كۆرۈش: 1255|ئىنكاس: 14

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى( ئۇيغۇرچە) تەھرىراتىغا تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35714
يازما
34
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 17:14:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى( ئۇيغۇرچە) تەھرىراتىغا تەكلىپ  

                  ئىزاھات:
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2012-يىللىق ئاخىرقى سانلىرىدا ژۇرنال تەھرىر ھەيئەتلىرىنىڭ  ئىش تەقسىماتى دائىرىسىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقى، شۇڭا يېڭى يىلدىكى يېڭى سان ژۇرنالدىن باشلاپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېڭىچە مەزمۇن، يېڭىچە شەكىللەردە، رەڭدار، نەپىس...نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇلىدىغانلىقى...ھەققىدە خېلى دەبدەبىلىك بايانلارنى مەزكۇر ژۇرنال ۋە باشقا خېلى كۆپ تاراتقۇلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويغان-جاكالىغان ئىدى. دەرۋەقە، يېڭى سان ژۇرنالدىن باشلاپ، بۇ گۈلدۈرمامىلارنىڭ بىشارەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مانا، «يېڭىچە لاتاپەت»بىلەن بىزگە يۈز ئاچقان 4-ساننىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ ھەقتە مۇنبىرىمىزدىمۇ بەلگىلىك ئىنكاسلار  ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەن ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ ئۆتكەن يىل ئاخىرىدىكى مۇراجىتى بويىچە شۇ ۋاقىتتا يېزىپ-تەييارلاپ، 2012-يىل 26-دېكابىر كۈنى مەزكۇر ژۇرنالغا يوللىغان تۆۋەندىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىمنى تولىمۇ كېچىككەن (گەرچە شۇ كەمگىچە ھېچبىر ئىنكاس قايتۇرۇلمىغان) بولسىمۇ، شۇ بويىچە بۇ مۇنبەرگە يوللاپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئاپتورلىرى، ئوقۇرمەنلىرى، شۇنداقلا مۇنبىرىمىز ئەزالىرىدىن ھېسابلىنىدىغان بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولۇۋاتىمەن. مەقسەت شۇكى: «جۇڭگۇدىكى مىللەتلەرنى نوپۇزلۇق تەشۋىق قىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك قوش ئايلىق يادرولۇق ژۇرنال» بولغان «جۇڭگو مىللەتلىرى»(ئەسلىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى») ژۇرنىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاۋام ساداسىغا قۇلاق سېلىپ بېقىشىغا دالالات قىلىش.

باشقىلارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىلمىي نۇقتىدىن، دادىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

                     دوستانە تىلەك، سەمىمىي ئۈمىد

                                          ياسىنجان ئوسمان ئەكزات



( «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلەر پائالىيىتىگە قارىتا كۆڭۈل سۆزلىرىم ۋە تىلەكلىرىم )



   مەن «جۇڭگۇدىكى مىللەتلەرنى نوپۇزلۇق تەشۋىق قىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك قوش ئايلىق يادرولۇق ژۇرنال» بولغان «جۇڭگو مىللەتلىرى»(ئەسلىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى») ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىغان 24  يىلدىن بۇيان، بۇ ژۇرنالنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك چىقىرىلىشى ئۈچۈن  مەزكۇر ژۇرنالنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ ئوقۇپ، ماقالە-ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ ۋە نەچچە ئون قېتىملاپ بۇنداق ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۈگۈنكىدەرەك رەڭدار، جەلىپكار، مەزمۇنلۇق، نوپۇزلۇق ژۇرنال بولۇشىغا  تېگىشلىك ھەسسەمنى قوشۇپ كېلىۋاتقان  ئەڭ قەدىناس دوستى، ئەڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى ۋە دائىمىيلىق ئاپتورلىرىنىڭ بىرى. كىتاب ئىشكاۋىمدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 144سانىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر يۈز نەچچە سانى دېگۈدەك بار. مەن بۇ ژۇرنالنىڭ ئالاھىدە بىر مەپتۇنكارى بولغاچقا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن مەزكۇر ژۇرنالغا بولغان دوستانە تىلەك ۋەسەمىمىي ئۈمىد لىرىمنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

1.  «ھەزىل سوئال-جاۋاب»، «بەت ئاستى چىمەنزارى»، «چاقماق خەۋەرلەر»... قاتارلىق سەھىپە ۋە ئۇچۇرلار  مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلىرى ھېسابلىنىدىغان سەر خىل سەھىپە ۋە مەزمۇنلار ئىدى. بۇلار دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئوقۇرمەنلەر تەلىپىگە ماس ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلماي، ئەكسىچە بارا-بارا ئاساسەن يوقىلىپ كەتتى( بىلىشىمچە، ژۇرنالدىكى بۇ خاسلىقلارغا 2012-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تولۇق خاتىمە بېرىلدى). شۇڭا، بۇ تەرەپلەرگە يەنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىپ، ئەسلىدىكى سەھىپە-مەزمۇنلارنى تولۇقلاش ئاساسىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى قايتا مۇزاكىرە قىلىنىپ بېقىلسا.

2. ئىلگىرى  مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «ئالاقە تورى» بار ئىدى، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر ژۇرنالنىڭ جان كۆيەر ئوقۇرمەنلىرى ئىجادىيەت، تۇرمۇش ۋە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشلىرى ھەققىدە ئۆز ئارا پىكىر-تەسەۋۋۇرلىرى ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ تۇرالايتتى.گەرچە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىزچىل نىسپىي مۇقىم ھالدىكى ئاپتورلار قوشۇنى بار بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئاپتورلار قوشۇنىدىمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھېچ بولمىغاندا، بۇ  «ئالاقە تورى» ھەر تۆت-بەش يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ يېڭىلىنىپ، ھېچ بولمىغاندا، دائىمىيلىق ئاپتورلارغا بولسىمۇ يادىكار سۈپىتىدە ئەۋەرتىپ بېرىلسە، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ژۇرنال ئۈچۈن خېلىلا ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇنچىلىك ئىش دۆلەت دەرىجىلىك بىر نوپۇزلۇق ژۇرنال ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنچىۋالا كۆپ تەنەرخ چىقارمايمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ ئىشقىمۇ بارا-بارا كۆڭۈل بۆلۈنمىدى. شۇڭا مۇشۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرمۇ قايتا مۇزاكىرە قىلىپ  بېقىلسا.

    3.مەزكۇر ژۇرنال ئۆزىنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىنى خېلى بۇرۇنلا  تەھسىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما  ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭىللىنىشى تېز بولماي، يەنىلا «ئاتام ئېيتقان بايىقى» بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ،ژۇرنال تور بېتىنى نۆۋەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە تەلىپىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم كۈچ چىقىرىلىشى كېرەك. چۈنكى ھازىر توردىن پايدىلىنىدىغانلارمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم شەخسىي تور بېكەتلىرى ۋە بىلوگلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىمۇ ئاجايىپ تېزلىشىپ كەتتى. شۇڭا بۇنداق كۈچلۈك رىقابەت ئالدىدا چوقۇم بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم.

4.«مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ»، «ساپا ھەققىدە پاراڭ»، «مىللەت ۋە مەدەنىيەت»، «مىللەت ۋە ئۆرپ-ئادەت»، «مىللەت ۋە ئەنئەنە»، «مىللەت ۋە مائارىپ»، «فېليەتونلار بۇلۇڭى»، «مەركەزدىن كەلگەن سادا»،«ھاياتلىق ھېكمەتلىرى»... قاتارلىق سەھىپىلەر ئىزچىل ھالدا مەن، مەنلا ئەمەس، بارلىق  ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇيدىغان سەھىپىلەر بولۇشقا مۇناسىپ. شۇڭا بۇ سەھىپىلەر تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە بۇ سەھىپىلەر ئارقىلىق ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىلسە.

     5.ئەختەم ئۆمەر، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، ئابدۇرەھۇپ پولات تەكلىماكانىي، تۇرغۇن يىلتىز، ئەنۋەر مەتسەيدى، مۇھەممەتجان راشىدىن...قاتارلىق ئەدىبلەرنى مەزكۇر ژۇرنال ئۈچۈن ئىزچىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان، قىلىۋاتقان، ژۇرنالنىڭ ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئاساس سالغان جان كۆيەر ئاپتورلىرى دېيىشكە ھەقلىقمىز. مۇشۇ پەخىرلىك ئاپتورلىرىمىزنىڭ(ھايات بارلىرىنىڭ) ياخشى ئەسەرلىرىنى مەزكۇر ژۇرنالقا جەلىپ قىلىش يەنىمۇ چىڭ تۇتۇلسا.

6. مەزكۇر ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدىكى قارىشىم مۇنداق:

  مېنىڭچە، مەزكۇر ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى مەزمۇن بەدىئىيلىك، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالغاندا،  خېلىلا يوقىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما بەزى سانلاردىكى قىسمەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى تازا يوقىرى ئەمەس. بولۇپمۇ ، يېقىنقى ئۈچ-تۆت يىلدىن بۇيان، سانغىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، سۈپەتكە سەل قاراش، ئەسەرلەر بەلگىلىك ساندىكى ئاپتورلارغىلا مەركەشىلىپ قېلىش،  بەزى غوللۇق ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەقسەتلىك ھالدا ئاللىقانداق نۇقتىلار چىقىش قىلىنىپ، دارتمىلاش، شۇ ماقالە-ئەسەرلەردىكى قىسمەن قاراش ۋە سۆز-جۈملىلىرىگە قارىتا سەلبىڭ قاراشتا بولۇپ، باشقىلارنىڭ شۇ تېما ۋە شۇ مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى بەزى ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن مەقسەتلىك سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق بەزى جانلىق، غوللۇق ئاپتورلارنىڭ مۇشۇ ژۇرنالغا بولغان قىزغىنلىقىنى سۇسۇلاشتۇرۇپ قويۇشتەك قىسمەن ئەھۋاللارمۇ ساقلىنىپ قالدى. شۇڭا بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئادىل، ھەققىانىي بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا.

7. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىچ بەت ۋە مۇقاۋىسىنىڭ لايىھەلىنىشى جەھەتتىكى  قارىشىم

مەزكۇر ژۇرنالدىكى تۈرلۈك ژانېردىكى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى  جەمئىيتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەزكۇر ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس ھالدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسى ئىزچىل دېگۈدەك روشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ،  ژرنال مۇقاۋىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى چىقىرىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ ژۇرنالنىڭ 4-بېتى ئۆزگىچە  چىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ خاسلىقىنى باشقا ھەرقانداق بىر ژۇرنالدىن تاپقىلى بولمايدۇ.  يەنى رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن شېئىر ئىزچىل ھالدا روشەن خاسلىق  بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

  مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىچ بەتلىرى ۋە مۇقاۋىنىڭ لايىھەلىنىشىنى ژۇرنال خاراكتېرى ۋە سەھىپىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرلغان ماقالە-ئەسەرلەر مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىزچىل ھالدا ياخشى بولىۋاتىدۇ. شۇڭا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

8. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئالغاندا، مەزكۇر ژۇرنال« مىللىي تىل-يىزىقتا چىقىرلىۋاتقان دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرنال» دېگەن ئوبرازىغا لايىق خېلىلا ياخشى ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە. شۇڭا بۇ ئارتۇقچىلىق ئىزچىل داۋاملاشقۇسى!

9. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئىستېتىك تۇيغۇسى جەھەتتىكى قارىشىم

ھەرگۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە بولغىنىدەك گەرچە نۆۋەتتە مىللىي تىل-يېزىقتا نەشىر قىلىپ تارقىلىتىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللار خېلىلا كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى ساھەلەردىكى كىتابخانلار ئۈچۈن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئىستىتىك تۇيغۇسىمۇ خېلىلا يوقىرى.يەنى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرىدىكى سەر خىل ماقالە-ئەسەرلەر ھەربىر ئوقۇرمەنگە ئىزچىل ھالدا ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە.

10. بۇ پائالىيەتكە قانداق قاتناشقانلىقىم ھەققىدىكى بايان

  مەن 20نەچچە يىلدىن بۇيان، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ دائىملىق ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى، دائىمىيلىق ئاپتورى، ئىزچىل مۇشتەرىسى بولغاچقا، بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى خۇش-خەۋەرنىمۇ ئۆزۈم پوچتاخانا ئارقىلىق مۇشتەرى بولغان ژۇرنالدىن كۆرۈپ قاتناشتىم.

   11. «بىز ھەممىدىن ياخشىسىنى تاللايمىز، ھەممىدىن ياخشىسى بىزنى تاللىسۇن!» دېگەن ژۇرنال شوئارى بويىچە ياخشى چىقىرىلىۋاتقان  ھەم  «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك»  «كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس» دېگەن ھېكمەت بويىچە ئىش قىلىشنى بىلىدىغان مەزكۇر ژۇرنال تەھرىراتى ئالدىنقى 10 نەچچە يىل داۋامىدا ئىزچىل دېگۈدەك «ئوقۇرمەنلەر ساداسى» سەھىپىسىنى يولغا قويۇپ ۋە ئۇنى ياخشى باشقۇرۇپ، ژۇرنال سەھىپىلىرىدىكى ماقالە-ئەسەرلەر ھەققىدە ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرگەن ئوقۇرمەنلەر ئىچىدىن «ئىخلاسمەن ئوقۇرمەن» لەرنى تاللاپ چىقىپ، ژۇرنال يۈزدە ئۇلارنىڭ نامىنى، رەسىمنى،تەكلىپ-پىكىرلىرىنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن ئېرىشكەن دەرىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، ئوقۇرمەنلەرگە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ يىللىق توپلاملىرى ۋە ئەسەرلەر توپلاملىرىنى، خاتىرە بويۇملىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەم ژۇرنالنىڭ ئالدىنقى سانىدىن كىيىنكى سانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتسا ھەم ئاپتۇرلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر ژۇرنالغا بولغان قىزىقىشى، مايىللىقى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئەپسۇس، خەيرىلىك بۇ ياخشى ئىش ئارىلىقتا توختاپ قالدى. مېنىڭچە، بۇنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا.

    12. ئوقۇرمەنلەر رايى سىناش پائالىيىتى ھەققىدە

  ئالدىنقى سان ژۇرناللاردىكى ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى باھالاشتىن ئىبارەت ئوقۇرمەنلەر رايىنى سىناش پائالىيىتى خېلىلا ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم بەرگەن ئىدى. ئەمما نېمە سەۋەبلەردىنكىن-تاڭ،  ياخشى داۋاملىۋاتقان بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇڭا ئەل رايى قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلىۋاتقان بۈگۈنكى رىقابەت دەرىدە مېنىڭچە، بۇنى چوقۇم  يولغا قويۇش كېرەك.

13. مەن «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا پاراڭلىشىشنى ۋە سىردىشىشنى ئارزۇلايدىغان، مەن ماقالە- ئەسىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئاپتۇرلار ياسىنجان سادىق چوغلان، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەختەم ئۆمەر،جالالىدىن بەھرام،ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇرەھۇپ پولات تەكلىماكانىي قاتارلىقلار بولۇپ، مەن ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ  بۇ ئاپتورلار بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىتابخانلار ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ياخشى، ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ  مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشچانلىقكۆرسىتىلسە.

14.ئەدەبىي ئىجادىيەت گۈلىستانىدا ئەمدىلا قەدەم باسقان، ئەمما كىتاپخانلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ژۇرنالدا ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇش  ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلسە. شۇنداقلا يەنە، ئەدەبىيات ساھەسىدە تەسىرى بار، ئەمما مەزكۇر ژۇرنال گۈلىستانىغا قەدەم باسمايۋاتقان ئۈمىدلىك، ھۆرمەتلىك قەلەم ساھىبلىرىنى «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ رەڭدار گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بۇ ئىجاد گۈلشەنىگە تەكلىپ بىلەن باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنى باشقا خۇش ناۋا بۇلبۇللار بىلەن بىللە سايراشقا تەكلىپ قىلىنسا   بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى. شۇ ئارقىلىق ئىجادچان باشقا ياشلارنىڭ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ ئىجاد مۇساپىسىدە دادىل ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يول ئىچىپ بېرىش قەدىمنى تېزلەتكىلى بولاتتى.

   15.«ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام...» دېگەنگە ئوخشاش مانا مۇشۇنداق  مۇكاپاتلىق  تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىش پائالىيىتىنى ھەر ساندا دېگۈدەك يولغا قويۇپ، ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاپتورلار ئوتتۇرىغا قويغان پايدىلىق پىكىر-تەكلىپلەرنى ئىجادىي قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ژۇرنالنى مۇھەررىر، ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەر بىرلىكتە ئورتاق مەسلىھەت بىلەن باشقۇرۇپ، كىم نېمىنى ياقتۇرسا، شۇنى مەزكۇر ژۇرنال سەھىپىلىرىدىن تاپالايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشقا يەنىمۇ كۈچەپ قويۇلسا.

     16. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» ئۆزۈم باشقۇرىۋاتقان ژۇرنال ئۈچۈن دائىملىق قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئاپتۇرلارنى ئامالىنىڭ بېرىچە، ھېچ بولمىسا 3-5يىلدا بولسىمۇ بىر قېتىم بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ژۇرنال، مۇھەررىرلەر، ئەسەرلەر، ئاپتۇرلار، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەسەۋۋۇرلار ھەققىدە ئىككى كۈنلۈك بولسىمۇ سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان، شۇ ئارقىلىق «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» دېگەن ھېكمەت بويىچە ئىش قىلاتتىم.

17. مەن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى يىلدىن باشلاپ،ژۇرنالدا يېڭىچە يۈزلىنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن  ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ۋە مەزكۇر ژۇرنال ھەققىدە نوپۇزلۇق ئاخبارات-تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا  كۆپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ تەشۋىقاتقا قارىتا  شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر ژۇرنال گۈلىستانىغا  ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرغانلىقى، ئاپتور ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ  قىزغىن، ئىلمىي، قايىل قىلارلىق ھالدىكى بەس-مۇنازىرىگە قاتنىشالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن خەيرلىك بۇ ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجىلىك يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەندىم ۋە كۆپ خۇرسەن بولدۇم.

«ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» گەرچە گۈل خۇشبۇي بولسا، بۇلبۇل كېلىپ ئۆزى قونىدىغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكىدەك ئۇچۇر-تەشۋىقات مۇھىم ئورۇندا تۇرىۋاتقان دەۋردە  مەزكۇر ژۇرنالنى خېلى تولا تەسىرى بار چوڭ  تور بەت ۋە مۇنبەرلەردىمۇ  كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ژۇرنالنىڭ  تەسىرىنى يەنىمۇ ئاشۇراتتىم.

18.«جەزبىدار گۈلدەستە، يېڭى ئەسىرگە سوۋغا» نامىدا ئەدەبىي توپلاملار تۈزۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلۇپ تۇرۇلۇش ئارقىلىق ھەم جەۋھەر ئەسەرلىرىمىز توپلام ھالىتىدە ئۆز قىممىتىنى تاپسا ھەم ئاپتۇرلارنىڭ يۈرەك قېنى بەدىلىگە كەلگەن ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن توپلامغا كىرگۈزۈلۈشتەك ئاپتۇرلىرىمىز ئۈچۈن زور ئىلھام بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، نېمە سەۋەپتىنكىن-تاڭ ئەھمىيەتلىك بۇ ئىش شۇ چاغدىكى ئىزىدا توختاپلا قالدى، خالاس! «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» مۇشۇنداق توپلاملارنى پات-پات چىقىرىپ، ئېسىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەرنى توپلاپ تۇراتتىم.

19.« ھەزىل سوئال-جاۋابلار » مەزكۇر ژۇرنالنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، جۈملىدىن، بۇ ژۇرنالنى بىلىدىغان، شۇنداقلا مەزكۇر ژۇرنال قولىغا چىققانلىكى ئادەم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، ئوقۇرمەنلەرنى مۇشۇ ژۇرنالغا رام قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سەھىپە ئىدى. ئەپسۇس، بۇ سەھىپىدىمۇ يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان، بەزىدە بار، بەزىدە يوق ھالغا چۈشۈپ قالدى. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئىلگىرى تۈزۈلگەن توپلاملاردىنمۇ قارىماققا كۈلكىدەكلا كۈرۈنگىنى بىلەن، ماھىيەتتە ھاياتلىق ھېكمەتلىرىنى، جەمئىيتىمىزدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ خىل سوئال-جاۋابلار ئورۇن ئالالمىدى. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» بۇ مەزمۇنلاردىنمۇ تاللاپ توپلامغا كىرگۈزەتتىم.

20.مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىدە مەيلى چوڭراق ھەجىمدىكى ماقالە-ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان داڭلىق يازغۇچى-سەنئەتكارلار بولسۇن، مەيلى قولىغا ئەمدىلا قەلەم ئېلىپ، دەسلەپكى ئەجىر مېۋىسىنى ژۇرنال سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا تېنەپ-تەمتىرەش بىلەن بېسىۋاتقان نوتا قەلەمكەشلەرنىڭ ژۇرنال ھەققىدىكى بىر نەچچە جۈملىلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسۇن، ژۇرنال بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇشەررەپ بولالايدىغان بولسىلا، شۇ ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىگە قوشۇلۇپ ئاپتۇرنىڭ مۇبارەك رەسمىمۇ بىللە ژۇرنال بەتلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىپ، شۇ ئاپتۇر ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئىجادىيەت گۈلىستانىغا يېڭىدىن قەدەم باسقان ئۈمىد-غۇنچىلىرىنىڭ پورەكلەپ خۇش ھىدلارنى چېچىشى ئۈچۈن زور مەدەتلەر بېرىلەتتى. نېمە ئۈچۈنكىن بۇ خېل قوللاش، ئىلھاملاندۇرۇشلارمۇ بارا-بارا سۇسلىشىپ قالدى، ھەتتا يوقاپلا كەتتى. مېنىڭچە، بۇ ئالاھىدە كۆپ ئىقتىسادىي مەبلەغ ۋە زور تېخنىكىلىق ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولمىغاچقا، شۇڭا، ژۇرنالنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئارقىلىقمۇ ھەم ژۇرنالنىڭ كىتاپخانلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى ھەم ژۇرنالنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى، دائىمىيلىق ئاپتۇرلىرى ۋە ژۇرنال ئۈچۈن پەرۋانە بولغۇچى ئىجاد پەرۋانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

21. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» ژۇرنالنىڭ ئىملا جەھەتتىكى ئۆتكەلنى تېخىمۇ چىڭ تۇتاتىم. چۈنكى ئىملا مەلۇم بىر تىلدا ئۆز تۇيغۇلىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھەم بىزنىڭ مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى.  ئەگەر ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزىمىزدىن، يازغان ھەر بىر سۆز-ئىبارىلىرىمىزدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا ئادەتلەنسەك، نېمىدېگەن ياخشى ئى بولاتتى-ھە! بۈيۈك تىل پىشۋايىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرى:« ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى، بال يېمە دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى»دەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق كۆرسەتكەنىدى. دەرۋەقە، ئانا تىلىمىزنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىنى كاپالەندۈرۈشتە، شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ  سەركەردىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قەلەمكەش زىيالىيلار، تەھرىر، مۇھەررىرلەر باشلامچى بولمىسا،  بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك بولۇشى تەبىئىي. مەن  مەزكۇر ژۇرنالدا ئىملا ئۆتكىلىنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇتۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم.

«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىدا ئېنىق بايانات ئېلان قىلىپ،  ئەگەر ژۇرنالدا ساقلانغان ھەر بىر ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ، ۋاقتىدا مەلۇم قىلغۇچىلارغا قارىتا تەقدىرلەش ئېلىپ بېرىش بەلگىلىمىسىنى چىقىرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنىدى. خېلى نوپۇزلۇق باشقا بىر قىسىم ژۇرناللارمۇ بۇ جەھەتتە دادىل ئىزدىنىپ، تەدرىجىي تاكامۇللاشتى. ئۆز گېپىمگە كەلسەم، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق  قىزغىن، ئىلمىي، قايىل قىلارلىق ھالدىكى تەشەببۇس ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقانلىقىدىن  بۇ ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجىلىك يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەندىم ۋە كۆپ خۇرسەن بولدۇم.   مەن تىل-ئەدەبىيات تولۇق كۇرس كەسپىنى پۈتتۈرگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئىزچىل دېگۈدەك تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇيغۇر تىلى» ۋە يېزىقچىلىق مەشقى دەرسىنى ئۆتۈپ  ۋە تەكرارىنى قىلىپ كەلدىم.  ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىملا قائىدىسى مەسىلىسى ، تىل تەتقىقاتى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىمۇ ياراتتىم، شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ ئىملا نازارەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىمغىمۇ خېلى بولدى. شۇڭا  ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىملاسى ۋە باشقا يازمىلاردىكى ئىملا ھەققىدىلا كۆپ ئىنكاسلارنى يېزىپ يوللىغاچقىمۇ، ئەيتاۋۇر، بەزى مۇھەررىر، ئاپتور ۋە تونۇش-بىلىشلەر مېنى خېلى بۇرۇنلا «ئىملا ساقچىسى»، «تىلشۇناس جاناپ»، «ژۇرنالنىڭ ئېلىپبە مۇئەللىمى»، «ئىملا سەۋدايىسى»...دېگەندەك ھەر خىل، سەر خىل باھا ۋە «ئوردىن، نام-ئاتاق»لار بىلەن ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇردى ھەم تەنە ئارىلاش سۆزلەر بىلەن قىسقا ئۇچۇرلىرىنى ئايىماي يوللاپمۇ ئۈلگۈردى. ئەمما مەن يەنىلا بۇ«كونا كېسەل»دىن تېخىچە ساقىيالماي ئېغىرلىشىپ قېلىۋاتىمەن. ھەتتا «كېسەل» تۇرۇپمۇ مۇھەررىرلەرگە بۇ ھەقتە يەنە ئاز-تولا   تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئىملانىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىشى ئۈچۈن  ئورتاقلىشىۋېتىپتىمەن.

       دېمىسىمۇ، ژۇرنالنىڭ ئىملاسى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك تەكلىپلەرنىڭ ئىزچىل بېرىلىپ تۇرۇلۇشى ھەم مۇھەررىرلەرمۇ، كوررېكتورلارمۇ بۇنىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشى ھەقىقەتەن تەخىرسىز ئىش. چۈنكى تەۋەرۈك ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، تىلىمىزدا بار-يوقى 32 ھەرپنى بىر كۈندە بىردىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بىر ئايدا تولۇق ساۋادلىق بولىۋېلىپمۇ سۆز-ئىبارىلەرنى توغرا يازغىلى بولاتتى ھەم شۇنداق قىلىش-ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئەقەللىي ساۋات ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ھەم باش تارتىپ بولماس بۇرچ ئىدى! لېكىن  ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە پات-پات ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ.  گەرچە«ئاينىڭمۇ دېغى بار»، «ئالتۇنمۇ ساپ بولمايدۇ»غان بولسىمۇ، ئەمما ئانا تىلىمىزغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش-تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئانا تىلىمىزغا بولغان ھەقىقىي ھۆرمىتىمىزنى بارلىق ئاپتورلارمۇ، تېخىمۇ مۇھىمى- ئىملا ئۆتكىلىنى نازارەت قىلغۇچى خادىملارمۇ چىڭ  تۇتۇش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا  ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن!

مەزكۇر ژۇرنال بۇ ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىنى سۆيۈپ ئوقۇپ، مەزكۇر ژۇرنالنى ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان يازغۇچى، شائىر ۋە ئاپتورلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يازارمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى باشقا ھەرقانداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز تىل-يېزىقىمىزغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى خېلىلا كۈچلۈك كىشىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭىمۇ، بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سانى، مەزمۇنى، بەدئىيلىكى، تەربىيەۋىي ئەھمىيتى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولسۇن، ياكى ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولمىسۇن، نۆۋەتتە خېلى ئالدىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ژۇرناللارنىڭ بىرى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما شۇنىمۇ ئېتراپ قىلماي ئەسلا بولمايدۇكى، بۇ ژۇرنال مەملىكەت دەرىجىلىك بىردىن بىر مىللىي تىل-يېزىقىمىزدا چىقىدىغان ژۇرنال بولغىنىغا يارىشا، بەزى نۇقسانلاردىنمۇ خالىي بولالمىدى. مەن بۇ ژۇرنالنىڭ دائىمىيلىق ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى ۋە ئاپتورى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن بۇ ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن مۇددىئا بىلەن بۇ ژۇرنالنىڭ ئەنە شۇ قىسمەن نۇقسانلىرىدىن پەقەت ئالدىنقى ساندىكى كىچىككىنە بىر مەسىلىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

بۇ ژۇرنالدا ساقلانغان  ئىملا  خاتالىقلىرى توغرىسىدا

مەن بۇ ژۇرنالنىڭ ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىملا ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدىكى نەزەرىيەۋىي بايانلار ھەققىدە توختىلىشنى ئارتۇقچە كۆرگەچكە، گېپىمنى ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قوياي:

مەزكۇر ژۇرنال ئىزچىل ھالدا كوررېكتورلۇق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە ئاز-تولا ئىملا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. مەسىلەن:

1)   2012-يىللىق 5-سان 47-بەت 1-ئىستون ئاستىدىن 5-قۇردىكى «...ئاپتورلار ژرۇرنىلىمىزغا ماقالە-ئەسەر ئەۋەتكەندە...»  دېگەن جۈملىدىكى «ژۇرنىلىمىزغا» دەپ يېزىلىشى كېرەك بولغان سۆز خاتا يېزىلىپ قالغان.

  2) يەنە شۇ بەت، شۇ ئىستون، ئاستىدىن  2-قۇردىكى «...ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى...» دېگەن ئىبارىدىمۇ «تېلېفون»دەپ توغرا يېزىلىشى كېرەك بولغان سۆز «تېلېفۇن»دەپ خاتا يېزىلىپ قالغان.

3) 2012-يىللىق 5-سان،64-بەت 2-ئىستون ئاستىدىن 13-قۇردىكى «...ئويلىرى بويىچە بىلەن كۆپ خىل تېمىلاردا....»دېگەن جۈملىدىكى «بىلەن»سۆزى زورلاپ قوشۇلۇپ قالغان.

4) 2012-يىللىق 4-سان،66-بەت 2-ئىستون ئاستىدىن 5-قۇردىكى «...ئاپتورلارنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىنى يېڭى ئادرېسقا ھەم تەھرىر بۆلۈمىمىز نامىغا ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛» دېگەن جۈملىدىكى «؛» زورلاپ قويۇلۇپ قالغان، ئەسلى بۇ ئورۇنغا پەش قويۇلسىلا بولاتتى. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا، توغرا قوللىنىلىشىمۇ ماھىيەتتە، ئىملا جەھەتتىكى تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.

  5. 2012-يىللىق 4-سان،70-بەتتىكى «سۇ قەھەتچىلىكىدىن ئاگاھ بولايلى» دېگەن ماقالىدىكى ھەر بىر كىچىك تارماق تۈرلەردىن كېيىن  چېكىت قويۇلماي يېزىلسا توغرا بولاتتى. شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا، توغرا قوللىنىلىشىگىمۇ تولۇق ئەھمىيەت بېرىلسە، ۋاھاكازالار....

گەرچە بۇنى  بەك چوڭ خاتالىق-نۇقسان دەپ قاراپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما   تەۋەررۈك ئانا تىلمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىملاغا چوقۇم تولۇق ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

يۇقىرىقىلار مەن4-ۋە 5-ساندا  دەسلەپكى قەدەمدە بايقىغان ئىملا ھەققىدىكى بەزى خاتالىقلاردۇر. بۇ ھەقتە باشقا مىساللارنى كەلتۈرۈپ ئولتۇرمىدىم. تولۇن ئاينىڭمۇ يۈزىدە دېغى بولىدۇ. ھەتتا ئالتۇنمۇ ساپ بولمايدۇ. مەخسۇس تەھرىر، مۇھەررىر، كوررېكتورلار دائىمىيلىق خىزمىتى سۈپتىدە ئۆزى بىۋاستە مەسئۇل بولۇپ چىقىرىۋاتقان خېلى نوپۇزلۇق گېزىت- ژۇرناللاردىمۇ  بۇ خىل نۇقسانلاردىن خالىي بولماق قىيىن. بەلكىم، مەنمۇ بۇ يازمامدا ئىملا خاتالىقى سادىر قىلدىم.  ئەمما شۇنى تولۇقى بىلەن ئىتراپ قىلماي، ۋاقتىدا تۈزىتىپ توغرىلىماي قەتئىي بولمايدۇكى، رايونىمىزدىكى  بىردىن بىر دكلەت دەرىجىلىك نوپۇزغا مۇشۇنداق تەۋەرۈك بىرلا ژۇرنالدا بۇنداق نۇقسانلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىشىگە يەنە سۈكۈت قىلىپ ساقلاۋېرىشكە  ئەسلا بولمايدۇ.

گەرچە بۇ ژۇرنالغا ماقالە-ئەسەر يوللايدىغانلارنىڭ ھەممىسى يازغۇچى (شائىر) ئەمەس، ئوخشاشلا، خېلى قاملاشتۇرۇپ يازىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىمۇ بۇ ژۇرنالنىڭ دائىمىيلىق ئاپتورلىرى ئەمەس. ئەمما بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك قەلەمكەشلەر، مەخسۇس كەسپىي خادىملار، شۇنداق بولغاچقا، چوقۇم «قىرغىزغا چۇشلۇق قالپاق بولۇشى»، يازغۇچى- قەلەمكەشلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بۇ «سورۇن»- بۇ ژۇرنالدا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ئۈچۈن خالىس خىزمەتتە بولىۋاتقان بار-يوقى 32 ھەرىپىمىزنى گەرچە ئۆز قول يازمىلىرىمىزدا ھەر خىل بانايى-سەۋەبلەر بىلەن توغرا ئىشلىتەلمەيۋاتقان بولساقمۇ، ھېچ بولمىغاندا، بۇ ژۇرنالنىڭ سەھىپە- بەت يۈزلىرىدە بولسىمۇ، توغرا ئىشلىتىشكە ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم كۈچەپ قويايلى، قېرىنداشلار! چۈنكى بۇ-ھەممىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تامامەن ئەرزىيدىغان خاسىيەتلىك ئەمگەك!

خۇلاسە كالام شۇكى، بۇ ژۇرنالنىڭ سەھىپە ناملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلاردىكى ئىملا توغرا بولسا، ئاپتورلارمۇ، ئوقۇرمەنلەرمۇ ئۆز  ماقالە-ئەسەرلىرىنى خاتا ئىملادا يوللاشتىن ئەيمىنىدۇ. شۇنى ئىتىراپ قىلماي يەنە بولمايدۇكى، باشقا مەتبۇئاتلاردا ئازدۇر- كۆپتۈر ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ بولۇشى بەلكىم  ئانچە چوڭ نۇقسان  ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما دۆلەت دەرىجىلىك نامغا، ئابرويغا، تەسىرگە ئىگە ژۇرنالغا، مۇشۇنداق نوپۇزى بار ژۇرنالنىڭ يازغۇچى- قەلەمكەشلىرى توپلاشقان  مۇشۇنداق نوپۇزلۇق بۇ ژۇرنالدا  ئىملا ۋە باشقا جەھەتتىكى نۇقسانلارغا يول قويۇلۇپ تۇرىۋېرىشىنى يەنە سۈكۈتتە چىدام-غەيرەت بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋېرىشىمىزگە ئەمدى قەتئىي بولمايدۇ! سۇ بېشىدىن لاي كەلسە، دەريا-كۆللەر لايدا تۇنۇپ كېتىشى، سۇ بېشىدىن لاي بولسا،  ئاياغدىكى سۇنىڭمۇ ئۇنچە  سۈزۈك  بولۇپ كېتىشى ناتايىن! سۆزۈمنى بۈيۈك تىلشۇناسىمىز نەۋائىينىڭ مۇنۇ ھېكمىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:

ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى،

بال يېمە! دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى!

«جۇڭگو مىللەتلىرى»-مېنڭ 20 نەچچە يىللىق قەدىناس، سىرداش دوستۇم. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ئۇزۇن يىللىق تۈرلۈك كەچۈرمىشلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بىز مەڭگۈلۈك ئىناق دوستلاردىن بولۇپ قالغاچقا، گەرچە مەن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى خىلۋەت، يىراق  جايدا، بۇ دۇستۇم ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئاۋات شەھەردە (ئارىمىز يىراق)تۇرىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما تولىمۇ تەشنالىقتا يوللىرىمىزغا بېقىشىپ، ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئاخىرى ۋىسال دەملىرىگە مۇۋەپپەق بولۇپ تۇرىمىز.....

يېېقىندا، بۇ دوستۇم مېنى بۇ يىلغا تەۋە  ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەنە يوقلاپ كەپتۇ. بۇ چاغدا مەن قەلبىمگە چەكسىز چاڭقاقلىق يېتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدا دوستۇمنىڭ يولىغا تەلمۈرگىنىمچە ئىنتىزارلىق بىلەن يۈرەتتىم. دوستۇم كەلدى. دوستۇم كېلىشى بىلەنلا، ئۇ ئاياغ باسقان جايلاردىن بۇلاقلار ئېچىلىپ، ئۇنىڭدىن زەمزەملەر توختاۋسىز ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. مەن بۇ ئۇنىڭدىن قانغىچە ئىچتىم...

مەن بۇ قەدىناس دوستۇم بىلەن سىردىشىۋېتىپ، دوستۇمنىڭ ماڭا، مەندەك يەنە جان كۆيەر  نۇرغۇن دوستلىرىغا دوستلۇقىمىز باشلانغان ئاشۇ كۈنلەردىلا  ئۆزىگە، دوستلۇقىمىزغا بولغان چەكسىز ئىشەنچىسى تولۇپ-تاشقان ھالدا ئېيىتقان «بىز ھەممىدىن ياخشىسىنى تاللايمىز، ھەممىدىن ياخشىسى بىزنى تاللىسۇن»دېگەن چىن دىلىدىن ئېيتىلغان ۋەدىسى يادىمغا كېلىپ قالدى. دەرۋەقە، دوستۇم ئۆز لەۋزىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. مەن دوستۇمنىڭ مەندەك تالاي دوستلىرىغا چىن قەلبىدىن سۇنىۋاتقان بىر-بىرىدىن ئېسىل نېمەتلىرىنى، ۋۇجۇدىمىزغا  توختاۋسىز ئاتا قىلىۋاتقان تۈگىمەس مەنىۋىي بايلىقلىرىنى ھەربىر قېتىم كۆرىۋاتقىنىمدا، بۇ دوستۇمنى چەكسىز بايلىقلار مەنبىئى كۆمۈلۈپ ياتقان ئانا ماكان- تەكلىماكانغا ئوخشاتقۇم كەلدى.

شۇنداق،  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ئۇ- تەكلىماكان. چۈنكى تەكلىماكان ئاستىنى قانچە قېدىرساق، بىزگە ئۇنىڭدىن شۇنچە كۆپ نېھمەتلەر قۇچاق ئاچىدۇ. ئوخشاشلا، «جۇڭگو مىللەتلىرى»بىلەن قانچە كۆپ سىرداشساق، ئۇنىڭدىن بىزگە شۇنچە كۆپ مەنىۋىي ھاسىلات نېسىپ بولىدۇ.

مەن«جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ جان كۆيەر ئوقۇرمەنلىرى بولمىش بارلىق كىتابخانلىرىمىزنىڭ بۇ «تەكلىماكان» بوستانىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، جاپاكەش ئاپتورلىرىمىزنىڭ بىرقانچە يىللىق تۇرمۇش، خىزمەت،  ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى سىناق ۋە تەجرىبىلىرىدىن چىقارغان ئىلمىي يەكۈنلىرىنىڭ ئىخچام، ئەمما ئوبرازلىق قىلىپ روشەن سېلىشتۇرما ۋە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئاقىلانىلىق بىلەن دەل ۋاقتىدا  ئوتتۇرىغا قويغان ئىلغار قاراش، دانا كۆرسەتمىلىرىنىڭ يارقىن كارتىنىلىرى بولغان ھەر بىر سەھىپىسىدىكى بىر-بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلەرنى سەگەك كاللىسى بىلەن ئوقۇپ بېقىپ، ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتى بىلەن ياشاش ۋە باشقىلارنى ئەنە شۇنداق ياشاشقا دەۋەت قىلىشقا دىققىتىنىنڭ بۇرۇلۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخرىدا، ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەنكى، «جۇڭگو مىللەتلىرى»-ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، ئۆز دوستلىرىغا ۋاپادار، كۆيۈمچان، ئاقىلانىلىق بىلەن ئۆز دوستلىرىغا توغرا يول كۆرسىتىپ، ئۇلارنى نىجادلىق يولىغا باشلاپ ماڭغۇچى ئاقىلانە دوست. ئۆزىمىز نېمىنى خالاپ ئوقۇغىمىز كەلسە، شۇنى تېپىپ ئوقۇيالايدىغان ئۇنىۋېرسال بىلىملەر خەزىنىسى.ئۇ ژۇرنالچىلىقتىكى سەردار  ژۇرنال .شۇ تاپتا ئۇنى ژۇرناللا ئەمەس باشقىچە بىر خاسىيەتلىك ناملار بىلەن تەرپلەپ ئاتاشقىمۇ تامامەن ئەرزىيدىغان خاسىيەتلىك ئەنگۈشتەر ۋە جەھاننەما ئەينىكى. چۈنكى مېنىڭچە، ھېچبىر ژۇرنال ئۆز سەھىپىلىرىنى تېخچە بۇ ژۇرنالدىكىگە ئوخشاش ئۆز ئوقۇرمەنلىرى بىلەن بار بەسلىھەت بىرلىشىپ باشقۇرۇپ باقمىدى. بۇنداق قىلىش-ژۇرنالچىلىق تارىخىدىكى مۆجىزە. شۇڭىمىكىن، بۇ ژۇرنالدىن كىم نېمىنى ئىزدىسە، دەرھال شۇنى تاپالايدۇ. ھەتتا ئۆزلىرى مەزكۇر ژۇرنالدا ئۆز ئارزۇسى بويىچە مەخسۇس  سەھىپىلەرنى ئېچىپ، شۇ سەھىپىلەردە قەلب ئوكيانلىرىدكى ئۈنچە-دۇردانىلىنى تولۇقى بىلەن بىخارامان ئوتتۇرىغا قويالايدۇ . كىتابخانلارنى كىتاب ئوقۇش چاڭقاقلىقىدا ئۆرتەنگەن تەكلىماكان دېسەك، مەزكۇر ژۇرنالشۇ تەكلىماكان چاڭقاقلىقىنى قاندۇرغۇچى زەمزەم.ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ژۇرنال يەنە ھەممىمىز كۆز تىكىۋاتقان تەكلىماكان. شۇنداق ئىكەن، تەكلىماكان كەبى چاڭقىغان قەلبىمىزنى بۇ ژۇرنالنىڭ زەمزەملىرىدە ھەردائىم سۇغىرىپ تۇرايلى.

                                        2012-يىل 26-دېكابىر


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12811
يازما
233
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3533
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 10:24:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەنمۇ بۇ ژورنالنىڭ  قىزغىن ئوقۇرمىنى ھەم بىر ئاددى ئاپتورى  ئىدىم . ئىقتىدارلىق ژورنالىس  ، يازغۇچى ،ئەدەبى تەرجىمان  ئىدىرس  بارات ئەپەندى  ئارام ئېلىشقا چىققاندىن باشلاپ  مەنمۇ  بۇ ژورنال بىلەن خوشلاشتىم . ئەمدى قۇربان مامۇت  ئەپەندىنىڭ ئارامغا  چىقىشى بىلەن  رايۇنمىمىزدا ئانا تىلىمىزدا چىقىدىغان  ژورناللار ئىچىدە  ئەڭ ئابرويلۇق  « شىنجاڭ مەدەنىيىتى »  ژورنىلى بىلەنمۇ  خوشلاشماقچى   بۇلىۋاتىمەن .
    دىمەك ھەرقانداق بىرئىشنىڭ  ياخشى -يامان بۇلىشى  ئادەمگە  باغلىق  . خۇددى باغداش تاقىلىپ  تورداشلارنىڭ  روھىمۇ تاقالغاندەك .

UID
53732
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 11:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتلاردا مەجبۇرىي مۇشتەرى بولۇشقا تەشكىللەيدۇ بۇ ئاتالمىش‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››گە.ھەرقانداق ياخشى ژورنال بولسىمۇ،مەجبۇرلىسا بولمايدۇ-دە،شۇڭا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلالماي دەپقالغان گەپ.

UID
44014
يازما
216
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
216
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 23:30:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىنى بۇنداق قىزىللاشتۇرغىچە چىقارمىسىلا بولمىدىمۇ؟

بەزى نەرسىلەرگە ئىچىمنى تۇلا ئاچچىق قىلىپ يۈرەك كىسىلى بۇلاي دەپ قالدىم..

UID
4275
يازما
179
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
5240
تىزىملاتقان
2010-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 02:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-23 23:30
جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىنى بۇنداق قىزىللاشتۇرغىچە  ...

بۇ يەردە «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژورنىلى توغرىسىدا گەپ بولىۋاتىدۇ.

باھا سۆز

anatil8  [كەچۈرۈڭ ئەپەندىمb]  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 20:14:21

UID
22356
يازما
203
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
203
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-24
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 03:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزاتنىڭ بۇ تەكلىپ-پىكىر ماقالىسىنى «يازغۇچىلار مۇنبىرى»دىن ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلىرى بىلەن قوشۇپ بىر قېتىم ئوقىغان ئىدىم، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى مۇھەممەتسالىھ مەتسالى ئاكا باش تېما ۋە ئىنكاسلارغا ناھىيىتى سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل جاۋاپ قايتۇرغان ئىكەن.
ھەي...

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-24 03:32):
مۇھەممەتسالىھ مەترۇزى،دەپ تۈزۈتۈپ ئوقۇڭلار.

UID
54088
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-30
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 17:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىل ئازار،
خۇدا بىزار.
مۇشۇ ئەركىزات دىگەن ئادەمنىڭ ئېسمىنى كۆرسەم گومىڭ قىلىدىغانلا بولدى ماڭا،نىمىشقا دىمەمسىلەر ؟ ئېلگىرىكىن  بىلەرمەن قۇسۇرچى  ئەسىرى ئىلان قىلالمىسا باشقىلار بىلەن پۇت تىپىشىپلا يۈرەمدىكىن..ئەيتاۋۇر قايسى مۇنبەرگە كىرسە ئىملا دەپ شۇار تولاپ باشقىلارنى بىزار قىلغىنى قىلغان، يازغان نىمىسىنىڭ تايىنى يوق ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۆزى شاپىلاقلاپ يۈرۈيدۇ   باش سۇرەتكە كارىساملا غېدىقىم كېلىدۇ خۇددى ئۇيغۇرلار ئېچىدىن چىققان قەھرىماندەك ..

UID
35714
يازما
34
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 17:49:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەتتا ئۆزىنىڭ جىنسىنىمۇ بىلمەيدىغان-ناجىنىس، بىر ئىنكاستىن باشقا مۇنبەرلەردە ھېچنېمى يوق مەخلۇقمنىڭ بۇنداق دېيىشكە ھېچبىر ھەققى يوق!!!!

UID
54088
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-30
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 02:08:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
enwer-jula يوللىغان ۋاقتى  2013-7-24 03:26
ئەركزاتنىڭ بۇ تەكلىپ-پىكىر ماقالىسىنى «يازغۇچىلار مۇن ...

ئەنىۋەركا  بىلمەمسىز بۇ شۇنداق لاۋزا تېتىقسىز ئادەم  بۇيەدىمۇ ئاقماپتۇ  ئەرىز شىكايتىى بولسا مەركەزگە ئەرىز سۇنسا  بوپتىكەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم،نومۇس قىلماي  خوتۇن خەك بىلەنمۇ ئۈزەڭگە سوقۇتۇرۇپ يۈرىدىغان مەھلۇقكەن ئەمەسمۇ بۇ ئى بى ئىملا دەپ داۋراڭ سالغابغا چۇشلۇق  ئۆزىنىڭ بى ئملاسىنى توغرىلىۋالسا دەيمەن

UID
8750
يازما
65
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1386
تىزىملاتقان
2011-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-1
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 20:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» ژۇرنالنىڭ ئىملا جەھەتتىكى ئۆتكەلنى تېخىمۇ چىڭ تۇتاتىم. چۈنكى ئىملا مەلۇم بىر تىلدا ئۆز تۇيغۇلىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھەم بىزنىڭ مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى.  ئەگەر ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزىمىزدىن، يازغان ھەر بىر سۆز-ئىبارىلىرىمىزدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا ئادەتلەنسەك، نېمىدېگەن ياخشى ئى بولاتتى-ھە!

________________
بۇ تېمنى يازغۇچىنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقتىم، قاراپ بېقىڭلار

ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» ژۇرنالنىڭ ئىملا جەھەتتىكى ئۆتكەلنى تېخىمۇ چىڭ تۇتاتىم. چۈنكى ئىملا مەلۇم بىر تىلدا ئۆز تۇيغۇلىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھەم بىزنىڭ مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى. ئەگەر ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزىمىزدىن، يازغان ھەر بىر سۆز-ئىبارىلىرىمىزدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا ئادەتلەنسەك، نېمىدېگەن ياخشى ئى بولاتتى-ھە!

ئىملا تەكشۈرگەن بەت
http://imla.uyghurdev.net/

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش