كۆرۈش: 3999|ئىنكاس: 9

قىزلار يىگىتىنىڭ كەمچىلىكىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3193
يازما
178
تېما
22
نادىر
0
جۇغلانما
1890
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 13:22:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


        ئادەم مۇھەببەتلەشكەندە ، قارشى تەرەپ خۇددى ئۆزىمىزگە ئوخشاشلا مۇكەممەل بولۇپ كەتمەيدۇ . باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ناھايىتى مۇكەممەل ئادەمنىڭمۇ ھامان ئادەمنى يىرگىندۈرگۈدەك كەمچىلىك نۇقسانلىرى بولىدۇ ، ئۇنداقتا قىزلار يىگىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلسا ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمەستىن بەلكى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىمۇ تېخىمۇ گۈزەل مەنزىللەرگە قەدەم قويىدۇ ؟
        ئېنىقكى ، يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى قىز ئالدىدا بوينىغا ئېلىشتىن خىجىللىق ھېس قىلىدۇ ، قىزلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قىلىش ھەربىي يىگىت ئۈچۈن نومۇسلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ . يىگىتلەر ھامان ئۆزى سۆيگەن قىزنىڭ ئۆزىدىن پەخىرلىنىشنى ، قىز دوستىنىڭ قەلبىدە پەقەت ئۆزىنىڭلا بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ . بەزىدە قىزلار ئويلانمايلا قىلىپ قويغان بىرەر ئېغىز سۆزى ھەتتا يىگىتلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ . شۇڭا قىزلار ئۆز يىگىتىگە سەل قارىماسلىقى ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆيۈنۈشى ، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىگە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن ئەمەس بەلكى تەنقىدىي نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇلارنى چىن قەلبىدىن تەسىرلەندۈرۈشى كېرەك .
        1. ئەگەر سىزنىڭ يىگىتىڭىزنىڭ سىزنىڭ كۆزىڭىزگە سىغمايدىغان كەمچىلىكى بولسا ، ئامال بار كەڭ قورساق بولۇڭ ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ سىز ئۇنى قوللاڭ دېگەن گەپ ئەمەس . چۈنكى گۈلنى سۆيگەن كىشى ئۇنىڭ تىكىنىنىمۇ سۆيۈشى كېرەك .
        2. ئەگەر سىزنىڭ يىگىتىڭىز ئاممىۋى سورۇندا كەمچىلىك ئۆتكۈزسە ياكى سىزنىڭ غۇرۇرىڭىزغا تەگسە ، سىز ئامال بار ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ ، ئۆزىڭىزنى ناھايىتى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىڭ ، ھەرگىزمۇ سىز قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ يىگىتىڭىزدىن ئۆچ ئالماقچى بولماڭ .
        3. شۇ خىل كەمچىلىكلەر ئارىسىدا يىگىتىڭىز ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا سىزنىڭ بولمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسۇن ، سىز ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغاندا ، بىلىمىڭىزنىڭ يېتىشىچە داڭلىق كىشىلەرنى مىسىل كەلتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ ، ئۇلارغا رىغبەت بېرىڭ ۋە يىگىتىڭىزنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە جەزمەن دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى ئېسىگە سېلىڭ . ئەگەر سىز يىگىتىڭىزنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى توغرا يولغا باشلىيالىسىڭىز ، بۇ سىزگە قوش ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ .
        4. ئەگەر يىگىتىڭىز ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى ئالدىڭىزدا ئېتىراپ قىلسا ، سىز يىگىتىڭىزگە سەمىمىيلىك بىلەن رىغبەت بېرىڭ ، << سىز بۇنچىلىك كەمچىلىكنى تۈزىتەلەيسىز ، چۈنكى سىز دېگەن مېنىڭ مەنىۋىيىتىمنىڭ ھۆكۈمرانى >> دەڭ . سىز بۇنداق دېگەنگە ئىشلار پۈتۈنلەي شۇنداق بولۇپ كەتمىسىمۇ ، ئەمما بۇ سۆزىڭىز ئاجايىپ ئۈنۈم بېرىدۇ . چۈنكى يىگىتلەر ھامان جەمئىيەت ، ئائىلە ئاتا - ئانا ، قىز ۋە دوست - بۇرادەرلىرى ئارىسىدىكى ئاچا يولدا گاڭگىراپ قالىدۇ ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىز ئۇنى توغرا يولغا باشلىۋالسىڭىز ، بۇ سىزنىڭ كەلگۈسى بەختىڭىز ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر ئۇل سېلىش ھېسابلىنىدۇ .
        خۇلاسە - كالام ، مەيلى قىزلار بولسۇن يىگىتلەر بولسۇن ، مۇھەببەت مەسىلى ناھايىتى مۇھىم ۋە زىل مەسىلىدۇر . بۇنىڭغا ئازراق ساختىلىق ياكى بىخەستەلىك قىلىپ قويسىڭىز ئۆمۈرلۈك ئازابنىڭ ھەقداسى بولۇپ قالىسز . شۇڭا ئامال بار كەچۈرۈشكە ، كەچۈرۈشتىن - رىغبەتكە ، رىغبەتتىن - توغرا يولغا ، توغرا يولدىن ھەقىقەتكە قايتۇرۇش كېرەك . مەيل ئائىلىدە بولسۇن ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن خانىم قىزلىرىمىزنىڭ رولىغا سەل قارىساق بولمايدۇ . بولۇپمۇ ئەقىللىق ، چېۋەر قىزلار ئۆزىنىڭ يىگىتىنى ئۆزىدىن ھالقىتىشى ، ئاشۇ ھالقىغان دۇنيادا ئۆزىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ ، دۇنيانى ئۆز يىگىتىنىڭ قولى بىلەن ئۆزگەرتىشى كېرەك . مانا مۇشۇنداق قىزلار يىگىتلەرنىڭ مەڭگۈلۈك سۆيۈشىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ .


ئەلكۈيى تور ئىشخانىسىدىن ئارسلان تەرجىمىسى،قالايمىقان يۆتكەشكە بولمايدۇ.

تەپەككۇر يولى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ .
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2091
يازما
1566
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50520
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 14:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سىز يىگىتىڭىزنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ بەزى- بىر نوقسانلىرىنىمۇ  قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك . بۇ بارلىق خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈڭ ياكى كۆرمەسكە سېلىڭ دىگەنلىك ئەمەس . بىللە ياشاش جەريانىدا قايىل قىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىڭ دىگەنلىك ، كەڭ قۇرساقلىق ،ئەپوچانلىقمۇ ئادەملەرنىڭ ئالجاناپلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
4394
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 14:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا نۇقسانسىز كىشى بولمايدۇ_دە`~~~~~
مەيلى قىز بولسۇن مەيلى ئوغۇل بولسۇن بىر_بىرىنىىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ تۈزىتىشكە ياردەملەشكەندىلا ئاندىن بىرگە ئۆتۈشنىڭ مۇققەددىمىسىنى باسقانلىق بولىدۇ ~~~~~

UID
3611
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2010-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 15:20:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلاپ باقسام قىز دۇستۇم ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلچىمۇ ئورتاقلىق يوق ئىكەنتۇق .كىيىن بىلىپ قالدىم .بىزدە پەقەت بىر-بىرىمىزگە قېزىقىشلا بار ئىكەن .مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قىزىقىپ قاپتىمەن .ئۇمۇ مىنىڭ بەلكىم شۇنداق بىر تەرىپىمگە قىزىقىپ قالغان بولۇشى مومكىن.لىكىن يوقۇرىدا دىيىلگەندەك ھەقىقىي مۇھاببەتلەشكۈچىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەر بىزدە بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بىز ئاخىرى ئايرىلىپ كەتتۇق.بىراق ھەر ئىككىمىز پۇشايمان قىلمىدۇق.دوستلىرىمىز بىزنى <ئالتۇن ئۈزۈككە ،ياقۇت كۆز سالغاندەك ماس كەلگەن > دېيىشەتتى. ئەمەليەتتە ئۇلار ئىككىمىزنىڭ بىر -بىرىمىزگە قەتئىي ماس كەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيتتى. ھازىرمۇ بىز بىر خىزمەت ئورنىدا . ئۇمۇ توي قىلدى ناھايىتى بەختلىك .مەنمۇ ھەم شۇ . مۇناسىۋىتىمىز يىقىن خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى .ئۆيدىكىلەرمۇ ناھايىتى قويۇق ئارلىشىمىز .بەزى چاغلاردا مۇشۇ توغرىسىدا پاراڭمۇ بولۇپ قالىدۇ. لىكىن ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ ناھايىتى توغرا قىلغانلىقىمىزنى بىلىمىز .

UID
2477
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 15:39:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەر ئىكەن. رەھمەت

ئۈمۈدۋار بول !!!

UID
3908
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1250
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 20:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ قورساقلىق ،ئەپۇچانلىق بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاق ،بىز چوقۇم بۇنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىمىز كىرەك .شۇندىلا بۇ دۇنيا تىخمۇ گۈزەللىككە تولىدۇ.

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.

كۆيۈمچان ئەزا

نىمىشقا بار كۈچى

UID
3441
يازما
107
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
3637
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 08:46:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن مۇھەببىتىڭىز  سىزنى ئالدىسا ،دائىم يالغان گەپ قىلسا ئىككىلەنمەستىن ئايرىلىپ كىتىڭ ،راست زىيان تارتمايسىز !باشقا كەمچىلىكلەر بولسا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ

يېڭى يۇلتۇز

maga yana tallax &

UID
4637
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 23:02:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسىنى  ياخشى  كورگەنكەنمز   ئۇنىڭ  ھەقىقى  ئوزىنى   ياخشى  كورشىمز  كېرەك

UID
5457
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2010-9-6
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-7 00:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 2 قەۋەتتىكى   (alwaida) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

مەن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان لېكىن  ئۇ قىز تېخىچە ئېنىق جاۋاپ يوق .سىلەرچە مەن قانداق قىلسام بولار؟

غاپپارجان

UID
38445
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 13:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز-ئوغۇل ھەرئىككىلىسى بىر-بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۇشسە چوقۇم بىر-بىرسىگە ئىشىنىشى كىرەك...............
     

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش