ئامرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ گېزەكلەر يىغىلىشى
ئەخمەت ۋاھىدى
مەن بۇيىل 13-ئىيۇل كۈنى خۇتۇن - بالىلىرم بىلەن بىللە ئامرىكىنىڭ بالتىمور شەھرىدە سەيلى - ساياھەتتە بۇلىۋېتىپ ھەيران قالارلىق مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم. مەن بۇ پۇرت شەھرىنىڭ پاراخۇت- كىمىلەر تەرەپ - تەرەپكە قاتناپ، دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مىغىلغداپ يۈرگەن ئەڭ ئاۋات كۇچىسىغا كەلگەندە، سول تەرىپىمدىكى ھەيۋەتلىك بىر رېستۇراننىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بىر توپ قارا تەنلىك ئەر ئاياللارنىڭ ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسول ئويناپ كۈڭۈل ئېچىۋاتقىنى كۈرۈندى. ئوڭ تەرىپىمدىكى گۈل گىياھلار ئارىسىدىكى كىچىكرەك بىر مەيداندا، بىر توپ ياش - ئۆسمۈرلەر چىرايلىق بىر رىياسەتچى قىزنىڭ ئەتراپىدا بىر بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئوينىۋاتاتتى. ئۇدۇل تەرىپىمدە بولسا، بىر قانچە مۇخپىرلار تلىكامىرالىرىنى كۆتىرىشىپ ھىلىق بالىلارنىڭ خىلمۇ-خىل ھەركەتلىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى. بىردەمدىلا بۇ بالىلارنى نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەر ھالقا شەكىلدە ئورىۋېلىشتى. بەزىلەر بالىلارنى قۇچاقلاپ سۈيۈپ ئەكىلەتسە، بەزىلەر بۇيۇنلىرىغا مىندۈرۈپ ، سۈرەتگە چۈشىۋاتاتتى. مىنى بەك ھەيران قالدۇرۋاتقىنى ھەر ئۈچ بالا ئوخشاش رەڭلىك كىيىنىپ ، قول تۇتۇشۇپ ئوينىۋاتاتتى. بۇ بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرى 15 ياشلاردا، ئەڭ كىچىكى ئەمدىلەتتىن ئايىقى چىقىپ دەلدەڭشىپ مېڭىۋاتقان ئىدى. مەن تىل بىلمىگەنلىكىمدىن، بالىلار كۆتۈرۋالغان ۋىۋىسكىنىڭ خەتلىرىنى تۇنۇيالماي، بۇ پائالىيەتنىڭ زادى نىمە پائالىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، مەن بالامنى چاقىرىپ ، .ئولار كۆتۈرۋالغان ۋىۋىسكىنىڭ خېتىنى ئۇقۇتتۇم. ئىگىلىشىمچە، بۇ بېر قىېتىملىق دۇنيا بۇيىچە ئۈچ گېزەكلەرنىڭ ئامرىكىغا جەم بۇلۇپ، بىر بىرىنى تەبرىكلىشى ئىكەن. مەن ئىلگىرىدىن ئىلگىرى قوش گېزەكلەرنى كۈرەتتىم. ھازىر ئالدىمدىكىلىرى بولسا، ئۈچ گېزەكلەر ئىدى. بۇ ئۈچ گېزەكلەر ئۈزلىرىنىڭ تىلىدا ناخشا ئېيتىشاتتى. ئۈزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىزىقارلىق ئىشلارنى ھىكايە قىلىشاتتى. بۇ 40 جۇپ ئۈچ گېزەككەر ئىككى سائەتتەك پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن كىيىن قاتار تىزلىشىپ، كوللىكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. مەنمۇ شۇ چاغدا، بۇ دۇنياۋى ئەھمىيەتلىك كۈرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.
2013-يىلى 25-ئىيۇل، ئامرىكا ، بالتىمور شەھرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 11:54
|