كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 9

رومال(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2678
يازما
43
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1153
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-4
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 13:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رومال
(ھېكايە)
چوكان تېگى ئاق،ئانار گۈلى چۈشۈرۈلگەن رومىلىنى ئارتىپ،ئەينەك ئالدىغا كەلدى.بۈگۈن ئۇنىڭ مەرھۇم ئېرى بىلەن توي قىلغان خاتىرە كۈنى ئىدى.نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سۇلغۇنلىشىپ كەتكەن چىرايى گۈلنىڭ بەرگىدەك جۇلالىنىپ كەتكەندى.بۈگۈن ئۇ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان بۇ تەۋەرۇك،ئايامچىلىق رومىلىنى ئارتىپ ئىشقا بېرىشنى ئويلىغاندى. ئۇنىڭ نۇرغۇن روماللىرى بار بولسىمۇ، ئۇ بۇ رومىلىنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى.ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە بۇ رومال ئۇنىڭغا بەك يارىشاتتى.ھەر قېتىم بېشىغا ئارتقىنىدا  يېڭى-يېڭى تۇيغۇلارغا چۈمەتتى.نۇرغۇن دوستلىرى تالاشقان بولسىمۇ،ئۇ بەرمىگەندى.چۈنكى بۇ رومالىنى رەھمەتلىك يولدىشى توي قىلغان يىلى قۇربان ھېيتتا ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ئىدى...
چوكان موشۇ كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى.بۈگۈن ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى خۈنۈكلىشىپ كەتكەندى.ئۇ كېچىچە مەرھۇم ئېرىنى چۈشەپ چىققاندى.ئېرى كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەندىن بېرى ئۇ ھەر بىر كۈنىنى ئېرى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى.مانا ھازىرمۇ ئېرى ئېلىپ بەرگەن، ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان بۇ ئانار گۈللۈك رومالنى ھىدلاپ ئولتۇراتتى...
چوكان رومالنى ئاۋايلاپ چىگىۋالغاندىن كېيىن،ناشتىلىق تەييارلاشقا تۇتۇندى.ئىككى ئوغلى تېخى ئورنىدىن تۇرمىغاندى.چوكان كۆز جىيەكلىرىدە لىغىرلاپ تۇرغان ياشلارنى قولى بىلەن سۈرتىۋىتىپ،باللىرىنى ئويغاتتى.ئۇ باللىرىغا كۆز ياشلىرىنى ئەزەلدىن كۆرسىتىپ باقمىغاندى.
چوكان باللىرىنىڭ چېيىنى ئىچۈرۈپ بولۇپ،ئۇلارنى قېينىئانىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويدى.ئاندىن مەكتەپكە ماڭدى.سەھەرنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ يېقىملىق بولغاچقا،ئۇنىڭ كەيپىمۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندى.بىراق دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى.
-باشياغلىقىڭىزنى ئېلىۋەتمىسىڭىز،مەكتەپكە كىرىشكە بولمايدۇ،-دېدى ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ.
-چاقچاق قىلماڭ...
-چاقچاق ئەمەس،بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى.
-مەن ئەجەپ ئاڭلىماپتىمەنغۇ؟
-ئاڭلىمىغان بولسىڭىز،بۇ مېنڭ سەۋەنلىكىم ئەمەس،مۇدىر شۇنداق ئورۇنلاشتۇردى، بۈگۈندىن باشلاپ،ساقال-بۇرۇتلۇقلار بىلەن روماللىقلارنىڭ مەكتەپ قوراسى ئىچىگە كىرىشىگە بولمايدۇ.«مەكتەپلەردىكى ئۈچ بولماسلىق»نى سىياسى ئۈگىنىشتە ئۈگەنگەنسىز...
-ئۇغۇ شۇ،بىراق رومال دىگەن دىننىي تۈس ئالغان كىيىم ئەمەس،ياغلىق ئارتىش دىگەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت تۇرسا...
-مېنى خىجىل قىلمىسىڭىز،خانىم...
چوكان ئۇنىڭ بىلەن يەنە زاكۇنلىشىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى.مودىر شۇنداق دىگەن بولسا بۇنىڭغىمۇ ئامال يوق ئىدى.بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ چوكان ئىلگىرى باشقا يۇرتلاردا شۇنداق ئىشلار باركەن دەپ ئاڭلىغاندى،ئەمما ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغاندى.ئۇ رومالنى ئېلىۋىتەي دىدىيۇ،ئېرىگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدى.شۇ ئارىدا يەنە بىر نەچچە مۇئەللىمە دەرۋازا ئالدىغا كەلدى. ھىچكىشى چوكان بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ جىدىلىگە ئارلىشىشنى خالىمىدى بولغاي، ئاڭلىق ھالدا روماللىرىنى ئېلىۋىتىپ، مەكتەپكە كىرىپ كېتىشتى.
چوكان نىمە قىلارىنى بىلەلمەي دەرۋازا ئالدىدا خېلىغىچە تۇرۇپ قالدى.ئاخىرى مۇدىرنىڭ ئۆزىگە تىلفۇن قىلدى:
-مۇدىر،تىچلىقمۇ؟مەن ماھىرە.
-تىچلىق،تىچلىق،رۇخسەت سورماقچى بولسىڭىز،بولدى،دىمەڭ، بۈگۈن تەكشۈرۈش كېلىدۇ،ھىچكىمگە رۇخسەت يوق.
-خاتاچۈشەنمەڭ،مەن رۇخسەت سورىماقچى ئەمەس،ئامانلىق ساقلىغۇچى مېنى مەكتەپكە كىرگۈزمەيۋاتىدۇ،شۇڭا...
-ياغلىق ئارتىپ كەلگەنما؟
-ھەئە.
-ئەمىسە ئېلىۋىتىپ كىرىڭ.
-ئالسام بولمايتتى.
-نېمىشقا؟
-يېقىندىن بېرى سالامەتلگىم ياخشى ئەمەس بولغاچقىمىكىن، چاچلىرىم كىپەكلىشىپ...
-ھىچقىسى يوق،چاچتا كىپەك بولۇش نۇرمال ئىش.
-ياغلىق بىلەن كىرىشمۇ نۇرمال ئىشقۇ؟
-بۈگۈن تەكشۈرۈش كېلىدۇ دىدىمغۇ،خان!
-كەلسە نىمە بوپتۇ،بۇ يا قانۇنسىزلىق بولمىسا.
-قانۇننى سىز تۈزگەنما؟
-قانۇن تۈزىدىغان ھوقۇقنىڭ ھەر ئىككىمىزدە يوقلىقىنى بىلىمەن.ئەمما مەن قانۇننى ئوقۇغان.بىزنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيمىزنىڭ مىللىي سېياسەتلىرىدە رومال ئارتىشنى چەكلەيدىغان ماددا ۋە مەزمۇنلاريوق.ئەكسىچە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ  مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە  قانۇنى »ۋە جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللىي سېياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇن ئالدىدا باپ-باراۋەر ئىكەنلىكى،مىللەتنىڭ چوڭ-كىچىك يۇقۇرى-تۆۋەن دەپ ئايرىلمايدىغانلىقى،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش،مىللىي ئۆرىپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش،راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى،ئۇنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ھەرقانداق ۋاستە بېلەن چەكلەش ۋە بوغۇشىغا بولمايدىغانلىقى  قانۇنلاشقان ماددىلار بويىچە ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.
-ماڭا تولا دەرس ئۆتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ،خان.بۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۈزىمى،پىكىرىڭىز بولسا ئەرىز قىلسىڭىز بولىدۇ...
مۇدىر شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويىۋەتتى.چوكان بىردىنلا ئۆزىنى بىچارە ھېس قىلدى.ئۇنىڭ قېشىدا نە ئېرى،نە بىرەر قوغۇغۇچىسى يوق ئىدى.نېمىدىگەن بىچارە...رومالنى ئارتىش-ئارتماسلىق بىر ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن،ئەمما چوكان ئۈچۈن بۈگۈن ئوخشىمايدىغان كۈن ئىدى.
چوكان يا مەكتەپكە كىرەلمەي،يا ئارقىسىغا يېنىپ ئۆيىگە كېتەلمەي بەكمۇ تەڭقىسلىقتا قالغاندى.مۇدىرنىڭ دىگىنى بويىچە قىلاي دىسە،ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتى...
چوكان بىردىنلا ئەقىل تاپقاندەك بولدى.مۇدىر باياتىن رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىمۇ؟چوكان ئۇلارنىڭ كېلىشىنى ساقلىشى،مۇدىرنىڭ بۇ خىل يولسىز تۈزىمى ئۈستىدىن ئۇلارغا شىكايەت قىلىشى كېرەك!...
چوكان ھالسىرغان كۆزلرى بىلەن ئۆرلەۋاتقان قوياشقا تىكىلىپ قارىدى.سەھەر قۇياشى ئۆتكۈر نۇرلىرىنى كەڭ تەبئەتكە سېخىلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى.
(تۈگىدى)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1049
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35011
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
115 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەتىجىسى قانداق بولار دەپ ئويلىنىپ قالدىم. چېچىنى ئېلىڭلار دىسە بېشىنى ئېلىپ كېلىدىغان زاماننىڭ قەدىمىدىن ئورپ-ئادەتلىرىمىز ھالسىراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇرۇن قانۇننى ئۆزىمىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۈگەنگەن بولساق ئەمدى باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ دانىمۇ-دانە سۆزلىيەلەيدىغان، تىك تۇرالايدىغان،قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغدىيالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ئۈگىنىمىز .

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
53169
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:24:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ دولەت سىياسىتىمىز شۇنداق ياخشى.لىكىن بۇ سىياسەت مۇشۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا كەلگەندە كۇچى
يوق. (رومال) .ئەزەلدىنلا بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باش كىيمى.لىكىن نىمە ئۇچۇن رومال ئارتساڭ بولمايدۇ،ساقال
قويساڭ بولمايدۇ دەيدۇ. خەلىق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى كۇرمەن.ھەر قايسى مىللەتلەر ئوزلىرنىڭ ئورپ-ئادەتكە خاس كىيملىرنى كىيىپ باردىكەن.لىكىن بىزنىڭ مىللەتلىرمىز ئۇزمىزنىڭ مىللى كىيملىرمىزنى كەيمەيدۇ.ياكى
كەيمەيسەن دەمدۇ يا.بىز ئەمدى ئوز كىيىم-كىچەكلىرمىزغا ئىگە بۇلالماسمىزمۇ.بۇ كىينىشمىز قانۇننىڭ نەرگە
ئۇيغۇن كەلمەيدىغاندۇ.بۇ ساقال بىزنىڭ كوڭلىمىز خالاپ قۇيدغان ساقال.سىلەر نىمە ئۇچۇن رومال ئارتمايسەن
ساقال قويمايسەن دەيسىلەر.سىلەرگە يا مەركەز شۇنداق دەپ بۇيرۇق چۇشۇرگەنمۇ؟ بۇ سۇئالغا قايسى مەمۇرى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىپ باقىدۇ قېنى؟

UID
53722
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە دەل ھازىرقى جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم سىياسەتلەرنى ئېچىپ بېرىپتۇ، شىمال تەرەپلەردە قانداق بۇنى بىلمەيمەن. بىراق جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ خىل ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك بوپ كەتتى. گەرچە قانۇنۇنىمىزدا ياغلىق ئارتمىسۇن دەيدىغان بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، بۇ ھازىر مۇھىم سىياسەت بوپ قالدى. ھېلىغۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەركەن ، ئادەتتىكى خەلقنىڭمۇ ياغلىق ئارتىپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ،  بۇنىڭغا بىزمۇ ئامالسىز.

UID
53739
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 17:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىمالغىمۇ يېتىپ كەلدى بۇ شامال.مەنمۇ بۇ شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچىردىم

UID
54205
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-2-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:13:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يات مىللەتلەر نىمىشقا رومال ئارتىدىغىنىمىزنى چۇشەنمىسۇن ،ئەجىبا ئۆز مىللىتىمىز ، قېرىندىشىمىزمۇ چۇشەنمەسمۇ ،نىمە ئۇچۇن شۇنداق قىلىدىكىن ،ئەجىبا رومال ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزەمدىغاندۇ.

UID
2947
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
283
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە مۇددەتتىن سەل بۇرۇن ئاياقلىشىپ قالدىمۇ -قانداق؟

UID
43136
يازما
89
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
89
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېلىليۈزى يوللىغان ۋاقتى  2013-7-29 17:15
شىمالغىمۇ يېتىپ كەلدى بۇ شامال.مەنمۇ بۇ شامالنىڭ تەسىر ...

بەلكىم مىللىتىمزدىن چىققان بىر قىسىم سۇخەبچىلەر بار  شۇلارغا  ياغلىق ئارتىپ ياكى  باشكىيمى كىيىپ بارسا   مەتۇ -سەھرا چىراي كۇرسىتىپ قۇيدىغان ئوخشايدۇ خۇددى ئۇلارنىڭ ئانىسى مومىسى  چەگمىگەن ھەم ئۇلار بۇندىن بۇرۇن كۆرۇپ باقمىغان نەرسىدەك يەكلەپ -چەكلەپ  مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۇپ ئادەتلىرىنىمۇ تاس قالىدۇ  بىراقلام يوق قىلۋەتكىلى .دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن پەرمانلىرىدا  ئىنىق باركەن بىزمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ بىر قانۇنلۇق پۇخراسى تۇرساق كومنىستىك پارتىينىڭ ھەر ھەر  پارتىيە ئىنتىزام تەكشۇرۇشلىرىمۇ باردۇر .
نىمىشقا  شۇنداق  قانۇننى كۆزگە ئىلمىغان بىر قىسىم چىرىك ئەمەلدارلىنى يوقاتمايدۇ ئۇلار تۇزىنى يەپ تۇزلىقىغا سىيىپ يۇرسە  پارتىيە ھۆكىمەتتىن ئايدا بىر تالاي مۇئاش ئىلىپ ئۇنىڭغا تويماي يەنە پارە  ئىلىپ يۇرىيدىكەن  
ئەسلى پارتىيمىز قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالىسا بولاتتى. لىكىن بىزنىڭ بۇنداق كىچىك يەلەرگە پارتىيمىزنىڭ ئىنتىزام تەكشۇرۇشلىرىمۇ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ .  

UID
53888
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 14:50:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىسىدىن ئوتمەيدىغان ،چۇشەندۇرۇپ بېرەلمەيدىغان ئىشلار بەك كۆپ،پۇخرالارنىڭمۇ ئۆز خاھىشى بۇيچە ئىش قىلمىغى بەك تەس بۇۇپ كەتتى.قايسى كۇنى بىر ئايال ئىسىقتا ماسكا تاقاپ ،ياغلىق چىگىپ مېڭىپتىكەن ،شۇنىمۇ ئالغۇزىۋىتىپتۇ،ھز قالدۇق تەرەتكىمۇ بۇيرۇق بىلەن بارغىلى!

UID
52504
يازما
15
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏ئەسلى  تۈزۇلگەن قانۇن توغرا بۇنىڭدا ھەر مىللەتنىڭ ئۆرپە ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنغان ، لىكىن گەپ بۇنى ئىجرا قىلغۇچى بىزنىڭ مىللەتتىن بولغان  ئۆز مىللىتىدىن نۇمۇس قىلىدىغان ئىقتىدارسىز زەيپانەك باشلىقتا، مەنە مەسىلە  مۇشۇلاردا يۇرتىمىزغا 1949-يىلى ھۆكۈمىتىمىز كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ساقىلى بار،ئاياللىرىنىڭ  ياغلىقى بارلىقىنى كۆرگەن  بۇنى بىلىدۇ. شۇڭا ماۋزىدۇڭ بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ ئۆرپە ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىنى قانۇنغا ئالاھىدە بىر باپ قىلىپ كىرگۇزگەن، بۇنىڭدا گەپ يوق، ما بىزگە ۋەكىل بۆلۇپ ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان .شەكلىۋاز قاپاق باش قانۇننى بىلمەيدىغان.ھوقۇقنى پۇلغا سېتىۋالغان.ئىقتىدارسىز  باشلىقلار بۇ ئىشنى مۇشۇ ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى، ھازىرقى خەنزۇ كادىرلارنىڭمۇ قانۇن ئېڭى يوق دىيەرلىك بولغاچقا بۇلامۇ قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېسىم بىلەن يەرلىك سىياسەت چىقىرىدۇ.. بۇنىڭغا بىزدىن بولغان  ئىقتىدارسىز قانۇندىن خەۋەرىيۇق جانباقار ۋەكىللىرىمىز خۆپ بىگەىم دەپ ئىجرا قىلىۋەرگەندىكىن ھالىمىز مۇشۇ كۈنگە قالدى، ما خوتەندىكى دىھقانلارنىڭ قانۇن توغرىسىدا بىر يۇمۇرلۇق بىر تەمسىلىسى سۆزى باركەن بو مۇنداق
‏(( بېيجىندىن كەلدى بىر پاي ئۆق، ئۇرۇمچىگە كەلدى يېرىمى بار يېرىمى يوق، خوتەنگە كەلدى بىر تاغا پۆق،))  دەيدىكەن،  بۇ گەپنىڭ مەنىسى، بىزگە مەركەزدىن تۇزگەن قانۇنلارنى تولۇق ئىۋەتىدۇ. ئەمما ئۇرۇمچىگە كەلگۇچە يېرىمى يوق يېرىمى كىلىدۇ. خوتەنگە كەلگەۇچە قانۇننىڭ ھېچ يېرى يۇق ، بىر تاغا  خاتا سىياسەتنىڭ پوقى كىلىدۇ. دەپ زارلانىپ سۆزلەپ بەردى بۇنى بىر ئۆيلىنىشقا تىگىشلىك ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش