كۆرۈش: 398|ئىنكاس: 13

تۇرمۇشتا (شىئېر)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
122
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
122
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 13:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              تۇرمۇشتا...
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

تۇرمۇشتا بەكمۇ كۆپ كۈلكىلىك ئىشلار،
كېملەردۇر ئۆتىدۇ كېملەرنى تىللاپ.
بىراۋلار يىغلىسا ئاچچىق ياش تۆكۈپ،
بىراۋلار كۈتىدۇ كېمنىدۇر چىللاپ.

كېملەردۇر ياراتماي باشقىلارنى ھېچ،
يېلىنار كېمگىدۇر يۈزىنى سىيلاپ.
توقلۇقتىن كېكىرىپ تۇرسا بۇ جاھان،
ئاچلىقتىن ياتىدۇ بىر بايقۇش يىغلاپ.

بەدىنى كۈن كۆرمەي ئۆتكەن كېملەركىن،
دېھقانچۇ؟! يۈرۈيدۇ ئېتىزنى قىغلاپ.
بەزىلەر ھاياتقا قانماي كېتىدۇ،
بەزىلەر يۈرمەكتە كوچىنى چىڭداپ.

بىر ئەركەك ئۆيىدە بالا باقىدۇ،
مەھبۇبى سورۇندا يۈرەر شىپىلداپ.
مەستلىكتە قەي قىلىپ ياتماقتا بىرسى،
تولغىنار بىر ئايال تەرلەپ چىپلداپ.

كېمدۇر ئۇ پايپىتەك قازان بېشىدا،
كېمدۇر ئۇ جۆيلۈگەن تاتلىق پىچىرلاپ.
كېمدۇر ئۇ قار ياغقان قاپاق ئالدىدا،
گۇناھكار سانىلىپ تۇرغان مىشىلداپ.

يۈگۈرۈپ-يۈگۈرۈپ يۈرسە ھەر ئادەم،
ماڭماقتا دەلتىدەك بىرسى مىسلداپ.
تەر تۆكۈپ بىراۋلار تاپسا بەش يارماق،
بىر يېگىت كەلمەكتە يانچۇق تىمسىقلاپ.

سىر ئەمەس ھەر كىمگە ئىپارخان، نۇزگۇم،
يىل، دىللار ئۆتىمىز سۆيۈپ ئىششىقلاپ.
ۋەلېكىن خېلۋەتتە تالاي جانانلار،
ھەر قېلىن لەۋلەرنى شۈمەر غىلجىڭلاپ.

تاتلىققا ئۆچمىكىن؟ تۇرار بىر مەزلۇم -
زەھەرنى كاللەكلەپ نەگىدۇر چىڭداپ.
بىر ئاتا ئوغلىنى ئۇزاتتى بالدۇر،
ئۆلمىگەچ بەزىلەر كەتتى يىرىڭداپ.

تەبىئەت نېمىشقا مەينەت يۈردىكىن؟
ياغدۇردى ھېلىلا تۇپا چىپلداپ.
كېملەردۇر كاكىراپ قىلماقتا نەغمە،
بوۋامنىڭ ئۈنلىرى چىقار كىسىلداپ...

(«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 20-مايدىكى «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىي بېتىدە ئېلان قىلىنغان) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-23 12:42  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

ســېــغــىــنــدىــم

UID
2069
يازما
144
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
149
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 23:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شېئىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ئاكا ، ئىلھاملىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن!

UID
48943
يازما
18
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 01:35:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئەركەك ئۆيىدە بالا باقىدۇ،
مەھبۇبى سورۇندا يۈرەر شىپىلداپ.
مەستلىكتە قەي قىلىپ ياتماقتا بىرسى،
تولغىنار بىر ئايال تەرلەپ چىپلداپ.

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
122
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
122
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 09:30:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atirgul يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 23:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شېئىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ئا ...

ۋائەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم، رەھمەت سىزگە!

UID
10801
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
341
تىزىملاتقان
2011-4-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:32:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەدىنى كۈن كۆرمەي ئۆتكەن كېملەركىن،
دېھقانچۇ؟! يۈرۈيدۇ ئېتىزنى قىغلاپ.
بەزىلەر ھاياتقا قانماي كېتىدۇ،
بەزىلەر يۈرمەكتە كوچىنى چىڭداپ.

2-مىسرانى ئۆزگەرتىش تەكلىېىنى بىرىمەن.شىئىرنىڭ رىتىم ،قاپىيە تۇپەيلى ئىشلەتكەن  قىغلاپ دىگەن سۈزىڭىز كىشىگە كەمسىتىشتەك تەسىر بىرىپ قۇيىدىكەن.بۇ شىئىردا كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ،ئىجتىمائىلىق.ماددىي-مەنىۋى تەرەپلىرى قاتارلىقلارنى ئۇرتاق ئۆز ئىچىگە ئېلىپ پىكىر بايان قىلىنغاچقا قىغلاپ دىگەن سۆز دىھقاننىڭ خىزمەت مۇھىتىدىن ھالقىپ مەنىۋىيىتىگە تاقالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.ئۇيلۇنۇپ كۈرۈڭ.

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
122
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
122
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:51:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك پىكرىڭىزنى قۇبۇل قىلدىم، كۆپ رەھمەت. ئەمما توردىكى ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن، ساۋاق ئالدىم.

UID
31144
يازما
405
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 10:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ ،تىخمۇ تىرىشىڭ ،سىزگە ئامە ت تىلەيمەن !

UID
50778
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2013-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 23:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق شئېرنىڭ يئېرىمىنى  يازالىغان بولسام ،ئۈزەمنى بەخىتلىك  ھىساپلىغان بولاتتىم ...

باھا سۆز

سۈكۈت330  يئېرىمىنى ___ يېرىمىنى. ھېساپلىغان ___ ھېسابلىغان.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 13:23:47

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
122
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
122
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 13:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالىك يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 10:30
ياخشى يىزىلىپتۇ ،تىخمۇ تىرىشىڭ ،سىزگە ئامە ت تىلەيمەن  ...

تىلىكىڭىزگە رەھمەت!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
122
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
122
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 13:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAQURGEN يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 23:49
مۇشۇنداق شئېرنىڭ يئېرىمىنى  يازالىغان بولسام ،ئۈزەمنى ...

شېئىردىن زوقلانغان ئىكەنسىز سىزدە شېئىرىي دىت بار دىگەن گەپ، ئىشىنىمەنكى سىز چۇقۇم يازالايسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش