كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 7

مىكرۇ ئەسەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53449
يازما
8
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 05:13:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                       مۇھەببەت
      مەھەللىدە بىللە ئويناپ يۈرگەن بىر جۈپ قىز-ئوغۇلنىڭ بۇ مەھەللىدە ئويناپ يۈرگىنىگە تېخى 5-4يىلمۇ بولمىدى. ئۇلار كۈندە دېگۈدەك بىللە ئوينايدۇ، گەرچە ئۇلار ئاران 6-5 ياش بولسىمۇ، ھاياتنىڭ ھەقىقىي قېممىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن كىشىلەردەك ھەر كۈنىنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ...بىراق، ئوغۇلنىڭ ئائىلىدىكىلىرى يىراققا كۆچۈپ كەتمەكچى،بۇ تەغدىر ئالدىدا مۇھەببەتنى ئەسلا چۈشەنمەيدىغان، ئېغىزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان ئۇلار بىر بىرىگە قىيالماي ،يىغلىشىپ ناھايىتى تەستە ئايرىلدى. گەرچە ئۇلار كۆڭلىدە قانداقتۇر، ئىپادىلەپ بەرگۈسىز تۇيغۇلار شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇ تۇيغۇنى كۆز ياشلىرى ئارقىلىق ناھايىتىمۇ روشەن ئىپادىلەپ بەردى.مانا بۇ مۇھەببەت، ھەقىقىي مۇھەببەت. گەرچە ئۇلار مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىمۇ، ھەممىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي سېھرى كۈچىنى يوقاتقان ئەقىل ئىگىلىرىگە بۇ ھەقىقەتنى تونۇتۇپ قويغانىدى.  

                                                                        ئىنساب
       ھاراق سورۇنىدىن دەلدەڭشىپ قوپقان ھاراقكەش كوچىغا چىقتى، قايناق كوچىدىكى ئادەملەر ئۇنىڭ كۆزىگە ھەرخىل كۆرىنەتتى:
       بىر-بىرىنى ئالداۋاتقان، بىر بىرىنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلاپ قېچىۋاتقان، يەنە بىرلىرى ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن ئاغزى-بۇرۇنلىرىنى قان قىلىشىۋاتقان، يەنە بىرلىرى سودا-سېتىق يوللىرى ئارقىلىق ھارام پايدا ئېلىۋاتقان...ئىشقىلىپ ھەممىسى ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىۋاتقان.
       ئۇنىڭ بۇ كوچىغا قاراپ تېنى شۈركەندى-دە قايتا ھاراق سورۇنىغا كىردى. بايا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ مەيۈس ھالىتىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشتى:
       -كەل، ھارىقىمىزدىن ئىچ، ئاخشام ئوغۇرلاپ قويغان توخۇدىن كەلگەن سورۇن بۇ. ئەتە بۇنىڭدىن چوڭ سورۇن راسلايمىز...
       ئۇ ئۇيەرگە بارماستىن قاۋاق خوجايىنىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
       -كەل-دېدى قاۋاق خوجايىنىمۇ ئۇنى چارقىرىپ-ساڭا يەنە قانداق ھاراق كېرەك؟
       ئۇ كىرلىشىپ كەتكەن بىر باغلام پۇلنى تەرلەپ-پىشىپ ساناۋاتقان قاۋاق خوجايىنىغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
       -ئىنساب ھارىقىدىن بىر پوتۇلكا بەر...

                                                                        ۋىجدان
      خىزمەتداشلىرىمنىڭ يۇقىرى ئاۋاز قوشۇشى، كۆپ بىلەت تاشلىشى ئارقىلىق ئېدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلەندىم. ئۇلار ماڭا تېخىمۇ خوشامەت قىلىشتى، مەن ئارقىلىق خىزمەت بېسىمىنىڭ بىر ئاز يىنىكلىنىشىنى، مائاشىنىڭ بىر ئاز ئۆسۈشىنى ھەل قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى كۆڭۈلدىلىدەك ئورۇنلاپ بەردىم. گەرچە ئېدارىنىڭ ئايلىق مائاشى بەلگىلەنگەن مۇقىم مائاش بولسىمۇ، ئۇلارغا بەلگىلىمىدىن يۇقىرى مائاش بەردىم. ئەمما ئېدارىنىڭ مالىيىسىگە تەسىر كۆرسەتمىدىم، چۈنكى مەن ئۆز ۋىجدانىمغا خىلاپ ئىش قىلىشنى، تەييارتاپلىق بىلەن يۇقىرى مائاش ئېلىشنى خالىمايتتىم. شۇڭا ئايلىق مائاشىمنى ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىش بەدىلىگە ئېدارىنىڭ مالىيىسىنى ساقلاپ قالالىدىم.
     -ھەي ئەخمەق ئاداش-دېدى بىر ئاي بۇرۇن ئېدارە باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان باش نازارەتچى-ئۇلارغا مائاشىڭنى بۆلۈپ بېرىپ نېمە قىلىسەن؟مالىيىدىن ئالمامسەن، قاراپ تۇرۇپ ئايلىق مائاشىڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭ.
     -ياق، مەن ئەمەس ئۇلار ئۆز ۋىجدان-غورۇرىدىن ئايرىلىپ قالدى-دېدىم مەن.
     -ھە بوپتۇ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئورۇنغا چىقتىڭ ئەمەسمۇ، گەرچە ئايلىق مائاش ئالمىساڭمۇ ئېناۋىتىڭ ھەممىمىزنىڭكىدىن چوڭ-دېدى ئۇ مېنى زاڭلىق قىلغاندەك.
    -ياق-دېدىم مەن ئۇنىڭغا يەنىلا-مەن ئۆزۈمنى بۇ ئورۇنغا ھالال چىقتىم دەپ قارىمايمەن، چۈنكى مەن بۇ ئورۇنغا تاپىنىم بىلەن ئەمەس ئايىغىم بىلەن دەسسەپ تۇرىۋاتىمەن. شۇڭا بۇيەرنىڭ ھارارىتى ماڭا ئەمەس خوشامەت بىلەن ئايىغىمنى كۈندە ئېتىپ، مايلاپ تۇرغان ئۇلارغا بولىۋاتىدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، مەن ئۆز ۋىجدانىمنىڭ ناھايىتىمۇ ئىللىق ھارارىتىدىن بەھىرلىنىۋاتىمەن.

                                                                        ئېھتىماللىق
    -ئۇخلىماڭ-دېدى قىز بىشىنى پارتىغا قويۇپ ياتقان يىگىتكە.
    -ئۇخلىمىدىم، ماتېماتىكىدىكى بىر مەسىلىنى ئويلىشىۋاتىمەن-دېدى يىگىت تېزدىنلا جاۋاب قايتۇرۇپ.
    -قايسى مەسىلىنى؟
    ئېھتىماللىقنى.
    -قايسىسى؟
    -مانا بۇ.
    يىگىت ئېھتىماللىققا دائىر بىر سوئالنى قىزغا كۆرسەتتى، سىنىپ بويىچە ماتېماتىكىغا ئەڭ ئۇستا بۇ قىز ھايال ئۆتمەيلا بۇ مەسىلىنى يېشىپ چىقتى.
    -مانا قاراڭ، 0.5بولىدىكەن- دېدى قىز.
    -توغرا دەيسىز ، 1تال سان ھەرگىزمۇ ئېھتىماللىق بولالمايدۇ-دە؟
    -قىز ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەندەك داڭقېتىپ تۇردى.
    ...توغرا، مۇھەببەت مەسىلىسىنى ماتېماتىكىغا سۇندۇرساق، ئۇ ماتېماتىكىدىكى بىر سوئال بولۇپ قالىدىكەن، ئېھتىماللىق سۆيگۈنۈڭنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى بولۇپ قالىدىكەن، 0.5سۆيگۈنۈڭنىڭ سەندىن باشقا يەنە بىر ئادەمنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن...بۇ ئاددىي ئۇسۇلنى قوللانغان يىگىت سۆيگۈنىدىن ياخشى جاۋاب ئالالمىدى. بىراق، سۆيگۈنى ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ماتېماتىكىغا دائېر سوئاللار ئارقىلىق سورىغىنىنى چۇشەنگەنمىدۇ؟ مېنىڭچە چۈشەندى. ئەگەر ئۇ چۈشەنمىگەن بولسا، ماتېماتىكىغا شۇنچە ئۇستا تۇرۇپ، بۇ مەسىلە جاۋابىنىڭ 0.5ئەمەس بەلكى 1تال سان چىقىدىغانلىقىنى دېگەن بولاتتى.

     (0.5نى ئەسلى «ئىككىدىن بىر» دېسەم بولاتتى،بىراق، كومپىيۇتېرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، شۇڭا0.5دېدىم، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. )

                                                                                                             ئابدۇزاھىر ئابدۇساتتار
                                                                                                             2013-يېلى،ماي

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44014
يازما
225
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
225
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 23:07:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مىكرو ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن..ئۆزى قىسقا ئەمما مەنىسى بەكلا چوڭقۇر..

زاھىرجان سىزگە كۆپ رەخمەت دوستۇم..

UID
52403
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 23:18:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
47447
يازما
37
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 14:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇرمەنا ئىپادىلەنگەن مىكرو ئەسەرلەر ئىكەن، ئاپتۇرغا رەھمەت.

UID
54212
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-2-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 16:57:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكە!

كۆيۈمچان ئەزا

سىنىڭ خوشاللىقىڭ مىنىڭ بارلىقى

UID
9601
يازما
164
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2534
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 17:07:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە مۇھەببەتنى ئۇچۇق ئاشكارا ئىپادىلەشكە توغرا كىلىدۇ.ئۆزگىچە ئىپادىلەش بەزىدە قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرۇپ قۇيىدۇ .

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-30 17:09):
داۋاملىق مۇشۇنداق ئىسل ئەسەرلەر بىلەن بەھىرلەندۇرۇشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن

UID
50039
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 19:21:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇر ، ھىكمەتلىك ئەسەرلەركەن . تىما ئىگىسىنىڭ قەلىمى  ھېررىپ قالمىغاي .

UID
48034
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 21:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىسى چوڭقۇر  ئىسىل ئەسەركەن . ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش