كۆرۈش: 2180|ئىنكاس: 4

روسىيەدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47501
يازما
13
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-13
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 10:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
( دولان ) رۇسىيەدىكى ھەقىقى ئۆزگىرىش
( CCTV ئەزەلدىن خەۋەر قىلىشقا پېتىنالمىغان ھەقىقى ئەھۋال: رۇسىيەدىكى ھەقىقى ئۆزگىرىش )
مونالىزا
دولان تەرجىمىسى
رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىدىن دۆلەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ( كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە ئازكەم 200 مىليون دوللار ) يەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدە نېمە سەۋەب بار؟ رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدىغان سىياسىتى كۆپچىلىكنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.
  1، روسىيە پۇقرالىرىنىڭ خالىغان ۋاقىتتا نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋە ئىش تاشلىشى، ئاساسىي قانۇندا بەلگۈلەنگەن ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى ھەلقىلىشتىكى قانۇنلۇق ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن روسىيەگە ساياھەتكە بارغاندا دائىم قىزىل مەيداندىكى نامايىش ئەترىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
  2، روسىيەدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەرقانداق دىن روسىيەدە ئەركىن تارقىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، نۆۋەتتە روسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئىگەللىۋالغان ئىبادەتخانىلارنى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قايتۇرۇپ بەردى، ھازىر شەھەردىكى ئەڭ چىرايلىق ئىمارەت ئىبادەتخانا. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇن ۋە « روسىيە فېدېراتسىيسى دىنىي ئەركىنلىك ۋە دىنىي تەشكىلات قانۇنى » نىڭ كاپالىتىگە ئىرىشكەن.
  3، روسىيە خەلقى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، 1000 غا يېقىن ژۇرنال تارقىتىلدۇ، ھېچقانداق تىزىملاش رەسمىيىتى بىجىرىلمەيدۇ. سۆز ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇن ۋە « روسىيە فېدېراتسىيسى ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىسى قانۇنى » نىڭ كاپالىتىگە ئىگە. روسىيە فېدېراتسىيسىدە مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن نەچچى مىڭلىغان شەخسى تارقىتىش ۋاستىسى قورۇلۇپ، ئاخباراتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى بىكار قىلىنغان.
  4، روسىيە ئەركىن بازار ئىگىلىكى بەرپا قىلغان بولۇپ، كارخانا ئىھتىياجغا ئاساسەن ئىشلەپ چىقىرىپ، كارخاننىڭ ئۈنۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا روسىيەنى بازار ئىگىلىكى دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلغان.
  5، روسىيەدە كۆپ پارتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، سىياسىي پارتىيە قورۇش ئۈچۈن پەقەت ئەدىلىيە مىنىستىرلىكىگە تىزىمغا ئالدۇرسىلا كۇپايە. كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ئاساسىي قانۇن ۋە « روسىيە فېدېراتسىيسى پارتىيىلەر قانۇنى » نىڭ كاپالىتىگە ئېرىشدۇ، سىياسىي پارتىيەنىڭ بارلىق راسخوتىنى ھەرقايسى پارتىيە ئۆزلىرى ھەلقىلىدۇ.
  6، روسىيە فېدېراتسىيدە ئەركىن سايلام ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، بۇ زوڭتوڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. 1991-يىلدىن بۇيان روسىيەدە قايتا-قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلگەن، 1991-يىلدىن 2004-يىلغىچە ئومۇمىي خەلق 7 قېتىم قارار ماقۇللىغان. 4 قېتىم زوڭتوڭ سايلىمى، 4 قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەركىن سايلام روسىيە فېدېراتسىيسى ئاساسىي قانۇنى ۋە « روسىيە فېدېراتسىيسى زوڭتوڭ سايلام قانۇنى » « روسىيە فېدېراتسىيسى دوما سايلام قانۇنى » نىڭ كاپالىتىگە ئىگە.
  7، روسىيە فېدېراتسىيسىدە ئەدىلىيە مۇستەقىللىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، فېدېراتسىيە سودىيەسى سوتلاش ھوقۇقىنى  بىرتۇتاش يۇرگۈزىدۇ، سودىيەنىڭ مۇئاشى ۋە تەمىناتىنى پۈتۈنلەي فېدېراتسىيە مالىيەسى چىقىم قىلىدۇ، سودىيە ھەرقانداق پارتىيە گورۇھقا ئەزا ئەمەس، بۇ سودىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
  8، روسىيە فېدېراتسىيسىدە ھۆكۈمەت ئەزاسىنىڭ مال-مۇلكىنى ئىلتىماس قىلىش تۇزۇمى يولغا قويۇلغان، ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋەزىپىگە تېيىنلىنىشتىن بورۇن چوقۇم شەخسى ۋە ئائىلە مال-مۇلكىنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بورۇن يىللىق كېرىمى ۋە مال-مۇلكىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك، بۇ ئىلتىماسنى ئاخباراتتا ئاشكارىلاپ، پۇقرالارنىڭ نازارىتى ۋە پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ، روسىيە فېدېراتسىيسى ئاساسىي قانۇنى ھۆكۈمەتنىڭمۇ قانۇن كاپالىتى.
  9، روسىيە رۇبلىنى خەلقئارادا ئەركىن ئايرىباشلىنىدىغان پۇلغا ئۆزگەرتىپ بولغان بولۇپ، رۇبلى 6 يىلدىن بۇيان ئىزچىل قىممىتى مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى، نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنغاچقا رۇسىيە پۇقرالىرى ئەركىن يۆتكىيەلەيدۇ، روسىيەلىكلەرنىڭ پاسپورت ۋە رۇبلى ئېلىپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ساياھەت قىلىشى ۋە خىزمەت قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  10، روسىيە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمىگە قاتنىشىپ، تىنچلىق مەزگىلىدە ئۆلۇم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىق ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان، روسىيە ئۆلۇم جازاسىنى ئىجرا قىلمايدىغان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگەندىن كېيىن، روسىيىلىكلەر ياۋروپاغا بېرىپ كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە روسىيە فېدېراتسىيسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش قىلمىشىنى ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، روسىيەدە ئۆلۇم جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
  11، روسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى 11 مىليارد 500 مىليون قەرزنى مۇددەتتىن بورۇن قايتۇرۇپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە پارىژ كۇلۇبىنىڭ 50 مىليارد دوللار قەرزىمۇ بار. ئىراقنىڭ 9 مىليارد دوللار قەرزىنى كەچۇرۇم قىلۋەتكەن.
  12، روسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى پىرېۋوت زاپىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ھەتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى زاپاس مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن.
  13، روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇنقى ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىش چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۇردى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 70 يىلدا ئاساسەن ئاشلىق ئىمپورت چوڭ دۆلىتى ئىدى، ھازىر روسىيە ئاشلىق ئېكسپورت چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغان.
  14، روسىيەدىكى مىلياردېر فوبۇستىكى ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىدە 27 يېتىپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
  15، روسىيەنىڭ سودىغا ئىشلىتىدىغان ئالەمگە ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىنى قويوپ بىرىش بازارى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ئىككى يېرىميىلدەك ۋاقىتتا رۇسىيە خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى ئۆزى قوغدىدى. يېقىندا خەلقئارا ساياھەت پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئادەملىك ئالەم ئايروپىلاننى مارسقا قوندۇردىغانلىقىنى جاكارلىدى.
  16، موسكۋا يەرشارىدىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئونىۋېرسال ئەمىلى كۈچى جەھەتتە 12-ئورۇندا تۇرۇپ، نىيۇيوركتىن ئېشىپكەتكەن. موسكۋادا 7 ۋوگزال بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەپلىك مېتروغا ئىگە. موسكۋانىڭ نوپۇسى 10 مىليون بولۇپ، ھەر 3 ئادەمگە بىر ماشىنا توغرا كەلسىمۇ لېكىن شەھەر قاتنىشى ناھايىتى راۋان.
  17، روسىيە %13 لىك شەخسى تاپاۋەت بېجىنى يولغا قويغان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن.
  18، روسىيەدىكى بانكىلار ئاساسەن شەخسى ئىگىلىكتە، ئەنگلىيە « بانكىرلار » ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق مەلۇماتىدا روسىيەدىكى 22 بانكا دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك بانكا قاتارىغا كېرگەن، 2004-يىلى روسىيەدىكى بانكىلارنىڭ ئوتتۇرىچە پايدىسى %26.1 ئاشقان.
  19، روسىيەدە تۇرالغۇ، سۇ، توك ئاساسەن ھەقسىز، بەزى ھەقلەر پەقەت سىموۋول خارەكتىرلىك بولۇپ، روسىيەدىكى ئائىلىلەر سۇ سائىتىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
  20، روسىيەدە زۇڭتۇڭدىن باشقا، زۇڭلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بارلىق ئەمەلدارلار پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئادەتتىكى پۇقرا بولۇپ، ھېچقانداق ئالاھىيدە تەمىناتتىن بەھرىمان بولمايدۇ.
  21، روسىيە فېدېراتسىيە قوغداش ئىدارىسى قوغداشقا تېگىشلىك كىشىلەر تۆۋەندىكىچە: زۇڭتۇڭ، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي كېسىم مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، فېدېراتسىيە كومتىتىنىڭ رەئىسى، دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى، زوڭلى قاتارلىقلار.
  22، رۇسىيە سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى، 2006-يىلى سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشى رۇسىيەنىڭ سانتپېتىربورگدا ئۆتكۈزۈلدى.
  23، رۇسىيەدە ئېلېكتر تەمىنلەشتە ئاساسلىقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا تايىنىدۇ، بۇ مۇھىتنى قوغداپ، قايتا ھاسىل بولمايدىغان ئېنېرگىيە كۆمۈر مەنبەسىنى تېجىگەن.
  24، رۇسىيەدىكى ئاپتومۇبىلنى ئاساسەن ئۆز دۆلىتى ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەيدۇ، فورژا ئاپتۇمبىل زاۋۇتى يېقىدا 23 مىليون دانە ئاپتۇمبىل ئىشلەپچىقارغانلىقنى تەبرىكلىدى.
  25، روسىيە زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىمۇ روسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان، TU-154، Y-96-300 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ روسىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىمۇ ئاساسەن روسىيەدە ئىشلەنگەن.
  26، روسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆتيول خەرىتە پىلاننى ئىمزالىغان بولۇپ، روسىيە فېدېراتسىيسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي مەسىلىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان، ئەدىلىيە، ئالاقە، ئاۋىئاتسىيە قويۇپ بېرىش، سانائەت ئۆلچىمى، دورا ئۆلچىمى، مائارىپ ئۆلچىمى، يۇقىرى سۇرئەتلىك تاشيول ئۆلچىمى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئۆلچىمى قاتارلىق ھەممە ساھەدە بىردەكلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان.
  27، روسىيە فېدېراتسىيە زوڭتوڭى ھەريىلى ئامېرىكا زوڭتوڭى بىلەن 8 قېتىم رەسمى ئۇچرىشىدۇ. بۇ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق بولغان قوشتەرەپلىك ئۇچرىشىش، سەككىز دۆلەت گورۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا-ياۋروپا باشلىقلار ئۇچرىشىشى قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  28، روسىيە زوڭتوڭى ھەريىلى ئازبولغادا بىرقېتىم تېلۋېزىيەدە پۇقرالارنىڭ ھەرقانداق سۇئالىغا جاۋاب بىرىدۇ؛ ئاز بولغاندا بىرقېتىم چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ھەرقانداق سۇئالىغا جاۋاب بىرىدۇ؛ دۆلەت ئىچىدە تۇيۇقسىز ۋەقە يۈزبەرگەندە دەرھال تېلۋېزىيە نۇتقى ئېلان قىلىدۇ.
  29، روسىيە فېدېراتسىيسى يەسلى مائارىپىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئاساسىي مائارىپ ۋە ئوتتۇرا كەسپى مائارىپ مەجبۇرىي ھەمدە پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئالىي مائارىپتا يۇقىرى ئوقۇش مۇكاپات تۇزۇمىنى يولغا قويغان.
  30، روسىيە فېدېراتسىيسىدە داۋالىنىشتا نومۇر ھەققى، تەكشۇرۇش ھەققى ۋە داۋالاش ھەققى ئېلىنمايدۇ. دورا چىقىمىنى دۆلەت كونتۇرۇل قىلىدۇ ۋە يوقۇرى تولۇقلىما بىرىدۇ.
  31، روسىيە فېدېراتسىيسىدىكى بارلىق مەسئۇل مەمۇرىي خادىملار، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە چوقۇم خەلققە قەسەم بېرىدۇ. يۇقىرىسى زوڭتوڭ، تۆۋىنى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى، ئادەتتىكى سوتچى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى چوقۇم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە خەلققە قەسەم بېرىشى كېرەك. زوڭتوڭنىڭ قەسەم بىرىش يېغىنى كاتتا ئۆتكۈزۇلۇپ، نەقمەيداندا ئاممىغا كۆرسىتىلىدۇ، زوڭتوڭنىڭ قەسىمى ناھايىتى ئاددى بولسىمۇ بىراق يادروسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتۇر. سوتچى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارغا مەسئۇل بولىمەن دەپ قەسەم بىرىدۇ. زوڭلى ۋە ھەردەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىمەن دەپ قەسەم بىرىدۇ.
  32، روسىيە فېدېراتسىيىسى چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى تۇزۇمىنى يولغا قويغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايىتى بار-يوقلۇقىنى زاسېداتېللار ئۆمىكى قارار قىلىدۇ، زاسېداتېللار ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن تەشكىللەنگەن بولىدۇ.
   جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا، بيۇرۇكرات مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق مەۋجۇتلا بولۇدىكەن، بىر ئۆمۇر نادامەت چەكمەي ئامال يوق.

مەنبە:
  http://blog.sina.com.cn/main_v5/ ... og_4e1d2e1a01018gdm

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 11:57  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12811
يازما
235
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3535
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 14:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا، بيۇرۇكرات مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق مەۋجۇتلا بولۇدىكەن، بىر ئۆمۇر نادامەت چەكمەي ئامال يوق.
...............................................................................................................
     روسىيەنىڭ  بۇ توغرا يولدا شۇنداق تىز  ئىلگىرلەۋاتقانلىقى   ئادەمنىڭ  زوقىنى كەلتۇردۇ  . بىر چوڭ دۋلەت 15كىچىك  دۋلەتكە پارچىلىنىۋىدى  ئاسمان ئورۇلۇپ چۇشمەي  ئەكسىچە  ئۇلار يۇكتىن  قۇتۇلۇپ  ،بېشىغا بەخىت  قۇشى قوندى . ھازىر روسىيەدە ،مىلىيونىرلار  كۇندىن -كۇنگە  كوپەيمەكتە .

كۆيۈمچان ئەزا

كوممۇنېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

UID
3417
يازما
323
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
8384
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 17:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەرىتىگە قارىسام  روسيەنىڭ يىراق شەرىقىدىكى غايەت زور زىمىننى كۆرۈپ ئىچىم پۇشىدۇ.
ھەممىسى تۈركىيلەرنى ئالداپ قولغا كىرگۈزۋالغان زىمىنلار

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 15:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇسىيەنىڭ چوڭ نىشانى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش!
ئەينى ۋاقىتتا  رۇسلارغا قارىتىپ تۇرۇپ دۆلىتىنى پاچىلىۋەتكەن...
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت پارچىلانغان چاغدا، تاتارىستان قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەر مۇستەقىلىقىنى ئېلان قىلىپ يەنىلا رۇسىيەگە بېقىندى بولىۋاپتىكەن. لېكىن نېمىشقا بۇ رۇسلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىلىقىنى ئېتراپ قىلىپ چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىلىقىنى ئېتراپ قىلمايدىغاندۇ؟ ئەينى ۋاقىتتىكى چېچىنىيەنىڭ زۇڭتۇڭى مۇستەقىلىق ئېلان قىلغان ۋاقىتا رۇسلار ئۆلتۈرۋېتىپتىكەن

UID
54051
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 16:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روسلار يېقىنقى نەچچە يۇز يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىگە نىسبەتەن چوڭ بىر ئاپەت بولۇپ كەلدى.ئۇتتۇرا ئاسىياخەلىقلىرىگە نۇرغۇن زۇلۇملارنى سېلىپ كەلدى.ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ بىرلىشەلمەسلىكى بۇ زۇلۇمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش