كۆرۈش: 1354|ئىنكاس: 12

«جاھاننامە ئەينىكى» دەپ ئاتالغان تېلۋىزور   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53750
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-2-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:03:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جاھاننامە ئەينىكى» دەپ ئاتالغان تېلىۋىزور نۆۋىتىدە ئائىلىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان، ئائىللىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم قورالغا ئايلاندى. بىز بۇ قورال ئارقىلىق، ئەتراپىمىزدا، دۆلىتىمىزدا، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ۋاقىتى-ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرالايمىز،  ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەرەپلىرىنى تەپسىلى ئېيىتمىساقمۇ، بۇ ھەممىگە ئايان.  
ئەمما، ھازىر بىر قسىم ئائىللىرىمىزدا تېلۋىزور مەخسۇس كورىيە، تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرىدىغان «ئۈنۈمسىز ئەينەك» كە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. كورىيە، تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن نەچچە يۈز قىسىملىق فىلىمنى كۆرۈشكە باشلاپ، تا تۈككىچە شۇنىڭغا تىكىلىپ ئولتۇرۇش، ماڭغان تۇرغان جايدا شۇ فىلىم توغرىسىدا پاراڭ قىلىش، مېنىڭچە بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. تۆۋەندە مەن ئۈچ نۇقتىدىن ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن:
1.بۇ يامان ئادەت سالامەتلىكىڭىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرىت، ئائىلە مۇھەببىتىنى سۇسلاشتۇرۋېتىدۇ. بىر ئائىلىگە نىسپەتەن، ئۆيگە قايتىپ تاماق يىيىش، ئۇخلاش، باشقا چاغلاردا شۇ ئايىغى چىقماس فىلىملەرنى كۆرۈش، ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ جىسمانىي سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاندىن قالسا ، ئائىلىدە شۇ فىلىمنى كۆرۈش بىلەن، باشقا پاراڭلارنى قىلىشقا ۋاقىت چىقماي، ئائىلە مۇھەببىتىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.بۇ يامان ئادەت ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ھۆرمەتنى سۇسلاشتۇرۋېتىدۇ. ئائىلدە ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ ، خەۋەر ۋە ھەر خىل پىروگىراممىلارنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ، ئىلگىرى پىروگىراممىلار ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، تېلۋىزىيە خىزمىتى خادىملىرىنى تىرىشىشى ئارقىسىدا، نۇرغۇن ئېسىل پىروگىراممىلار مەيدانغا كەلدى، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «مەدەنىيەت بوستانى»،«ھايات جىلۋىسى» قاتارلىق پىروگىراممىلارنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ، بۇلار سەۋىيىڭىزنىڭ ئۆسىشىگە ناھايىتى زور پايدىسى بولىدۇ، ۋاقتىڭىز بىھۇدە ئىسراپ بوپ كەتمەيدۇ. ئەگەر سىز يەنە شۇ ئايىغى چىقمايدىغان فىلىملارنى كۆرىۋەرسىڭىز، ئالدى بىلەن سىز بىلەن پەرزەنىتلىرىڭىز ئارىسىدىكى ھۆرمەت بارا-بارا يوقىلىشقا قاراپ ماڭىدۇ، شۇ فىلىملەردىكى بىزنىڭ ئەخلاقىمىزغا يات كېلىدىغان يەرلىرىنىڭمۇ بارلقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ، شۇ پەيىتتە پەرزەنىتىڭىز يېنىڭىزدە سىزگە ھەمرا بولۇپ كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
3. بۇ يامان ئادەت پەرزەنىتلەرنىڭ تەربىيلىنىشىگىمۇ ناھايىتى زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئائىلىدە ئاتا بىلەن ئانا بولسا پەرزەنىتلەرنىڭ ئۈلگىسى، ئەگەر ئاتا-ئانا ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولسا، بالىلارمۇ شۇنىڭدىن ئۈلگە ئالىدۇ، ئەگەر سىز ئۆيگە قايتىپ، شۇ كورىيە، تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز، پەرزەنىتلەر ئائىلىدە قىلدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش مۇشۇ ئوخشايدۇ، دەپ قاراپ، قۇلىقى تېلۋىزوردا، كۆزى تاپشۇرۇقتا بولۇپ، تاپشۇرۇق تۈگكەندىن كېيىن، سىزگە ھەمرا بولۇپ، شۇ فىلىملەردىن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن.
قېرىندىشىم، تېلۋىزورنىڭ «جاھاننامە ئەينەك» بولۇش رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ، ئائىلىمىزنىڭ بەختىنى قوغداش، پەرزەنىتلەرنىڭ تەربىيسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى.
-----------------ۋولقان 518

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 14:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم!

UID
53722
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 15:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ياخشى ۋە يامان  ئىككى تەرىپى بولىدۇ، بىز شۇ شەيئىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمىساق بىزگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. نا←ھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز، رەخمەت سىزگە.

UID
50382
يازما
69
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 16:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلۋوزۇرنى بىز كونتىرول قىلالمايمىز،ئۇنى ئىستانسىدىكىلەر ھۆكۈمەت بۇيرۇقىغا بىنائەن نىمە قويغۇسى ،تاقاتقۇسى كەلسە شۇنى بىرىدۇ!
لىكىن بىز ئۆيدىكى كومپىيۇتىر ،dvdئاپراتلىتىنى كونتىرول قىلالايمىز ،نىمە كۆرمەكچى بۇنى تاللىيالايمىز!شۇڭا مۇھىم نۇقتابىز كونتىرول قىلماقچى بولغان تاراتقۇلارنى ياخشى كونتىرول قىلىىمىز كىرەك!!

UID
53739
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 17:02:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،قېرىندىشىم!بىزغۇ خېلى بولدى،بۇ ‹جاھاننامە›ئەينىكىنى كۆرمىگىلى.بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولىدىكەن.شۇنىڭ ئورنىغا،بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرىدىكەنسىز،شۇنىڭ ئورنىغا كىتاپتىن ياكى جورنالدىن بىرەر پارچە ئېسىل يازمىنى ئوقۇپ مەنىۋىيىتىڭىزنى بېيىتىدىكەنسىز!

UID
50842
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 01:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس،چەتئەل فىلىملىرى  ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ بىز ئۈچۈن ھىچ قانداق تەربىيە قىممىتى يوق، ئارزۇلاپ كۇرۇشكە ئارزىمەيدۇ.
كىنودىكى تۇرمۇش ۋەقەلىكلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا،ئۆرۇپ-ئادىتىمىزغا  ماس كەلمەيدۇ.
ۋاختىمىزنى زايا قىلمايلى.

UID
48343
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 20:29:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماگەپنې چېقېرېپ قاپسېلە ئېدېش   ئەجېبا سېلنڭ ئويدە دېيەنشې يوق ئوخشېمامدا     ھازېرقې ھاياتتا مۇشۇ دېيەنشې دېگەن نەرسېنې كومەي كۇن ئوتەمدا !!!!   سېللېمۇ ھەقېچان كوردېغاننې كورەپ بولاپ  ئەمدە بۇندا دېېگېنېڭلا نېمسې  ؟  سېللە ئەڭ ياخشېسې  ماندا قالايمېقان بېر نەرسە يېزېپ ۋاختېڭلېنې ئسراپ قېلغۇچە   يوغان قاپقا توپا قاچېلاپ تېگېدېن ئۇرۇپ ئويناڭلا جېما ئېددددېش!!!!!

UID
2286
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 08:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەرسىگە جاھاننامە ئەينىكى دىگەن ئىسىم ئارتۇق كىتىپتۇ. مىنىڭچە دىلبۇزۇر دەپ ئاتاش مۇۋاپىق!

UID
10525
يازما
440
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3650
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
222 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 13:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كۆرمەسلىك مۈمكىن ئەمەس ، تېلىۋېزور كۆرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دىگەن گەپنىڭ ئۆزى بۈگۈنكى كۈندە ئەقىلگە سىغمايدۇ  . تۇرمۇشىمىزغا  ئاللىقاچان بۆسۈپ كىرگەن بۇ خىل  نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۆزىنى تۇتېۋېلىش بىلەن ئائىلە شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە ،  چوڭلار ھەم بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى پائالىيىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش . جۈملىدىن تېلىۋېزور كۆرۈشنىڭ ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ...

UID
54084
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 19:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇشۇ تۈركىيە فىلىم قىزغىنلىقى يۇقرى كۆتۈرۈلمەكتە ،‹ھۆررەم ›دىسە كىچىك بالىلاردىن تارتىپ قېرىلارغىچە بىلمەيدىغىنى بولمىسا كېرەك .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش