كۆرۈش: 702|ئىنكاس: 9

بادام دوپپام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8524
يازما
62
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 00:46:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بادام دوپپام


بادام دوپپام، چىمەن دوپپام، بەلەن دوپپام،
ئاي، يۇلتۇزدەك تاجىدار ئۇز، لېۋەن دوپپام.
ئەسىر تارىخ پۈتۈلگەن جىيەكلىرىڭگە،
روھ يىلتىزى،ۋىجدان كۆزى-گۈلشەن دوپپام!

مومام تۇتقان يىڭنە، زەررە يىپلىرىڭنى،
بوۋام پۈتكەن تامام ئەجداد سىرلىرىڭنى،
يەرۇ-زېمىن، قۇياشقا ماس قىرلىرىڭنى،
ئەزىزلەيمەن ئەي، قەدىناس يارەن-دوپپام.

يىگىتلىكنىڭ شاھ تاجى-ئۇ، ھەم غۇرۇرى!
ئۈزۈلمەس چىن ئەھدە ئۈچۈن -سۆيگۈ نۇرى!
ساداقەتتە گۈل چىكىدۇ ئۇيغۇر قىزى،
ئاقار يولدا بولۇپ بايراق تۈمەن دوپپام...

مەن-ئۇيغۇرمەن، سېنىڭ بىلەن بار ئىززىتىم،
جاندىن چارە، سەنسز مېنىڭ يوق قىممىتىم؟
چولپان كەبى نۇر چاچىسەن، سەن-ئىپپىتىم،
يوق ھۆسنىڭدە زەررە نۇقسان- ئېۋەن، دوپپام!





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-19 01:03  


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6054
يازما
325
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7439
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-19
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 18:20:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئۇيغۇر ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن ئالاھىدە ئۇيغۇر!

باھا سۆز

blackrose  شۇنداق  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:48:00

ئۈمىدلىك ئەزا

مەن يەنىلا بەخىتلىكمەن

UID
2069
يازما
147
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
152
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 18:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن !
بۇ شېئىرىڭىز بەك  ئېسىل چىقىپتۇ قېرىندىشىم ، ئىلھاملىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن.
بادام دوپپا  باش كىيىملەرنىڭ گۈلتاجىسى ھەمدە بىز ئۇيغۇلارنىڭ كىملىكى...ھارماڭ!

باھا سۆز

blackrose  تىلەكلەرگە كۆپ تەشەككۈر  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:48:19

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 19:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ شىئېرنى شىئېرنىڭ جېنى دېسەك بولغۇدەك. ماڭا بەك، بەك ياراپ كەتتى. ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسى ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى دېمەكتۇر. قېرىندىشىم قوللىرىڭىز دەرت كۆرمىسۇن.

باھا سۆز

blackrose  ۋىجدان كىملىكنىڭ ئۆزى بولسا، قىياپەت كىملىكنىڭ ۋىجدانى  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:49:08

UID
8524
يازما
62
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللاپ بەرگەن قېرىنداشلىرىمغا تەشەككۈر.....
تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.....

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 04:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسى ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى.
بىز بۇنى دىيىشنى بىلىمىز.بىراق ،بىلىپ تۇرۇپ كىيمەيۋاتقانلار قانچىلىك،كىيەلمەيۋاتقانلار قانچىلىك؟ھازىرغىچە دوپپا مەدىنىيەت بايرىمى بارلىقىنىمۇ ئۇقمايدىغان ،دوپپا مەدىنىيەت بايرىمى دىسەك نەدىكى بايراملار شەكىللىنىپ كېتىۋاتىدۇ ھە دەپ كۈلۈشىدىغان كىشىلەرمۇ بار. بۇ بايرامنىڭ نىمە ۋەجىدىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى، بارلىققا كېلىشىنىڭ قانداق ئەھميەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسلا ،ئەسلا ئۇقمايدۇ،. تېخى دوپپا كىيىۋالغانلارنى كۆرسە قارىلىق بولۇپ قاپسەندە دەپ سورىشىدۇ.قىشتا يىغىندا بىز بىر نەچچە ئۇيغۇر ئاياللار بېشىمىزغا كىيگەن دوپپىلىرىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ئىدۇق. تاراتقۇلارمۇ يۈگرەپ كېلىپ توختىماي رەسىمگە تارتقان ئىدى. بىزدە مىللى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئەۋىج ئېلىپ ھاياجانغا چۆمگەنتۇق. «دوپپا كىيگەن ئاۋۇ چىرايلىق گۈللەر بىلەن رەسىمگە چۈشەيلى » دىيىشىپ كەتكەنتى بىزنى.
شېئىرىڭىز ئۇيغۇر دوپپىمىزنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل تەسۋىرلەش بىلەن كىشىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇيغۇتىدىكەن.يەنە تېخى مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان لايىھەرىڭىزدىنمۇ دىلىم سۆيۈندى. دوپپا كىيگەن باش سۈرەتمۇ ئۆزگىچە. سىزگە گۈل تۇتۇمەن. ئىجادىيىتىڭىزگە ئىلھام بولسۇن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-21 13:25  


بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
53996
يازما
27
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 13:14:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
khan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-19 19:09
ماۋۇ شىئېرنى شىئېرنىڭ جېنى دېسەك بولغۇدەك. ماڭا بەك، ب ...

بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، لېكىن ‹‹شېئىرنىڭ جېنى›› ئەمەس، شېئىرلارنىڭ ياخشىسى دېسەك بولارمىكىن؟
مەن شۇنداق قاراشتا.

UID
53996
يازما
27
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 13:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bargiya يوللىغان ۋاقتى  2013-7-21 04:15
ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسى ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى.
بىز بۇنى دىيىشنى  ...

كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى سىز دەۋەتتىڭىز، ناھايىتى توغرا قىلدىڭىز!

UID
47298
يازما
93
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 13:44:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالاھىدە تەكلىپ !!!

قازايلى دوسلار ، تەكلىپ  ئۇيغۇر دوپپىللىرىنىڭ تارىخى ، مەنىسى ، تۈرلىرى ، پايدىلىق رولى ، يىتەكلەش كۈچى........

UID
47838
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 13:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش