كۆرۈش: 716|ئىنكاس: 9

دادام ھايات بولغان بولسا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 16:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                         دادام ھايات بولغان بولسا...
                                                 (فىلىيەتۇن)
                                        ئەنۋەرجان خۇجا ئەرتېكىن


  ئىنتاھاندىن ئۆتۈپ خىزمەتكىمۇ ئۇرۇنلاشتىم. ئەمما، تاغلىق يېزىغا بېرىپ قالدىم. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا يۇلۇمنى مېڭىپ يېقىنراق جايغا يۆتكەپ قويماسمىدى؟!
ئۆيلەندىم. ئەمما، ئۆي ئېلىشتا بېشىم قاتتى. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا پۇل بىرىپ تۇرغان، ياردەم قىلغان بولماسمىدى؟!
بالامغا ئەقىل كىرىپ قالدى. ئەمما، ئايىغى چىقماس سورۇندارچىلقتىن بىكار بولالماي ئۇنىڭ چۆچەك خۇمارىنى قاندۇرالمىدىم. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا ئەتىسى-ئاخشىمى بالامغا گۇڭۇر-مۇڭۇر ھەمراھ بولماسمىدى؟!
ئاخىر ئۆيمۇ ئالدىم. ئەمما، ئەل-ئاغىينە، خىزمەتداشلىرىم بەس-بەس بىلەن ماشنا ئېلىشقىلى تۇردى. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا قاراپ تۇرارمىدى؟!
خىزمەتتىنمۇ زىرىكتىم. ئەمما، بىر ئىش قىلاي دىسەم يەنە شۇ قولنىڭ قىسقىلىقى. ھەي... دادام ھايات بولغان بولسا... ئويلىرىمدىن قارىسام مەن دادامغا ئەمەس، دادام ماڭا قەرىزدار بۇلۇپ قالغاندەك تۇرامدۇ نېمە!؟


                («شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» 2013-يىل 19-ئاپىرىل «تامچە» بېتىدە ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 11:51  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53722
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىلىرىمىزنىڭ شەمشادتەك قامىتى بىز  پەرزەنتلەرنىڭ تۈرلۈك ئارزۇ-ئارمانلىىرنى قاندۇرۇش يولىدا يادەك ئېگىلدى. بىزنىڭ خوشاللىقىمىز جاپاكەش ئاتىلىرىمىزنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلدى. ئەمما بىز يەنىلا ئۇلارنىڭ، ئاشۇ جاپاكەش، مىننەتسىز ئاتىلىرىمىزنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتۇۋاتىمىز، خۇددى ئۇلار بىزگە قەرزداردەك. ھەي....

UID
48194
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-3-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھىرىبان ئاتا ئانلارنىڭ ئۆمۇرى ئۇزۇن تېنى ساغلام بۇلسۇن...........

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
5257
يازما
107
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2717
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي.........................دادام ھايات بولغان بولسا
شۇنچە جاپالارنى تارتىپ ئەمدى بىر بىزنىڭ راھىتمىزنى كۆرەي دىگەندە يۆلەنچۈكۈم  دادام تۇيۇقسىز بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالدى ، ئۇ مىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى.... مەرھۇم دادامنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي
   
               ئاتاڭ ھايات - ئېتىڭ باغلاقلىق،
               ئاناڭ ھايات - چېيڭ قايناغلىق .

ئاتا - ئانىسى ھايات قېرىنداشلار ، ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتەيلى ، ئۇلارنى پات- پات  يوقلاپ تۇرايلى ، ئۇلار  بىزنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى ئەڭ ئەزىز مېھمانلىرىمىز

UID
20840
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-4
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىپ بەك پاساھەتلىك سۆزلەۋەرگەندىن، ئەمەلى ھەركەتلىرىمىز بىلەن شۇ ئەزىزلەرنى بىر قرتىم بولسىمۇ رازى  قىپ كۈتسەك بەك ياخشى. بۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئاتىمىز بار ۋاقىت بىلەن ئۇلاردىن ئايرىلغاندىكى ھېسسىيات،تۇرمۇش ئەھۋالىمىز ھەم ھال كۈنىمىزنى سېلىشتۇرما قىپ يېزىپتىكەنسىز، ھەقىقەتەن تەسىرلىك چىقىپتۇ. قەلەپ قۇۋۋىتىڭىزمۇ خېلى باركەن. رەھمەت سىزگە. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ مەيدانغا كەلتۈرۈپ مەندەك تېخىچە ئويغىنىپ بولالمىغان نادانلارنى ئاز تولا بولسىمۇ ئويغا سېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

UID
12811
يازما
228
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3528
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
64 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاتام  بولغان بولسا  باشقىلار مىنى بۇنچە  بوزەك قىلالماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا باشقىلار  6بالامنى  قوچىغىنمدىن  تارتىپ ئېلىپ كىتەلمەس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا  باشقىلار  تىلىمنى كىسىۋىلالماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا  باشقىلار ئېتىمنى  قويالماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا  باشقىلار  خۇدايىمنى  بەلگۇلەپ بىرەلمەس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا بالىلىرىم ئويۇمدە  چوڭ بولماسمىدى .
   ئاتام بولغان بولسا باشقىلار خالىغانچە ساقال-بۇرتۇمنى يۇلالماس ئىدى .
  ئاتام بولغان بولسا باشقىلار نىكاھىمنى بۇزالماس ئىدى .
  ئاتام بولغان بولسا باشقىلار ماڭا خالىغانچە قارا سۇۋالماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا باغلىرىم  ئوزۇمگە تەۋە بولماسمىدى .
   ئاتام بولغان بولسا ھايات شامىم   يېنىپ تۇرماسمىدى .
   ئاتام بولغان بولسا شۇخ ناخشىلىرىم  ياڭراپ  تۇرماسمىدى .
   ئاتام بولغان بولسا  كوز ياشلىرىم ئاقماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا ئىشلىرىم پىستان چاقماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا ئامىتىم قاچماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا  ئوغرى  ئىشىكىمنى ئاچماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا ساۋادىم چىقماسمىدى .
   ئاتام بولغان بولسا ئوگەي  ئانام ئۇرماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا بېشىمدا پىت تۇرماس ئىدى .
   ئاتام بولغان بولسا قاغا-قۇزغۇن كەلمەس ئىدى .
........................................

UID
43136
يازما
94
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆيەرمەن بالامغا بالام كۆيەر بالسىغا دەپتىكەن كونىلار
ھەممىمىز ئاتا ئانا بولمىز ئاتا انىمىز نى قانداق قاقساتقان بولساق باللىرىمىزمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق قاقشىتىدۇ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ بىزگە سىڭدۇرگەن ئەجرىنى دەپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ.
ئاتا-ئانىمىز بار چاغدا تازا قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز ئەمما ئايرىلغاندىنكىيىن  شۇنداق ئۆتۈلۈدىكەنكى قەدىرى تۆت بەش يىل ھەتتا ئۇنىڭدىمۇ ئۇزۇنغىچە يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى راۋۇرۇس تارتىسىز تېخې ،
شۇڭا  ئەزىز تورداشلار ئاتا-ئانىللىرىمىزنى ئازراق قاقشاساق ئوبدان خېزمىتىنى قىلۋالساق  دەيمەن

UID
43136
يازما
94
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maraldolan يوللىغان ۋاقتى  2013-8-4 17:16
ھەي.........................دادام ھايات بولغان بولسا :' ...

دەل راس گەپ جۇما  داداڭنى تاغقا   ئاناڭنى باغۇ بوستانغا ئوخشىتىپتىكەن كونىلار

UID
20698
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادا دىسەم تاغۇ تاشلار زىمىن تىتىرەيدۇ.
ئانا دىسەم باغۇ بوستان دۇنيا تىتىرەيدۇ،
دادا دىسەم ۋۇجۇدۇم مىنىڭ باشىم قايادۇ،
ئانا دىسەم كوز ياشلىرىم تايراپلاپ ئاقادۇ.
مىھربانىم تەجۇ-يەختىم مىنىڭ قايەردىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
462
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13963
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بىلدىم قەدرىڭنى ئاتا
ئەلەملەر چۇشكەندە بېشىمغا.
......ھەي....ھەممىمىزنىڭ ئەشۇ ئۇلۇغ ئاتىسى ئامان بولسۇن..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش