كۆرۈش: 2257|ئىنكاس: 5

قۇچۇ ( تۇرپان ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53782
يازما
3
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-13
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 14:30:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇچۇ ( تۇرپان ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ( 866 - 1369 )
قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتى


    ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار خىل قوراللارنغان، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن ياخشى تەمىنلەرنگەن قوشۇنغا ئىگە بولالمىدى. 840 - يىلىدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇلار ئۆزىنى ئززوڭشىۋالالماي ئاجىز ھالەتتە تۇردى. ئەھۋاللارغا قارىغاندا، تۇرپان ئويمانلىقىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى چاغلاردا مەركەزلەشكەن بىر ھاكىمىيەتكىمۇ ئىگە بولالمىغان. ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرنىڭ ھەربىي كۈچ - قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئوقۇپ كېتەلمەي، ئۇنىڭدىن سەل چۆچۈپ تۇرغان بولسا كېرەك. تىبەتلىكلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى ئۆززلىرىنىڭ ھەربىي كۈچ - قۇدرىتىنى مۇشۇقايتىپ كەلگۈچى ئۇيغۇرلار ھېسابىغا كۆپەيتىشنى مۆلچەرلەپ، ئۇلارغا چېقىلماستىن بۈ يەرگە ئەركىن قايتىپ كېلىشىگە يول قويدى. مۇشۇ سەۋەب بىلەن تىبەتلىكلەر كەلگۇچىلەرگە باشقا پىكىردە بولمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇ تېررىتورىيىسىگە تىنىچ يول بىلەن قايتىپ كېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى مانا مۇشۇنداق باشلاندى. كېيىنچە زئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئۆز ئېلىنى قۇردى. يېرىم كۆچمەن قەبىلىلەر بۇ يەردىكى يېڭى يەرلەرنى ئۆزلەشتۇردى، شەھەر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى يېڭى بىر دىنىي ئىدېئولوگىيە، جۇملىدىن يەرلىك ئۇيغۇرلار، جەنۇبتىكى ۋە شىمالدىكى تۈركلەر، چوڭ ۋە كىچىك جۇنيۇن  ( 小仲云 , 大仲云(ياۋچىلار ، ياغما، قارلۇق، قىرغىز، مومان، گېدو قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى(1). كېيىن ئۇيغۇرلار بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەمىسىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرلەرگە كۆچۈپ كەلگەن دەسلەپكى يىللاردا تىبەت ھاكىمىيىتى بىلەن قانداق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى بىزگە نامەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ تىبەتلىكلەرگە ئەسكەرلىككە قاتناشقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتناشقانلىقىدا گۇمان يوق. ئەھۋاللارغا قارىغاندا، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى 9 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە تىبەت ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇپ تۇرغان بولسا كېرەك. قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىبەتلىكلەرگە قارشى چوڭراق پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقلىرى جۇڭگونىڭ بىزگە مەلۇم بولغان تارىخىي مەنبەلىرىدە كۆرۈلمەيدۇ. 9 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مۇستەقىل بولۇش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرگە قارشى چوڭ بىر ئىتتىپاق تەشكىللىدى ۋە ئۇ ئىتتىپاق تىبەتلىكلەرگە قاتتىق زەربە بەردى. ۋەقەنىڭ بۇنداق تەرەققىياتىغا بۇ رايۇندا پەيدا بولغان سىياسىي ۋەزىيەتمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئا. فون گابائىن تۆۋەندىكىلەرنى يازغان: ‹‹ ئۇيغۇرلار شەرقتە جۇڭگولۇقلارنىڭ، جەنۇبتا تىبەتلىكلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىمسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى(2). ۋ. ئا. بوگوسلوۋسكىينىڭ قارىشىچە ( 1962 - يىلىدىكى ئەسىرى، 68 - 72 - بەتلەر )، 9 - ئەسىرنى ئوتتۇرىلىرىدا، تىبەتتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەت بەك ئاجىزلىشىپ كەتكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئاقسۇڭەكلەر ئۇرۇقىنىڭ كۇچىيىپ كېتىشى ۋە بۇددا راھىبلىرىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئۆزئارا ئىچكى ماجرالار كۈچەيگەن، نەتىجىدە مەركىزىي ھاكىمىيەت ئاجىزلاشقان. بىر چاغلاردا قۇدرەتلىك سانالغان تىبەت دۆلىتىنىڭ ئەمدىلىكتە پارچە - پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى ئاسانلاشتۇردى.
    ئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنى تەشكىللىگەن ۋاقتى تارىخ كىتابلىرىدا 9 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى بىلەن 70 - يىللىرىنىڭ ئارىلىقى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. بۇ يەردە ئېنىق بىر يىلنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكى دەل مۇشۇ مەسىلىنىڭ يېتەرلىك تەتقىق قىلىنمىغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. پەقەت 9 - 13 - ئەسىرلەر ئارلىقىدىكى جۇڭگو مەنبەلىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۇچۇن ئېلىپ بارغان كۈرۈشلىرىنى ئوچۇقراق قىلىپ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرۇشكە ۋە بۇ ئەلنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى ئېنقراق بېكىتىشكە ئىمان بېرىدۇ. ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› دە مۇنداق يېزىلغان: ‹‹ شيەنتوڭنىڭ 7 - يىلى ( 866 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 867 - يىل 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە ) ئۇيغۇر پۇگۇجۇن بېيتىڭ ( بەشبالىق ) دىن شىجۇغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى ھەممە قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. شەنجۇ ئۆلكىسىدىكى شېنچېن قەلئەسىنىڭ ئەمىرلەشكىرى جاڭ جىيۈن شاڭكۇڭرى ( تىبەتلىكلەرنىڭ سەركەردىسى ) بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇنى يەڭدى. قولغا چۈشۇرۇلگەن قورال - ياراغلارنى چوڭ ھۆرمەت بىلەن ئوردىغا يوللاپ بەردى. قالغان تىبەتلىكلەر بىڭجۇ ۋە نىڭجۇ ئۆلكىلىرىگە بېسىپ كىردى. چېگرا رايوننىڭ ھېراۋۇلى شۇخۇنجۇن ئۇلارغا زەربە بەردى. ئۇ پۇگۇجۇن بىلەن بىرلىكتە تىبەتلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى....››              (3). ‹‹ كونا تاڭنامە ›› دە ‹‹ ئۇيغۇرلار مىلادىيە 866 - يىلى تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن غەلبە قازاندى ›› دەپ يېزىلغان. ‹‹ شيەنتوڭنىڭ 7 - يىلى 9 - ئايدا ( مىلادىيە 866 - يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە ) شاجۇدىن جاڭ بىچاۋ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەركەردىسى پۇگۇجۇن تىبەتلىكلەرنىڭ سەركەردىسى شاڭكۇڭرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، شاڭكۇڭرىنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، ئۇنى پايتەختكە يوللاپ بەردى ›› دەپ دوكلات قىلدى. ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر ››دە پۇگۇجۇننىڭ شاڭكۇڭرى ئۇستىدىن غەلبە قىلغان ۋاقتى ئون ئاي ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھالدا يېزىلغان، بۇ ۋەقە 866 - يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە يۈز بەرگەن، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ مەنبەدە يەنە شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن شەھەرلەرمۇ كۆرسىتىلىدۇ. ‹‹ شيەنتۇڭنىڭ 7 - يىلى بەھەردا، ئىككىنچى ئاي ئىچىدە ( مىلادىيە 866 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - 20 - كۈنلىرى ) گۇييى ئۇلكىسىنىڭ ھېراۋۇلى جاڭ يىچاۋ پادىشاھقا دوكلات قىلىپ بەشبالىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى گۇجۇن ( پۇگۇجۇن )* شىجۇ ، قۇچۇ ، بېيتىڭ ( بەشبالىق )، لۇنتەي ( ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەسىدە )، چىڭجېن ( ھازىرقى ماناس ناھيىسى تەۋەسىدە ) ۋە باشقا كۆپ شەھەرلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى ›› دەپ يازغانىدى(4).
    جۇڭگو تارىخ مەنبەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ: قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى پۇگۇجۇن قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ رەھبىرى شاڭكۇڭرى ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسى نەتىجىسىدە 866 - يىلى دۇنياغا كەلگەن ئۇيغۇرلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىنى تەخمىنەن 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىگىچە كېڭەيتتى(5). ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بۇ مۇستەقىل ئىدىقۇت خانلىقى 500 يىلدىن ئارتۇقراق داۋام قىلدى.
    تاڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن قازانغان غەلبىسىنى ئاڭلىدى. چۇشىنىش ئاساسىدا، تىبەتلىكلەرگە قارشى كۈرەشتە ئۇيغۇرلار تاڭ ھاكىمىيىتىگە ئىتتىپاقچى بولىدۇ، دېگەن نەزەردە مۇئامىلە قىلدى. شۇڭا، تاڭ پادىشاھى دەرھاللا پەرمان چىقىرىپ، پۇگۇجۇننى قانۇنلۇق قاغان دەپ ئېتىراپ قىلدى. تاڭ ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارىنى تارخان ( ھەربىي قوماندان ) مى خۇەييۇگە ئۇقتۇردى. بۇ تارخاننى پۇگۇجۇن شىجۇ، بۈگۈر ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئالغاندىن كېيىن تاڭ ئوردىسىغا ئەۋەتكەنىدى(6).
    ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››دىكى شەنجۇ ئۆلكىسىدىكى شەنچېن قەلئەسىنىڭ قورۇقچى سەركەردىسى جاڭ جيەن ‹‹ شاڭكۇڭرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلدى ›› دېگەن مەلۇمات كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر شۇ چاغدا راستىنلا تاڭ ئەسكەرلىرى تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولسا، بۇ گەپ ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› ۋە باشقا تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىناتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق مەلۇمات يوق.
    قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق - دوستانە مۇناسىۋەتلەر ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. تاڭ ئوردىسىدا يۈز بەرگەن تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى تاڭ سۇلالىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە تاڭ پادىشاھلىقى پارچىلاندى. غەرب تەرەپتىكى گۇيىجۇ ئۆلكىسى تاڭ پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار تاڭغۇتلار بىلەن بىرلىشىپ ، 875 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ‹‹ تەن دىجۇن ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى ››  ( چيەنفۇنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ 12 - ئېيى ئىچىدە ››(7).
    ئۇيغۇرلار بەشبالىقتا تىبەتلىكلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى چوڭ تېررىتورىيىگە ئىگە بولدى. شىمال تەرەپتە ئۇيغۇرر ئېلىنىڭ چېگىرىسى بۈگۈنكى ئۇرۇمچى شەھەرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن 150 كىلومېتىر نېرىدا ئىدى. ( بۈگۈنكى ماناس بىلەن قۇتۇبى ئارلىقىغا جايلاشقان چىڭجېن شەھىرىمۇ پۇگۇجۇن تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئۇنىڭ ئېلى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەنىدى )(8). جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋە تبەتلەر ىلەن چېگرىلاندى. غەربتە ۋە شىمال تەرەپتە قاراخانىيلار دۆلىتى بىلەن چېگرىلاندى. شەرق تەرەپتە بولسا، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن چېگرىلاندى.
    يېڭى تەشكىل قىلىنغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەركىبىدە 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چوڭ مەدەنىيەت، سودا - تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي مەركەزلەر بولغان تۇرپان، بەشبالىق، قۇچۇ، باي قاتارلىق شەھەرلەر بار ئىدى. بۇ شەھەرلەردىن كۇچار، قۇمۇل، تۇرپان، باي قاتارلىقلار ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بەشبالىق ۋە قوچۇ شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئارخېئولوگىيىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىش ئورۇنلىرى سۈپىتىدە ساقلانماقتا ( قوچۇ - ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئىككىنچى پايتەختى ئىدى. ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى تەركىبىگە كىرگەن قوچۇ ۋە باشقا شەھەرلەردە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىشلار ئېلىپ بېرىلدى. 1819 - يىلى ر. كلېمېنتىس، 1907 - يىلى ئا. ستەيىن ھەم س. ف. ئولدېنبۇرگ، ئا. گريۇنۋېدېل، ئا. لېكوك قاتارلىقلارمۇ ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار ئېلىپ باردى. ئىدىقۇت ئېلىنىڭ پايتەختى دەسلەپتە بەشبالىق شەھىرى ئىدى. كېيىن 913 - يىلىدىن باشلاپ، بۇ ئەل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان پۇتۇن جەريان ئىچىدە، قوچۇ شەھىرى بۇ ئەلنىڭ پايتەختى بولدى.
    قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ( ئىدىقۇت - مۇقەددەس، بەخت - سائادەت دېگەن مەنىدە ) خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ياكىمۇستەقىللىقى قىسقا ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتلارنى ھېساب قىلغاندىمۇ، 500 يىلدىن ئوشۇقراق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ئاكتىپ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەر يۈرگۈزدى.
    9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، قوچۇ ئىدىقۇتلىرى ياخشى تەربىيلەنگەن ۋە ئوبدان قوراللانغان قوشۇن تەشكىللىگەن ۋە قوشىنلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيىتىدىمۇ بولغانىدى. مەسىلەن، ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ›› ( 263 - باب، 9 - توم، 8573 - بەت ) دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 902 - يىلى ئۇيغۇرلار تاڭ سارىيىغا ‹‹ ئەلچى ۋە سوۋغا - سالاملار ئەۋەتىپ، ئوردىغا ياردەم ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ھەم بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشنى سورىغان ››(9). بۇ ئەھۋال جۇڭگو پادىشاھىنى سەل ئويغا سېلىپ قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا بىر قارارغا كېلىشتىن ئاۋۋال، خەنلىن بىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى خەن ۋۇ دېگەن ئادەمگە بۇ توغرۇلۇق يازما ماتېرىيال تەييارلاشنى تاپشۇرغان. شۇنىڭدىن تۆت كۈن كېيىن، 902 - يىل 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى،خەنۋۇ پادىشاھ نامىغا دوكلات يېزىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئىسپاتلىغان: ‹‹ بۇ ياۋايى خەلقلەر ناھايىتى رەھىمسىز كېلىدۇ. ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئېلىمىزدىكى ئوبدان ئادەملەر ۋە نەرسىلەرنى كۆرۈپ، شەھىرىمىزنىڭ تاشلىنىپ قالغان ئەھۋالىنى بايقاپ، ئەسكەرلەرنىڭ بوشاڭ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلاردا تاڭ ئوردىسىغا نىسبەتەن كۆزگە ئىلماسلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ۋە ئاچكۆزلۈكى قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنى تارمار قىلغانىدى. بۇنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ مۇشۇ ھالىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن. قاغانغا جاۋاپ يازغاندا، چېگرىمىزغا ناھايىتى كىچىك دائىرىدە كېلىپ - كېىشكە رۇخسەت قىلىپ، تاڭ ئوردىسىغا ياردەمگە كەلدۇق دەپ ئىچكىرىلەپ كىرىشگە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك. ئۇلارنىڭ نومۇسسىزلارچە ئويلىغان سۈيىقەستلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى ئالدىن توسۇۋېلىش كېرەك ››. پادىشاھ خەنۋۇنىڭ بۇ پىكىرىگە قوشۇلغان(10).
تاڭ ھاكىمىيتى دائىرلىرى ئۇيغۇرلار تەكلىپ بەرگەن ياردەمدىن پايدىلنىشتىن ۋاز كەچتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ئۇرۇنۇشلىرى ئۈزۈلدى، شۇنداق بولسىمۇ گەنجۇ ۋە قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەلچىلىرى ۋە سودىگەرلىرى تاڭ سۇلالىسى دائىرىسىدىكى يەرلەرگە ۋە باشقا قوشنا ئەللەرگە پات - پات قاتناپ تۇردى. پەقەت 915 - يىلىغا كەلگەندىلا، ئۇيغۇر تاۋارلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلىشىغا بولغان بۇرنقى چەكلىمىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېيىنكى جۇ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تەيزۇ ( 951 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە ) پەرمان چىقىرىپ تۆۋەندىكىلەرنى جاكارلىدى: ‹‹ بۇ يەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي سودا - تىجارەت قىلىشغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئادەملىرىنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ ››(11). بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئۇلپانلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ تاۋارلىرى پېچەتلەپ قويۇلاتتى ( ئولپان دېگەن سۆزنى بۇ يەردە سېتىشقا ئېلىپ كېلىنگەن تاۋار دەپ چۈشىنىش كېرەك - د. ئى. تىخونوف ) يەرلىك خەلقنىڭ مال ئېلىپ كەلگۇچىلەر بىلەن سودا - تىجارەت قىلىشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بىلەن بىۋاستە سودا - تىجارەت قىلغانلارنى جازالايتتى. تەيزۇ بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن قارارغا كەلدى ۋە ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ سودا - تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ساتىدىغان قاشتېشىنىڭ باھاسى%70 ،%80 تۆۋەنلەپ كەتتى.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى، شۇنداقلا بەش سۇلالە دەۋرىدىمۇ بۇ زسۇلاززلىلەرنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ چوڭ دۆلەتچىلىك مەيدانىنى چىقىش قىلىپ، قوشنا ئەللەرنىڭ سودىگەرلىرىنى ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچى دەپ قارىدى. سودىگەرلەر ساتقىلى ئەكەلگەن مال - تاۋارلارنى ئۇلپان دەپ قارىدى. ئۇلارچە مۇشۇنداق قىلغاندىلا ‹‹ تەڭرى دۆلىتىنىڭ ›› ئورنىنى ‹‹ ياۋايىلار ›› ئالدىدا كۆتەرگىلى بولار ئىمىش. شۇ چاغلاردا خەنزۇلاردىن باشقا خەلقلەرنى ‹‹ ياۋايىلار ›› دەپ زئاتاشقان. ئۇ چاغدىكى سۇلالىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى باشقىلارغا ئۇلپان تۆلەشكە توغرا كېلىپ قالسا، بۇنى ئەدەپ بىلەن باشقىلارغا تەقدىم قىلىنغان ‹‹ سوۋغا - سالام ›› دەۋالغان. قوشنا ئەللەرنىڭ ھۇجۇم قىلىپ باستۇرۇپ كىرىپ باقمايمىزمۇ دېگەن تەھدىدىنى ‹‹ بىزگە ئىتائەت قىلمىغانلىق ›› دەپ قارىغان. بىتەرەپ ئۆتكەن تىنىچ مۇئامىلىلەرنى بولسا جۇڭگونىڭ گېپىگە كىرمەيۋاتىدۇ، دەپ قارىغان(12). ئۇيغۇر سودا - تىجارەتچىلىرىنىڭ شەخىسلەر بىلەن بولغان سودىسىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان ماللىرىنىڭ مىقدارى بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن. بۇنى ئوبدانراق چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن 951 - ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ساتقان ماللىرىنىڭ تىزىملىرىنى كۆرسەكلا كۇپايە. ‹‹ ..... چوڭ - كىچىك ئالتە پارچە قاشتېشى، بىر پارچە توققۇز جىڭ كەھرىۋا، 1329 توپ ئاق يىپ رەخىت، 280 توپ ئاق يۇڭ رەخت، ئالتە باغلام مارجان، 2632 پارچە ئاق قاما تېرىسى، 250 پارچە قارا قاما تېرىسى، 503 پارچە كۆك سۆسەر تېرىسى، سۆسەر تېرىسىدىن تىكىلگەن 400 چاپان، بىردىن قاشتېشى بىلەيزۇك، زۇمرەت بىلەيزۈك، تۆمۈردىن ياسالغان ئىككى ئەينەك، قاشتېشىدىن ياسالغان 69 دانە كەمەر توقىسى، ساپ قاشتېشى بىلەن بېزەلگەن بىر دانە كەمەر، ھەرخىل خۇش پۇراقلىق نەرسىلەر ۋە دورا - دەرمەكلەر بار ئىدى ››(13)ە
    ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن ئېكىسپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ تۇرلىرىنىڭ كۆپلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ، قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ ۋە مېتالچىلىقىنىڭ ھەم ئىقتىسادىنىڭ باشقا تارماقلىرىنىڭمۇ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
    ئۇيغۇرلارنىڭ سۇڭ سۇلالىسى ۋە باشقا ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ياش تاڭغۇت دۆلىتى تەرىپىدىن پات - پاتلا بۇزۇلۇپ تۇراتتى. تاڭغۇت قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلچىلىرى ۋە سودىگەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلچىلىرى ۋە سودىگەرلىرى ئۆز كارۋانلىرى بىلەن ئىچكى جۇڭگو ۋە لياڭ دۆلىتىگە بېرىش ئۇچۇن، تاڭغۇتلارنىڭ يېرىدىن ئوتۇشكە مەجبۇر ئىدى. تاڭغۇتلار بولسا كارۋانلارنى بۇلاپ، ماللىرىنى تالاپ كېتەتتى. ئۇلارغا قارشلىق كورسەتكەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتى، ئەسىرگە چۇشكەنلىرىنى قۇل قىلىپ باشقىلارغا ساتاتتى(14). مۇشۇنداق بولغاچقا، 1003 - يىلى جۇڭگولۇقلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزۇپ بىرلكتە تاڭغۇتلارغا قارشى تۇردى. شۇچاغدا تاڭغۇت دۆلىتى غەربىي شيا دەپ ئاتىلاتتى(15). قۇچۇ ئىدىقۇتلىرى بولسا قىاتنلار دۆلىتى لياۋ، شۇنىڭدەك تاڭغۇتلار بىلەن ئىناق ئوتۇش ئارزۇسىدا ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇر قاغانلىرى قىتانلارنىڭ پادىشاھغا ئۆلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى قىتان مەلىكىلىرىگە ئويلەش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىر قانچە قېتىم بىلدۇرگەنىدى(16). قىتانلار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ لياۋ دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن يېقىن ئۆتۈشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى، شۇنداقلا تاڭغۇت دۆلىتىنىڭ ( تاڭغۇتلار لياۋنىڭ بۇرۇندىنلا ئىتتىپاقچىسى ئىدى ) جۇڭگو، تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقلىرىغا قارشى كۆرىشگە يار - يۆلەكتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى. 11 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى تاڭغۇتلار قىتانلارنىڭ ياردىمى بىلەن سۇڭ سۇلالىسى، تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇشتى (17). 1041 - يىلى، دۇنخۇاڭدىكى ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئوغلى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ، دۇنخۇاڭ شەھىرىنى قورشۇۋالدى. ئەمما، تاڭغۇتلار نۇرغۇن قوشۇن ئەۋەتىپ شەھەرنى چىڭ ساقلىغاچقا، ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى شەھەرنى ئالالمىدى. ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆزلىرىنى بىز قىتانلارنىڭ ئىتائىتىدە دەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا توقۇنىشلار يۈز بېرىپ تۇراتتى(18). شۇڭا،   1069 - يىلى قىتان پادىشاھى ‹‹ خام ۋە پىششىقلانغان تۆمۈرلەرنى ئۇيغۇرلار ۋە زۇبۇ چېگرىسىدا سېتىشنى مەنئى قىلدى ››(19) ئۇيغۇرلار تىنىچلىق سوھبەتلىرى ئارقىلىق ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇ مەقسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى 1067 - يىلى لياۋ دۆلىتى بىلەن سۆلىشىش ئۇچۇن، ئۇلارغا بۇددا راھىبلىرىنى ۋە بۇددا كىتابلىرىنى ئەۋەتتى(20).  1121 - يىلى قۇچۇ قاغانلىقىنىڭ ئىدىقۇتى بىلگە قاغان يوللىغ تاشىنغا بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانىىدى. يوللىغ تاشىن غەربىي لياۋ ( ‹ قارا قىتانلار دۆلىتى › 1140 - 1213 - يىللىرى ) دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسى ئىدى (21). ئۇيغۇر قاغانى غەربىي لياۋ دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن مۇمكىنقەدەر قۇتۇلۇش چارىسىنى كۆردى، يەنە قاغان 1127 - يىلى قىتانلاردىن كۈچلۈك بولغان جۇرجىت دۆلىتىگە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. 1131 - يىلى، يوللىغ تاشىنىڭ - قارا قىتانلارنىڭ ئەشەددىي دۇشمىنى بولغان جۇرجىتلەرگە يوللىغ تاشىنىڭ بىر مۇنچە ھەربىي ئادەملىرىنى تۇتۇپ بەردى(22) ‹‹ جۇرجىت دۆلىتى تارىخى ›› دا 1131 - يىلى، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى يوللىغ تاشىنىڭ يېقىن ھەمراھلىرىدىن سابا، دىلى ۋە تۇدى قاتارلىقلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى جۇرجىتلارنىڭ ئوردىسىغا ئەۋەتىپ بەردى، دەپ كۆرسـىتىدۇ.
    ئۇيغۇر ئەلچىلىرى كۆپ سوۋغا - سالام ۋە تەبىرىك مەكتۇپلىرى بىلەن جىن دۆلىتىگە 1172 - يىلىغىچە كۆپ قېتىم كەلدى. جىن دۆلىتىنىڭ چەتئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇملىرىدە كورېيە، تاڭغۇت ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنىڭ مەخسۇس تەرجىمانلىرى بولغان. مەركىزى ئاسىيادا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىززەت - ئابرۇيى يۇقىرى بولغان. ئۇ يەردىكى دۆلەتلەرنىڭ باشقا ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ۋە سودا - تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىدە ‹‹ ئۇيغۇر دىپلوماتلىرى ۋە سودىگەرلىرى ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينىغان ››.(23)
9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا، گەنجۇ، قۇچۇ ۋە شاجۇ ئۇيغۇرلىرى تاڭغۇتلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالدى. 1093 - يىلى، يۇتيەن ( خوتەن - د. ئى. تىخونوف )دىن كەيفېڭگە ئەلچىلەر كېلىپ، تاڭغۇتلارغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى. گەرچە بۇنىڭدىن بالدۇراق ‹‹ خوتەن شيا دۆلىرىنىڭ يېقىن دوستى ›› بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلدى ››(24).
    قارا قىتانلار دۆلىتى - غەربىي لياڭ موڭغۇللارنىڭ زەربىسى بىلەن ھالاك بولدى. 1233 - يىلى، موڭغۇللار تاڭغۇت دۆلىتىنىمۇ يوقاتتى. ئارىدىن بىريىل ئوتكەندىن كېيىن، 1234 - يىلى، جۇرجىتلار دۆلىتى جىن تېررىتورىيىسىنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ تېرىتورىيىسى قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تېرىتورىيىسىگە يېقىنلاپ قالدى. بۇ ۋەقەلەر يۇزبىرىشتىن خېلىلا ئىلگىرى، 1209 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى باۋۇرچۇق ( بارچۇق ئارت تېگىن ) مەركىزىي ئاسىيادا شەكىللەنگەن كۈچلەر نىسبىتىنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئۆز ئېلىنىڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن بېسىۋېلىشنى خالىماي، قاراخوجادا تۇرۇشلۇق قىتانلارنىڭ ۋەكىلىنى ئولتۇرۇشكە بۇيرۇق قىلغان ۋە غەربىي لياۋ دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۇزگەنىدى. باۋۇرچۇق قىتانلار دۆلىتى - غەربىي لياۋنىڭ چوقۇم ھالاك بولىدىغانلىقىنى توغرا مۆلچەرلىگەنىدى. ئۇ چىڭگىزخان تەرەپكە ئوتۇپ، ئۆزىنىڭ چىڭگىزخان ئىتائىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. چىڭگىزخان بۇنىڭغا خوش بولۇپ، باۋۇرچۇقنى ئۆزىنىڭ بەشىنچى ئوغلى، دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە ئۇنىڭغا قىزىنى بەردى(25). شۇنىڭ بىلەن، قۇچۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى موڭغۇللارنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن خالى بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالدى. ئەمما، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇيغۇرلار نېمىگە ئىگە بولدى؟ قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ چىڭگىزخانغا ئىختىيارى قۇشۇلۇشى بۇ ئەلنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتلەردە زاۋانلىققا ئېلىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تامامەن يوقاتتى. ئىدىقۇتلار ئۆز ئېلىدە ئالىي ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇردى، موڭغۇللارنىڭ بىرنەچچە قېتىم قويغان تەلىپى بىلەنلا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ قوشۇنلىرىنى يوللاپ بەردى، ئۆزلىرىمۇ ھەربىي يۇرۇشلەرگە قاتناشتى. ئەل ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قابىلىيەتلىك ئەمەلدارلارنى ئۇيغۇرىستاندىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى قويدى. موڭغۇللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئۇلارنىڭ يولى بىلەن ماڭغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا ئىككىنچى قايتىپ كەلمىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى جەڭ مەيدانىدا ئۆلدى، يەنە بىر قىسمى ئۆز يۇرتلىرىدىن يىراق ئەللەردە تۇرۇپ قالدى.، تەدرىجىي ئاسمىلياتسىيە قىلىندى.(26). مانا مۇشۇ ئەھۋاللار قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئىقتىسادىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەي قالمىدى. دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى، قول ھۆنەرۋەنچىلىك ئىشىمۇ خارابلىشىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ھالدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىنى ناچارلاشتۇردى.
    1251 - يىلىدىن باشلاپ، غەربىي جۇڭغارىيە ۋە قەشقەرىيە ( جەنۇبىي شىنجاڭ ) چاغاتاي ئۇلۇسى تەركبىگە كىردى. قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى جۇڭگونى سوراپ تۇرغان موڭغۇل خانلىرى بىلەن بولغان ۋاسساللىق ( بېقىندىلىق ) مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالدى. موڭغۇل خانلىرى ئىدىقۇتنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان موڭغۇل دورغىلىرىنى ( نازارەتچى ئەمەلدارلار ) تەيىنلىدى. بۇ دورغىلار ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرىنى نازارەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، باج ئېلىشتا مەلۇم رول ئوينىدى. 1368 - يىلى، جۇڭگودىكى يۇەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىزلىشىپ كەتكەن قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققان خىزىر خوجىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالمىدى. خىزىر خوجا 1369 - يىلى قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقنى ئۆز تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئەل ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھالىتىنى تاماملىدى.
....داۋامى بار....
پايدىلانغان ماتېرىياللار؛
(1) ‹‹ سوڭنامە ››، 490 - جىلد، 8 - 12 - بەتلەر: ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 89 - بەت، نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل
(2) ئاننېمارى فون گابائىن: ‹‹ قارا قوچۇ ئۇيغۇر ئېلى ››، 20 - بەت، 1961 - يىل.
(3) ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››، 216 - جىلد، 9 - بەت.
(4) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 250 - جىلد، 8113 - بەت.
(5) د. ئى. تىخونوف: ‹‹ 10 - 14 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى ››، 41 - بەت، موسكۋا - لېنىنگراد، 1966 - يىل
(6) ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››، 27 - جىلد، 1 - 4 - بەتلەر.
(7) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 9 - توم، 252 - جىلد، 8164 - 8174 - بەتلەر.
(8) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 9 - توم، 251 - جىلد، 8113 - بەت
(9)ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››41 - بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل
(10) ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 41 - بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل
(11) ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››41 - بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل
(12) گ. پ. سۇپرۇنېنكو: ‹‹ تاڭ سۇلالىسى بىلەن يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى ›› ( ‹‹ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى سىبىرىيە، مەركىزىي ۋە شەرقىي ئاسىيا ››، 59 - بەت، نوۋورسىبىرسك، 1975 - يىل
13) ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››41 - بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل

(14) ‹‹ كونا بەش سۇلالە تارىخى ››، 6 - جىلد، 7 - بەت: 43 - جىلد. 3 - بەت: ‹‹ جىن دۆلىتى تارىخى ›› 27 - جىلد، 12 - بەت.
(15) م. ۋ. ۋوروبيېف: ‹‹ جۇرجىتلار ۋە جىن دۆلىتى ››، 405 - بەت، موسكۋا، 1975 - يىل.
(16) ‹‹ لياۋ دۆلىتى تارىخى ››، 4 - جىلد، 10 - بەت: 70 - جىلد، 5 - بەت ؛ 13 - جىلد، 7 - بەت: 7 - جىلد، 9 - بەت.
(17) ي. ئى. كېچانوف: ‹‹ تاڭغۇت دۆلىتى تارىخىنىڭ ئوچېركى ››، 136 -، 139 - بەتلەر، موسكۋا، 1968 - يىل.
(18) ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››75- بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل
(19)‹‹ لياۋ دۆلىتى تارىخى ››، 22 - بەت.
(20) م. ۋ. ۋوروبيېف: ‹‹ جۇرجىتلار ۋە جىن دۆلىتى ››، 408 - 335 - بەتلەر.
(21) )‹‹ لياۋ دۆلىتى تارىخى ››، 30 - جىلد، 5 - بەت
(22) م. ۋ. ۋوروبيېف: ‹‹ جۇرجىتلار ۋە جىن دۆلىتى ››، 335 - بەت، ‹‹ جىن دۆلىتى تارىخى ››،3 - جىلد، 15 - بەت
(23) م. ۋ. ۋوروبيېف: ‹‹ جۇرجىتلار ۋە جىن دۆلىتى ››، 336 - بەت، موسكۋا، 1975 - يىل.
(24) ي. ئى. كېچانوف: ‹‹ تاڭغۇت دۆلىتى تارىخىنىڭ ئوچېركى ››، 217 - بەت،. موسكۋا،. 1968 - يىل
(25) د. .ئى. تىخونوف: ‹‹ 10 - 14 - .ئەسرلەردىكى .ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئ.ىقتىسادىي ۋە .ئىجتىما.ئىي تۈزۈمى ››، 59 - بەت،. موسكۋا - لېنىنگراد، 1964 - يىل
(26) ئىراننىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركى خەلق قاشقايلار موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار زىمىنى تەۋەسىدىن (ھازىرقى جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر  تەۋەسىدىن) غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار  ئىكەنلىگى،ئۇلارنىڭ ھازىر پارىسچە نامى  قاشقايلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 00:32  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51713
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 01:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يوللىغان ئېنكاس كېنى.......؟؟؟؟

UID
51713
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 01:13:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن باشتا بۇ تېمىغا قارىتا بىر ئېنكاس يازغان ئېدىم، نىمىشقىدۇر يوق تۇرىدۇ.  يانا قىسقىلا دەپ قوياي بۇنداق بۇرمىلانما تارىخنى ،يوللاپ نىمە مەخسەتكە يەتمەكچى ئىدىڭىز؟  بۇنداق  تارىخى نازۇك  تېمىلارنى يوللىغاندا ، سەگەكلىك بىلەن مەسۇليەت تۇيغىسىدا تۇرۇپ يوللاڭ.  تۇرغۇن ئالماس، ئۆتكۈر ئەپەندىملارنىڭ  روھى ۋە پولاتتەك پاكىت ئاساستا  يازغان  تارىخلىرى، تېخى ئارىمىزدىن يوقاپ كەتكىنى يوققۇ......بولسا سىز تۇرپان زورنىلىنىڭ 1988-1989- يىللىق توپلامىدىكى  ئالماس ئەپەندىمنىڭ  ‹ئۇيغۇر  دۆلەتلىرى›  دىگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ بېقىڭ.   تارىخ  بۇرمىلىغان  مۇناپىق دىگەن بەتنامدىن سىاقلىنىپ قالىسىز.......

باھا سۆز

qayan444  ياخشى كوڭلىڭىزنى قوبۇل قىلامۇ . سەھنە ئىگىسى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 11:58:31

UID
51713
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 01:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
6054
يازما
332
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7446
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 18:16:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگەنلىرىڭىزنى سىزمۇ دەپ باقمامسىز قېنى ؟ بولمىسا  موشۇنداقكەن دەپ قالىدۇ كىشىلەر...بىزنىڭ تارىخىمىزنى باشقىلار پۇتۇپ بېرىدۇ ئەسلى تارىق قانداق بولغىيدى؟

UID
51713
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 20:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokasman يوللىغان ۋاقتى  2013-7-19 18:16
بىلگەنلىرىڭىزنى سىزمۇ دەپ باقمامسىز قېنى ؟ بولمىسا  م ...

  بولسا  تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىمنىڭ مۇشۇ توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالىلىرىنى تېپىپ ئوقىسىڭىز بولىدۇ،  باشقىلار چايناپ بەرگەن ناندىن ،ئۆزى تېتىپ  يىگەننىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ.  ئىزلىنەيلى!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش