى بىلمەيدىكەن قوي دىگەن ساراڭ،
بېشىنى تىقىپ ئوتلايدۇ سالمايدۇ پاراڭ.
كىلىشمىدى قوي بىلەن مىجەز خۇلقۇم،
ئوخشاشمىدى رەڭگىى-رۇخسار،شەكىل تۇقۇم.
توخۇ-توشقان ئودەك-غازنى يەكلىمەيدىكەن،
ھويلا-ئارامغا كىرسە-چىقسا چەكلىمەيدىكەن.
قويغا قىلغان ئەقىدەممۇ كەتتى بىكارغا،
ئەسقاتمىدى بىر قېتىممۇ چىقسام شىكارغا.
ئەي خۇدايا بەرسەڭ قانات ئۇچسام ھاۋاغا،
قوي ئۇستىدە ھۇزۇرىڭغا چىقسام داۋاغا.
شۇخىيالدا ئىشان بولدۇم بېشىمدا سەللە،
مەدەت بەرگىن چىقالمىدىم ئىگىزكەن پەللە.
ھەمرا قىلغىن ماڭا ئوخشاش ئېشەكتىن بىرنى،
گاھ كۇلۇپ گاھ يىغلاپ ساقلىدىم سىرنى.»
ئېشەكۋاينىڭ پەريادىنى ئاڭلاپتۇ ئاللا،
كۆك قەھرىدىن مۇنداق سادا كەپتۇ شۇئانلا:
«ئېشەك دىگەن نامىڭ بىلەن مەشھۇر سەن ئەلگە،
مۇڭگۇز بەرسەم ھاياتلىقتىن قالمايتتى بەلگە.
ئوتسۇن كۇنۇڭ ئاتاڭ بىلەن ئاناڭنى بىلمەي،
جىمى مەخلۇق ئۇرۇپ-تىللاپ كۆزىگە ئىلماي.
بىر قوزۇققا باغلىنىپ سەن قۇللۇقتا ئۆتكىن،
ئۇرۇق تۇققان دوس يارەنسىز تۇللۇقتا ئۆتكىن.
شۇ ۋەجىدىن ئېشەكۋاينىڭ مۇڭگۇزى يوقمىش،
مۇڭگۇزى يوق ئېشەكۋايدىن قوي كۆڭلى توقمىش.
ئېشەكۋايمۇ ئۇمىد باغلاپ ئاشۇ داۋاغا،
ھاڭرار ئىمىش دائىم قاراپ كۆككە-ھاۋاغا.
1973-يىل ئۇرۇمچى


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53493
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ،  قالتىس يېزىپسىز!  ئىلھانىڭىزغا ئاپىرىن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-4 11:20  


UID
53722
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ، تولىمۇ ھوزۇرلاندىم، ئىلھامىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

UID
43136
يازما
94
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ  يەنىمۇ ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى يوللىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلمەن

UID
52314
يازما
57
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
57
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
64 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئىرنىڭ ئۉرى منىڭ ئۉمرۅمدىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن . ئەمما ياحشى يزىلعان ئەسەر ...

UID
47298
يازما
90
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبى تىلىغا گەپ كەتمەيدۇ، ئەسلى ئەسەر خەلىقنىڭ بولسىمۇ

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1417
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43151
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس  يېزىلغان شىېركەن،،،،مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەردىن ئايىماڭ....

UID
50382
يازما
69
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىسام ئىشەكنىڭ ئورنىغا توڭگۇز ياكى چوشقا دەپ ئىلىنسا تىخىمۇ جايىغا چۈشكىدەك!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش