ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈملۈك باغچىسىغا زىيارەت
ئەخمەت ۋاھىدى
مەن بۇ يىل مارتنىڭ بېشىدا ئامرىكىغا سەپەرگە ماڭغىنىمدا، ئامرىكىنى كۈرۈپ كەلگەن دوستلىرىمدىن بىرى ماڭا:« سەن ئامرىكىدا كۈرىدىغان تۈمەنمىڭ موجىزاتلار ئىچىدە، ۋاشىنگىتۇندىكى ئۈسۈملۈك باغچىسى بىلەن دۆلەتلىك تارىخى موزىينى كۆر، نىيويورك شەھرىدە دېڭىز ئاستى تونىلدىن ئۈتۈپ«ئەركىنلىك ئىلاھى›› ھەيكىلىنى كۆر، بوستۇن شەھرىگە بېرىپ، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنى كۆر» دەپ ئالاھىدە جىكىلىغان ئىدى. ئامرىكا تۇپرىقىغا قەدەپ قۇيۇپ، 3-كۈنى ھىلىقى دوستۇمنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە ساياھىتىمنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئەنە شۇ ئۈسۈملۈك باغچىسىدىن باشلىدىم.
ئامرىكىنىڭ ئۈسۈملۈك باغچىسى خۇددى پايتەخت ۋاشىنگىتۇننىڭ چىكىسىگە قىسىلغان قىزىل گۈلدەك، دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يىراقتىن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان قەدىمى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى گۈمبەز شەكىللىك ئەينەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەت ئىكەن. ئۇنى 1820-يىلى ۋاشىنگىتۇن ئۈسۈملۈكلەر ئىلمى جەمئىيىتى ئۇزاقتىن بۇيان پۇختا پىلانلاپ، فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر بىناكارلىق مۇتەخەسىسى ۋە مەشھۇر ھەيكەلتاراش فىرادىروگ ئاۋگۇست بارسولدى دىگەن كىشىنىڭ ئىنچكە لاھىيەلەپ چىقىشى بىلەن سېلىنىپتۇ. ھازىر ئازغىنە كەم ئىككى ئەسىرنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكىدەك دۇنيا گۈل -گىيا ،ئۈسۈملۈك ئىلمى بۇيىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتقان تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئۈسۈملۈكلەر ماكانىغا ئايلىنىپتۇ. بۇ ئۈسۈملۈك باغچىسىدىكى بىر يېرىم مىڭ خىلدىن ئارتۇق ئۈسۈملۈك، گۈل-گىياھلارنىڭ بەزىلىرى 165 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق ،شانلىق يىللارنىڭ شاھىدى بۇلۇپ ،نەچچە يۈز مىليۇن كىشىنىڭ قەلبىگە گۈزەللك ، ئازادىلىك، شادخوراملىق ھىس تۇيغۇلىرىنى ئاتا قىلىپ، تەبىئەتنى سۈيۈش، ئۈسۈملۈكلەرنى ئاسراش،پەرۋىش قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان دەرسخانىغا ئايلىنىپتۇ. بۇ ئۈسۈملۈك باغچىسىدىكى شۇنچە كۆپ خىللىق ئۈسۈملۈك، گۈل - گىياھلار ئۈزىنىڭ تەبىئىتىگە ، تۈرىگە، كىلىماتقا ماسلىشىشچانلىقىغا ھەمدە تەبىئىلىكى ، سۈنئى ئۆستۈرۈلگەنلىكى ۋە تارىخىغا ئاساسەن بىرقانچە چوڭ -كىچىك بۈلەكلەرگە، ئۈچ چوڭ بۈلۈمگە ئايرىلىپ ئۈستۈرۈلۈپتۇ.
1-بۈلۈمى: تارىخىي ئۈسۈملۈك ۋە گۈل -گىياھلار بۇلۇپ ،بۇ خىل ئۈسۈملۈكلەر رەڭگى ۋە پۇرىقىغا قاراپ سەككىز بۈلەككە بۈلۈنگەن. ئۇمۇمى كۈلۈمى 2600 كۇۋادىرات مىتىردىن ئارتۇق كىلىدىكەن. بۇنىڭدا ئەڭ داڭلىق قەدىمى تارىخ يادىكارلىقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ ئۆستۈرۈلىۋاتقان، كەڭ ئۇمۇملاشتۇرۇۋاتقان ۋە پەم بىلەن ساقلىنىۋاتقان گۈل -گىياھ قىسمى ئىكەن. چۆللۈك ۋە قۇملۇق ئۈسۈملۈكلىرى ئۈزىنىڭ جۇلاسى بىلەن گۈلخۇمارلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىدىكەن. بۇ بۈلەكلەر ئاساسەن قۇياش نۇرى ئەينەكتىن ئۈتۈپ، گۈلخانىنى يېقىملىق ئاپتاپقا چۈمۈلدۈرۈپ تۇرۇدىغان يەرلەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاچقا، قىش -ياز ياشناپ تۇرىدىكەن.
2- بۈلۈمى: فىرادىروگ ئاۋگۇست بارسولدى باغچىسى بۇلۇپ، مۇشۇ ئۈسۈملۈك باغچىسىنى لايىھەلىگەن ۋە «ئەركىنلىك ئىلاھى» ھەيكىلىنى لايىھەلەپ بەرگەن شانلىق تۆھپىسىنى خاتىرلەپ، ئۇنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان ئىكەن. مەن مۇشۇ ئۈسۈملۈك باغچىسىغا كىرىشتىن سەل ئىلگىرى، ۋاشىنگىتۇن شەھرىگە قەدەم قۇيۇپلا، يول بۇيىدىكى ھەيۋەتلىك بىر ئادەم ھەيكىلىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەشۇ گۈلزارلىققا ھەيكەلتاراش بارسولدى ئەپەندىنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان ئىكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان سېھىرلىك بىر ئىش، گۈلزارلىققا كىرگەندە خۇددى پايانسىز كەتكەن ئېكىنزارلىق، ئۈسۈملۈك دۇنياسى قۇچاق ئاچسا، بېشىڭىزدىن سىم-سىم يامغۇر يېغىپ، تەنلىرىڭىزنى سالقىن ھاۋادا راھەتلەندۈرۈپ، باھار پەسلىدىكى تەبىئەتتىن خالىس سۈيۈندۈرۈپ، روھى جۇشقۇنلۇققا ئىگە قىلىدىكەن. يەنە ئىچكىرلەپ ماڭسىڭىز مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئېرىقنىڭ بەش-ئالتە يىرىدىن ئاجايىپ چىرايلىق فونتان ئېتىلىپ چىقىپ، زۇمرەت سۇلار گۈلزارلىقنى ياشارتىپ، يەنە قەيەرگىدۇ سىڭىپ كىتىدىكەن. رەڭدەر چىراق نۇرىدا ھىلىقى فونتاندىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان زۇمرەت سۇلار، خۇددى ھەسەن ھۈسەندەك جۇلالىنىپ، كۆزنى قاماشتۇرۋاتىدىكەن. سەيلى ساياھەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانا مۇشۇ گۈلزارلىقتا ئۇزاقراق تۇرۇپ، بىر-بىرىنى سۈرەتكە تارتىشىپ، خاتىرە يېزىشىپ، خۇمادىن چىقىدىكەن.
3- بۈلۈمى: دالا ئۈسۈملۈكلىرى ، گۈل - گىياھ باغچىسى بۇلۇپ، بۇ باغچىدا ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كەڭ ئۇمۇملاشقان ھەر خىل ئەتتىرگۈللەر، سەبدەگۈللەر، كەترە ، مودەن، كۆركۈم، جۇخار، شاھزادە گۈللەر ... قاتارلىقلار ناھايتى رەتلىك ۋە ئىلمى ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. گۈلنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، مىجەزىگە قاراپ، ئاپتاپ ياكى سۇس يۇرۇقلۇققا جايلاشتۇرۇلۇپتۇ. ( مىڭ ئەپسۇس، مەن ئىنگىلىزچىنى بىلمىگەنلىكىمدىن، بۇ گۈل دۇنياسىنىڭ كۆپ سىرلىرىنى ، گۈللەرنىڭ نامىنى، تارىخىنى، كىلىش مەنبىئنى ئۇقالمىدىم. شۇڭا، كۈرۈرمەنلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلۋىتىدىغانلىقىغا ئىمانىم كامىل). بۇنىڭدىن باشقا كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈردىغىنى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەتلەردىكى كىپىنىەك باغچىسى ، 1-خانىم باغچىسى ، سۇ باغچىسى، يەنە يەرلىك ئۈسۈملۈك، گۈل-گىياھلار باغچىلىرى بار ئىكەن. بۇ ئۈسۈملۈك باغچىسىنى، بۇتانىكا باغچىسى دەپمۇ ئاتايدىكەن. مەن ئۈسۈملۈك باغچىسى دەپ ئاتاپ تۇنۇشتۇردۇم. ماڭا ئەڭ ياققىنى گۈللەرنىڭ سەرخىل، تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئىلمى باشقۇرۇلىشى ۋە قىش -ياز ئوخشاش پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرۇشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇ گۈللەرنىڭ رەڭگى ، خۇش -پۇرىقى، رەتلىك، نەپىس ۋە گۈزەل سەنئەتلىكلىكى بىلەنمۇ ئۈزىگە مەيلىيا قىلىپ، بەدىئى زوق، مەنىۋى ئۇزۇق ۋە تەنگە ھۇزۇر بىرەلىگەنلىكى بولدى. سۆزلەپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، باغچىنىڭ بالىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاپتاپلىق ،ئۇيۇنچۇقلىرى تەل، يوللىرى ئازادە مەخسۇس ئۆسمۈرلەر باغچىسى ئىكەن. ئۆسمۈرلەر كىپىنەك قوغلاپ، گۈللەردىن ياسالغان كىچىك ئۆيلەرگە كىرىپ-چىقىپ، خىلمۇ-خىل گۈللەردىن ياسالغان ئۇيۇنچۇقلارنى ئويناپ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىچىكىدىن باشلاپ« تەبىئەت بىزنىڭ ئانىمىز، ئۇنى جاندىن سۈيىمىز» دەيدىغان ئىلمى قاراشنى تىكلەشكە ياردەم بېرىدىغان ياخشى دەرسخانا ئىكەن. بالىلارغا، مېيىپلارغا، قېرىلارغا ئالاھىدە ئىتۋار بىرىلىپ، ھەممە كىشى ئۇلارغا يول بېرىپ ۋە سالام بېرىپ، ئىززەتلەپ تۇرىدىكەن.
مەن ئامرىكىدىكى 6 ئايلىق ساياھەت داۋامىدا، بۇ ئۈسۈملۈك باغچىسىنى 9 قېتىمدەك كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن يەنىلا قانمىغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن. 1-قېتىم كىرگەندە مارتنىڭ بېشى بولغاچقا ، ۋاشىنگىتۇن تېخى يېشىللىقا پۈركەنمىگەن ئىكەن. ئەمما بۇ باغچىنىڭ ئىچى، باھار مەنزىرىسى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. تاشقىرىدا، ئەتىيازنىڭ ئىزغىن شامىلى تەنلىرىمىن شۈركەندۈرەتتى. ئەمدىلەتتىن باھار ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى. چىملىقلار تېخى ئويغانمىغان، باھار قۇشلىرى تېخى نەغمە -ناۋاسىنى باشلىمىغان، تەبىئەت تېخى قىشلىق ئۇيقۇدا بولسىمۇ، لېكىن بۇ باغچا ياز قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىغا چۈمۈلۈپ، قىش -ياز ئوخشاش ياشناپ تۇرۇپتۇ. ئالتىنچى ئايدىن باشلاپ، يەر جاھان ئىللىپ، ئەتراپ يېشىللققا چۈمۈلگەندە، پىژ-پىژ تۇمۇز باشلانغاندا، بۇ باغچىغا كىرسەم، بۇ باغنىڭ ئىچى ئاجايىپ سالقىن بۇلۇپ، تەنلىرىم راھەتلەندى. مەيىن شامالدا لەرزان تەۋرىنىپ سىزگە سالام بىرىۋاتقان گۈل گىياھلارنى كۆرگىنىڭىزدە، ھاردۇقىڭىز چىقىپ، تەبىئەت ئانىغا ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايسىز.
مەن تۇرۇۋاتقان جاي بىلەن، ۋاشىنگىتۇن شەھرىنىڭ ئارلىقى ، ماشىنىدا 40 مىنۇتلۇق يول بولغاچقا، ئىچىم پۇشۇپ زىرىكىپ قالساملا ، مۇشۇ باغچىغا كىلىپ، «ئات ئۈستىدە گۈل كۈرىمەن». ھېرىپ - چارچىسام، قىزىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلۋاتقان ئارامگاھنىڭ ئىسل، يۇمشاق ساپالىرىدا بىخارامان ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن -كەچكەنلەرگە قاراپ، شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ، ئارام ئالىمەن. ئۆيدىن ئېلىۋالغان نان-پان، مىۋە-چىۋىلەرنى يەپ، قۇساقنى ئەستەرلىۋېلىپ، يەنە باغچىغا كىرىپ گۈل تاماشاسىنى باشلايمەن. چاقلىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ سۈرەت تارتىۋاتقان مېيىپلارنى، قېرىپ مۈكچۈيۈپ كەتكەن فوتۇگىرافلارنىڭ گۈل تۈۋىدە يېتىۋېىلىپ سۈرەت تارتىۋاتقىنىدىن تەسىرلىنىپ، مەنمۇ ئىسمىنى بىلمەيدىغان بۇ گۈللەرنى ئاپراتىمغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئالدىرايمەن.
مەن يېقىندا ئىپتادىن كىيىن، بۇ باغچىدا تارتىۋالغان فوتۇ سۈرەتلىرىمىنى كۈرۈپ ئىلھام دەرياسىدا ئۈزدۈم. ئىسىل سۆز دۇردانىلىرىنى سۈزدۈم. ئۇنىڭدىن مۇنداق مىسرالارنى تۈزدۈم:
گۈل گۈلىستاندىن ئەجەپ ئالدىم ھۇزۇر،
ئامىتىمدىن سۈيۈنىپ ھالىم پۇزۇز.
جەننتى مەئۋا دىسىەم بولمايدۇ لاپ،
ھەننىۋانىڭ چېھرىدە ئوينايدۇ نۇر.
گۈل باھارى قىش ۋە ياز ياشناپ تۇرار،
ھۆرى غىلمانلار نەزەر تاشلاپ تۇرار.
ھەر گۈلى رەنا بېرىپ مىڭ دەس -ساۋاق،
شئېرىيەت دۇنياسىغا باشلاپ تۇرار.
ئادىمىزات زۇقىدىن ئالسا ھۇزۇر،
بۇلبۇلى گۈل ئىشقىدا سايراپ تۇرار.
يەتتە ئىقلىىمنىڭ كۈزى ھەيرانۇ-ھەس،
كېپىنەك ئويناپ ئۇسۇل يايراپ تۇرار.
2013-يىل 1-ئاۋغۇست، ئامرىكا، كولۇمبىيە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 17:34
|