- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 46
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 46
- تىزىملاتقان
- 2013-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-14
- UID
- 51854
- يازما
- 46
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 46
- تىزىملاتقان
- 2013-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-14
- توردا
- 94 سائەت
|
تاللاش
ئايالى بىلەن بالىسى تەڭلا كەلكۈن سۈيىدە ئېقىپ كەتكەن دېھقان پەقەت ئايالىنىلا قۇتقۇزۇپ چىقىپتۇ ، بالىسى بولسا سۇدا ئېقىپ كېتىپتۇ ، بەزىلەر دېھقاننىڭ قىلغىنىنى توغرا تېپىپتۇ ، ئۇلار بالا دېگەننى يەنە بىرنى تۇغۇۋالسا بولىدىغۇ دېيىشىپتۇ ، يەنە بەزىلەر بولسا دېھقاننى ئەيىبلەپتۇ ، ئۇلار خوتۇن ئۆلۈپ كەتسە يەنە بىرنى ئالسا بولىدۇ بىراق بالا ئۆلۈپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ دېيىشىپتۇ ، زادى كىمنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق ؟
شۇنداق قىلىپ بىرى دېھقاندىن سوراپتۇ : ئەينى ۋاقىتتا نىمىنى ئويلاپ ئايالىڭىزنى قۇتقۇزغان ئىدىڭىز ؟ دېھقان : ھېچنېمىنى ئويلىمىدىم ، ئەينى ۋاقىتتا ئايالىم مىنىڭ يېنىمدىلا ئىدى ، مەن ئايالىمنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ قۇيۇپ قارىسام بالامنى كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىپتۇ .
دېھقاننىڭ سۆزلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى ، بەلكىم ھاياتىمىزدىكى كۆپىنچە تاللاشلار مۇشۇنداق بولسا كېرەك .
مېھىرلىك قەلب
بۇ بىر ھەقىقى ۋەقە ، ئەنگىلىيىدە تىكەندەك يالغۇز بىر بوۋاي بولۇپ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا ئۆيىنى سېتىۋېتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بوپتۇ . ئۆيىنى ساتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېلان بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ئەسلى 80 مىڭ فونتىستىرلىڭغا سېتىلىدىغان ئۆي ناھايىتى تىزلا 100مىڭ فونتىستىرلىڭغا ئۆرلەپتۇ . بىراق ئۆزىنىڭ ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ بوۋاينى غەم بېسىپتۇ ، ئۇنىڭ يېرىم ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن بۇ ئۆينى پەقەتلا سېتىۋاتقۇسى يوق ئىكەن ، سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا بۇنىڭغا نېمە ئامال !
شۇ چاغدا ئۆيگە ئاددىي-ساددا كىيىنگەن بىر ياش يىگىت كىرىپ كەپتۇ ، ئۇ بوۋايغا يېقىن ئولتۇرۇپ تۆۋەن ئاۋازدا "ئەپەندىم مېنىڭمۇ بۇ ئۆينى شۇنداق سېتىۋالغۇم بار ، لېكىن ئارانلا 10مىڭ فونتىستىرلىڭ پۇلۇم بار ، ئەگەر ئۆيىڭىزنى ماڭا سېتىپ بەرسىڭىز ساناتورىيىگە بېرىشىڭىز ھاجەتسىز مەن بىلەن مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇۋېرىسىز ، بىللە غىزالىنىمىز ، سەيلە قىلىمىز ، بىللە گېزىت كۆرىمىز ، كۈنلىرىمىز خۇشال ئۆتىدۇ ، ماڭا ئىشىنىڭ ! سىزگە ئۆزۈمنىڭ دادىسىغا قارىغاندەك قارايمەن " دەپتۇ ، بوۋاي كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ .
ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىزدە بىر مېھىرلىك قەلب بولسىلا كۇپايە ، رەھىمسىزلەرچە بىر-بىرىمىزنى ئوتقا ئىتتىرىش ، ئالداش ھاجەتسىز .
دېرىزە
بىر ئايال ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ ئۇدۇلدىكى خۇشنىسىنى كىرلىرىنى پاكىز يۇمايدۇ ، كىيىمدىكى داغلارنى پاكىز چىقىرالمايدۇ ، كىر يۇيۇشنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇمسىز خوتۇن ئىكەن دەپ ئويلايدىكەن .
بىر كۈنى ئۇ بۇ گەپنى بىر دوستىغا دەپ بېرىپتۇ ، دوستى دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىردەم كۆزەتكەندىن كىيىن سۈرتكۈچنى ئېلىپ كېلىپ دېرىزىنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپتۇ ھەم ھېلىقى ئايالغا : ئەمدى كېلىپ قاراپ بېقىڭە ،- قوشنىڭىز كىرلەرنى بەك پاكىز يۇيىدىكەن ئەسلىدە دېرىزىڭىزنى توپا بېسىپ كېتىپتىكەن قاراڭ ئەمدى پاكىز كۆرۈنۈۋاتىدۇ دەپتۇ .
ھە- ، ئەسلىدە ئۆزۈمنىڭ دېرىزىسىنى توپا بېسىپ كېتىپتىكەن ، سىزنىڭچۇ ؟
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-19 19:53):
مەنبە : خەنزۇچە «يۇپۇرماق » ئۈندىدار سالونى |
|