تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 6

مېنى سۆيمەي بەختلىك بولساڭ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4105
يازما
31
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
390
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 21:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنى سۆيمەي بەختلىك بولساڭ،
ھىيلە تولغان يۈرىكىڭ يايراپ.
ھەسرەت چېكىپ ئۆتەرمەن بەلكى،
غېرىپ قۇشتەك پىغانلىق سايراپ.

مېنى سۆيمەي بەختلىك بولساڭ،
پۇرسەت بەرمەي ئۆمۈرلۈك تويغا.
ئېغىر كېلەر ئازابىڭ بەلكى،
تۇنجى سۆيگۈم يەتكەندە بويغا.

مېنى سۆيمەي بەختلىك بولساڭ،
ئۆتەر يىغلاپ بىرنەچچە ئاخشام.
چىقىپ قالار كوچىغا بەلكى،
دۇتتار چېلىپ ئوقۇغان ناخشام.

مېنى سۆيمەي بەختلىك بولساڭ،
سېلىپ بېرىپ دۈشمەنگە دەسمى.
نۇردەك يۈزۈم تۆكۈلەر بەلكى،
ئەلگە ئۆسەك تارقىلىپ رەسمى.

مېنى سۆيمەي بەختلىك بولساڭ،
مەنمۇ دەردتە قالماسمەن ئۆلۈپ.
بىر چاغ غەمسىز ياشارمەن بەلكى،
كەلگەن ئاچچىق قىسمەتتىن كۈلۈپ.

  مەنبە:ئىجادىيىتىم


كۆڭۈل كۆكۈلدىن سۇ ئىچەر.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
861
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34818
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 10:33:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى سۆيمەي بەخىتلىك بولساڭ،
بەخىت تىلەي ھەسسىلەپ يەنە.

مۇمكىنمىدۇ؟؟

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
3674
يازما
166
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1820
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 10:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 1قەۋەتتىكىbargiya يوللىغان 2010-08-11 10:33 غا قارتىلغان  :
مېنى سۆيمەي بەخىتلىك بولساڭ،
بەخىت تىلەي ھەسسىلەپ يەنە.

مۇمكىنمىدۇ؟؟
مۇمكىن، سىز سۆيگەن ئادەمنىڭ بەختىنى كۆرەلمەسلىك ئەڭ چوڭ ئازاپ، سىز ئۈزىڭىز ئېتراپ قىلىشنى خالىمىسىڭىزمۇ، ئۇنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭغا ھامان بەخىت تىلەيسىز.

غەم قىلىپ جان توشامدۇ. ئەركىنلىك ئۈچۈن ئالغا!

دەلىللەنگەن ئەزا

كىملەرنىڭ ئەزىز

UID
1959
يازما
921
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
30170
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 17:07:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ بەخىتلىك قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنسەكمۇ ئەمما  ئاقىۋەت يەنە ئۇلارغا بەخىت تىلەيمىز
بەلكىم يەنە كىملەر بىزگىمۇ بەخىت تىلەپ قالغان ......

ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلدۇ.

UID
3193
يازما
178
تېما
22
نادىر
0
جۇغلانما
1890
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 20:59:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى سۆيمەي بەختلىك بولساڭ
پەرۋا قىلما نىدالىرىمغا .
يەنە بىراۋ سۆيسە مېنىڭدەك
كېتىۋەرگىن خۇشال يولۇڭغا .

تەپەككۇر يولى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
201
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6232
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-12
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 21:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىgamsiz يوللىغان 2010-08-11 10:39 غا قارتىلغان  :

مۇمكىن، سىز سۆيگەن ئادەمنىڭ بەختىنى كۆرەلمەسلىك ئەڭ چوڭ ئازاپ، سىز ئۈزىڭىز ئېتراپ قىلىشنى خالىمىسىڭىزمۇ، ئۇنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭغا ھامان بەخىت تىلەيسىز.

     دېمەك ئاسان بولغان بىلەن ھەقىقەتەن تەس .ئەمما ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى ئۇنىڭ بەختلىك بولماساىقى مىللەتكە زىيان ئىكەنلىگىنى ئويلىغاندا چوقۇم بەخت تىلىيەلەيدۇ .

UID
2091
يازما
1546
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50500
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 23:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى سۆيمەي بەختلىك بولساڭ،
ئۆتەر يىغلاپ بىرنەچچە ئاخشام.
چىقىپ قالار كوچىغا بەلكى،
دۇتتار چېلىپ ئوقۇغان ناخشام.

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش