كۆرۈش: 521|ئىنكاس: 2

بەخت نەدە، كەلگۈسى نەدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22356
يازما
203
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
203
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-24
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 03:54:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەخت نەدە؟ كەلگۈسى نەدە؟



بەي يەنسۇڭ

ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
1
كىشىلەر ئارىسىدا كېتىۋاتقىنىمدا ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ قول بېغىشىغا قاراپ بېقىشقا ئادەتلەنگەنمەن، گويا ئۇ يەردە ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئىچكى سىرى يوشۇرۇنغاندەك. بارغانسېرى نۇرغۇن كىشىلەر ئەر ياكى ئايال بولىشىدىن قەتئىنەزەر بېغىشىغا بىلەكباغ تاقىۋالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا كۆرسە يەنە نۇرغۇن كىشى ئۇنى بەخت ۋە ئەمىنلىك تېلەشنىڭ بەلگىسى قىلىدۇ. دېمەك، بۇ بىلەكباغلار زىننەت بۇيۇمى بىلەن ئېتىقاتنىڭ ئارىلىقىدا تۇرىدۇ، يا ئوڭ، يا سول دېگەندەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېتىقاد زادى قانداق ئېتىقاد ياكى تەسەللى ئىزدەشتۇ؟ يەنە ياكى ئىچكى دۇنيادىكى قانداق بىر قورقۇنچ ۋە ئىزتىراپتۇ؟
2
  2006-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى، 301- دوختۇرخانىدىكى جى شيەنلىن ئەپەندىنى يوقلاپ باردىم. مەن يېتىپ بارغان ۋاقىت چۈشتىن بۇرۇن ئىدى، ئورنىدىن خېلى بۇرۇنلا تۇرغان جى مويسىپىت ئاللىبۇرۇنلا ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىۋەتكەن ئىكەن. ئۇ خېلى بۇرۇنلا نەشىر قىلىنغان «بۇددا دىنىدىكى 15پەرھىز»نى تۈزۈتىۋېتىپتۇ.
  ـ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا مەندە يەنە يېڭى چۈشەنچە ھاسىل بولدى،- دېدى ئۇ.
- سىز بۇتقا ئىشىنەمسىز؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
- ئەگەر ئىشىنىش دېيىلسە تېخى ئۇ دەرىجىگە بارمىدىم، بىراق بۇددا دىنىغا مايىل ئىكەنلىگىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئېھتىمال بىزنىڭ نۇرغۇن جۇڭگۇلۇقلار مۇشۇنداقتۇ،- دېدى جى مويسىپىت جاۋابەن.
  مەن بۇنىڭدىن ئەجەپلەندىم: تېز سۈرئەتتە ئالغا بېسىۋاتقان جۇڭگولۇقلار كەلگۈسىدە نېمە بىلەن قەلبىگە تەسەللى تاپىدىغاندۇ؟
  جى مويسىپىت ماڭا بىر تەپسىلاتنى سۆزلەپ بەردى. بىر كۈنى، بىر رەھبەر ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ، ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسى يەنىلا ئىچكى دۇنيا مەسىلىلىرى ئۈستىدە بوپتۇ. ئۇ رەھبەر جى مويسىپىتتىن شۇنداق سوراپتۇ:
  - ئىزم بىلەن دىننىڭ ئىچىدە قايسىسى ئاۋال كىشىلەر ئارىسىدىن يوقىلىدۇ؟
  ئۇ چوڭ رەھبەر ئالدىدا جى مويسىپىت ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا شۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
  - ئەگەر كىشىلەر بىر كۈنى ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى ھەل قىلالمايدىكەن، ئۇنداقتا ئىزم ئاۋال يوقىلىدۇ، بەلكى بالدۇرلا.
3
  يەنە بىر كۈنى لياڭ شىنشۈ ئەپەندىنىڭ « بۇ دۇنيا ياخشى بولۇپ كېتەلەمدۇ؟» دېگەن كىتابىنى ۋاراقلاپ قالدىم. خاتىمىسىنى ئوقۇۋاتقىنىمدا، لياڭ ئەپەندىنىڭ بىر ئابزاس سۆزى تۇساتتىن قەلبىمنى تىترەتتى.
  لياڭ مويسىپىتنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەت 3چوڭ مەسىلىگە دۇچ كەپتۇ. تەرتىۋى تۆۋەندىكىدەك:
  ئەڭ ئاۋال ئادەم بىلەن ماددىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك، ئۇندىن كېيىن ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئادەم بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك.
  ئەگەر تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلانساق، ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ 3 مەسىلىگە قانداق جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك؟
  جۇڭگونىڭ 30يىلدىن كۆپرەك ئىسلاھاتىدا، ئەڭ دەسلەپكى 20يىلدا بەكرەك ماددىيلىقنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ھاللىقلىققا يۈرۈش قىلىش، قورساق توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئىككى قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ مەۋجۇتلۇق تەلىۋىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق، شۇنداقلا ھەر بىر ئادەممۇ بەختنى ماددىيلىقنىڭ كەلگۈسىگە باغلىدى.
ماددىيلىق سەۋىيىسىنىڭ نىشانى ئۈزلۈكسىز رىئاللىققا ئايلاندى. بىراق، جۇڭگۇلۇقلار شۇنىمۇ بايقىدىكى، بەخت ماددىيلىق بىلەن ئەگىشىپ كەلمىدى. كىشىلەر ئارىسىدا نارازىلىق سادالىرى تولۇپ كەتتى. يۇقۇرى خاتىرجەم بولالمىدى، تۆۋەننىڭ غەلۋىسىدىن قورقۇپ؛ تۆۋەنمۇ خاتىرجەم بولالمىدى، يۇقۇرىنىڭ ھەمىشە چوڭ ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپ پۇقرالارنىڭ ھال- كۈنى بىلەن كارى بولماسلىقىدىن قورقۇپ؛ باي خاتىرجەم بولالمىدى، بايلىقىنىڭ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرىلىشىدىن قورقۇپ؛ كەمبەغەلمۇ خاتىرجەم بولالمىدى، ئۆزى بىلەن بالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋالنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ.
  ئەمدىلىكتە، ئىناق جەمئىيەتنىڭ نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ كىشىلەرگە بەختكە يېقىنلاپ قېلىۋاتقاندەك كۆرۈندى. لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىرلا ۋاقىتتا، تېخىمۇ چوڭ بىر تۇسالغۇمۇ ئەگىشىپ كەلدى.
  1مىليارت 300مىليون نوپۇسى بار بۇ دۆلەتتە ئۆزىمىز بىلەن ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى مەسىلىنى زادى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ خەلقىمىزنىڭ يادرولۇق كۆز قارىشى زادى نېمە؟ مەنىۋى ماكان زادى قەيەردە؟ بىزنىڭ ئېتىقادىمىز نېمە؟
  ھەممە ئادەم خەلق پۇلىغا ئىشىنەمدۇ؟ بىزنىڭ ئازاپ ۋە ئەندىشىمىز، جەمئىيەتتىكى قالايمىقانچىلىق ۋە مەنپەئەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
  بەخت كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يەنە كەلگۈسىدىكى ئەڭ چوڭ نىشانغا ئايلاندى.
  لېكىن، بەخت زادى قەيەردە؟
4
  بەختنىڭ قەيەردىلىگىنى ۋاختىنچە دېمەي تۇرايلى، ئازاپنى ھەر قانداق چاغدا ھىس قىلغىلى، ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
  جەمئىيەتنىڭ چېكى ئۈزلۈكسىز سۆكۈلمەكتە. سۈت پاراشوكىدا مېلامىن فورمالدېگىت بار بولىشى مۈمكىن، سەي- كۆكتاتلاردا بەدەنگە زىيانلىق دېھقانچىلىق دورىسى بار بولىشى مۈمكىن، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ بىئارامچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپلا ئۆزىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشساق بولىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتى؛ پۇل ئۈچۈن ھەر قانداق چاغدا ئالدامچىلىق قىلساق بولىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتى؛ غايە سۆزى مەسخىرە ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالدى.
  نېمە ئامال، ئېتىقادى كەم كىشىلەر، ئېتىقادى كەم بىر جەمئىيەتتە ھېچنىمىدىن قورقۇش بولمىغاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى چەكلەشنى بىلمىدۇق، نەچچە مىڭ يىل، نەچچە يۈز يىل ئالدىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەندى- نەسىھەتلىرىنى ئۇنتۇدۇق، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ دوزىقىغا ئايلاندۇردۇق.
5
  بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، 1مىليارت 300مىليۇن جۇڭگۇلۇقلار ئىچىدە 100مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم ھەر خىل دىنلارغا ئىشىنىدىكەن، يەنە 100مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كوممۇنىزىمغا ئىشىنىدىكەن. ئۇنداقتا باشقىلارچۇ؟ يوق. دېمەككى، 1مىليارت 100مىليوندىن ئارتۇقراق جۇڭگۇلۇقنىڭ ھېچقانداق ئېتىقادى يوق.
  لېكىن، جۇڭگۇلۇقلاردا يەنە ئىزچىل ئېتىقاد كەم بولماي كەلگەن، مەدىنىيەت سەۋىيىمىزنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ئىزچىل ئارىلاشما جۇڭگو مەدىنىيىتى ئىچىگە كۆمۈلگەن، بوۋا- مومىلىرىمىز بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلەرنىڭ ئىچىگە كۆمۈلگەن، تاڭ شېئىرلىرى ۋە سۇڭ تېكىسىتلىرى ئىچىگە كۆمۈلگەن، يەنە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى، مۇراسىملىرى ئىچىگە يوشۇرۇنغان. شۇڭىمۇ ئىلگىرى جۇڭگولۇقلار تەبىئەتكە چۇقۇناتتى، تەڭرى بىلەن ئىنساننىڭ قوشۇلىشىنى قوغلىشاتتى، مائارىپقا ھۆرمەت قىلاتتى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز بولسىمۇ.
  «4-ماي ھەرىكىتى»دىن كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇمران قىلىش خارەكتىرلىك يوقىتىلدى، بىزمۇ بىر توپ ئېتىقادسىز بالىلارغا ئايلاندۇق. ھازىر ئىسلاھات كەڭ- كۆلەمدە قانات يايماقتا. ئارزۇ- ئىستەكلىرىمىز شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى، ئېتىقادتىن مەھرۇم قالغان قەلبىمىزنىڭ بوش يېرىدە ھېيقماسلىق كەڭتاشا جەۋلان قىلماقتا.
  شۇنىڭ بىلەن بىز ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغان ھەر خىل غەلىتە ئىشلار ھەر كۈنى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىپ تۇردى. بىز ھەر بىرەيلەن بىردىن ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل ئازاپنى تېتىغۇچىلاردىنمۇ بولۇپ قالدۇق.
  بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بەخت قانداقمۇ ئەتراپىمىزغا يېقىن كەلسۇن؟
6
  پۇل بىلەن ھوقۇق بارغانسېرى بىر خىل ئېتىقادقا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، پۇل بىلەن ئارزۇ- ئىستەكنىڭ قانائەتلىنىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىۋاتىدۇ.
  ئىلگىرى، بىر باھالىغۇچى سەھنىدە تەرلەپ- پىشىپ ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ئارتىستلارغا قاراپ ئەپسۇسلانغىنىدىن شۇنداق توۋلىۋەتكەن ئىكەن:
  - ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن نىمىشقا سەمىمىيەت بىلەن ئاقكۆڭۈللۈكنى كۆرەلمەيمەن، پەقەت شۇ تۇلپار ماركىلىق ماشىنا بىلەن داچىمۇ؟
  ئەمىلىيەتتە بۇ ئەشۇ ئارتىستلارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، دەۋرنىڭ مەسىلىسى.
  كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك كۆزلەر ئۇنداق ئەمەستۇ؟
  ھوقۇق ئوخشاشلا بىر مەسىلە.
  قاچاندىن تارتىپ باشلاندى، رەھبەرنىڭ ئالدىدا تۆۋەن لەببەيچىگە ئايلاندى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق شەخسىي پىكرى يوقمىدۇ؟ 1- قول باشلىقنىڭ ھوقۇقى ئىنتايىن زورىيىپ كەتتى، باشلىقنىڭ سۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ سۆزلەشمۇ ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى. توغرىلىق ئۈچۈن باشلىققا قارشى ئۈستەل مۇشتلايدىغان كۆرۈنۈش بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى.
  ئەمىلىيەتتە، تۆۋەندىكىلەر راستىنلا ھوقۇقتىن قورقۇمدۇ؟ بەلكى، تۆۋەندىكىلەر بارغانسېرى ئەقىللىق ۋە مەنپەئەتپەرەس بولۇپ كەتكەندۇ، ئەگەر مۇشۇنداق بويسۇنۇش ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كەلسە ياكى ھېچبولمىغاندا ئۇنى زىياندىن ساقلاپ قالالىسا ئۇ نىمىشقا مۇشۇنداق قىلمىغۇدەك؟
  لېكىن، مەسىلە شۇكى، بۇنداق بىشارەتنى تۆۋەنگە كىم يەتكۈزدى؟
7
ھەر بىر دەۋردىكى ياشلارنىڭ كۈنى ئاسان ئۆتمىگەن. بىراق، ھازىرقى ياشلارنىڭ كۈنى گۆش كۆز بىلەن كۆرگىلى بولغىدەك دەرىجىدە تەسلىشىپ كەتتى. دەۋر ياشلارغا چوقۇم غەلىبە قازىنىش تەلىۋىنى قويۇۋاتىدۇ. غەلىبە قازىنىش ئۆيى بولۇش، ماشىنىسى بولۇش ۋە خىزمەتتە ئىقتىدارلىق بولۇشقا باراۋەر بولىۋاتىدۇ. ئۆي باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتىدۇ، ھەتتا كىشىلەردە « زۇڭلىنىڭ دېگىنى ھېساپ ئەمەس، باش دىرېكتۇرنىڭ دېگىنى ھېساپ» دەيدىغان خاتا تەسىرات پەيدا بولىۋاتىدۇ. كېيىن باش دىرېكتۇرلار ھەددىدىن بەك ئېشىپ كېتىۋىدى، زۇڭلى تېرىكىپ قالدى. ئۆي باھاسى ئالدىراپ ئۆسۈش قەدىمىنى سەل-پەل توختاتتى. ئۆي باھاسى ھازىر ئىقتىسادىي مەسىلە ئەمەس. بەلكى، ئىجتىمائىي مەسىلە، سىياسىي مەسىلە. ئېھتىمال، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆي باھاسى ئىپادە بىلدۈرۈش خارەكتىرلىك ئازراق چۈشەر. بىراق ئالدىمىزغا قارىساق ئۆي باھاسىنىڭ بۇنداق چۈشۈشى ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان دەرىجىدىمۇ؟ ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە ئۆي باھاسىنىڭ باھاسى بىر كۋادىرات مېتىرى 3-4تۈمەندىن مىدىرلىمايۋاتسا ئۇنىڭ چۈشۈش- چۈشمەسلىكى بىلەن ئاددى پۇقرالارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ شۇڭا ھازىر «تار ھوجرا» دېگەن تېلېۋېزىيە تىياتىرى بەك قىزىپ كەتتى.
يەنە «قىلتاق قۇرۇش» دېگەن فىلىمنىڭ مودا بولىشىمۇ ئەمەل سەھنىسىدە پۇت تېرەپ تۇرۇشنىڭ مۈشكۈللىكىنى ئاشكارىلىدى. بايلىقىغا قاراپ رەتكە تىزىش قىسقا مۇددەت ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن ئەۋج ئالدى. ياشلىق باھار، ئىشخانىدا پەقەت ئەقىل ۋە جاسارەتتە بەسلىشىشكە ياراپ ئۆزىنى كەڭرى بازارغا سېلىشقا جۈرئەتسىز كەلدى. بىراق، چوڭ ھېساپلانمايدىغان ياش لاۋ جاڭ بىلەن لاۋ لىنىڭ قىياپىتىدەك بولدى.
  ئۇششاق پۇقرالارغا كەلسەك، ئاسمانپەلەك ئۆسۈۋاتقان ئۆي باھاسى بىلەن ئەمەلگە ئېشىش بارغانسېرى تەسلىشىۋاتقان غايە ئالدىدا بەلكى ھەممە بۇ كونا ناخشىنى تىڭشار:
  « سىرىتتىكى دۇنيا بەك گۈزەل، سىرىتتىكى دۇنيا بەك مۈشكۈل» ......سىرىتتىكى دۇنيانىڭ ئىنتايىن مۈشكۈللىكىنى ھىس قىلغان چېغىڭىزدا، بەلكى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇنى تەرك ئېتىپ، بىرئاز خاتىرجەم ھېساپلىنىدىغان يۇرتىڭىزغا كېتەرسىز، بۇ بىر چىقىش يولىدۇ؟
  ئەگەر بىر دەۋردە، ياشلىق باھار زور مۈشكۈلات بىلەن بېسىلىۋەرسە، بۇ دەۋردە قانداقمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولغىلى بولسۇن؟ ئەگەر كىشىلەر ئارىسىدا ياشلار ئەڭ ئاۋال غايىدىن ۋاز كەچسە دەۋرنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟

جىلىن خەلق نەشىرىياتى باشقۇرىشىدىكى «تاللانغان فېليەتۇنلار» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 11- سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-24 12:59  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
22356
يازما
203
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
203
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-24
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 04:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:
بەي يەنسۇڭ، موڭغۇل مىللىتىدىن، ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەشھۇر رىياسەتچىسى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىيەت تېمىسىدا نوپۇزلۇق تەھلىلچى، 4 داڭلىق زۇۋاندارنىڭ بىرى.

UID
12811
يازما
228
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3528
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
64 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 11:25:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بەييەنسوڭ .ئەپەندى ، لاڭ شۇئەنپىڭ  ئەپەندىگە  ئوخشاش دۋلەتنىڭ كەلگۇسىدىن قايغۇرغۇچىلارنىڭ  بىرسى  بۇلۇش سۇپىتى بىلەن  1-قولنىڭ  كوزىگە  قاراپ ئەمەس ،دۋلەتنىڭ ئەھۋالىغا  قاراپ سوزلەيدۇ . بۇ 3يىل بۇرۇن يېزىلغان ماقالە ئىكەن مانا ھازىر  كوز ئالدىمىزدا بۇلىۋاتقان  ئىشلاار  بۇ  موي سۇپۇتنىڭ  ھوكۇمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ   تۇرۇپتۇ . يۇقۇردىكى  مەسىللەرنىڭ ئىچىدە 6-مەسىلە ئەڭ ھەلقلغۇچ مەسىلە ھىساپلىنىدۇ .
     ئەمدى  بۇ ئىشلارنى   تىلغا  ئېلىشنىڭ ،قايغۇرۇشنىڭ ، ئامال - چارە  ئىزدەشنىڭ  ئەھمىيىتى قالمىدى . «زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق » دەپ .ئەمدى زامانغا بېقىپ  دانىشمەن بولغان تۇزۇك .
    تەرجىمە بەك پاساھەتلىك ،راۋان ،چۇشۇنۇشلۇك چىقىپتۇ . تىما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىدىن  سويۇندۇم .   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش