- ھوقۇقى
 - 1
 - يازما
 - 178
 - نادىر
 - 0
 - جۇغلانما
 - 4923
 - تىزىملاتقان
 - 2010-8-24
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2013-9-12
  
 
 
 
- UID
 - 4979
 - يازما
 - 178
 - تېما
 - 13
 - نادىر
 - 0
 - جۇغلانما
 - 4923
 - تىزىملاتقان
 - 2010-8-24
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2013-9-12
 - توردا
 - 47 سائەت
  
 | 
 
                      ئانا تىلىم - جان تىلىم 
 
       جەنابىي ھەق ياراتقاندا تەڭ يارالغان تىلىم سەن ، 
       ھەمدە جانۇ ــ جىسمىمگە قاندەك تارالغان تىلىم سەن . 
  
       زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ ، 
       ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن . 
 
        نامىم ئۇيغۇر !!!  
                     ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە! !! 
        يارىلىشتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن !!! 
 
        ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە ،    
        كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن ! 
 
گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن ، 
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن ! 
 
سېنىڭسىز جىسمىممۇ جانسىز ، روھىممۇ مۇتلەق جانسىز ، 
سەنسىز كۈنۈم جانغا زۇلۇم ! 
                              كۈيلەيدىغان تىلم سەن ! 
 
بايرىغىم سەن ! 
            بارلىغىم سەن ! 
                     يارىغىم سەن !! 
                                  ئانامسەن !!! 
سېنى تاشلاش مۇناپىقلىق !!!      
                             قوغدايدىغان تىلىم سەن !!! 
 
تىل دېمەك ــ مىللەت دېمەك ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ ... ! 
يىمىرىلمەس بۇ ھەقىقەت ! 
                          ياشايدىغان تىلىم سەن !!!    
   
تىل دېمەك _ مىللەت دېمەك  ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ .....! 
جاننى تىكىپ قانلار كىچىپ قوغدايدىغان تىلىم سەن !!!   
 
غەيرى تىلغا خۇشتار بولماق ــ قاغا يانتاق سۆيگىنى ، 
سەن گۈلۈمسەن بۇلبۇل كەبى سايرايدىغان تىلىم سەن  ! 
 
سەن گۈزەلسەن ، سەن شىرىن سەن ، ــ خىسلىتىڭگە سۆز يەتمەس ! 
نامىڭ بىرلە تا ئەبىدى يايرايدىغان تىلىم سەن ! 
 
نەچچە مىڭ خىل تىل بىلىشتە كامالەتكە يەتسەممۇ ، 
پەخىرلىنىپ چاڭ چاڭ چاڭ چاڭ سۆزلەيدىغان تىلىم سەن ! 
 
شۇنچىۋالا قەدىرلىكسەن جاندىن ئېزىز ئانامدەك ،  
جەنابىي ھەق رىزاسىنى كۆزلەيدىغان تىلىم سەن !  
 
نىمە ئۇ گاھ ئىنگىلىزچە گاھى رۇس ۋە باشقىچە  ... ! 
تا ئەبىدى پاكلىغىڭنى ساقلايدىغان تىلىم سەن ! 
 
 
نومۇسسىزلىق ، ۋىجدانسىزلىق ئانا تىلدىن چەتنىمەك ، 
دۇنيا ئالتۇن تارتۇق قىلسا ئازمايدىغان تىلىم سەن ! 
 
ھەيرانىمەن ، ۋەيرانىمەن بىچارە نادانلارغا ، 
بۇ دۇنيادا نەدە بۇلاي ئارزۇلايدىغان تىلىم سەن ! 
 
شۇم رەزىللەر جۆيلىشىدۇ ، ــ كارغا كەلمەس ، يوق قىلىپ ، 
نى نى قىسمەت ۋە ھىكمەتلەر تولۇپ ــ تاشقان تىلىم سەن ! 
 
نىمە دىگەن ناھەقچىلىق ! ــ دەرس مۈنبىرى ساڭا تار ! 
چۈشەنسىچۇ ! ـــ مەرىپەتتە ئۇستاز بولغان تىلىم سەن ! 
 
سېنى چەكلەش ، سېنى يەكلەش ــ پىر ــ ئۇستازغا ھاقارەت ! 
نادانلىقنىڭ زەربىسىدىن ساقلايدىغان تىلم سەن  ! 
 
تارىخ ئۆلمەس ، بەلكى شاھىت ! ــ مىسلى شەرەپ - شانىڭغا ، 
ئالەمگە نۇر ، پاسىۋان بوپ داڭ چىقارغان تىلىم سەن ! 
 
ــ ئەۋۋەلى ئىڭڭە بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ، 
ئىنسانچە ياشاش يۇلىنى خىتاپ قىلغان تىلىم سەن ! 
 
سەن بىلەن ئىلىم ــ بىلىمدە دىلى يۇرۇپ ئالەمچە ، 
قانچىلاپ ئالىم ، زىيالى داۋان ئاشقان تىلىم سەن ! 
 
ئەنە مەھمۇت ، يۇسۇپ ھەمدە لۇتفى ناۋايى ، ... لارنىڭ ، 
كىتابىغا جان ، گۈزەللىك بېغىشلىغان تىلىم سەن  ! 
 
مۇندا گۇننار يارىڭ ( شۋىت ) ، گابائىن خان ( نېمىس ) مۇ ، 
ھەيران بولۇپ ھىكمىتىڭدىن ئالقىشلىغان تىلىم سەن ! 
 
تېخى گابائىن ساڭا زەپ ئاشىقلىقتا ، خوشلۇقتا ، 
ئۆمۈر بۇيى ساڭا ئاتاپ كىتاپ يازغان تىلىم سەن ! 
 
بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلاپ بىرلا ساڭا ، 
توي قىلماستىن كۆز يۇمۇشقا ئىلھام بولغان تىلىم سەن ! 
 
شۇنداق، ئالىم سېنى سۆزلەر ، تارىخ بىلگەن نوچىمۇ ! 
كۈيلىمەككە ، سۆزلىمەككە زەپ ياراشقان تىلىم سەن ! 
 
                   بۇ ھەقىقەت ! ــ بىلگەن بىلۈر قەدىرىڭنى جان تىلىم ! 
                   بىلمىگەن شۇم نائەھلىلەر تۆھمەت قىلغان تىلىم سەن ! 
 
                   ۋەلىكىن كارۋان كېتىدۇ ، ئىتلار قاۋاپ قالىدۇ ، 
                   ئىلىم سۆيگەن ھەقىقەتچى ھۆرمەت قىلغان تىلم سەن ! 
 
                   چۈشەنگەچ مەن بۇ مۇبارەك قىسمىتىڭنى جان تىلىم ، 
                   بۇرچۇم بىلىپ تۇنۇتۇشنى قەلەم ئالغان تىلىم سەن . 
 
                    شۇڭىمۇ يىل ئاشتى ئوندىن  يىراق قىرلاردا ھامان ، 
                    قىنالساممۇ بۇشاشمىدىم ، ئوتنى سالغان تىلىم سەن . 
 
                    ــ  ئوتقا مەپتۇندۇر سەمەندەر ، لاۋا ئوت بەختىدۇر ھەيھات ! 
                    شۇنچە تارتتىڭ مىھرىمنى سەن ! 
                                                     ياشنايدىغان تىلىم سەن ! 
                    ياشا ! 
                          ياشا !! 
                               مىڭلاپ ياشا !!! 
                                            پاياندازىڭ مەن سېنىڭ ! 
                   كۆزۈمنىڭ گەۋھىرى كەبى ئاسرايدىغان تىلىم سەن ! 
 
                   بۇ ئاللاھىم بېغىشلغان پاك ئەقىدەم ، ۋەزىپەم ، 
                    زەررىچىلىك تەتۈر باقسام بولمايدىغان تىلم سەن . 
 
                   يازىمەن شۇڭا كىتابىم ، ۋەلىكىن كۆپ خىجىلمەن ، 
                   تەسۋىرىڭنى مىڭ يىل يازسا پۈتمەيدىغان تىلىم سەن ! 
 
                   خەيرىيەت ، كۆپ سۆيۈنۈشتىن تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى ، 
                   شۇڭا جاننى مەرت ــ مەردانە پىدا قىلغان تىلىم سەن . 
                   
 كۆرۈپ باققاي ئېزىز خەلقىم ، ئىلھامىمۇ بوپ قالار ، 
 شۇ ئارماندا ئاللاھقا كۆپ نىدا قىلغان تىلىم سەن . 
 
 سېنى شۇنچە سۆيىمەن ئەي ئانا تىلىم جان تىلىم ! 
 سۆيگۈ گۈلزارىدا بۇلبۇل خەندان ئۇرغان تىلىم سەن !!!    
 
                  تۈركىيە ـــ ئىستانبۇل      2007 . 2 . 11 
 
 |   
 
  
 |