كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 8

مەن يەنە باھارنى سېغىندىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8524
يازما
61
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
511
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 03:49:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مەن يەنە باھارنى سېغىندىم



(نەسىر)




         ئەي باھار، قوينىڭدا گۈللەرنىڭ ھىدىنى ھىدلىيالايتتىم. ئول ھىدتىن دىمىقىمغا مەست خۇش ئەيلىگەن ۋىسال ھىدىنى چىللايتتىم... نە ئاياز كەلدى، گۈل ھىدى تۇرماق، گۈل ھۆسنىدىن مەھرۇم قالدىم. تەشتەكتىكى گۈلدىن ھىد تەلەپ قىلىش، قەپەزدىكى قۇشنىڭ ئەركىنلىكىنى سورىغاندەك ئىش ئىدى. باغرىڭدا سۇلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ئاڭلىيالايتتىم، قېنىپ- قېنىپ ئىچىپ، ئۆزۈمنى قۇربانىغا ئايلاندۇراتتىم.

نېتەي ،ئاياز كەلدى، سۇلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ئەمەس، ئۇرۇلۇپ ،سوقۇلۇپ دېگەندەك بىر-بىرىدىن سېنى قىزغىنىدىغان دىدارىنى - باھارسىز مۇردا بولغان جامالىنى ئاپئاق قارلارنىڭ پەردىسىنى قايرىپ تۇرۇپ، ئاران كۆرەلىدىم...

مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!



         توپىلىق يوللاردا گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان توپا ھىدىنى قانماي پۇرايتتىم، يۈزۈمنى يېقىپ، ئانام باسقان قەدەملەرنى كېچىپ باقاتتىم... دادام تۇتقان كەتمەننىڭ يۈزىدىن شۇ توپىلارنى قولۇمدا سىيرىپ ئالاتتىم... ئانام كەتتى، كەتمەن يۈتتى!

قاچانكىم ئاياز كەلدى، پۇرۇلداپ تۇرغان شۇ توپىلار تۇرماق، تەنگە ھۇزۇر بېرىدىغان ، جانغا جان قاتىدىغان شۇ تونۇش ھىدنى پۇرىيالمىدىم. مېنىڭ كېپەنلىكىم بولغان شۇ توپىلارغا كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا بىر رەت قېنىۋالاي دەيمەن لېكىن، ئايازدا باھاردا قانغاندەك قانغىلى بولمايدىكەن!

مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!




        ئىللىق قۇياش نۇرىدىن راھەتلىنىپ يايرىغان تەنلەر، دۇنيانىڭ جامالىغا تويماي قاراۋاتقان كۆزلىرىم كۆكتىن ۋىسال ئەختىرىنى ئىزدەيتتى... سامالاردىن ئۇچۇپ كېلىدىغان خىيال كەپتىرىگە ئۆز دىل بايانىنى ئايان قىلماقچى ئىدى.

نېتەي، ئاياز كەلدى، كۆكنى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ، قۇياشنىڭ  نىمجانغا جان ئاتا قىلىدىغان سېخىي نۇرىنى توسىۋالغان ئىدى. ئون بەش كۈندە بىر كېلىدىغان ھىلال ئەردەنئاينىڭ ئۇز جامالىغا ئۆزىنىڭ قارا نىيەتلىك پەردىسىنى يايماقچى بولاتتى....نىجادلىق نۇرىدىن ئايرىلىغان كۆز ئوچۇق بولسىمۇ، كور ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ھېچ بولمىغاندا، سەن بولساڭ ئەي باھار، ئول كۆزۈم نۇرسىز قالغان تەقدىردىمۇ ئۆز دۇنيارىدىن سېنىڭ جامالىڭنى ئىزدەيتتى ئەمەسمۇ؟!

      ئەي باھار، سېنىڭسىز ياشىدى دېسە مېنى ئەگەر، مەن ياشىغاندىمەن ئېھتىمال ،ساڭا تەشنا بولۇپ تۇرۇپ، ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم ھالدا!

مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!




      تېرەكلەرنىڭ ئىغاڭلىشىدىن مەست- ئەلەس يۈرگەن ئۆز ھالىمغا باقاتتىم، مەجنۇنتاللارنىڭ سۇ يۈزىگە لەۋ يېقىشلىرىدىن ساڭا قانچە تەشنا بولغانلار يالغۇز مەنلا ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلاتتىم. يىلتىزىغا جان بولۇپ كېرىپ كەتكەن شەبنەملەردىن تىتىرەپ تۇرغان كۆڭۈل كۆزىمدىكى ئەقىدە شارابىغا نەزەر سالاتتىم...

ۋادەرىخ، ئاياز كەلدى، قاغجىرىغان تېرەكلەر ياپراقلىرىغا يۈز كېلەلمەي، مەجنۇنتاللارنىڭ چاچلىرى قەدىرسىز ئوتۇنغا ئايلىنىپ، شىۋىرغاننىڭ ھۇشقۇيىتىشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ھالدا بويۇن قىسىپ، يېتىم قالغان ئىدى.  بۇ ئوتۇنلار سېنى سېغىنىش ئوتۇمغا تاشلىنىپ،تامامىي كۆيدۈرگۈ ئىشق ئۈچۈن تۇترۇق بولاتتى...

مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!



       سىمىلداپ يېغىۋاتقان باھار يامغۇرى چاچلىرىمدىن ئەگىپ ،تېنىمغا ياماشقىنىدا «باھارنىڭ ھۇزۇرى بۇ.» دەپ، كۈنلۈكسىز ماڭغان شۇ دەقىقىدە خۇددىي پايانداز راسلانغاندەك يامغۇرغا چىلانغان پۇتلىرىمنى يامغۇر تامچىسىغا قاندۇرۇپ، كۆكتىن ئۆزىنى ئاشىق كەبى تاشلاۋاتقان مىڭ زار تامچىلارغا ئىنتىلىپ، باھار ئىنئامى بولغان ئۇشبۇ يۇلتۇزلارغا قۇچىقىمنى ئېچىپ دېگۈدەك ئۆزۈمنى ئاتاتتىم...

قاچان ئاياز كەلدى؟ باھار يامغۇرى ئاق قارغا ئايلىنىپ، سەن ياسىغان يامغۇرلۇق پاياندازنى قارلار ياسىماق بولىدى. بىراق، سېنىڭ ياسىغانلىرىڭغا يېتەمدۇ؟! يا ئۇ بوينىمدىن كىرىپ، تاپىنىمدىن سېنىڭ تۇرقىڭدا چىقالمىغان، چىققاندەك قىلسىمۇ ساڭا ئوخشاش ھۇزۇر ئاتا قىلالايتتىمۇ؟!

مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!




       مەيىن شامالدىن كەلگەن يار ھىدىنى ھىدلىغان دەملەردە شاماللارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ، «يارنى ئېلىپ كەل...» دەپ، چاچلىرىمنى سىيلاپ ئۆتكەن شاماللار قوللىرىغا ئېسىلىپ، كەلمىش يار دىدارىغا تەشنالىق بىلەن باقتىم... يارسىز بىردانە ئەردىن مىڭ دانە ھالغا يېتىپ، بىر مىڭ ئالتە يۈز دەررە يېيىشكىمۇ رازى بولغان ھالدا باغرىمنى كۆيەك ئوتىغا يېقىپ ياتتىم...

نىھايەت، ئاياز كەلدى،مەن ئېسىلغان شاماللارنىڭ قولى تۇرماق، ئۆزىنىڭ ھېچ دېرىكى يوق ئىدى. كىملەر شامالدىن بىزار، كىملەر شامالغا زار؟! بىر دانىلىقىم باھارغا زارلانغان نالەشلىرىم بىرلە مىڭ دانە بولماقتا ئىدى... پارچە-پارچە بولۇپ كەتسەممۇ، بۇ باھارنىڭ ئىشقى ئۈچۈن ۋىسال تاپسام نە ئارمان قالاتتى؟!

مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!




         جېنىمغا جان قاتقان، قېنىمغا قان قاتقان، تۈنلىرى ئۇخلاتمىغان، ئىشىقلىرى قىينىغان، ۋىسالىنى نىسىپ قىلمىغان ئاشۇ باھارنى يەنە سېغىندىم...  يۈرىكىمنى سېغىنىش ئوتىدا پۇچلاپ تۇرۇپ، مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 02:36  


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1049
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35011
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
115 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كەل باھار!
توۋلىدىم،ئايازنىڭ باغرىدا تىترەپ تۇرۇپ..نە قىسمەت ھە..باھارنىڭ باغرىدا ئايازنىڭ قۇچىقىغا يىقىلغىنىم...
سېغىندىم دىگەن شىۋىرلاشلارنىڭ قۇلىقىمغا ئۇرىلىشلىرى ئاتا قىلدى ئازغىنە دەرمان،بولمىسا بولار ئىدى نە ھال،قالار ئىدى مۇزدەك يەرگە باغرىنى يېقىپ ئارمان.
كەل باھار!
شىۋىرلىدىم مەن،
ماڭا ئاتا قىلىدىغان شۇ ئىشتىياقلىرىڭنى سېغىندىم،قىزارغان ئۇپۇقلاردا جۇلالانغان سەرۋى نازۇكلىقىڭنى سېغىندىم شۇ تاپ، مۇڭلار سىڭگەن نالىلەرنىڭ باغرىمنى تىلغاشلىرىنى يېقىملىق ھىدلىرىڭ يۇتۇپ كەتسىكەن دىگەن تىلەكلەر باغرىغا يۆلەندىم.مىھىرسىز،مىھىرسىرىغان كۆڭۈللەردە تېنەپ يۈرگەن زىمىننى ئال باغرىڭغا،قۇتۇلسۇن ئايازنىڭ مۇزدەك تۇمشۇقلىرىنىڭ ئۆزىنى چوقۇشلىرىدىن.

مەن باھارنى سېغىندىم!

ئاداققى ۋىسال ئۈچۈن،سەھەر سەلكىنلىرىنىڭ نوقۇشىدا تەۋرىنىپ،
خىيالىي دۇنيارىمنى سەن ۋە مەننىڭ ئەسلىمىسىگە تولدۇرۇپ،
كۆككە لەۋ سۇنغان قارغايلار كەبى ئۇيغىنىپ،
سۇلكەتسىز گۇلچى قولىدىكى گۈللەرنىڭ تىنىچلىقىدىن سۆيۈنۈپ...
قەلبىمنىڭ ئوچۇق ئىشىكىدىن كىرىپ كەلگەن كىم؟
باھارنىڭ چىچەكلىرىدىن گۈلچەمبىرەك ئاسقان بىرى ئاستا سوقۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتى.كەيندىن قارىدىم ئۇزاق،بۇ يەردە قىپ قالغاندەك بىر نەرسىسى...
ئەي باھار،سېغىنىشىمنىڭ ئازابلىق ئىسەدەشلىرى سىرلىق تۈنلەردە يۈرەكنى جىغىلدىتاتتى.غايەت زور سۇكۇناتنىڭ ئەسىر قىلىشىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،ساڭا تەشنا دىل ھىسلىرىمدا نەپەس ئېلىۋاتاتتىم.ئوتقاشلار بىلەن ئورالغان ئىپتىخار قۇشلىرىڭنىڭ باغرىغا باش قويۇشۇم ئۈچۈن چىدام غەيرەتنى يۈرىكىمگە تېڭىپ ياشاۋاتاتتىم.

مەن باھارنى سېغىندىم!

سۆيگۈ ئىنئامىڭ بولغان يامغۇر تامچىلىرىڭغا چىلىنىپ
كۈنلۈكسىز كوچىلاردا ساراڭ ئاتىلىپ
يارنى ئېلىپ كەل دەپ چاچلىرىمنى سىلىغان شاماللار قولىغا ئېسىلىپ
كەلمىش يار دىدارىغا باغلىنىپ
تىنىقىڭدىكى ئاخىرقى گۈل ياپرىقىدىكى بىر تامچە شەبنەمگە ئايلىنىپ
ئەي باھار، سېنى بۈگۈن كۆيدۈرۈپ تۇرۇپ،كۆيۈپ تۇرۇپ سېغىندىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 17:24  


بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
48034
يازما
65
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان نەسىركەن ، كىلەمسەن باھار دىگەن ناخشىنى ئەسلەپ قالدىم ، ئىلھاملارغا ئاپىرىن .

UID
20698
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەل باھار پۇتكۇل كاھىناتقا ۋە جانۇ-جانلقلارغا ئاتاقىلغان يىڭى باشلنىش،ئوزگۇرۇش،ئومۇت ،ئىشەنچ بىغشلايدغان ئىللىق ھەرارەتىڭ ،مۇزلغان بۇ زىمنغا ياپ-يىشىل توللارنى ئارتىپ ،سەندىن بىخەۋەر ئۇيقۇدا ياتقابلارنڭ مەيۇن شاماللىرڭ بىلەن يۇزلىرگە مەڭزىللىرگە سۇيۇپ شۇنداقلا ئىشىك-پەنجىرە قىقىشلىرڭ بىلەن
كەلگىن باھار مەن سىنىڭ تۇنجى ئويغاتقۇچى،ئىزگۇ ئۇمۇتسىز خياللىرمغا.چاڭقىغان قەلبىمگە شۇم بۇيا.يانتاق
قاپلغان كوڭۇل باغلىرمغا كەلگىن........!!!!!!
باھار مەن سىنى سىغىندىم!!!!!!!!!!!

UID
5782
يازما
104
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2475
تىزىملاتقان
2010-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                          مەن باھارنى سېغىندىم !
            ھاياتىمدا قانچىلىغان باھارلار ئۆتكەن بولسىمۇ مەن يەنىلا سەن بىلەن ۋىدالاشقان
                              خىرۇستال خىياللىرىمنى ئۈزىگە ئەسىر قىلىپ
            ھىجران كوچىلىرىدا دىۋانە قىلغان ،مىنى ئۆلتۈرۈپ ئۈزى يېشىللىقتىن تون كەيگەن
                                     شۇ قاتىل باھارنى سېغىندىم !
                     
                              

UID
53850
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەنمۇ  سىلەر  تەرىپلىگەن  تاتلىق ھەم ئاچچىق تۇيغۇلىلرغا  ئەسرا شۇ باھارنى سېغىندىم . بىراق ئويلاپ باقسام مېنىڭ خاتىرەمدە  باھاردىكى ئۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەر يوقكەن ، لېكىن ئاللا خالىسا  ماڭا قۇچاق ئېچۋاتقان شۇ  چىرايلىق باھارنى تاتلىق ھىسلىرىم بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۈتمەكتىمەن .

UID
28664
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىممۇ سېغىنماس گۈزەل باھارنى،
ئەسلەتسە ھەممىگە غەمسىز چاغلارنى.

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
462
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13963
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟........

UID
52403
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارقاڭلادا  قالغان  باھارنى  سىغنىۋەرمەي  ،  ئالدىڭلادىكى  باھارنى  سىغنىڭلار  دۇسلۇرۇم  .  ئارقىغا  تۇلا  قارغان  ئادەم  ئىلەىر  باسمايدۇ  .  يەنە  بىر  باھارنى  قانداق  ئۇتكۇزۇش  تۇغرۇلۇق  ئۇيلىنىڭلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش