ئامرىكىدىكى مەشھۇر سەيلىگاھ - گۈرېيتفول شاقىراتما باغچىسى
ئەخمەت ۋاھىدى
گۈرېيتفول شاقىراتما باغچىسى ئامرىكىدىكى مەشھۇر تەبىھى سەيلىگاھنىڭ بىرى بۇلۇپ، مارىلەن شىتاتى بىلەن ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ چىگراسىغا جايلاشقان گۈل گىياھلىرى خۇشپۇراق، دەل-دەرەخلىرى قۇيۇق ، ھاۋاسى ساپ ناياھتى گۈزەل مەنزىرلىك جاي ئىكەن. پايتەخىت ۋاشىنگىتۇننى كىسىپ ئۈتىدىغان پوتومەك دەرياسى دەل مۇشى باغچىنىىڭ ئوتتۇرسىدىن كىسىپ ئۆتكەچكە، پايتەخت خەلقىنىڭ ۋە يىراق - يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ناھايتى ئەپچىل ۋە قولايلىق ئارامگاھى بۇلۇپ ھىساپلىنىدىكەن. تېخىمۇ جەلىپكارلىقنى ئاشۇرۇپ، سەيلى ساياھەتچىلەرنى ھۇزۇرلاندۇردىغىنى دەريا قىنىدىكى چوڭ-چوڭ قورام تاشلارغا شىددەتلىك ئۇرۇلۇپ، ئاسمان پەلەك ئاق بۇژغۇن چاچرىتىپ شاقىراپ ئاقىدىغان سۈپ سۈزۈك تاغ سۇلىرى يىراق يىراقلارغا سالقىن، ساپ ھاۋا ۋە خۇشپۇراق تارقىتىپ، سەيلىگاھنىڭ ھاياتى كۇچىنى يەنىمۇ جانلاندۇرىدىكەن. بۇ شاقىراتمىنى كۈرۈش ئۈچۈن، باغچىنىڭ ئۈچ يىرىگە ئىگىز ۋە پۇختا كۈرۈش سۇپىسى ياسالغان بۇلۇپ، كۈنىگە يەتتە قىتئەدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كەڭ تاشا سەيلى ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. بۇ باغچىدا 150 خىلدىن ئارتۇق قۇش ۋە نەچچە مىڭ خىلدىن ئارتۇق دەل-دەرەخلەرنىڭ ئىللىق ماكانى ئىكەن.
مەن بۇ يىل 26-ماي كۈنى، بۇ تەبىئ شاقىراتما باغچىسىدا سەيلى قىلىش پۇرسىتىگە ناھايتى تەستە ئىرىشتىم. شۇ كۈنى ئامرىكىنىڭ بىر بايرام كۈنى بولغاچقا، باغچىنىڭ دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ، قۇشلار ناۋاسى ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرۋاتقان شۇنچە كەڭ ئاسفالىت يول ماشىنلار بىلەن لىق تۇلۇپ كېتىپتۇ. بىز خىلى سەھەر يولغا چىقتۇق دىسەك، بىزنىڭمۇ ئالدىمىزدا يولغا چىققان ساياھەتچىلەر بىلەن باغچىنىڭ ئىچى-تېشى تۇلۇپ كېتىپتۇ. بىز باغچىغا مىڭ تەستە كىرۋالساقمۇ، لېكىن پەقەت 600 ماشىنا قۇيىدىغان يەر (ئېنگىلىزچە پاركىڭ دەيدۇ) تۇشۇپ كېتىپتۇ. بىر سېرىق سەللىلىك ئەر كىشى بىزگە ئۇرۇن بۇشۇتۇپ بېرىپ ، بىزنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى. ئېھتىمال ئۇ بىزنىڭ يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچى ئىكەنلىگىمىزنى ئەپتىمىزدىن بىلىۋالسا كېرەك. بىز ئۇ كىشىگە رەخمەت ئېيتىپ ئادەم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كېرىپ كەتتۇق.
باغچىنىڭ 800 گېكتار كىلىدىغان ياپ يېشىل چىمەنزارلىقىدا، توپ توپ بۇلۇپ «دالا تامىقى»(ئېنگىلىزچە پىكنىك دەيدۇ)يەپ ئولتۇرۇشقان ئەر-ئايال، قېرى-ياش ساياھەتچىلەر شاقىراتمىنى كۈرۈپ ھۇزۇرلانغاچ ئارام ئېلىۋاتقان ئىكەن. تەرەپ تەرەپتە خىلمۇ -خىل مەدەنى مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش -ئۆسمۈرلەر ۋە سىتودىنتلارمۇ باغچىنىڭ جۇشقۇن ، قاينام - تاشقىنلىق بىلەن تولغان بايرام تەنتەنىسىگە جۈر بۇلۇۋاتاتتى. مەن بۇ گۈزەل ئارامگاھنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھارغان - ئاچقىنىمى ۋە كەچ كىرگەننى سەزمەي قاپتىمەن. كەچتە بۇ گۈزەل سەيلىگاھنى ئەسلەپ، سۈرەتلەرنى كۆرگەچ، كۈندىلىك خاتىرەمگە مۇنۇ مىسرالارنى تىزدىم:
تاغ سۈيى كەلدىڭ نەغمە - ناۋا بىلەن
يېقىملىق، خۇشبۇي، سۈزۈك ھاۋا بىلەن
ياشىدۇق يەتتە قىتئە مېھمانلىرى،
مېھرىڭنى كۈيلەپ ئۇسۇل - ساما بىلەن.
مەن كىتىپ ياشىساممۇ يىراقلاردا،
شاۋقۇنۇڭ قالدى مەڭگۈ قۇلاقلاردا
قەلبىمگە سىزىۋالدىم سۈرىتىڭنى
كۆزلىرىم قالدى قاينام بولاقلاردا.
شاقىراتما باغچىنىڭ ئۇمۇمى كۈرۈنۈشى
2013-يىل 29-ئىيۇل ، ئامرىكا، كولۇمبىيە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 11:52
|