كۆرۈش: 983|ئىنكاس: 11

ئۇيغۇرلاردىكى مۇھەببەت قارىشى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
43136
يازما
230
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 11:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىنى ناھايتى ياختۇرۇپ ئوقۇيتىم  بارا بارا يىشىمنىڭ چونە بولشىغا ئەگىشىپ ھىكايە  ئاندىن رومانلارنى  ئوقۇيدىغان بولدۇم  .
مىنىڭ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تولۇقتا ئاچىللىرىمنىڭ ئەدەبىيات كىتابىىدىكى ھىكايە پوۋسىتلاردىن ئۈزىندىلەرنى ئوقۇيتىم   .  ئەمما بىر ئىشقا ھەيران   بىزنىڭ مەيلى تارىخى رومان بولسۇن  مەيلى تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن  بولسۇن ھەەىسىدە بىر قايناق مۇھەببەت تىراگىدىيىسى بار.
ھەم بىزمۇ مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن كىتاپلارنى قانچە  ئوقۇساق زىرىكمەي ئوقۇيدىكەنمىز .بۇرۇندى تاھ ھازىرغىچە ناخشىللىرىمىزنىڭ90%يۇقرىسى مۇھەببەت كۇيى
بىز ئۇيغۇرلاردا مۇھەببەت ھەققىدە  مىنىڭ بىر  مۇنازىرە  قۇرغۇم كىلىپ قالدى .
1. بىزدە مۇھەببەتنىڭ ھەرقايسى  ئىقىملىرىغا بولغان كۆزقاراشلىرىمىز .
2.بىزگە (ئاتا-ئانا.ئۇرۇق -تۇققان. دوس-يارەنلەر.ئۆزىمىزياخشى كۆرگەن يات جىنىس) مۇھەببەت ئارتۇقمۇ ياكى  كامچىلمۇ ؟
3.بىز نىمىشقا مۇھەببەت كىتاپلىرىغا قىزىققاندەك پەنتېخنىكىغا ئائىت ياكى  باشقا بىلىم ئالدىغان كىتاپلارغا شۇنچە قىزىقمايمىز .(بۇ مىنىڭ شەخسەن كۆزقارشىم )

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-21 11:12):
كەڭ تورداشلارنىڭ تارتىنماي ئۆز كۆزقارسىنى بايانقىلشىنى ئۈمىت قىلمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 00:30  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 14:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئېنسان ھەر داىم ئۆزىدە بولمىغان كام نەرسىسىگە ئېنتىلىدۇ ئەلۋەتتە، بۇ بىر تەبىى قانۇنىيەت، سىز بىلەن بىز كىچىكىمىزدە ئوقۇغان، ئۇ چۆچەكلەر ، مۇھەببەت قوشاقلىرى مېھنەتكەش خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە تەڭسىزلىكتە ياشاپ كەلگەن جەمىيەتكە نارازى بولۇپ  ، شۇ تەڭسىزلىكلەرنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ئارزۇ -ئارمانلىرى ئىدى. ئەمما ھازىرقىلىرى بولسا ،يا ئىلگىركى ئەجدارلىرىمىزنىڭ شۇ ئارزۇ ئارمانلىرىنى چۈشەنمەس بولۇپ قالدۇقمۇ، ياكى خىمىيەلىك بولغانمىلارنى كۆپ يەپ ئەقلىمىز گەجگىمىزدە توختاپ قالدىمۇ بىلمىدىم ،ئەمما ھەممىنىلا قارغۇلارچە دورايدىغان بولدۇق، سىز دىگەن ئۇ مۇھاببەت ناخشىلىرىمۇ  شۇنىڭ ئىچىدە باشقىلارنىڭكىنى بىزگە چۈشەمدۇ -چۈشمەمدۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق، ناخشىنى پەقەت ئېغىزىلا ئېيتىدۇ، يۈرىگى ئۆلۈك............داۋامى  بار

UID
50382
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
78
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 14:47:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھاببەت بەك دائىرلىق ئۇقۇم،ئۇ ئاللاھ نىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نىمەتلىرىدىن بىرى!لىكىن مۇھەببەت تار دائىردىكى بىر ئىككى شەخسكە مەركەزلەشكەن بولمايدۇ،ھازىر ئۇيغۇرلار ئاللاھقا بولغان مۇھابىتىنى ئىزھار قىلىشقا يول تاپالماي،ۋەتەن مۇھابىتى ئوبىكتىنى مۇقىملاشتۇرالماي،ئاتا ئانا مۇھابىتىگە سەل قاراپ ،پاك بولغان ئىلىم پەن مۇھەبىتىدىن تىنىپ،يامانغا باشلايدىغان مال دۇنيا مۇھابىتى بىلەن،ماددى ئىھتىياجغا زىچ يۆلەنگەن ،ئىنتايىن ئاجىز شەخس مۇھابىتىگە ئالدىنىپ بىچارىلەرچە دوقۇرۇپ دىۋانە ئاشىق بوپ يۇرمەكتە!!

UID
50842
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 16:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
royharry  ياخشى تەبىر چۈشەنچە بىرىپسىز.

UID
45753
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-11-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-21
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 20:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەر ھازىر ناخشا ئۇسۇلدا تۇنۇلدىغان تۇرساق . بىزنى ناخشا .ئۇسۇلغا ئامراق تۇرساق .

UID
48750
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 21:53:08 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇنكى مەيلى باشلانغۇچ ،مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپ بولسۇن ،ئەدەبىي سەنئەت پائالىيىتى بەكمۇ ئەتراپلىق ھەم كوپ كۇچ سەرپ قىلىنىپ داغدۇغۇلۇق ئوتكۇزۇلىدۇ ،ھەمدە سەنئەت جەھەتتە قابىلىيىتى بارلارغا ئالاھىدە كوڭۇل بولىنىدۇ ھەمدە بۇنداق  بالىلار ھەقىقى قابىلىيەتلىك دەپ قارىلىدۇ ،ئەكىسچە ئۇگىنىشتە ئەلا بالىلارغا مۇكاپاتلاش ،ئىلھاملاندۇرۇش ئاز بولىدىكەن ،بۇ بىۋاستە بىزنىڭ ئىلىم مەرىپەتكە سەل قارىشىمىزنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن ،مەسىلەن سەنئىت جەھەتتىن ناۋا قاتارلىقلار با ،لىكىن ئىلىمگە ئىنتىلگەنلەرنى ياكى نەتىجە قازانغانلارنى  داغدۇغۇلۇق ھالدا مۇكاپاتلايدىغان سەھنىلەر ئاز بولۇشى مۇمكن ،بۇ بىزنىڭ سەنئەتكە ھىرىسمەن ،قىلىۋىتىشى مۇمكىن چۇنكى سەنئەتتە كوپىنچە  مۇھەببەت سوزلىنىدۇ ى

UID
47031
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-3-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 00:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە بۇمۇ سۇبىكتىپ قاراش ھەرخىل مۇھەببەت بار .بىر بىردىن  پەرقلىندغان.

UID
43136
يازما
230
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 15:53:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tenharoh يوللىغان ۋاقتى  2013-7-21 21:53
چۇنكى مەيلى باشلانغۇچ ،مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالى ...

ئۇدىگەىنىڭىز  راس قىرىندىشىم  شۇڭا  مەن ئۈستىگە بىر نەچچە  سۇئال تەرىقىسىدىكى مەزمۇننى  يوللاپ قۇيدۇم  
بولسا  شۇ سۇئاللارنى بويلاپ  ئويلىغانلىرىمىزنى دەپ باقساق دىمەكچىمەن

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1111
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35074
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
124 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 16:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇ توغرىغا مېنىڭمۇ قېتىلغۇم كەلدى. مېنىڭ كۆز قاراشلىرىم بىلەن ئوخشاش بولغان بىر كىشىنىڭ تېمىسىنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قويۇشنى توغرا كۆرۈپ قالدىم. بۇ كىشىمۇ ئەلكۈيى تورىغا يوللاپتىكەن. بۇ ئەڭ ياخشى جاۋاب ئىكەن.
مۇھەببەت - ئۇ نېمە؟
(ئويچى)



ئېھتىمال، سىزمۇ مۇھەببەت ئىزدەۋاتقانسىز، تېخى بەزىدە مۇھەببەت دېگەن زادى نېمىدۇ دەپ، سۇراپمۇ قالىدىغانسىز. شۇنداق، دۇنيادا مۇھەببەتكە ئىنتىلمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق، ھەممە ئادەم سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ئىستەيدۇ، مۇھەببەت قەدىمدىن ھازىرغىچە جەلىپكارلىقىنى يۇقاتماي كەلگەن تېما.

    قاراڭ، قانچىلىغان شائىر-يازغۇچىلار مۇھەببەت ئۈچۈن نەزمە قاتتى؛ قانچىلىغان ئاشىق-مەشۇقلار مۇھەببەت ئۈچۈن دەرت تارتتى؛ قانچىلىغان ۋاپادار ئۇغۇل-قىزلار مۇھەببەت ئۈچۈن جاننى بەردى. بىراق، مۇھەببەت ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوبىكتىگە قاراپ پەرىقلىنىدۇ. تۈرلۈك-تۈمەن مۇھەببەتلەر ئىچىدە تىپىك بولغىنى دىين-ئەقىدە مۇھەببىتى، ۋەتەن-مىللەت مۇھەببىتى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، دوس-يار مۇھەببىتى ۋە قىز-يىگىت مۇھەببىتى... قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.

    بىلەمسىزكىن، ھەممە مۇھەببەتتە ئاشىق-مەشۇق بولىدۇ، پەقەت قىز-يىگىت مۇھەببىتىدىلا ئاشىق-مەشۇق بۇلامدىكىن دەپ، ئويلاپ قالماڭ. مۇھەببەت ھەرخىل بولغاندەك ئاشىق-مەشۇقلارمۇ بىرخىل بولمايدۇ، مەيلى قايسى خىل مۇھەببەتتە بولمىسۇن، مۇھەببەت ئاشىقتىن مەشۇق ئۈچۈن تاماسىز قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، مۇھەببەتلىك ياشايمەن دەيدىكەنسىز  مۇھەببەت ئۈچۈن مىننەتسىز ئەجىر قىلىشىڭىز كىرەك. غەرەزلىك قىلىنغان خەير-ساخاۋەت مەشۇق ئۈچۈن تۈلەنگەن بەدەل بۇلالماس.

    توغرا، مۇھەببەت ياخشى كۆرۇش، بىراق، كىمنى، نېمە ئۇچۈن ياخشى كۆرۈش؟ ئۇنتۇپ قالماڭ، مۇھەببەت تارىخىنى يالغۇز پەرھاد-شىرىن، غېرىب-سەنەم، تاھىر-زۆھرەلەر ياراتقان ئەمەس. سىز ئاڭلىغانمۇ، مۇھەببەت تارىخىدا تالايلار تەڭرى سۆيگۈسى ئۈچۈن شەھىد بولغان، تالايلار ئەركىنلىك-ھۆرلۇك ئۈچۈن پىدا بولغان، يەنە تالايلار ۋەتەن-  مىللەت ئۈچۈن قۇربان بولغان. ئنسان ھامان ئۈلىدۇ، ئۈلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۈلۈم مۇددىتىنى ئۇزارتىشقىمۇ ئىنسان قۇدرىتى يار بەرمەيدۇ، بىراق چەكلىك ھاياتنى چەكسىزلىك مەنالىرىغا ئىگە قىلىش مۇمكىن. نېمە بىلەن؟ يەنە شۇ مۇھەببەت بىلەن-دە! بۇنداق مۇھەببەتنى ھۇقۇققا تايىنىپ ئىگىلىۋالالمايسىز، مال-دۇنياغا تايىنىپ سېتىۋالالمايسىز، پەقەت ساغلام تەبىيئىتىڭىز بىلەن غەرەزسىز تەپەككۇر قىلغىنىڭىزدا، ئۇ قىممەت قاراش سۈپىتىدە قەلب تۆرىڭىزدىن ئۇرۇن ئالىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇنى قەدىرلەڭ، ئۇنىڭ ئۇچۈن قەلبىڭىزنى پاكلاڭ، ئىخلاس بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭ. شۇنى بىلىڭكى، ئخلاسسىز مۇھەببەت بولماس، ناپاك قەلىبكە مۇھەببەت ھەم سىغماس.

    ئايانكى، ئىنسان، ھايات، كائىنات  ھەققىدىكى تىرەن پىكىرلەردىن، ئۆزلۈك، ئۈلۈم، ئاخىرەت چۈشەنچىلىرىدىن دىين-ئەقىدە ئاساسىدىكى ئىلاھ سۆيگۈسى مەيدانغا كەلدى؛ ۋەتەن-مىللەتنىڭ تارىخى  ۋە كەلگۇسى ھەققىدىكى ئىپتىخار ۋە ئىزتىراپلارنى، ۋەتەن- خەلقنىڭ ئىنسان گەدىنىدىكى ھەققى-ھۆرمىتى ۋە ئىنساننىڭ ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت-مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇنۇشىدىن ۋەتەن-مىللەت سۆيگۈسى ئوتتۇرىغا  چىقتى؛ ئىزگۈ-ياخشىلىق، ۋاپادارلىق، ھەمراھلىق، دوسلۇق  ھەققىدىكى چوڭقۇر پىكرىي، يۈزەكى ھېسسىي قاراشلاردىن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، دوس-يار مۇھەببىتى روياپقا چىقتى؛ ئەرلىك جەسۇرلۇق ۋە ئاياللىق لاتاپەتكە بولغان تۇغما ئىنتىلىشلەردىن، جىنسىي غىدىقلاشلار بىلەن قۇشۇلۇپ، ئائىلە شاتلىقى، پەرزەنت ئارزۇسى، ئۈنسى-ئۈلپەت ۋە گۈزەل كەلگۈسى قۇرۇش ئىستەكلىرىدىن قىز-يىگىت سۆيگۈسى ئۆز جىلۋىسىنى كۆرسەتتى... خوش، ئەمدىغۇ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەنسىز؟!

     دېمەك، مۇھەببەت - يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ سۆيۈملۈك كونا دۇنياسىغا قىيالماي، ناتۇنۇش يىڭى دۇنياغا ھەيرانلىق بىلەن بېقىشلىرىدىن ھاسىل بولغان ئىڭەلەپ-قىقاسلاپ قىلغان نالىسى.

     دېمەك، مۇھەببەت - بالىلىق-ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى گۇزەل-شىرىن، ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلاربىلەن خوشلىشىپ، ياشلىقنىڭ ئۈمۈتلۈك، جەلىپكار قاينىمىغا قەدەم تاشلىغان يىگىت ياكى قىزنىڭ ئىزگۈ تىلىكى.   

     دېمەك، مۇھەببەت - مۇشەققەتلىك ھايات مۇساپىسىدە ئۆزىگە يولداش تاپماق بولۇپ يۈرگەن قىز-يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىگە قىيا بېقىشلىرى، ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە سۈرۈشتە قىلىپ، قارشى تەرەپنى چۈشەنمەك بولۇشلىرىدا ئىپادىلەنگەن يۇشۇرۇن مەنا، ئىچكى سېزىم؛ شۇنداقلا يالقۇنلۇق ھېسىيات، ئوتلۇق بېقىش، ئىزگۈ تىلەك، كۈچلۈك ئىھتىياج...ۋاھاكازالارنىڭ تۈرتكىسىدە بىر-بىرىنى ئىزدەۋاتقان قىز-يىگىتلەرنىڭ سائادىتى ياكى قاباھىتى.

     دېمەك، مۇھەببەت ـ  جۈپلۈك ھاياتىغا قەدەم قۇيۈپ، ئائىلە قۇرغانلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا ھالال جۈپتى بىلەن قۇشۇلۇشنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان بالىسىغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى.

     دېمەك، مۇھەببەت ـ  يىمەي يىگۈزۈپ، كېيمەي كېيگۈزۈپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانا، بىللە ئۆسكەن، يار-يۈلەك بولغان  ئۇرۇق- تۇققان، ئۈلپەت-سىرداش، روھى ھۇزۇر دوست-يار بۇرادەرلەرگە بولغان ئەڭ ئالى ئىھتىرام.
دېمەك، مۇھەببەت - باغرى ئىللىق ۋەتەن، مىھرى ئىسسىق خەلق ئارىسىدا ياشاش جەريانىدا، شاتلىقىدىن ئىپتىخارلنىپ، قايغۇسىدىن ئىزتىراپ چىكىپ يۈرۈپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرۇن ئالغان ۋەتەن-مللەت سۆيگۈسى.

    دېمەك، مۇھەببەت - «نېمە، نېمىدىن، كىم، قانداق، قاچان، قەيەردە، نېمىشقا...» قاتارلىق تۇغما ھەم پەلسەپىۋىي نىدالارنىڭ قىستىشى بىلەن قىلىنغان تىرەن پىكىر، چوڭقۇر سۇكۈنات نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئارىفلىق ماقامىدىكى ئويغىنىش ۋە ئارىفلىق ماقامىغا يەتكەن ئىنساننىڭ ھەقىقەت ئىزدەش يولىدىكى رىيازەتلىرىنىڭ سەمەرىسى بولغان يىگانە ھەق، ۋاجىبەل ۋۇجۇد، تۈنجى سەۋەب ئاللاھنى تۇنۇشتىن قوزغالغان ئىلاھى سۆيگۈسى.
دېمەك، مۇھەببەت ـ  ئەجەلنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشتىن كېلىپ چىقىپ گۇناھىغا قىلىنغان تەۋبە، تەسىرلىك دۇئا-تىلاۋەت.
دېمەك، مۇھەببەت...
دېمەك، مۇھەببەت...

ۋاي-ۋۇي نېمىدىگەن كۆپ مۇھەببەت بۇ؟ ھەيران قالماڭ، مۇھەببەت ئەنە شۇنداق تالاي شەكىللەرگە ئىگە، ماھىيىتى بىر نەرسە، ئۇنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەيدىغىنى بىردەك «ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش» دېگەن مەنادۇر، ئەمما، مەن سىزگە مۇھەببەتنىڭ بىرخىللا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدۇم خالاس. خەير، ئامان بولغايسىز، مۇھەببەت سىزگە يار بولسۇن!

        

2010-يىلى، كەچ كۈز، سەھرايى خوتەن.


بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
53996
يازما
27
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 17:21:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bargiya يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 16:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇ توغرىغا مېنىڭمۇ قېتىلغۇم كەلدى. ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىزمۇ خوتەنلىكمۇ؟

باھا سۆز

bargiya  ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن غۇلجىدىن  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش