كۆرۈش: 1037|ئىنكاس: 8

سىزمۇ بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8524
يازما
62
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 00:48:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جاھاننىڭ بىر بۇرجىكىدە سىزمۇ بار....



دۇنيا مەئىشەتلىرىگە ئۆزىنى ئاتىغان جانلار باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئادەممۇ؟!
                                                                                                          -خاتىرەمدىن.

        ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا نۇرغۇن مەئىشەتلەر ئاتا قىلىنغان. لېكىن ھەممىسى بۇ دۇنيالىق ئۈچۈنلا ئەمەس! تۇپراقتىن تەننى ياراتقان ئىگەم يەنە ئۇنىڭ قوۋرىغىسىدىن ئۇنىڭغا ھەمرا ياراتتى... تەڭداشسىز گۈزەللىككە ئىگە بولغان ئىنساننىڭ نۇقسانسىز لاتاپىتىدىن ھېچقاچان سۆيۈنمەي قالمايدۇ ھەركىم؟!
        قاراڭ، كۆزنىڭ بىر جۈپ ئىكەنلىكى- ئايغا يانداش قۇياشنىڭ بارلىقىنى، قۇلاقنىڭ بىر جۈپ بولغانلىقى-زېمىنغا يانداش سامانىڭ بارلىقىنى، ئېغىزنىڭ بىر بولغانلىقى- تاغلار قەددىنىڭ بىرلىكىنى، قول-پۇتلارنىڭ بىر جۈپتىن بولغانلىقى- دېڭىزلارنىڭ بىر -بىرىگە تۇتىشىپ، يىلتىزىنىڭ بىر نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، بۇ بۈيۈك قامەتنىڭ ئىگىسى بولمىش ئىنساننىڭ رىسقىنى بۇ زېمىنغا مۇشۇنداق يوللار بىلەن چېچىۋەتتىمىكىن؟!
      ئاجىز بەندە ئۆزىنىڭ ھالاللىقى بىلەن ياراتقان ئىگىسىگە شۈكىرى قانائەت ئېيىتىپ، بۇ دۇنيالىق شاراپەتلىرىدە ئۇ دۇنيالىق غەملىرىگە جاۋاپ ئىزدەيدۇ... تىلسىزلىق ئىراسىدىن تاغلارنىڭ قەددىگە تىلىنى پۈتۈپ كەلگەن ئىنسان يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تاشلاردىن پايدىلىنىپ، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى «تاشنى تاياققا تېڭىپ»دەسسەپ كەلدى... نېتەي، ۋاقىت چەمبىرىكى داۋام ئەتكەن شۇ دەقىقىلەردە يەنىلا قۇياشنىڭ ئۇچقۇنىدىن ھارارەت ئالغان «ئوت»نى بايقاپ، جاندارلارنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ، تۇنجى رەت قىلىنغان تائام مەيدانغا كەلدى... نە بىر دۇنيانىڭ يارىتىلىش توغرىسىدا بىر ئوي -خىيال بولسۇن؟!
     تەپەككۇر تامچىلىرى ئاخىر تامدى....
    قۇياشنىڭ پېتىشىغا، كېچىسى ئاينىڭ بولىشىغا، يامغۇر،شامال، قار، جۇدۇن، ئىسسىق....نىڭ يەنى تەبئىي قانۇنىيەتلەر بولغان ئىگىسىنىڭ پەرمانلىرىغا ھەيرانلىق نەزىرىنى تاشلاپ، «تەپەككۇر» قىلىشقا باشلىدى... شۇندىن كېيىن، ھەربىر ئىشقا گۇمانىي، ھەيران قىلىش نەزىرىدە بېقىپ، دۇنيالىق ھىجرەتلىرىدە ھەر ئىشقا «ئەقىل» ئىشلىتىدىغان «تاكتىكا»نى يەكۈنلەپ چىقتى... جان بېقىش جەريانىدا باشقا نۇرغۇنلىغان ھاسىلاتلارنى بايقاپ،سۇلارنىڭ ئەكسىدە ئۆز جامالىنى كۆردى... بۇ تۇنجى رەت ئىنسان ئۆز ھۆسىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىشى بولدى... ھەيرانلىق نەزىرى يەنە باشلاندى...
باشقا ھايۋانلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەم يەرلىرىنى ھېس قىلدى بولغاي. چۈنكى، ھايۋانلار تۆت پۇتلاپ ماڭاتتى... بۇنى بەلكىم ئاجىزلىق دەپ ھېس قىلغان بولسا كېرەك!؟ ۋاقىت چەمبىرىكى ئايلىنىپ، بۇنىڭ ئارتۇقچلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ۋاھالەنكى، تىل تېخى مەيدانغا كەلمىگەن شارائىتتا ئىما،ئىشارەت ئىنسان ئارىسىدىكى ئەڭ يېقىنلىق ئىپادىسى ئىدى. زاماندىن زامانغا ئۇلاشقان ئاشۇ مېھر مانا، ھېلىھەم كۆزدىن ئۆز ئەكسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بىر ئانىنىڭ بالىغا بولغان، ياكى بالىنىڭ ئانىغا بولغان تەشنالىق مېھرىنى ئېھتىمال ئىنسانلار قوي كۆزلىرى تەلمۈرۈپ تۇرغان بۇغىدىن، ئولجىغا چۈشۈپ ماكانغا قايتالمىغان مارالدىن ھېس قىلغان بولسا كېرەك..... ئۇلۇغ خۇدا ھەممە نەرسىنىڭ جۈپتىنى بىرگە يارىتىپ، ئۇنىڭغا مانا شۇنداق تىل ئىپادىلىيەلمىسىمۇ كۆزدىن ، شۇ سىرغىپ چىققان ياشتىن ھېس قىلىدىغان سېزىمنى روھ بەرگەندە بېرىۋەتكەن بولسا كېرەك!؟
تالىشىش باشلاندى....
ئولجا ئالغان نەرسىنى تەقسىم جەريانىدا ئاز، كۆپ ئالغانلار ئۆز ئارا تالاش -تارتىش قىلىپ ئەڭ دەسلەپكى «ئۇرۇش» ئۇرۇقىنى تېرىدى... زاماننىڭ زامانغا ئۇلىشى بىلەن، توپ،توپ بولىۋالغانلار ئايرىم رايونلىىشىپ ئولجا ئالدىغان، ئۆز-ئارا باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان  بولۇشتى...
ئەسىرلەر چاقىغا يامىشىپ كېتىۋاتقان ئىنسان تەقدىرى ئۆزىنىڭ ماھىيتىنى شۇ دەۋىرنىڭ ياراتقان ئەمگىكى بىلەن يىللار بوينىغا تىزىپ ماڭدى..
دەۋىرىدىن قالغان يالدامىلار دەۋىرلەرگە ئۆز تەسىرىنى بېرىپ، قۇتۇپ شەكىللەندۈردى. بۇيەردە «ئەسلى»بىلەن«كەلگۈسى»(كېيىن)دەيدىغان ئىككى ئۇقۇم مەيدانغا كەلدى. تەرەپدالار ئۆز ئارا ئۆز قوللىغان قۇتۇپقا ئۆتتى.....شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز نىيتىنى بىلدۈرۈش تۇپراققا سىزىلىپ، ئاندىن ئوۋلىغان جاندارلار تېرىسىگە،سۆڭىكىگە پۈتۈلدى... تۇنجى يېزىق مەيدانغا كەلدى!!!
دۇنيانىڭ مەئىشىتىدىن تۇتاشقان مانا بۇ ئايرىلىش ئىنساننىڭ بىر يۈرەك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، «جان بېقىش»ئۈچۈن «كۈرەش قىلىش»دەك نىشان ئوتتۇرغا چىقتى؟! قۇتۇپلار نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ، قارشى تەرەپنى «رەقىب،دۈشمەن»دەپ قاراپ، تاقابىل تۇرۇش ئىستىراتىگىيسىنى بەرپا قىلىپ، چېگىرالىشىشنى ئورۇندىدى... چېگىرالار ئىسكەنجىسىدە بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپ كۈچ جەھەتتە ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن بەسلىشىش ئېڭىنى شەكىللەندۈردى....ئاڭ ئاستا-ئاستا ئويغىنىپ،دۇنيانىڭ نېممىتى توغرىسىدا ئويلايدىغان بولۇشتى....
جاھان يېڭىلاندى!
تەپەككۇرنىڭ بارا-بارا ئېشىشى بىلەن تۈرلۈك قوغدىنىش ئەسلىھەلىرى، قوراللىرى مەيدانغا كېلىپ، «تەرەققىيات»دېگەن سۆز دۇنيا بېتىگە پۈتۈلدى... شۇندىن باشلاپ قۇتۇپلار ئۆز-ئارا« ئولجا تالىشىش»، «جان بېقىش»،«چېگىرا تالىشىش»بىلەن زاماننى زامانغا ئۇلاپ كەلدى.....
دەسلەپكى «ئۇرۇش»تىن رەسمىي «قان تۆكۈش»ئۇرۇشى دۇنيا سەھىپىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئىگىدارچىلىق، سىنىپ مەيدانغا كەلدى!
تەبىقىلەر، سىنىپلار تەرەققىياتتا بىرىدىن قالماسلىق ئۈچۈن تەپەككۇرنى ھەققىي تۈردە ئىشقا سېلىپ، دۈشمەنگە قارىشى تۇرالايدىغان ئوق،دورا.... ياساپ،دۇنيادىكى ئىنسانلار ياراتقان تۇنجى «تېخنىكا»نى ئاپىرىدە ئەيلىدى....ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىگىدارچىسى ھېسابلايدىغان «خوجايىن»لارمۇ نۆۋىتىدە رولىنى جارى قىلدۇرماق بولۇشتى...دۇنيانىڭ خوجاينىنى بىرلا!
ئەسىرلەر ئەسىرلەرنى قوغلاپ، دۇنياغا يېڭى ئېرا كۆز ئاچتى......
ئاخىر، دۇنيادىكى ئاۋۋال دەپ ئۆتۈپ كەتكەن«ھەيران»قالدۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىن بايقىدى!
شۇنداق قىلىپ، «قانۇن»مەيدانغا كەلدى. ئىنسان ئۆزى قانۇن ياساپ، ئۆزىنى شۇ رامكا ئىچىگە سولاپ، مەجبۇرىي كۆندۈردى خۇددىي ئولجىسىنى ئۆزىگە كۆندۈرگەندەك؟! كۆنىدىكەن،كۆندى، كۆنىۋاتىدۇ.....تالاي قانۇنلارنى ياساپ ئۆزىنى جازالاپ، يەكۈنىنى ياراتقان ئىگىسىگە ئارتىپ، يامان كۈنگە قالسىمۇ، تەقدىرىمنى مۇشۇنداق پۈتۈپتۇ دەپ، ئۆتىدىغان بولدى....شۇنداق قىلىپ، روھىيەتتە بىر كۈچكە تېۋىنىش يەنى مەلۇم بىر بوشلۇق ئېڭى شەكىللىنىشكە باشلىدى(خۇدانىڭ بارلىقىنى تونىغان ئىنسانلار )...
دۇنيانىڭ بۈيۈك قانۇنى- پەرمان كەلدى!
ئىگىسىنىڭ پەرمانىغا بىجاندىللىق بىلەن باش ئېگىپ، قانۇن كالامى بويىچە ئىش قىلماق بولۇشتى. نېتەي، دۇنيالىق داۋاسى قىلىدىغان ئولجىدار ئىنسانلارمۇ ئۆزىنى نامايان قىلغىلى تۇردى....قۇتۇپلارنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن ئەينى ۋاقىتت«چېگىرا»قىلغان يەرنى تالىشىدىغان بولدى..... ئوزۇق-تۈلۈك، بايلىق تالىشىدىغان بولدى...
دۇنيا يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى!!
ئاجىزلارنىڭ بوينىغا پۇتىنى قويغان كۈچلىكلەر ئۆزىنىڭ ئېڭىنى ئۆز نىيتى بىلەن ئاشكارلاپ، ئۇلارنىڭ دۈمبىسىگە «ئاجىز،قۇل»دېگەن تامغىنى باستى... ئاڭغا مۇخالىپ كەلگەن ئىدىينى كۆتۈرەلمىگەن ئول ئاجىزلار «قارىشى تۇرۇش»ئېڭى بىلەن قارشىلشىش ئارقىلىق ئۆزىنى مەڭگۈ ئاجىز، قۇل بولمايدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.......
ئېقىن سۇلار توختىماي ئېقىۋەردى، تاڭلار يەنە شۇنداق ئېتىۋەردى.... ۋاقىت چەمبىرىكى توختىغان يوق!
بۇ تالاش تارتىش تا بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ، «ئوۋلاش»، «تاكتىكا»،«ئىستىراتىگىيە»،«قوغدىنىش» دەك بىر يۈرۈش ئاڭ قوراللىرى بىلەن يەنە شۇ ئىنسان بەدىلىگە رەقبىگە «جەڭ»ئېلان قىلىۋاتىدۇ....دۇنيا يەنىلا شۇ پېتى-قىشى قىش، يېزى ياز، قار يېغىپ، يامغۇر يېغىپ ،شامال چىقىپ، كۈن پېتىپ..........داۋام قىلماقتا....
شۇل ئىنسان ئارىسىدا سىزمۇ بار!
بۇ دۇنيادىن سىز نېمە تالىشىۋاتىسىز؟!
......................................
بۇ سوئالغا چىقىدىغان ھەر تۈرلۈك جاۋابلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر -بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك قىسسە بولۇپ پۈتۈلىدۇ....قېنى، كىملەردە قانداق قىسسە بار ؟!ئىنسان ئىنسانلىقى بىلەن ئەمەس،ھۆرلىكى بىلەن ئىنساندۇر!
(كەم قالغان يەرلىرى بىولسا تولۇقلىما بەرگەيسىلەر...كەمىنىنىڭ قەلىمى مۇشۇنچىلىك بايان قىلالىدى. سىنىپ ئىدىيلىرى ياكى دۇنياغا كەلگەن ھەرخىل ئىدىيىلەر مۇزاكىردىن ساقىت قىلىندى...)






مەنبەىسى: تۈن ئويلىرىدىن ساقىندىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 00:32  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 11:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خۇددى گۈزەل بىر شېئىرنى ئوقىغاندەك ھوزۇرلاندىم ........
   بەرھەق ، ئىنساننىڭ مۇكەممەل يارالمىشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ، بىزگە نە كېرەك يەنە باشقا مۆجىزىلەر ؟! خۇددى ئابدۇقادىر جالالىددىن دىگەندەك ، ھەر بىرىمىز گولوبوسنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنى تەمتىرىمەي پىرقىرىتىپ ، بارماقلىرىمىز بىلەن تۇتۇلغۇدەك ئورنىمىزنى پەخىرلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇپ ، بۇ زىمىندا مەنمۇ بار ، دىيەلىشىمىز كېرەك .......

باھا سۆز

blackrose  رەھمەت سىزگە.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:45:01

UID
6054
يازما
325
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7439
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-19
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 18:12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

باھا سۆز

blackrose  بەرھەق  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:45:11

ئۈمىدلىك ئەزا

مەن يەنىلا بەخىتلىكمەن

UID
2069
يازما
147
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
152
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 18:43:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى بۇ يەردە كۆرۇپ خوش بولدۇم  مۇنبەردىشىم ، تۈن ئويلىرىدىن ساقىغان ھېسلار تىتىملىق ۋە مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ، قەلمىڭىزنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە بۇرۇندىن قايىل ئىدىم .
بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن..ھارماڭ.

باھا سۆز

blackrose  سىزنى ئەسلىيەلمىدىمغۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:45:32

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 20:22:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ئىنسانلىقى بىلەن ئەمەس،ھۆرلىكى بىلەن ئىنساندۇر!
ماۋۇ ھېكمىتىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم.
قىسقىغىنا تەپەككۇر، تەھلىللىرىڭىز ئارقىلىق شۇنچىلىك كۆپ ئىدىيە ۋە تارىخنى يورىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە ھەيران قالماي تۇرالمىدىم. ھەقىقەتەن بىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار دە بۇلار. شۇنداق، ھەر خىل ئارزۇ ھەۋەسلەر، ئاڭ ئىدىيىلەر بىلەن ياشاۋاتقان، شۇنداقلا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقىنىمىزنى بىلمەيدىغان ئىنسانلار مانا مۇشۇ دۇنيادا بار.
ئەلۋەتتە كونكرىتنى ئۇيغۇر مۇھىتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ياشايمەن دەپ سۆزلەپ، ۋەز ئېيتىپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاۋاتقان كەمىنە ئۇيغۇرانمۇ ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاۋاتىدۇ.

باھا سۆز

blackrose  تەشەككۈر  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:46:06

UID
8524
يازما
62
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
khan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-19 20:22
ئىنسان ئىنسانلىقى بىلەن ئەمەس،ھۆرلىكى بىلەن ئىنساندۇ ...

شۇنداق، بىز نېمىنى تالىشىۋاتقاندىمىز -ھە؟!
تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر.......

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 04:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىدا ھەمدە جەمىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ماددىي مەدىنىيلىككە تولغان مەدىنىي دۇنيادا ياشاپ كەلدى.تەبىئەت دۇنياسى ئىنسانلاردىن بۇرۇن پەيدا بولغان بولسىمۇ ئىنسانلار يەنىلا ئۇنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ قالدى ئىنساانلار ئۆزلىرىنىڭ بەختى،راھەت -پاراغىتى ئۈچۈن ئۆزلىرى ياشاشقا باب كېلىدىغان مۇھىتنى يارتىىشقا ئەجىر قىلىپ تىرىشتى. ھەممە نەرسىگە ئىگە بولۇشقا تىرىشىپ كەلدى.بۇ جەرياندا تەبىئىي ھالدا بىر-بىرىدىن قىزغىنىش، بىر-بىرىنىڭكىنى ئىگەللىۋىلىشقا ئوخشاش پىسخىكا جەھەتتىكى ئاچلىق ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى .ئىنسانلار بارا-بارا زورىيىپ ئۆزلىرىگە دوست بولغان، ياشاشتىكى ھاياتلىق پىلتىسى بولغن تەبىئىيلىكلەرنى يالماپ يۇتۇش بىلەن توختاپ قالماي ئۆز ئارا بىر-بىىرنى يالماشتەك يۇقىرى ياۋايىلىق نۇقتىسىغا يېتىپ بېرىۋاتىدۇ.ئىنسانلارنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەردىن كېيىن يەنىمۇ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھالاك قىلىش يولىدا تەرەققىيات نىشانىدا يۈگرەۋاتىمىز.

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
53722
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 01:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى تالىشىدۇ. بەزىلەر يۈز-ئابري تالاشسا، بەزىلەر بايلىق ، مال-دۇنيا تالىشىدۇ؛ بەزىلەر ھوقۇق تالاشسا، يەنە بەزىلەر شان-شۆھرەت تالىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا بىز تالاشقۇدەك ھېچنىمە يوق.

UID
8524
يازما
62
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 03:46:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UZULGANGUNQA يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 01:59
كىم نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى تالىشىدۇ. بەزىلەر يۈ ...

بارىكاللا!
تەشەككۈر، مۇشۇنچىلىك پىكىر بەرگىنىڭىزگە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش