كۆرۈش: 2879|ئىنكاس: 9

ئۈندىداردىكى پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
14842
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈندىداردىكى پاراڭلار

شاكىرى

(ھېكايە)

ئۇ دوستىنىڭ قېتىۋېلىشى بىلەن سالام دىدار توپىغا قوتۇلدى. ئۈندىدار دىگەنمۇ بەزىدە بولۇپ قالىدىغان نەرسىكەن دەپ ئويلاپ قالدى ئۇ. ئۇنى قېتىۋالغىنى ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىدى. ئۇلار دىدارلىشىپ باقمىغىلىمۇ ئون نەچچە يىل بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى خىزمەت سەپەرىگە كۆپ چىقىدىغان  دوستىدىن ناھىيىدىكى توي تۆكۈنلەردە بىرگە بولۇپ قالغاندا ئاڭلاپ تۇراتتى. لېكىن بىرەر قېتىممۇ ئۇلار بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ باقمىغانئىدى. ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى ئۇلارنىڭ سىنىپ باشلىقى تاپالىغانلىرى بويىنچە رەتلەپ بىلىدىغانلارغا ئەۋەتىپ بېرىپتىكەن.

- ھەي تىرىكچىلىك ! دەپ ئۇھسىنىپ قويدى ئۇ. ئۇ ناھىيە بازىرىدىن خېلىلا يىراق بىر يېزىدا قاتناپ ئىشلەيتى. ئەتىگىنى ئۇيقۇسىنى يىرىپ تۇرۇپ، ناشتىغىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇنجى ماشىنىنى قوغلىشىپ دېگۈدەك يېزىغا بېرىۋاللاتتى. كەچتە ئويگە كەلگىنىدە بولسا تەييار تاماققا داخىل بولۇپلا، ئولتۇرغان يېرىدىن قوپماي بىر پەدە كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالاتتى. ئۆيدىكى قىيا چىيالار قۇلاق تۈۋىگە ھېچ كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. پەقەت بۇرنىغا كىرىۋاتقان بىرخىل بەدبۇي پۇراقنى سەزگەندىلا ،چۆچۈپ ئويغىنىپ، كىچىك بالىسىنى قوغلاپ ئۆينىڭ ئىچىدىكى قايناق كەيپىياتنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرەتتى. كىچىك بالىسى باشتا ئاستا كېلىپ ئۇنى چاقىراتتى، ئاندىن يۇقۇرى ئاۋازدا چاقىراتتى، ھەتتا بەزىدە يۈزلىرىگە مۇشلاپ،شاپىلاقلاپ دىگەندەك ، ئاماللارنى ئىشلىتىپ دادىسىنىڭ يەنى ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچاتتى. لېكىن بۇ ئاماللارمۇ ئەس قاتمىغاندا پايپىقىنى سالدۇرۇپ، بۇرنىغا يېقىن ئەكىلەتتى. بۇ ئەڭ ئەسقاتىدىغان ئامال ئىدى. ئاشلىغان تېرىنىڭ پۇرىقى كەلگەن ھامان ئۇ ، ھەرقانداق قاتتىق ئۇيقۇسىنىمۇ تاشلاپ قويۇپ،ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى مانا مۇشۇنداق ناھايىتى رېتىملىق ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ساۋاقداشلار، ياخشى تۇرۇۋاتامسىلە؟ ئۆي ئىچى،بالا ۋاقىلىرىڭلار تېنچلىق تۇرۋاتامدۇ؟ ، كۈنخېنىم ئىسىملىك بىر تونۇش ئاۋاز ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىرقىسمىلا قىلىپ قويدى. يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىپ باراتتى. ئەتراپقا قارىدى، خىزمەتداشلىرى بۇنى بايقىمىغان ئىدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى،ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى بايقىغۇدەك ۋاقتىمۇ يوقيەك تۇراتتى.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كۈنخېنىم، توپنى قۇرۇپ ياخشى قىلىپسىز، قېنى قالغانلارمۇ گەپ قىلمامسىلەر ؟ ئۈندىدار بولغاندىكىن،ئاۋازىڭلىنى ئاڭلايلى. دېدى مەرگەن ئىسىملىك بىرى.  بۇ ئاۋازمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى. كىم بولغىيتى بۇ ؟ دەپ ئويلىدى ئۇ. بۇ ناھايىتى تونۇش ئاۋاز ئىدى، ۋاقىت بەك ئۇزۇراپ كەتكەچكە، پەقەتلا جەزىم قىلالمايۋاتاتتى.

-بامۇ سىلەر ساۋاقداشلار، ھەممىڭلار ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ ھەممىڭلارگە مەندىن ئوتلۇق سالام!. دېدى ئەرىش يولۋىسى ئىسىملىك بىرى.  بۇ كىم ئەمدى؟ دەپ ئويلىدى ئۇ. نىمانداق تونۇش ئاۋاز. لېكىن پەقەتلا ئەسلىيەلمەيۋاتاتتى.

- ساباقداستار جاقسىما؟  كۈنەس ئىسىملىك بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ قايسىسى بولغىيتى جاقاي؟ جۇمان؟ ئېرلانمۇيا؟ ئۇلار جارقىننى جاقاي،جۈمەنۇرنى جۇمان دەپ ئەركىلىتىپ ئاتىشاتتى.

-دىدار غەنىمەت ، مېندىن ھەقاسىڭلېغا سېغىنىپ سالام، كەلمېمسىلە سىلەرنى دەپ داچا راستلاپ قويدۇم،بىرەر يىل تۇرساڭلارمۇ ، بېقىپ كېتىمەن. مەشەت ئىسىملىك بىرىمۇ سۆز باشلىدى. بۇ چوقۇم ھېلىقى ئاتۇشلۇق سەلەي شۇ ، قۇربان ئۇنداق دېيەلمەيتى. يائئاللا تونۇيدىغاندىن بىرسى چىقتى ما توپتا دەپ ئويلىدى ئۇ. شۇنداقتىمۇ ۋەزىيەتنى كۈزۈتۈپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشىنى كۈتۈپ ، پەقەتلا ئاڭلاپ قويۇپ بولدى قىلدى. قىسقىسى ئۇ نىمە دىيىشنى ،قانداق دىيىشنى ،قىسقىسى كۆرۈشمىگىلى ئوننەچچە يىل بولغان ساۋاقداشلىرىغا قانداق يۈزلىنىشنى پەقەتلا بىلمەي ئىككى خىيال بولۇپ تۇرۇپ قېلىۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ نەدە ئىشلەۋاتىسەن؟ نىمە قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورايدىغىنى ئۇنىڭغا تۇغۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتقان ماۋۇ بارماقلىرىدەك ئايان ئىدى. ئوتتۇز بالىدىن توپتا ئاران ئونغا يەتمەيدىغان بالا تۇراتتى.

-ئا مەسۇم دىگەن كىمۇ؟ ئوغرىدەك گەپ قىلماي بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلايدۇ،يا بىرەر ئېغىز گەپ قىلمايدۇ؟ دېدى  ئەرىش يولۋىسى،ئاخىرچىدىمىدى بولغاي. ئەمدى ئاشكارىلىنىپ كېتىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ، شۇنداق قورقۇپ كەتتى ئۇ. خۇددى ئۇلار كۆرۈپ قالىدىغاندەك،بېشىنى پۇتىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. تەلىيىگە ئۇنى قوشۇۋالغان دوستى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىپ ئاشكارىلاپمۇ يۈرمىدى. چۈنكى ئۇمۇ گەپ قىلماي ئۈندىدارنى كۈزۈتۈپ تۇرۇاتقاندەك قىلاتتى.

  -ئابدۇسالامنى توپقا قوشۇۋالساق بولاتتى، قايسىڭلاردا نومۇرى بار؟ دەپ گەپ باشلىدى ئەرىش يولۋىسى. ئەمدى ئۇ ئەرىش يولۋىسىنى تونۇۋالدى،بۇ ئۇلارنىڭ سىنىپ باشلىقى مەمەت ئىدى.

-ئابدۇسالام مېڭىسىگە قان چۈشۈپ تۈگەپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئاشتى ، سىلەر بىلەن ئالاقىلىشالمىغاچقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەلمىدىم. دېدى مەرگەن. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق بۇغۇق چىقاتتى. قارىماققا گېلىغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى. ئاللا ياتقان يېرىڭنى جەننەتتە قىلسۇن، دېدىم ئىچىمدە. ئەمدى مېنىڭ گېلىمغىمۇ بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، بۇرنۇم ئاچچىق بولۇپ قېلىۋاتاتتى. كۆزلىرىم باشقۇرىشىمغا بويسۇنماي، ئىككى تامچە ياشنى چانىقىمدىن دومىلىتىۋەتتى.

- قەرزلەرنى تۆلەپ،ماشىنمۇ ئالغانتى، ھەي،ئەمدى كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈدىغاندا،ئىككى بالىسى بىلەن ئايالىنى تاشلاپ كەتتىدە، تېخى كىچىك بالىسى تۇغۇلغىلى نەچچە ئاي بولغانتى.  بوغۇق بوغۇق ئاۋازى بىلەن داۋاملاشتۇردى مەرگەن. ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولدى. ئابدۇسالام ، دائىم كۈلۈپ تۇرۇدىغان بىر چىراي ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنداق ئېنىق پەيدا بولدى. ئەمدى ئۇ ئىچكىرلەپ ئويلاشقا پېتىنالمىدى. توپمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپ قالدى. قارىغاندا ،بۇ ۋاقىتسىز ئايرىلىش ئۇلارغىمۇ بەك ئېغىر كەلگەندەك تۇراتتى. ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ۋاقىتتا ئۇلار بەش يىلدا بىر قېتىم يىغىلىدىغانغا پۈتۈشكەن ئىدى. لېكىن خىزمەت ،ئوي ئوچاقلىق بولۇش ، بالا بېقىش ،ئاتا ئانا ، ئۇرۇق تۇققان،ئەل ئاغىينە دىگەندەك ئىشلار بىلەن مانا ئون نەچچە يىلمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

- ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن. ھەممىمىز سەۋىر قىلايلى. دېدى ئەرىش يولۋىسى گەپ باشلاپ.  باشلىق دىگەن يەنىلا باشلىق ئىدى. ئەمدى ئۇ گەپنى باشقا يەرگە بۇراشقا تىرىشىۋاتاتتى. باشقىلارمۇ بىر ئېغىزدىن ئاۋاز قوشقان بولدى.

نەچچە كۈندىلا توپقا قېتىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيگىلى تۇردى. ھازىرچە ئون سەككىزدەك ئادەم قېتىلىپ بولغان ئىدى. لېكىن ئوغۇرلۇقچە گەپ ئاڭلايدىغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيتى. بەزىلىرى رەسىم،ئەقلىيە سۆز،شېئىر، ھەتتا ئادەم ئىزلەش ئېلانى دىگەنلەرنىمۇ بېرىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ھېلىمۇ ئەقلىم ئىشلەپ رەسىملىرىمنى ئالبۇمغا چىقىرىۋەتمەپتىكەنمەن،بولمىسا بىردەمدىلا قېدىرىپ تونۇۋالاتتىكەن دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ بىر بىرلەپ باشقىلارنىڭ ئالبۇمىنى ،خاتىرسىنى چېكىپ چىقتى. كۆپىنچىسى سەمىرىپ كەتكىنىنى،چاچلىرىنىڭ شالاڭشىپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا جىق ئۆزگەرمىگەندەك قىلاتتى. شۇ قىزلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى ئۇ تۇنۇيالاماي قالدى. قارىغاندا ھەممىسى بىر ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بوپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. پەقەتلا كۈنخېنىم ۋاقىتسىز چۈشكەن نەچچە تال قورۇقنى ھېساپقا ئالمىغاندا،يەنىلا شۇ پېتى پېچىتىدىن چۈشمەي تۇرۇپتۇ. ئەجىبا ئۇ توي قىلمىغانمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدى ئۇ. ياق ،ياق نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم. بۇ چاققىچە توي قىلماي يۈرەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا كەينىگە كىرىۋالغانلار ئاز ئەمەستى ئۇنىڭ. ھەتتا ئا ئەرىش يولۋىسى چېغىدا خېلى مەزگىلگىچە قانات سۆرەپ يۈرگەنتى ئۇنىڭغا. بۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ ئىچى قايتىدىن ئاچچىق بولۇپ كەتتى. ھەتتا كۈندەشلىكى تۇتۇپمۇ ئۈلگۈردى.

-كۈنخېنىم دىدار غەنىمەت، يوقاپلا كەتتىققۇ؟ توينى قاچان ئوينايمىز؟ دېدى ئەرىش يولۋىسى. قارىغاندا ئەرىش يولۋىسى دىگەن ما سۇيۇق تېخىچە كۈنخېنىمدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەندەك قىلاتتى. ئۇ قۇلۇقىنى يېقىن ئەكىلىپ باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك بىرھەركەتلەرنى ئىشلەپ كەتتى. يەنە بىر قارىماققا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرگەندەكمۇ قىلاتتى.

-ئاللا بۇيرىغاندا قىلامىز،ھېچ بىرەسىنىڭ كۆزى چۈشمەيدىغۇ؟ ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم كېلىڭلار جۇمۇ، چاقىرىمەن،دېدى چاقچاق ئارىلاش كۈنخېنىم. دېمەك ئۇنىڭ پەرىزى توغرا چىققان ئىدى،كۈنخېنىم تېخىچە توي قىلمىغان ئىدى. ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۇچۇق يۇرۇق مىجەزىنى يوقاتمىغاندەك قىلاتتى.  

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار،ياخشى تۇرۇۋاتامسىلە؟ خاتىرجەم بولغىن كۈنخېنىم بىزنىڭ يۇرۇتقا كېلىشنى خالىساڭ قېرى يىگىت دىگەن جىق،ئۆزەم تويۇڭنى قىلىپ قويۇمەن. دېدى ئاي مەلىكە دېگەن بىرسى ھەممىمىزگە سالام قىلغاچ، كۈنخېنىمغا چاقچاق قىلىپ.

-ئۇنداق ياخشى ئىش بولسا،بولدى خىزمەتنى تاشلاپ،ھازىرلا ماڭدىم، دېدى كۈنخېنىممۇ جاۋابەن. ھەم ئايمەلىكە گە سالام ياندۇردى.

-قۇرباننى چاقىرساڭلا توپقا قوشۇۋالساق بولمامدۇ؟ دېدى كۈنخېنىم.

-قۇربانغا تېلېفون قىلىپ توپقا قوشۇۋالايلى  دېسەم، ئايالى كونا مابىتىنى تېپىۋالىدۇ دەپ ،ئۈندىدارنى ئاچقۇزماپتۇ ، دېدى ئاي مەلىكە. دىمەك كۈنخېنىم مەندىن يوشۇرۇن قۇربانغا كۆز تاشلاپ يۈرۈپتىكەندە، ئوقۇۋاتقاندا ھەجەپ ھېس قىلماپتىكەنمىنا بۇنى، بولمىسا ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئىسمىدىن قۇربان دەپ ئالاھىدە تەكىتلەپ چاقىرىپ كېتەتتىمۇ؟ مېنىڭ ئىسمىمنى جۆيلۈپ چىقىرىپمۇ قالمىدا، دەپ ئويلىدى ئۇ. كۈن خېنىمنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەركەتلىرى ئۇنىڭ نازارىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتى. نازارىتىدىن دىگەندىن پايلاپ يۈرگىنى دىگەن تۈزۈكتەك قىلاتتى،چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ سۈيىدە ئېقىپ يۈرگىنى بىلەن ئۇ ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلۇقىنىمۇ بىلمەيدىغاندەك يۈرەتتى. ئۇ مەن ئۇنى چۈشۈمدە،خىيالىمدا،ئۇ دەرسكە كەلمەي قالغان كۈنلىرى ياكى تەتىللەردە ئەنسىرەش ،سېغىنىش بىلەن يۈرەكنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە شۇنداق ئىللىق بىر سېزىم بىلەن ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ساقلاپ كەلگەن ئىدىم، دېگەنلەرنى ئويلىدى. لېكىن ئۇ بۇ ھەقتە ئادىمىزاتقا تىنىپ باقمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ،ھەي ، توپا بېسىپ ئاسارە ئەتىقىغە ئايلىنىپ قالغان بۇ ھېسسىيات ،ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدا يۇيۇنۇپ چىقىپ، خۇددى غەزەپلەنگەن شىر زەنجىرنى ئۈزۈپ تەبىئەتكە قايىتماقچى بولغاندەك، ئۇنىڭ كۆكرەك قەپىزىگە زەردە بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىماقتا ئىدى. بۇ زەربىدىن ئۇ سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ كەتكىلى تاس تاس قالدى.  

-ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم،ساۋاقداشلار،سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم،دېدى قەھرىتان ئىسىملىك بىرى. ئۇ قەھرىتاننىڭ ئالبۇمىنى تەكشۈرۈپ كىملىگىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۈلگۈردى.  ئۇ قەھرىمان ئىدى، رەسىمگە بىر قاراپلا ئۇنى تۇنۇۋالدى. لېكىن رەسىمدىكى ئارقا كۆرۈنۈش كىنولاردا كۆرگەن ياۋروپانىڭ بىر جايلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى. ھە ئۇ بۇ يەرنى تونۇۋالدى، بۇ ھېلىقى داڭلىق تۆمۈر مۇنار ئەمەسمۇ؟!  دېمەك كىيىۋالغان دوپپىسىدىن ئۇنىڭ چوڭراق بىرەر ئۈنۋان ئالغىنى چىقىپ تۇراتتى. دېمەك ئۇ پارىژدىكەندە. ئۇ بىرخىل سۆيۈنۈش ، پەخىرلىنىش ئىچىدە ئۇنىڭ رەسىمىگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ كەتتى، تۇيۇقسىز كۈنخېنىمنى ئېسىگە ئېلىپ ، رەسىمگە قاراشتىن ئۆزىنى تارتتى. ئۇنىڭ تىزىملىكىدە مۇشۇ قەھرىمانمۇ بار ئىدى.  ئەرىش يولۋىسى، قەھرىمان،بۇ تىزىملىككى يېڭىدىن قوشۇلغان قۇربان ۋە ئۇ ئۆزى كۈنخېنىمنىڭ سادىق مەجنۇنلىرىدىن ئىدى. قىل قىل قالغانتى كۈنخېنىمنى دەپ ئەرىش يولۋىسى بىلەن قەھرىمان بىر قېتىملىق سورۇندا چوڭراق جىدەل ئويناپ قويغىلى. ھېلىمۇ ئۇ ئەھۋالنى تېز بايقاپ، ئارىغا چۈشۈپ ،بىرنەچچە غايىپ مۇش تېپىكنى  ئارتۇق يەۋالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ،ئىشنى چىرايلىق يىغۇشتۇرغان ئىدى.   

-كەچۈرىسىلەر ساۋاقداشلار مەن ھازىر دوختۇرخانىدا، بالامنى ئوپراتسىيەگە ئەكىرمەكچى ئىدى، كېيىنرەك گەپ قالدۇراي،دېدى ئايمەلىكە. باشقىلارنىڭ سوئاللىرى، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراشلىرى، ئۇنىڭغا مەدەت تىلىشى ۋە بالىسىنىڭ ئوپراتسىيەسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشىغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن شىپالىق تىلەشلەردىن ، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇمۇ ئۇھ دىگەن بولدى.

بىردەملىك قىيا چىيالاردىن كېيىن توپمۇ تىنجىپ قالدى. ئالىممەن ئىسىملىك بىرسى ، يوغان سالامدىن بىرنى كەلتۈرۈۋاتقاندىن كېيىن ،جاۋاپ ئاللاماي ،بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت دىگەن كىنونىڭ رەسىمىگە بۇ توپنىڭ سەھىرى جىمجىت دەپ خەت كىرىشتۈرۈپ ئەۋەتىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئالىممەن دېگىنى شۇ ئالىم ئىسىملىك ياتاقدىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ يامان ئەمەس ئىدى. بىر چاغلاردا بۇ بالا ئالتار دەپ قوسىقى دۇتتارغا، قۇلىقى غىجەككە، تارىسى گىتارغا ئوخشايدىغان بىرسازنى كەشىپ قىلىپ سورۇنلاردا چېلىپ يۈرۈپ خېلىلا يۈز تاپقان ئىدى. شۇنىڭ باناسىدا ئۇمۇ خېلى كۆپ سورۇنلارغا داخىل بولۇشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ھازىرمۇ شۇ ئالتارىنى چېلىپ يۈرەمدىغاندۇ؟  ئاڭلىسام ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇنغا قالمايلا يۇرتىدا كەنت باشلىقى بوپتۇ دىگەندەك قىلىۋاتاتتى ئۇنى، ھازىرغىچە ھېچ بولمىسا ھاكىمغا ئورۇنباسار بولۇپ قالغاندۇ، دېگەنلەر خىيالىغا كەچتى ئۇنىڭ.

-بالام ئوپراتسىيەدىن ساق سالامەت چىقتى، ئەھۋالى ياخشى،سىلەرنى ئەنسىرتىپ قويدۇم، دېدى ئايمەلىكە . باشقىلارمۇ تەبرىكلەرنى ئەۋەتىپ ئۈلگۈردى.

بۇ تېخى ئۇ بۇ توپقا قوشۇلۇپ، نەچچە كۈن بولمايلا بولۇنىۋاتقان ئىشلار ئىدى. توپتىكى ئەزالارمۇ بىر بىرلەپ كۆپەيمەكتە، زورايماقتا، تولۇقلانماقتا ئىدى. ئۇنىڭ مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ چىقىدىغان ۋە قايتىدىن شۇ ھېسسىياتتا ياشايدىغان كۈنلىرى ئەمدىلا باشلىنىدىغاندەك قىلاتتى. ئوتتۇز ساۋاقداشنىڭ ھەممىسى بۇ توپقا قوتۇلۇپ بولغاندا ئاندىن ئۆزەمنى ئاشكارىلايمەن دەپ نىيەت قىلدى ئۇ،يېڭىدىن قوشۇلغان جەۋلانباي دىگەن بىرىنىڭ ئالبۇمىنى مىتىقداپ تۇرۇپ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
14842
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋلانباي ،ھەي ،جەۋلان چىرايىدا بىرتال قورۇقمۇ يوق، يەنىلا شۇ قوناق شېخىدەك ئورۇق پېتى تۇرۇپتۇ،بېشىدا بىر تال مويىمۇ ئازلىغاندەك ئەمەس، تېخى چىرايى نۇر چېچىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. جەۋلان چاچلىرىنى يىلىم بىلەن قاتۇرۇپ يۈرەتتى ،بەزىدە يىلىم تۈگۈگەندە سۇ بىلەنلا قاتۇرىۋېتەتتى. كاستۇم بۇرۇلكا دىگەننى قىرلاپ پېتىدىن چۈشۈرمەي كىيەتتى، كىرخانىغا پۇل تاپالمىسا ئىشتاننى كۆرپىنىڭ ئاستىغا بىرئىككى كۈن باسۇرۇپلا تەبىي دەزماللاپ چىقاتتى. ما گالئاستۇقىنىڭ يارىشىپ كەتكىنىنى، ئۇنىڭدا جىق ئۆزگىرىش يوق ئىدى، ئۇ جەۋلان ئىسىملىك بۇ ساۋاقدىشى، ياتاقدىشىنىڭ رەسىمىگە قاراپ شۇلارنى ئويلاپ ئۈلگۈردى.
ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭغا جەۋلاننىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا پېتىدىن چۈشمەي، پاكىز يۈرۈشى بەكلا يارايتى. جەۋلان ياتاق دىگەننى كۈندە نەچچە رەت تازىلاپ ،سۈرتۈپ چىقاتتى. بىرەرسى كىرىپ بولغىچە پولسۈرتكۈچنى قولىغا ئېلىپ ،ئادەم بارمۇ يوق دىمەيلا ھەركىتىنى باشلاپ كېتەتتى. شۇڭىمىكىن، ياتاققا كىرىدىغانلارنىڭ ئايىقى بارغانچە ئازلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بىرەرسىنىڭ ئىشى بولسىمۇ، ئاتايىن باشقا ياتاققا چاقىرىپ ،شۇ يەردە دىيىشىدىغان ،قىلىشىدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى.ھەتتا جەۋلاننىڭ دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى بىلگەچكە، ئاسانلىقچە ياتاققا ئىزدەپ كىرمەيتى. ئىشى بولسا ئۇنى چاقىرتىپ سىرىتقا چىقىپ كېتەتتى.
جەۋلان كىر يۇيۇشقا شۇنچە ئامراق ئىدى. بىكار قالسىلا كىر يۇياتتى. چامدانغا بېسىلىپ قالغان كىيىملىرىنى نەچچە كۈندە بىر يۇيۇپ چىقاتتى. يۇيۇدىغان كىيىم تاپالماي قالسا، باشقىلارنىڭ كارۋىتىغا تاشلاپ قويغان كىيىملىرىنىمۇ ئىزدەشتۈرۈپ يۈرۈپ يۇيۇۋاتاتتى. دەسلەپ قىل قالغانتى ئۇقۇشماي باشقىلارنىڭ كىيىملىرىنىمۇ يۇۋېتىپ ئوغرى دەپ بالاغا قالغىلى. ئۇ دادىسىدىن ئاڭلىۋالغان پىرىم جەمشىت دەيدىغان ھىكايەتنى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە نەچچە رەت خۇددى مەۋلانى مەدداھلاردەك ھەربىر سۆزنىڭ ئىنتۇناتسىيەسىگىچە ئېنىق قىلىپ سۆزلەپ چىققان ئىدى.
ئۇ جەۋلان توغۇرلۇق جىق نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتتى، ئادەتتە ياتاقتىكى بالىلارغا ئۆيىدىن خالتا كەلسە ئۈستەلنىڭ ئۈستىگىلا تاشلاپ قوياتتى، ھەتتا خالتا كەپتۇ دەپ خوشنا ياتاقتىكىلەرمۇ كىرىپ پاساڭغا قالغان سويمىلارغا بولسىمۇ ئېغىز تېگىپ چىقىپ كېتەتتى. لېكىن جەۋلانغان خالتا كەلگىنىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۇقمايتى. ئۆيدىن خالتا كەلگەندە جەۋلان ئىنسى جىنغا ئۇقتۇرماي ياتاققا ئەكىۋالاتتىدە ، خالتىنى كارۋاتنىڭ ئاستىدىكى ساندۇقىغا تىقىۋالاتتى. ئۇ جەۋلان بىلەن ئاستى ئۈستى كارۋاتتا ياتقاچقا، كارۋات ئاستىدىكى ئايىقى ياكى باشقا نەرسىلىرىنىڭ ئورنىنىڭ يۆتكەلگىنىگە قاراپ خالتا كەلگىنىنى بىلىپ قالاتتى. لېكىن ئۇ بۇ ھەقتە باشقىلارغا تىنمايتى.
جەۋلاننىڭ ياتاقتا ئادەم قالمىغاندا خالتىنى چىقىرىپ ئىچىدىن گۈلە قاقدىگەنلەرنى ئېلىپ يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ ، سىنىپقا چىققاچ كۆش يەپ مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدا پەيدا بولۇۋاتاتتى. خالتا توغۇرلۇق بولۇنغان بىر قىزىق ئىش ئۇنىڭ خىيالىدىن كەچتى. ئەرىش يولۋىسى جەۋلاننىڭ خالتىنى ساندۇققا تىقىپ قويۇپ ئۆزى يالغۇز يەيدىغىنىنى ئۇقۇپ قېلىپتۇ. تاسادىپىي بىر پۇرسەت كېلىپ ياتاقتا ھېچكىم قالمىغان بىركۈنى، ئەرىش يولۋىسى ئۇدۇلدىكى كارۋاتتا يېتىپ قارىسا، جەۋلاننىڭ ساندۇقىنىڭ قولۇپى ئوچۇق تۇرغۇدەك. مۇشۇنىڭ ساندۇقىدا نىمە باردۇ دەپ قولىنى تىقىپ بايقىسا، گۈلە قاق دىگەندەك نەرسىلەر ئۇرۇلۇپتۇ. خالتىغا قولىنى تىقىپ ،ھىچنىمىگە قارىمايلا گۈلە قاقنى ئاغزىغا سېلىپتۇ .
-تۈفىي، دەپ ئاغزىنى تۇتقىنىچە سۇخانىغا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقاندا ياتاقتىكى نەچچەيلەن كارىدوردا ئۇچراپ قېلىپ ،ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۇچۇپ چىقىۋاتقان كېپىنەككە قاراپ، نىمىش بولغىنىنى پەملەپ يەردە نەچچە دومىلىمىسىمۇ،كارۋاتقا ئارانلا ئۈلگۈرۈپتىكەن.
ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن بۇيان ئۇنىڭ جەۋلاننى ئۇچرۇتۇشى ،يەنى مۇشۇ ئۈندىداردا ئىدى. جەۋلانمۇ قائىدە بويىنچە ھەممەيلەنگە سالامنىڭ يوغىنىدىن بىرنى كەلتۈرۈپلا ، جىمىدى.
- جەۋلان،ھېلىقى كېپىنەك گۈلەڭدىن يەنە بارمۇ؟ دېدى ئەرىش يولۋىسى. قالغانلارمۇ بۇ ئىش ئېسىگە كېلىپ قالدىمۇ، ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى ياغدۇرۇۋەتتى، باشمالتىقىنى چىقىرىپ قويغانلارمۇ بولدى. كۈنخېنىم ،ئايمەلىكە قاتارلىق قىزلار نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قىزىقسىنىپ سوئال بەلگىسىدىن نەچچىنى يوللىۋەتكەن ئىدى.
- بار،بولمامتىكى، باللىرىمدىن تىقىپ ساڭىلا ئاتاپ ئەپ قويدۇم، تېز يوللانما قىلىپ ئەۋەتىۋېتەيمۇ؟ ياكى ئۆزەڭ ئالغىلى كېلەمسەن؟ دەپ چاقچاق قايتۇردى جەۋلانمۇ، چىشىنى چىقىرىپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ.
-شۇ گۈلەڭنى سېغىندىم جۇمۇ؟ جەمشىت پىرىم بارمۇ؟ مەندىن سالام ئېيىتقىن دېدى ئەرىش يولۋىسى، قول بېرىشكەن ئىپادىنى تەڭ يوللاپ.
-جەمشىت پىرىم ،ئالاھىدە ئىنتۇناتسىيەدە قايتىلىۋەتتى جەۋلان،ھازىر ئاڭلايدىغان ئادەم يوق، باللىرىمغا بۆشۈكىدىن باشلاپلا سۆزلەپ كېلىۋاتىمەن. خوتۇن بىر قېتىم ئاڭلاپلا، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭغانتى، يالۋۇرۇپ يۈرۈپ سۆزلىمەس بولدۇم ،ھازىر خوتۇن يوق چاغدا باللىرىمغا سۆزلەپ بېرىمەن ،دېدى جەۋلان، خۇرسىنان چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ.
-قوشۇقۇڭ بارمۇ؟ دەپ گەپ ئارىلىدى مەرگەن. قوشۇق دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرى پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. توغرا قوشۇق، بۇ جەۋلاننىڭ يېنىدىن ئايرىمايدىغان قوشۇقىنىڭ گېپى ئىدى. شۇ بىر قوشۇق بىلەن جەۋلان ھەممىدىن بۇرۇن مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يىيەلەيتى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق قاچىسى،قوشۇق،چوكا دىگەندەك نەرسىلەر تەمىنلەنمەيتى، ھەممىمىز بىردىن قاچىنى نەگە بارساق شۇ يەردە تاراڭشىتىپ كۆتۈرۈپ يۈرۈپ تاماق يەيتۇق. تۆرتىنجى ۋە سەككىزىنچى سائەت دەرس توشاي دىگەندە، قاچىلارنى تاراڭشىتىش باشلىنىپ كېتەتتى. مۇئەللىممۇ ئامالسىز، بەزىدە بىر ئىككى مىنۇت،بەزىدە بەش ئالتە مىنۇت دىگەندەك بالدۇر قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولاتتى،مۇشۇ بىر ئىككى مىنۇتنى قولدىن بېرىپ قويسىلا تاماق قالمايتى. تاماق بېلىتى دەيدىغان نەرسىمۇ بارتى تېخى، قىل قالغان دوڭكۆۋرۈكتىكى ئاشخانىلاردىمۇ ئۆتىدىغان بولۇپ كەتكىلى،بەزىلەر شۇ ئاشخانىلاردا بۇ بېلەتنى ئىشلەتكىنى توغۇرلۇق سۆزلەپ يۈرەتتى. ھەتتا بەزىدە كوچا ئاپتوبۇسلىرىدىمۇ ئىشلەپ قالاتتى، مەكتەپ ئىچىدىكى ئاشخانا،دۇكان دىگەنلەردە پۇلدىنمۇ بەكرەك ئاقاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا قاچىسى بارلار قوشۇقى،چوكىسى بارلارغا قاچىسىنى بېرىپ تۇراتتى، ئۇلار تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن نۆۋەت ئۇلارغا كېلەتتى. مەرگەننىڭ قوشۇق دېگىنى شۇ ئىدى، دىگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ. ئۇمۇ بىرنەچچە قېتىم چوكا يوق، قەلەمنى يۇيۇۋېتىپلا چوكا قىلىپ لەغمەن يىگەن ئىدى. بۇنداق ئىشلار ئادەتتىكى نورمالنى ئىشلار ئىدى، شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ كۆڭلى بىرقىسما بولۇپ قالدى.
-مەكتەپتىكى مۇنازىرىلەرنى سېغىندىڭلىمۇ باللا؟ دەپ گەپ قىستۇردى قەھرىتان. جەۋلان شۇ ۋاقىتلاردا ئاجايىپ مۇنازىرىچى ئىدى ، ھازىرمۇ مۇنازىرىلىشىپ تۇرۇۋاتامسەن؟ داۋاملاشتۇردى قەھرىتان.
-ۋاي ئۇنىڭ گېپىنى بىر قىلما، قىل قالدىم خوتۇن بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن دەپ ھارۋىدىن چىقىپ كەتكىلى، دېدى جەۋلان، ئاچچىق كۈلگەن چىراي ئىپادىسى بىلەن.
ئۇنىڭ خىيالى مەكتەپنىڭ كونا سېرىق بىناسىدا ھەپتىدە دىگۈدەك بولۇنۇپ تۇرۇدىغان مۇنازىرە مەيدانىغا كىرىپ كەتتى. ئاجايىپ چاغلاركەنتۇق ھە !،ھەي ،ھەجەپ قەدرىگە يەتمەپتىكەنمىز. پارتىلار لىققىدە بولۇپ توشۇپ كەتكەننى ئاز دەپ ، داق يەردە ئولتۇرغان،سائەتلەپ ئۆرە تۇرغان، ئىشقىلىپ زالنىڭ ئىچى لىققىدە ئادەم، ھەتتا كارىدوردىمۇ ئىشىكتىن ماراپ دىگۈدەك ئاڭلاۋاتقانلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى. دوسكىنىڭ ئوتتۇرىغا تېما يېزىلاتتى، ئوڭ ،سول تەرىپىگە مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى،ئىنكار قىلغۇچى تەرەپ يېزىلاتتى. ھەم يېرىم كۆرۈرمەنلەرگە،باھالىغۇچىلارغا قارىتىپ قويۇلاتتى. مۇنازىرىدە بىر رىياسەتچى،ئىككى تەرەپتىن ئۈچتىن جەمىي ئالتە مۇنازىرىلەشكۈچى، ۋە بىرنەچچە نەپەر باھالىغۇچى بولاتتى. مۇنازىرىچىلەر باش، يانداش مۇنازىرىچى دەپ ئايرىلاتتى.
جەۋلان ھەر قېتىم فاكولتېتقا ۋاكالىتەن باش مۇنازىرىچى بولاتتى، بەزىدە قەھرىمان بىلەن مەشەتمۇ يانداشلىق ئورۇنغا ئولتۇرۇپ قالاتتى. بىر تېمىنى بۇ ھەپتىسى جەزىملەشتۈرۈپ ئۇتۇپ چىقسا، يەنە بىر ھەپتىسى ئىنكار قىلىپ يېڭىپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئېسىگە جەۋلاننىڭ "سىتۇدېنتلار مۇھاببەتلەشسە بولامدۇ؟" دىگەن تېمىنى بىرىنجى قېتىمدا بولۇدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ،كېيىنكى قېتىمدا بولمايدۇ دەپ ئىنكار قىلىپ ئۇتۇپ چىققىنى كەلدى. جەمشىت پىرىم يۆلىدى دەپ قوياتتى بۇنداق چاغلاردا جەۋلان. كېيىنچە مۇنازىرە ھەيئىتى مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى مۇنازىرىچىلەرگە ئاتاپ،ئالدىن تەييارلىق قىلىشقا ۋاقىت بەرمەي،نەق مەيداندا چەك تارتىپ تېما تاللاپ، بەش مىنۇتلۇق تەييارلىق مۆھلىتى بىلەن مۇنازىرىلىشىدىغان بولۇپ كەتكەنتى. بۇ مەزگىلدە مەخسۇس مۇشۇ مۇنازىرىلەرنى دەپ خېلى يىراق مەكتەپلەردىنمۇ كېلىپ ئاڭلايدىغانلار كۆپەيگەن ئىدى. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ جەۋلانغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدى. جەۋلاننىڭ ھېكايىسى كۆپ ئىدى، ھەتتا بەزى ساۋاغداشلىرى ئۇنى ئەينو دەپمۇ ئاتاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. لېكىن جەۋلان مۇھەببەت ئىشىدا ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولالمىغان ئىدى.
-ھە قەھرىتان ئەپەندى، ئۆزلىرىنى نەدىن سورايمىز؟ دەپ گەپ تەشتى ، ئەرىش يولۋىسى.
-مەن ھازىر فرانسىيەدە، دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى تاماملىدىم، دوكتۇر ئاشتىلىق ئورنىغا ئىلتىماس قىلىپ قويغان، شۇنى تۈگەتسەم، قايتىپ كېتىمەن. سىلەرنى بەك سېغىندىم جۇمۇ، يالغۇزچىلىقتا كەچلىرى تامغا قاراپ خېلى ئۇزۇن گەپ قىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. دېدى قەھرىتان يامغۇردەك تۆكۈلگەن ياش چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ قويۇپ.
-ئەمىسە ، ئۈندىداردا جىقراق گەپ قىلىپ تۇرۇڭ، بىز سىزنى تەنھا قويمايمىز ،دېدى كۈنخېنىم توساتتىن پەيدا بولۇپ. ئەركىلىگەن چىراي ئىپادىسىنى ھەمرا قىلىپ،كۆزىنى قىسىپ.
-رەھمەت،رەھمەت، چوقۇم شۇنداق قىلىمەن،دېدى قەھرىتانمۇ جاۋابەن. كۆز بېقىشقان چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ. ما گۇيلىنى قارا ئادەم بار، يوق دىمەي كۆز قىسىشىپ كەتكىنىنى ، بىزمۇ بار جۇمۇ كۈنخېنىم دەۋەتكىلى قىل قالدى ئۇ چىدىماي. شۇنداقتىمۇ قەھرىتاننىڭ تامغا قاراپ گەپ قىلىپ كېتىمەن دىگىنىنى ئويلاپ، ئۆزىنى بېسىۋالدى.
دىمەك تەنھالىق ، يۇرىتتىن ئۇزاق ئايرىلىپ ،يۇچۇن بىر ئەلدە ياشاش ھەرقانداق بىرئادەمگە ئېغىر كېلىدىغان ئىش ئىكەن،دەپ ئويلىدى ئۇ. مانا ھازىر قەھرىتان، ياق قەھرىمان شۇ كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇدە، ئۆزگە يۇتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول دەپ بۇرۇنقىلار ھەجەپ دەپتىكەن دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ئۇ. قەھرىمان سىنىپتىكى ئەڭ بۇرۇن ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنگەنلەرنىڭ بىرى ئىدى. يەنە نەچچەيلەن تەڭ باشلىغان بولسىمۇ، يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلىنىڭ بىرىنجى قىسمىغا قانمىدىمۇ ؟ ياكى باشقا مەقسىتى بارمۇ ؟ بۇنىسى ئۇنىڭغا نامەلۇم ئىدى، ئۇقۇش پۈتتۈرگىچە قايتا قايتا بىرىنجى قىسىم سىنىپىغا تىزىملىتىپ، يېڭى يېڭى قىزلار بىلەن تونۇشۇپ دىگۈدەك ئوقۇشنىمۇ ھەرھالدا پۈتكۈزگەن بولدى. قەھرىمان شۇ ئۆگەنگەنچە ئاخىرى ئۆزى كۇرۇس ئېچىپ يۈردى، پۈتتۈرىدىغاندا ئاسپىرانتلىققا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتۈپ ، ئوقۇيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ تىلغا شۇنچە قىزىقىپ كەتتىكى، ئازراق پۇرسەت تاپسىلا ئېنگىلىز كورنېر لارغا قاتنىشىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ ھەربىر ئۆگەنگەن سۆزلىرىنى ئىشلىتىۋالمىغۇچە بولدى قىلمايتى. بەزىدە كېچىلىرى بىز ئۇقمايدىغان بىر تىلدا بىرنىمىلەرنى دەپ جۆيلۈپ چىقاتتى. كېيىن ئۇنىڭ بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، خېلى داڭلىق دوختۇرخانىلاردىمۇ كۆرۈنۈپ يۈردى. لېكىن تىل ئۆگۈنۈشنى پەقەتلا قولدىن بەرمىدى، كېيىن بۇ كېسىلىمۇ ئۆزلىگىدىن يوقالغان بولدى. ئۇ باشقىلاردىن چەتتىل ئۆگەنگەندە بۇ چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆتكەلمىش، مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتسىلا سەۋىيەسى بىر بالداق كۆتۈرۈلەمىش دىگەندەك مىش مىش گەپلەرنى ئاڭلىغاندى. شۇ چاغلاردىلا قەھرىتان چوقۇم چەتكە چىقىپ ئوقۇيمەن، دەپ داۋراڭ سەپ يۈرەتتى ، ھەتتا خېلى كۆپ شوركا ئەگەشكۈچىلىرىمۇ بار ئىدى . تىلىسەڭ تاپارسەن دەپ ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىپتۇدە، دىگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ. لېكىن قەھرىماننىڭ بۇ جەرياندا قانداق جاپالارنى تارتقىنى ئۇنىڭغا، شۇنداقلا ھەممىسىگە قاراڭغۇ ئىدى. غەيرەتلىك بول قەھرىمان غولاچ تۈگەپ غېرىچ قالغاندەك قىلىدۇ، سەن بىزنىڭ سىنىپنىڭ پەخرى دېدى ئۇ ئىچىدە. دىمىسىمۇ قەھرىماننىڭ كەچمىشلىرىنى بىر قادىر ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىلا بىلەتتى.
-بىزنىڭ مارادونا كۆرۈنمەيدىغۇ؟ دېدى ئايمەلىكە، توپقا قوشۇپ قويساڭلا بولاتتى. خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ ئەۋەتىپ. يەنە كىملەردۇر باشقىلارنىڭ خەۋىرىنى سوراپ تۇردى، شۇنداق قىلىپ ئاخىر تەشنالىق ئىچىدە ساقلىغان كۈنلەرمۇ يېتىپ كەلدى، ئۇمۇ ئۈندىدار دىگەنگە خېلى كىرىشىپ قالدى. سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمۇ ئاساسەن قوتۇلۇپ بىرەر قۇر تونۇشلۇق بېرىپ چىقتى، ھەم شۇ كۈنلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئويلىرى بويىنچە ئەسلەپ چىقىشتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار ،جانابى مەسۈمدىن سىلەرگە سېغىنىپ سالام ، دېدى ئۇ ئاخىرى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ساۋاقدىشىم، ئاخىر زۇۋانغا كەلدىڭىزھە؟ دېدى كۈنخېنىم كۈلكىگە پۈركەنگەن چىراي بىلەن ئەركىلەپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ يۈرىكى جىغ جىغ قىلىپ خۇددىي توك تېپىۋاتكاندەك بولۇپ كەتتى. ما كارامەتنى كۆرۈڭ، ھەجەپ بىرىنجى بولۇپ كۈنخېنىم سالام قىلدا، قارىغاندا مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭۈل تىزىملىكىدە خېلى ئالدىدا تۇرۇدىكەنمەندە.
-كۈنخېنىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ما ئۈندىدارنى كۈندەك يۇرۇتۇپ تۇرۇپسىز، كۆزلىرىم چىدىمايلا قالدىغۇ؟ دېدى ئۇمۇ بىراقلا غەيرەتكە كېلىپ، نەچچە كۈنلۈك سالام سائەت ۋە سىردىشىشلاردىن كېيىن ئۇ خېلىلا ئېچىلىپ قالغان ئىدى.
-باشقا يەرلىرىڭىزمۇ چىدىماي قالغاندۇ؟ ھېلىمۇ نەچچە ئاي بولدى توردا مېنى مارلاپ يۈردىڭىز؟ دېدى كۈنخېنىممۇ بوش كەلمەي، ئۇسۇلغا چۈشكەن پىنگىۋىندىن بىرنى ئەۋەتىپ. ھەجەپ ، ھەجەپ بىلىۋاپتا؟ قانداق بىلىۋالغاندۇ؟ بىرەرسى دەپ قويغانمىدۇ؟ شۇنداقتىمۇ ئاران كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتكىسى كەلمىدى، ھېلىمۇ بەش يىل ئاغزىغا تاڭگازا چىشلىۋالغاندەك بىر ئېغىز گېپىنى ئوڭلاپ دىيەلمەي سۈغا چۈشكەن مۈشۈكتەپ شۈمشۈيىپ ئۆتكۈزىۋەتكىنىگە ھازىر ئازراق پۇشايمان قىلىپ قالغاندەك ئىدى.
-قانداق دەيسىز؟ سىزمۇ شۇنداق بولۇپ قالدىڭىزما؟ دېدى ئۇ مۇغەمبەرلىك بىلەن،ھېجايغان چىراي ئىپادىسىدە.
-ئەسكى، دەۋەتتى كۈنخېنىم نايناقشىپ تۇرۇپ. تىللىغىنى كۆيغىنى، ئۇرغىنى سۆيگىنى دەپتىكەن، بۇ جەۋلاننىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى ئىدى. ھەجەپ توغرا كېلىپ قالدا. دېمەك ئاغزىدا دىمىگەن بىلەن كۈنخېنىم ئۇنىڭغا بۇرۇندىن سەپ سېلىپ يۈرۈپتىكەندە. كۈنخېنىممۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ شۇ ھېسسىياتلىرىنى تېپىۋالغان ئوخشايدۇ،دېگەنلەرنى خىيالىدىن كەچۈردى ئۇ.
-سىزمۇ مېنى بەش يىل كۈزۈتۈپ يۈرگەنما؟ دېدى ئۇ يوغان سوئال بىلەن قىزىل گۈلدىن بىرنى ئەۋەتىۋېتىپ.
-ساراڭ، دېدى كۈنخېنىم تايتاڭشىپ يۈرۈپ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يۈرۈكى چىدىمايلا قالدى، ئاغزىدىن بىرنەرسە ئېتىلىپ چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى،بەدىنى تىترەپ تىزگىلەشنى يوقاتقان ئىدى،تىنىقى جىددىيلىشىپ كېتىپ باراتتى. ئۇ يۈرۈكۈم بۇ خۇشھاللىققا چىدىماي مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردى. شۇنداقتىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ ئاخىرقى تىنىقىدا بولسىمۇ ئون نەچچە يىل كېچىككەن سۆزىنى كۈنخېنىمغا دەۋالمىسا بولمايتى.
-مەن سىزنى ياخشى كۆرۈمەن ،كۈنخېنىم، دېدى ئۇ بار ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ئۇنىڭ ئاڭلىيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك. ئۇ تەشنالىق بىلەن كۈنخېنىمدىن مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈمەن دىگەن جاۋاپنى كۈتۈۋاتاتتى،كۈنخېنىممۇ بۇ تۇيۇقسىز زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقان بولسا كېرەك. ئۇنىڭغا ئالىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالماس ھە؟! . ئۇ كۈنخېنىمدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.
تۇيۇقسىز تەككەن شاپىلاقتىن ئۇ شۈركۈنۈپ تۇرۇپ كەتتى،ئەسلىدە تاماقتىن كېيىن بىردەم مۈگدەك باسقانكەندە!؟. ئەمدى ئۇ بالىسىنىڭ ئورنىدا ئۆيدە قېچىۋاتاتتى، ئۇنى قوغلاۋاتقىنى بولسا ئايالى ئىدى. بالىلار نىمە بولغىنىنى بىلمەي ئۇلارنىڭ كەينىدىن تەڭ قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى. ئۆي ئىچى بۈگۈن ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان قىيا چىيالارغا تولغان ئىدى.

53925
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋلانباي  دەپ مېنىڭ ئىسمىم چىقىپتىغۇ؟ھېھې ، بىرمۇ بىر ئوقۇپ چىقتىم. چىن رىئال تۇرمۇش ئەكىس ئېتپتۇ!

UID
53722
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلىرىمدىن ئايرىلغىلى ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغان بولسىمۇ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپلا ساۋاقداشلىرىمنى ھەم مەكتەپنى بەكمۇ سېغىندىم، ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى نېمىدىگەن گۈزەل-ھە!

UID
31618
يازما
169
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
169
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
65 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىى مەكتەپ ھاياتىمىنى ئەسلەپ قالدىم ...چىن تۇرمۇشتىن ئىلىنىپتۇ

UID
1859
يازما
43
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
309
تىزىملاتقان
2009-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي....ئوقۇش پۈتتۈرگىلى 5 يىل بوپتۇ،ساۋاقداشلىرىمنى كۆرگۈم كېپ كەتتىيا بۇنى كۆرۈپ!~

UID
53752
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2013-7-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
45026
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭمۇ بىر ئۈندىدار توپىمىز بار ، قىزلارنىڭ تېخى  ئايرىم ،شەخسى پاراڭلارنى قىلىشىمىز.كۈرۈشمىگىلى 10 يىل بولغان ساۋاغداشلىرىمنىڭ ئاۋازىنى  ئاڭلىغاندا مەنمۇ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم.بۇ نەرسىنى ياخشى تەرەپتىن ئىشلەتسە ھەقىقەتەن قولايلىقكەن .ھەرئىش ئادەمنىڭ نىيتىگە باقىدۇ.شۇنداق بولغاندىكىن گۇناھنى بۇ جانسىز نەرسىگە قويمىغۇلۇق.

باھا سۆز

mary  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

UID
36563
يازما
46
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
87 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق، نېمە دېگەن ساددا، سەبىي چاغلار - ھە، بۇنى ئوقۇپ، خىيال كەپتىرىم بىردىنلا ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىگە ئۇچۇپ كەتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش