كۆرۈش: 2024|ئىنكاس: 12

80-يىلدىن كېيىنكىلەرنىڭ ئەسلىمىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2410
يازما
47
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1067
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 21:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تورداشلار :
ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلسام ، ئەلكۈيى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى 80- يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان ياشلار ئىكەن .
ئويلاپ باقسام شۇ زاماندا تۇغۇلغانلار يازدا لەگلەك ياساپ ئۇچىرىتسا ، كۈزدە ۋاللاي ئوينىغان ، قىشتا مۇزدا نۇر ئويناپ تېيىلسا ، ئەتىيازدا مۇكى - مۇكىلەڭ ئوينىغان ، ئىشقىلىپ ئۇيۇن تۈرلىرىمىزنىڭ سەرخىلىقىدىن ، كۈننىڭ تىز ئۆتكىنىنى ھىس قىلماي ، كۈننىڭ قىسقىلىقىدىن ئاغرىناتتىكەنمىز .
90- يىلدىن ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن تۇغۇلغانلار بولسا ، مۇزنى تىلىۋىزوردا تېيىلىپ ، مۈكى - مۈكىلەڭنى كومپىيۇتېردا ئويناپ ، لەگكەنى يانفۇندا ئۇچىرىتىدىغان بۇلۇپ كەتتى ، شۇڭا ئۇلارغا تۇرمۇش بىر خىل مەنىسىزدەك بىلىنىدى ، قېنى گەپنى يىغىساق ، 80- يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان ئاكاش - ھەدەشلەرنىڭ كۈنى قانداق ئۆتىدىكىن نەزەر سالايلى ....




كىچىكىمدە مۇشۇ سۈرەتتكە شۇنداق ئۆچ بۇلاتتىم ، چۈنكى بۇرۇن تىلىۋىزوردا سائەت 5:00 دىن بۇرۇن مۇشۇنىڭدىن بۇرۇن ھىچنىمە قۇيۇلمايتى ، 5: دىن كىيىن تۆۋەندىكىلەرنى قۇياتتى.


قاسماق جىگۇڭ دەپ ئاڭلىغان بولغۇيتىڭلار

مۇشۇ فىلىم قۇيۇلسا ، ئىشلىنىپ بۇلۇنمىغان تاپشۇرۇقلار ئۈستەل ئاستىغا يۇشىرىلاتتى ، ئەتىسى مۇئەللىم قۇلاقنى سۇزاتتى .

مۇشۇ ئاداشنىڭ فىلىملىرىگە ئاجايىپ ئىشتىياقىم بار ئىدى جۇما ...
ئۇنىڭدىن باشقا ، مىم ، مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە ھىكايە ، ئەقىللىق يىشو دىگەندەك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىدىغان كارتونلار كۆپ ئىدى ، ھازىرقىدەك شىياڭياڭ مىياڭياڭ دىگەندەك ئاتا - ئانىسىنىڭ تايىنى يوق ، ئاسلان ۋە پاخلاننىڭ كارتونلىرى يوق ھەم ئاز ئىدى .


قىز - ئوغۇل دىمەي ئۆستەڭلەرگە سۇغا چۈمىلەتتۇق .

چۈمىلەتتۇق ، چۈمىلەتتۇق ، سوغىمىز ئېشىپ كۆرپىلەرگە 50 گىرام ئويناپ قۇياتتۇق ، ئەتىسى چاندۇرماي مەكتەپكە قاچاتتۇق .

قىزلار لېيفىڭدىن ئۆگىنىمىز دەپ ، ئۇغۇللارنىڭ تاپشۇرىقىنى ئىشلەپ بىرەتتى ، ئەمىلىيەتتە لېيفىڭ ئاكىمىز بۇنىڭغا نارزى .

ئەينى ۋاقىتتا توڭلاتقۇ قىممەت بولغاچ ، جاڭ ھەدىمىز ياغاچ ساندۇققا پاختىلىق يوتقاننى توڭلاتقۇ قىلىپ مۇز كالتەك ( بىڭگور ) ساتاتتى .

بىزنىڭ يۇرىتتا ئالامباي دەيمىز ، سىلەرنىڭكىدىچۇ ؟

ئوتىۋالغىنى ئالاماي ، ئۇتتۇرغىنى بەرمەي جىدەللەرمۇ بوپ تۇراتتى .

دادىمىز ياساپ بەرگەن رەگەتكە ، بىرە - بىرە خەقنىڭ رام ئەينىكىنى چېقىپ قويغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ، قۇشقاچ سۇقۇپ قۇياتتۇق .

ئۇسىغاندا ئىچىدىغان ، نەچچە تىيىنلىك سۇلياۋ خالتىلىق ئىچىملىك .

بۇ نىمە ؟  كىم بىلىدۇ ؟

ھازىقى بالىلارغا بەرسە ئوينىماس ، لىكىن بىز ئىشتىياق بىلەن ئويناپ كىتەتتۇق .

مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ تاقاش ئۈچۈم ، دەرىستە بەسلىشىپ ئۆگىنەتتكەنمىز ، ئويلاپ باقسام باشلانغۇچ 6 سىنىپتا قىزىل گالىستۇك تاقاپ نۇمۇستا قالغان ئىدىم.

ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ئاز ئىدى ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكىنى .....


بازارغا بارغاندا ، مۇشۇ ئىككىسىدىن ئېلىپ بەرمىسە ، ئىنىقلا دوملاپ ئېغىناپ يىغلايتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانام ئۈستىدىن غالىپ كىلەتتىم  ، ئۆيگە قايىتقاندە شاپىلاقمۇ يەپ قۇياتتىم ( داۋاملىق ئەمەس )

ئەينى ۋاقىتتىكى پىچاقلار ( زاڭدو )

ئىسىمدە قېلىشىچە ياڭخەر دەيتۇق ، ئويناپ دەرىسكە كىچىكسەك دەشنام يەيتۇق .

تەرەكتۇرنىڭ چاقىدىن بىراك بۇلۇنغان ۋىنتىلار ئەڭ ئىسىل نۇر بولاتتى .

پاختا كەمپۈت دىگەن شۇ ....

بۇرۇن 20 تىيىن ئىدى ، ھازىر 5 سومكەن .


10 تىينلىق سېغىزلار ....

تەمى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ، ھەپتە چاينايتۇق دە ...

مىتىرلاپ ساتىدىغىنى .....

ھېيىتلىق بەرگەن پۇلغا پوجاڭزا ئالاتتۇق ، بوۋام قاخشاپ كىتەتتى .

ئاتالمىش ئۆگىىش قۇرالى ، لىكىن مۇشۇ ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلاتتىم دىگەنلەر قانچىلىك ؟

ۋېلسىپىتنىڭ كېرەكسىز ئىچ دېيىدىن ياسالغان ئارغامچا قىزلارنىڭ ياخشى ئۇيۇن قۇرالى ئىدى .

ئوغۇللارمۇ بوش ئەمەستۇق ، لىكىن ...

قۇناق ، گۈرۈچتىن پاخپاج ياسايدىغان جاڭ بوۋاي ، ھەپتىدە بىر مەھەللىنى ئاۋات قىلىۋىتەتتى .

كىچىكلەر ئۇتان تىرەتتى ، چوڭلار پۇشىراتتۇق .

ئۆزىمىز ياسىغان پىرىلدىغۇچ ، ھازىر كىم ياسىيالايدۇ ؟


بۇ نىمە كىمنىڭ يادىدا ؟

سۈپىتى ياخشتى جۇما ، مۇشۇ قەلەمداننىڭ ....

قىشنىڭ پەيزى ....

ئوينىغان ، ئەمما ئىسمى ئىسىمدە ئەمەس ....


ئەينى ۋاقىتلاردىكى MP3....


قىزىپ قۇياتتى جۇما ....

ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرىلەرنىڭ ئىسىلى ....

ئەڭ قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن ئالاقىلىشىش قۇرالى ، چاقىرغۇ ....

بارماق دىسكىنىڭ چوڭ دادىسى ، يۇمشاق دىسكا ( لىكىن يۇمشاق ئەمەس جۇما )





بەلكىم ئەتراپلىق تەييارلىق قىللامىغان بۇلىشىم مۇمكىن ، بەزىلەرگە ياققان بۇلىشى ۋە بەزىلەرگە ياقمىغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن ، مەزكۇر تىمىنى يوللاشتا باشقا مەخسىدىم يوق ، پەقەت ئۆتمۈشنى ئەسلەش خالاس .


قېنى سىزنىڭ ئەسمىلىرىڭىزدىن ئاڭلاپ باقمامدۇق ؟


























بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 11:58  


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4302
يازما
362
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8658
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
99 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 09:41:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ مودا سەپەر قورالى خادىك ،رەسىمىنى تاپالمىدىم .دادىمىز تىكلەپ بولغىچە ئىلىپ قاچىدىغان مىنگاڭ ۋەلسىپىت...

UID
31144
يازما
398
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
398
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 10:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ياقتۇرۇدۇم ،نەدىنمۇ تاپقانسىز بۇ رەسىملەرنى كۆرۇپ شۇ ۋاقتىلارنى ئەسلەپ قالدىم !!يەنىلا شۇ كېچىك ۋاقىتلىرىم ياخشى ئىكەنتۇق  !!

UID
47815
يازما
49
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 14:31:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا سۆيۈندۈم .   ئاشۇ كەلمەسكە كەتكەن سەبىي گۈدەك كىچىك ۋاقتىلىرىمنى ئەسلەپ يىغلامسىراپ قالدىم.

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 20:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاقىباش(بەخت؛شىڭفۇ)موتوسىكىلتچۇ تېخى

UID
8075
يازما
57
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1197
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 14:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلمەسكە كەتكەن باللىق چاغلىرىمنى ئەسلەتتى .......سىلىنىڭ يۇرتتا ئالامباي دەپ ئاتىغان نەرسىنى بىز مەر-مەر دەيتتۇق ھەر قىشلىق تەتىل بولدىمۇ كۇن چىقاردىن -كۈن پاتارغىچە ماڭقىمزنى ساڭلىتىپ مەھەللە دوقمۇشدىن كىرەلمەيتتۇق ،1 موچەنگە 4 تىن ئالاتتۇق ، جىقراق ئۇتۋالغانلا ئەرزانراقمۇ ساتاتتى .....ھەي باللىق ...............

UID
28845
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ما يۇرتتا ياڭخەرنى چو - چو دەيتى ، جىڭ چو چولارنى يەرگە تىزاتتۇق ، يەرگە بىرنى ئۇرۇپ قانچلىقى ئۆرۈلسە شۇ بىزنىڭ بولاتتى ، ھاھا ، قول دىگەن ئىششىپ كىتەتتى جۇما ، ئاجايىپ قىززىق ئويۇنلىرىمىز باركەن شۇ چاغلاردا . مۈكۈ - مۈكۈلەڭ ، پاخپاق ، قۇتا ئويىنى ، سابۇ دەپ ساناپ كەلسەك ، چاچقا ئاق كىرىپ كىتەتتى ، ھازىرچۇ ، ئۈچ ياشلىق قىزىم ئالما تۆت تىلفۇنۇمنى مەندىن ئوبدان بىلىدۇ ، بەزىدە بىرەر ئىقتىدارىنى تاپالماي ئۇنتۇپ قالسام ، قىزىمدىن سورايمەن ، ما نەدە دەپ ؟

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
155
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3126
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:16:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاۋۇ ئىسمىنى تاپالمىغاننى «  مانتا پاخپاق »  دەيمىز .   بىز يەتمىشىنچى يىللارنىڭ بولغاچقىمۇ ئاساسەن بىلىدىكەنمىز .

كۆيۈمچان ئەزا

كوممۇنېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

UID
3417
يازما
323
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
8384
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز گۇما قوشتاغدا چاتاش دەيىتتۇق
قىمار ئويناپتىكەنمىز، شۇ چاغدا مەن تۇنۇيدىغان بىرسى باللارنىڭ قوللىرىغا دەسسەپ  چاتاشلىرىنى بۇلىۋالاتتى


بىز بۇنى كامالەك  دەيمىز


گۇما قوشتاغدا سەنجەر  دىيىلەتتى

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-16 18:22):
ە

كۆيۈمچان ئەزا

كوممۇنېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

UID
3417
يازما
323
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
8384
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راس، مۇشۇ سەنجەر مىنى «چوپان- پادا باققۇچى» لىقتىن، ھازىرقى ئورنۇمغا قايتۇرۇپ كەلدى، سەنجەر ئوينايمەن دەپ قانچىلىغان ئانامنىڭ ئىسىل رۇمانلىىرنى يىرتىپ بولغانلىقىمنى بىلمەيمەن، بىر كۈنى سەنجەر ياساۋىتىپ يىرتىلغان ۋاراقچىدىكى ...
ئەي ئوغۇل...
دىگەن خىتاپ سۆزى كۆزۈمگە چۈشتى، داۋامىنى ئوقۇپ بۇنىڭ سەنجەردىنمۇ ئىسىل نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدىم، سەنجەر ئوينىمىدىم، ھەمدە كەچتە قويلارنى يايلاقتىن قايتۇرۇپ ئۆيگە كەلدىم ۋە  رەھمەتلىك ئانامغا ئانا بۇ ۋاراقچىنىڭ داۋامى ياكى بىشى بارمۇ؟ دەپ سورىدىم! ئانام بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن بۇنىڭ شەمسۇلمائالى قابۇسنىڭ «قابۇسنامە» دىگەن كىتابى ئىكەنلىكىنى ئالدىنقى كۈنى يولدا كىتىۋىتىپ بۇ 16-17دەك ۋاراقچىسىنى يولدىن تىرىۋالغانلىقىنى، لىكىن كىتاپنىڭ يوقىلىشىنى ئىيىىتى. ئەي ئوغۇل... نىڭ داۋامىنى ئوقۇيالمىغىنىمغا قاتتىم ئىچىم پۇشتى، شۇندىن كىيىن سەنجەر ئوينىمىدىم، بەلكى سەنجەرنىڭ قۇربانى بولوش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئەرەپلەرنىڭ «مىڭ بىر كىچە» چۆچىكىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم
مانا مەن ...شۇندىن باشلاپ پادىچىدىن مۇخبىرغا ئايلاندىم....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش