كۆرۈش: 1181|ئىنكاس: 12

ئايفۇنچى ئوسمان ۋە دەريا مۇئەككىلى ھەققىدە چۆچەك   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6091
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2010-9-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 19:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تۇلۇمدىكەن، ھازىرقى زاماندا ئوسمان ئىسىملىك بىر ئايفۇن ھەۋەسكارى بولغانىكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەممە بوۋاق «ئىڭە، ئىڭە» دەپ يىغلاپ تۇغۇلسا، ئوسمان «ئايفۇن، ئايفۇن » دەپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقانىكەن. لىكىن ئوسماننىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، قىممەت باھالىق ئايفۇننى ئالالماي كۆڭلى بەكمۇ پەرىشان ئىكەن.
ئەنە شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىكرو بىلوگدا ئىچكىرىدىكى بىر خەنسۇ بالىنىڭ ئايفۇن ئېلىش ئۈچۈن بۆرىكىنىڭ يېرىم تالاسىنى سېتىۋەتكەنلىك خەۋىرى تور دۇنياسىنى بىر ئاپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئوسماننىڭ كاللىسىغا دەررۇ بىر ئەقىل كەپتۇ ۋە ئوسمانمۇ بۆرىكىنىڭ بىر تالاسىنى سېتىپ بىر دانە iPhone5 ئاپتۇ.
«دىدەك مونچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆيى قالماس، يىتىم ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماس » دەپ، يىپيىڭى iPhone5 قولىغا تەگكەندىن كىيىن، ئوسمان ئايفۇننى ئەل- ئاغىنە، ئۇرۇق- تۇغقان، تۇنۇش- بىلىشلىرىنى ئالدىدا تازا كۆز- كۆز قىلىپ دوست- دۈشمەنلىرىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىپتۇ. باشقىلار ئوسماننىڭ ئالدىدا «ۋاھ، يانفۇنىڭىز ئەجەپ ئىسىلكەن جۇمۇ » دەپ ھەۋەس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۇرسىمۇ، ئارقىسىدىن ھەسەت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ «ھۇ ئۆزىنى چاغلىمايدىغان، بىر نان تاپسا داپ چالىدىغان تاز» تىللاپتۇ.
گۈللەر پورەكلىگەن باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئوسمان ئايفۇنىغا لىق توك قاچىلاپ دەريا بويىدا ۋېيشىندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇشتۇمتۇت بىر تېلېفۇن كىلىپ قاپتۇ، چۈچۈپ كەتكەن ئوسمان ئېھتىياتسىزلىقتىن ئايفۇننى دەرياغا چۈشۈرىۋېتىپتۇ. ئامراق ئايفۇنى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئوسمان ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتىپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا، دەريادىن ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن نىمىشقا بۇنچىلىك ئېچىنىشلىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بوۋاي دەررۇ دەريادىن بىردانە iPhone 4 نى سۈزۈپ چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن «ئوغلۇم، بۇ ئايفۇن سىنىڭمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ. ئوسمان بېشىنى چايقاپتۇ. بوۋاي يەنە بىر iPhone 4s نى سۈزۈپ چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن «ئوغلۇم، بۇ ئايفۇن سىنىڭمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ. ئوسمان يەنە بېشىنى چايقاپتۇ. بۇ قېتىم بوۋاي دەريادىن بىر دانە iPhone5 نى سۈزۈپ چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن «ئوغلۇم، بۇ ئايفۇن سىنىڭمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ. ئوسمان «ھەئە، بۇ مىنىڭ ئايفۇنۇم! » دەپ جاۋاب بىرىپتۇ. بوۋاي ئوسماننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «ئوغلۇم، سەن ھەقىقەتەن سەمىمىي بالىكەنسەن » دەپ ماختاپتۇ ۋە «بۇ ئۈچ ئايفۇننىڭ ھەممىسىنى ساڭا بىرەي، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايفۇننى بەرىبىر ئىشلەتكىلى بولمىغاندىكىن » دەپتۇ.




تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-29 19:53):

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6091
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2010-9-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 19:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
50382
يازما
69
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 22:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسلى فەرۇقىنىڭ توقۇلمىسىتى

UID
50842
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 00:57:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 10:02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي ئوسماننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «ئوغلۇم، سەن ھەقىقەتەن سەمىمىي بالىكەنسەن » دەپ ماختاپتۇ ۋە «بۇ ئۈچ ئايفۇننىڭ ھەممىسىنى ساڭا بىرەي، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايفۇننى بەرىبىر ئىشلەتكىلى بولمىغاندىكىن » دەپتۇ.


كۆيۈمچان ئەزا

سىنىڭ خوشاللىقىڭ مىنىڭ بارلىقى

UID
9601
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2508
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 10:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
31618
يازما
169
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
169
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
65 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 15:25:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆيۈمچان ئەزا

خوشاللىق ئۇنتۇل

UID
5688
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2205
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 20:39:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر يۇمۇر بوپتۇغۇ ؟ مەن تېخى ھىكايىمىكىن دەپتىمەن .

UID
48034
يازما
65
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 21:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل شۇ ۋاقىتتا، دەريادىن ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن نىمىشقا بۇنچىلىك ئېچىنىشلىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بوۋاي دەررۇ دەريادىن بىردانە iPhone 4 نى سۈزۈپ چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن «ئوغلۇم، بۇ ئايفۇن سىنىڭمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ. ئوسمان ھەئە مىنىڭ ، دەل مىنىڭ شۇ دەپتۇ . بوۋاي ئاچچىقىدا : ۋۇۇي ئالدامچى ئاچكۆز بۇ ئايفۇن سىنىڭ ئەمەس ، يالغانچىلىق قىلغانغا تويە ، دەپتۇ ۋە  iPhone 4 نى ئىلىپ سۇ يۇزىدىن غايىپ بوپتۇ .

UID
53752
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2013-7-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 00:38:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش