تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1111|ئىنكاس: 8

قەلەم ۋە شائىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 15:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەلەم ۋە شائىر

قەلەم ، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر .
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان ، زاۋالىمنى بەر .

چىلاپ سېنى تۈندەك قارا سىياغا ،
سىزاي چوغلۇق گۈلى دىللارغا .
ئېرىپ سەندە بوغدانىڭ ئاپئاق قارلىرى ،
ئەگىز بولۇپ ، شارقىراپ كىرسۇن تىللارغا .

قەلەم قەلەم ئەمەس ، مىسالى ئەلەم ،
ئۇنىڭ ھېكمىتىگە بويسۇنار ئالەم .
جاھان تەسۋىرىنى يورۇتۇپ ھەردەم ،
ئۆزىنى قايتىدىن ياراتتى ئادەم .

ھاكىم بىلەن دېھقان تەڭدۇر قەلەمدە ،
پادىچى ھەم دەنا ئوخشاش مۆجىزە .
پاشىنىڭ ئۆلۈمى تەڭداشسىز ماتەم ،
ھايات تەرىپىگە ئەگەر ئەرزىسە .

شائىر كۆرسە توڭلاپ تىترىگەنلەرنى ،
قىپقىزىل قېنىنى ئوت قىلىپ چاچار .
ئۆزگىلەرگە بېرىپ گۈزەل ئەركىنلىك ،
ئۆزى تۇتقۇنلۇقتا ئۆرتىنىپ ياتار .

قەلەم ، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر .
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر .

«كۆيگەن دېڭىز » دىن


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3316
يازما
597
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
6170
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 16:28:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چىققان شئىردە بۇ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت

كۆيۈمچان ئەزا

ئىشىكنى قايتا-قا

UID
3809
يازما
195
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
6586
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 16:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمزە ھەقىقى شائىر دە!
باشقىلارنىڭ ئىسىل ياازمىلىرىنى يوللاپ قويۇشمۇ كاتتا پەزىلەت دىسە!
باياۋاننىڭ ئەجرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!!!!

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
421
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
16059
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 16:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭمۇ؟؟؟؟ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ بىزنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىمىزدا بولىدىغان ئەمما ئاپتورىنى ئۇنتۇپتىمەن

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 16:57:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 3 قەۋەتتىكى   (melek) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

بۇ شېئىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ " كۆيگەن دېڭىز " ناملىق شېئىرلار توپلىمى كىتابىدىن ئېلىنغان .
يېزىلغان ۋاقىت 1999-يىل، ئۈرۈمچىدە يېزىلغانىكەن .

UID
3193
يازما
178
تېما
22
نادىر
0
جۇغلانما
1890
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 17:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر دەل ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ ، بۇ كىشىنىڭ نۇتۇقى ئاجايىپ ، دېسە ! ئاڭلىسام ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقۇدەك .

تەپەككۇر يولى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
347
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10120
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 19:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاكىم بىلەن دېھقان تەڭدۇر قەلەمدە ،
پادىچى ھەم دەىنا ئوخشاش مۆجىزە .
پاشىنىڭ ئۆلۈمى تەڭداشسىز ماتەم ،
ھايات تەرپىگە ئەگەر ئەرزىسە .

بەك ئېسىل چىقىپتۇ .

پاك تۇغۇلۇپ ،ئۇيقۇ بىلەن ياشاپ ،گۇناھ بىلەن كېتىمىز .

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
201
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6232
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-12
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 19:36:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكىmelek يوللىغان 2010-08-10 16:53 غا قارتىلغان  :
بۇ شېئىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭمۇ؟؟؟؟ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ بىزنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىمىزدا بولىدىغان ئەمما ئاپتورىنى ئۇنتۇپتىمەن
     مەنمۇ دەرىسلىكتە كۆرگەن ئىدىم .ئاپتورى ئابدۇقادىر جالالىدىن .پەلسەپىۋى تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن ئۇ كىشىنىڭ سىماسى ئايان .

UID
2091
يازما
1546
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50500
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 00:01:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دەرسلىك كىتاپتىن كۆرگەنتىم .. بەك ياخشى شېئىر بۇ .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش