كۆرۈش: 258|ئىنكاس: 8

كېسىۋەتمە ئۆرۈم چېچىڭنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53925
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 21:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېسىۋەتمە ئۆرۈم چېچىڭنڭى
(ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئىلتىجا)
روزى سايىت
روزى سايىت (1944- 2001) ، خوتەننىڭ  گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان . «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى » ، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن » ، «مەرھابا » ، «پاھ ، دېھقان ھەيكىلى » ، «روزى سايىت شېئىرلىرىدىن » (ئىككى توم) قاتارلىق نۇرغۇن شېئىر ۋە داستانلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان .
ئۇيغۇر قىزى ، چېھرىڭدىن نۇر تارايدۇ ،
گۈزەللىكىڭ ئاشىقلارغا يارايدۇ ،
يۈزۈڭنى ئاي ، كۆزۈڭنى كۈن مارايدۇ ،
ھەممە ساڭا ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !

بەستى بويۇڭ ئوخشايدۇ ئۇز ئارچىغا ،
لېۋىڭ غۇنچە ، قاڭشىرىڭ تۇز ناچىغا ،
چېچىڭ بىلسەڭ جان بېغىشلار بارچىغا ،
يات ھەۋەستە قول ئۇزارتما قايچىغا ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !

ئەركىگە قوي ، چېچىڭ بەلدە سويلىسۇن ،
شەيدا كۆزلەر قاراپ – قاراپ تويمىسۇن ،
تاڭ سەلكىنى ، ئۇنى تاراپ ئوينىسۇن ،
كۆز تەگمىسۇن ، بىزنە دەرتتە قويمىسۇن ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !

چاچ ئەمەس ئۇ ، باشتىكى تاج زىننىتىڭ ،
ئۇ غورۇرۇڭ ، ئەسلىي قەدىر قىممىتىڭ ،
ئۇ بايلىقىڭ ، چېۋەرلىكىڭ ، ھىممىتىڭ ،
ئاسرا ئۇنى ، پەخىرلەنسۇن مىللىتىڭ ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !

يارىشىملىق ، بەلەن چاچقا قەست قىلما ،
ئۇنى كېسىپ ، قىممىتىنى پەس قىلما ،
يىگىتلەرنى مەيۈس ، خامۇش – مەست قىلما ،
مودا قوغلاپ ، ئالتۇننى خار خەس قىلما ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !

باغققا قارا ، چاتقالمۇ بار ، رەنا بار ،
ئەلگە قارا ، غاپىلمۇ بار ، دانا بار ،
چاچقۇ شەكىل ، شەكىلدىمۇ مەنا بار ،
ئېيت ، قايەردە سەندەك زىبا بەرنا بار ؟
كەسمە ،  بەرنا ، ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-29 00:19  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53925
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 00:03:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
44014
يازما
175
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
175
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 23:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ماۋزۇسىدا ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن،تىزدىن ئوشىۋېلىڭ:

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-28 23:44):
ئاپلا مەنمۇ خاتا يېزىپ قۇيۇپتىمەن،،ئۆزرىلىكمەن

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-28 23:45):
ئوڭشىۋېلىڭ، دەپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

UID
53925
يازما
16
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 00:01:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئىتتىكلا يېزىپ خاتا يېزىپتىمە، يا تەھرىرلىگەن ئادەم ئوڭشىماپتۇ، مەن قانداق ئوڭشاشنى بىلمىدىم!

UID
48034
يازما
65
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 13:02:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شىئىركەن ، مودا قوغلىشىپ ئۇزۇن چاچلىرىنى كىسىۋاتقان قىزلارغا تەۋسىيە بولغۇدەك . يەنە مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز .

باھا سۆز

wonla  رەھمەت تىرىشىمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 13:04:49

UID
49888
يازما
38
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2013-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 15:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا   ياخشى   تېما   يوللاپسىز   ئەجرىڭزگە     تەشەككۇر   پايدىلىق  قىممىتى  يۇقىرى   كەن  

UID
17644
يازما
171
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
171
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچكىم چاچ كەسمەستە ىۆيمۇ-ىۆي كىرىپ تەشۋىق قىلىدىغان ىىشكەنتۇق، بۇ شىىېرنى. ىەمدى قانداق بولاركىن بۇ شىىېرنىڭ ىۈنۈمى؟؟؟؟؟

UID
43136
يازما
94
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurzuwan يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 14:29
ھىچكىم چاچ كەسمەستە ىۆيمۇ-ىۆي كىرىپ تەشۋىق قىلىدىغان ى ...

ياخشى بولدۇ قىرىندىشىم ئۇيغۇر مىللتىمىزدىكى بەزەن بىر قىسىم كىشلەر  شۇنچە پەندى نەسىھەت قىلسىڭىزمۇ ئاڭلىماي  ئاقىۋەتتە يەنىلا شۇ كونىلارنىڭ دىگىنى راسكەن دەيدۇ ئەمما كىچىكىپ ھىس قىلدۇ،
90-يىللىرى كالتە چاچ  مودىتى كىيىن يەنە  ئەسلىگە كەلدى 2000-يىلدىن  كىيىنلام بۇدۇر چاچ ،سىرىق چاچ ،قىزىل چاچ ،يېشىل چاچ ، قاتارلىق بىر قاتار چاچلار چىققىلى تۇردى مەيدانغا ھازىر ئاياللار چاچنىڭ رەڭگىنى ئەمەس پاسونىنى تاللايدىغان بولۇپ كەتتى  كوريەچە ،ياۋرۇپاچە  ،خەنزۇچە،ئىتالىيانچە  دەپ نەچچە  تۇرگە بۆلنىدۇ  ،ئەمما مۇشۇ سەتىراچلىمۇ  ئۇيغۇرچە دەپ قىرىق ئۆردىغان بۇدىرە قىلمايدىغان  مايمۇننىڭ قۇيرىقىدەك دىڭگايتمايدىغان مىللىتىمىزگە لايىق چاچ پاسونىنى ئىجات قىلسا بولمامدۇ دەيمەن  

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-5 15:58):
تاس قالدۇ چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇپ خەلقارالىق  مۇسابىلەردە  تۆمۈر مىدال

UID
43136
يازما
94
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاس قالدۇ بولمىسا  خەلقارالىق مۇسابىقىلەردە تۆمۈر مىدال ئىلىپ شەرەپ بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ خەلقىمىز خانىم -قىزلىرىنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ يانجۇقىدىكى بىقىنغا ئۈسسىگەن پۇلارنى ئاز ئالماي كۆپ-كۆپ ئىلىپ مۇلازىمەت قىلۋاتقان تالانتلىق ياش ماھىر ئۇستام xxxxxx   .
شاگېر تەربىلەيمىز پۇلغا دىگەندەك نەچچە خېل تېخنىكىلارنىڭ ئىگىسى بار دىيارىمىزدا   بۇدا يىڭىدىن مودا دەپ بىر ئىتوت چىقىپ تىكەن كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلمەن   

باھا سۆز

wonla  ئاشۇ ئېتوتنىڭ ئادىرىسىنى يوللاپ قۇيماپسىزغۇ؟  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:00
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش