كۆرۈش: 2906|ئىنكاس: 9

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 18:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان....

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)


جېمى ھەمدۇ-سانالار بارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى، قۇرئاننى نازىل قىلغۇچى، بىزنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى يىگانە زات جانابى ئاللاھقا بولسۇن، ئۇ زات بىزنى ھىدايەتكە نېسىپ قىلمىغان بولسا توغرا يولنى تاپالمىغان بولاتتۇق، ئىمان نېمە، ئىسلام نېمە بىلمىگەن بولاتتۇق.

يەنە بىزگە بۇ ئۇلۇغ دىننى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنى تولۇق يەتكۈزگەن، ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي جىھات قىلغان ئاخىرقى پەيغەمبەر، مۇھەممەد ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە كىراملىرىگىمۇ تۈگىمەس توختىماس سالاملار بولسۇن.

بۇ شەرەپلىك پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئاتا-ئانىلىرىمىزغا، بىزگە ئىسلامنى ئۆگەتكەن ئالىم ۋە ئۇستازلىرىمىزغا جانابى ئاللاھنىڭ سالامى، مەغپىرىتى، رىزۋانى بولسۇن. ئامىين!!!!

ئىي ئاللاھ! بىزنى ئىسلام يولىدا مۇستەھكەم مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، دۇنيادىن مۇسۇلمان كېتىشكە نېسىپ قىلغىن، رامىزاننى تۇتۇشقا نېسىپ قىلغىن، تاراۋىھنى ئوقۇشقا نېسىپ قىلغىن، رامزاننىڭ ئاخىرىدا دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننىتىڭگە ئېرىشىدىغانلاردىن قىلغىن. ئامىين.

مانا ئاللاھنىڭ ئېيى مۇبارەك ئۇلۇغ ئاي رامىزانمۇ كېلىپ قالدى....

بىز مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تەشنالىق ھالىتىدە تۇرۇپتىمىز، بۇ ئاي كەلگىچە تولۇق تەييارلىنىپ بۇ ئايدىكى ئالاھىدىلىكلەردىن، بەرىكەتلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە بەھرىمەن بولۇپ، ئاي ئاخىرىدا دوزاختىن ئازات قىلىنغانلاردىن بولۇپ چىقىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر، شۇڭا بۇ مۇبارەك ئاينىڭ قەدرىنى بىلىشىمىز، بۇ ئايدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى، شۇنداقلا بۇ ئايغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئەھكاملارنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

رامىزان ئېيى قايسى ئاي؟
مەلۇمكى ھىجرىي يىلنىڭ ئايلىرى 12 ئاي بولۇپ بۇلار تۆۋەندىكىچە:

مۇھەررەم

سەفەر

رەبىيئۇل ئەۋۋەل

رەبىيئۇل ئاخىر

جۇمادەل ئۇۋلا

جۇمادەل ئەخىرە

رەجەب

شەئبان

رامىزان

شەۋۋال

زۇلقەئدە

زۇلھەججە

دېمەك: رامىزان ئېيى ھىجرىيە كالىندارى تەرتىپى بويىچە 9- ئاي بولۇپ، بۇ ئاي ھەر يىلى مىلادى كالىندارىغا نىسبەتەن 12 كۈن ئەتراپىدا سۈرۈلۈپ كەلگەچكە ھەر يىلى كېلىش ۋاقتى مىلادى كالىندارىغا نىسبەتەن ئۆزگىرىپ كېلىدۇ، تەخمىنەن 33 يىلدا بىر ئايلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئاي بەزىدە باھاردا، بەزىدە قىشتا بەزىدە كۆزدە ۋە بەزىدە ئىسسىق يازدا كېلىدۇ، ئۇنداق بولماي يا يازدا ياكى قىشتا بولسۇن مۇقىم بىر پەسىلدە كەلگەن بولسا يىل بويى تۆت پەسىلدە چېنىقىش ۋۇجۇتقا چىقمىغان بولاتتى.

بۇ ئاينىڭ پەزلى ۋە بەرىكەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن:


رامىزان ئېيى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئايدۇر.

جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتتە رامىزان ئېيىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ شەنىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ((رامىزان ئېيى قۇرئان ئىنسانلارغا ھىدايەت، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى ۋە روشەن دەلىل بولغان ھالدا نازىل قىلىنغان ئايدۇر، شۇڭا سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن))

يۇقىرىقى ئايەتتىكى ((شۇڭا)) دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ئەرەبچىسى (ف) ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ بۇ ھەرپ ئەرەبچىدە تەرتىپ ۋە ئىللەتلىكنى بىلدۈرىدۇ، يەنى بۇ ئايدا روزا تۇتۇش بۇ ئايدا قۇرئان نازىل بولغانلىقىغا ئەگىشىپ كەلگەن، دېمەك: بۇ ئايدا روزا تۇتۇش جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتكە قۇرئاننى نازىل قىلىش ئارقىلىق قىلغان زور ئىلتىپاتى ۋە كاتتا نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ.

قۇرئان كەرىم بولسا ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئېنىق ئايەتلەرنى، ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جانابى ئاللاھ ئۆزگەرتىلىشتىن تاكى قىيامەتكىچە قوغدىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر.

ئۇنداق بولىدىكەن رامىزان ئېيىدا بۇ ئۇلۇغ كىتابنىڭ نازىل قىلىنىپ ئىنسانىيەتكە ئىنئام قىلىنىشى شۈكرانغا لايىق كاتتا نېمەت بولىشى تەبىئىيدۇر.


رامىزان ئېيى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدىر كېچىسى بار ئايدۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ كېچىنى رامىزان ئېيىدا قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كېچىدە قىلغان ئىبادەت قۇرئاننىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بويىچە مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەكتۇر، ئاللاھ تائالا بۇنى قەدر سۈرىسىدە ئېنىق بايان قىلغاندۇر. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەدىر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ قايسى كېچىدە بولىشى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا ئومۇمەن پۈتۈن رامىزان ئېيىدا خۇسۇسەن ئاخىرقى ئون كۈندە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش زۆرۈر.


رامىزان ئېيى يەنە بىر رامىزان كەلگىچە قىلغان گۇناھلارغا كاپپارەت بولىدىغان ئايدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھۇ مۇسلىمدىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيتتى: ((بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە چوڭ گۇناھلار سادىر بولمىسىلا ئارىلىقتا قىلغان گۇناھلارنى يۇيۇۋەتكۈچى ئەمەللەردۇر)).

سەھىھۇل بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ((رامىزان كەلسە جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ)).


رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرىنىڭ پەزىلىتى.

سەھىھەيندىكى ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((رامزاندا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە باراۋەر)) يەنە بىر ھەدىستە : ((مەن بىلەن بىللە قىلغان ھەجگە باراۋەر)) دېگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە شەرىپىدىن كەلگەندۇر، چۈنكى بۇ ئۆمرە پەقەت رامىزان ئېيىدا ئورۇندالغانلىقى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق كاتتا دەرىجىلىك بولغاندۇر. بۇنداق ئۆمرىنىڭ ساۋاب جەھەتتە شۇنداق ھەجگە باراۋەر بولسىمۇ، لېكىن پەرز ھەج بۇنىڭ بىلەن گەدەندىن ساقىت بولمايدۇ، بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاقتۇر.


رامىزان ئېيى روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ئايدۇر.

جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ((شۇڭا سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن))

بۇ ئايەتتىكى ((ھازىر بولسا)) دېگەن سۆز رامىزان ئېيىدا ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان بولسا، روزىغا قادىر بولسا، باشقا سەپەر قىلىشتەك ئۆزرە بولمىسا روزا تۇتۇشى ۋاجىب دېگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدۇ.

يەنە بەقەرە سۈرىسى 183-ئايەتتە جانابى ئاللاھ مۆمىنلەرنى مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ((ئىي ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن روزا تۇتۇش سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى)).

بۇ ئايەت روزا تۇتۇشنىڭ مۇسۇلمانلارغا پەرزلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە روزا تۇتۇش ئىبادىتىنىڭ بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن غايىنىڭ (تەقۋادارلىق) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.


روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن تەقۋادارلىق نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ يۇقىرى غايىسىنى تەقۋادارلىق دەپ كۆرسەتكەن، بۇ تەقۋادارلىق ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئىبادەتتىن كۆزلىنىدىغان غايىدۇر، بەقەرە سۈرىسى 21-ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ((ئىي ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار)).


بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان تەقۋادارلىقنىڭ ئۇقۇمى نېمە؟

بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ توپلانمىسى بولغان بۇ تەقۋادارلىقنى شۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، ئۇ ئۈمىت بىلەن قورقۇش ئوتتۇرىدىكى بىر مەنزىلدۇر، ئۇ پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر، بەزىلەر تەقۋادارلىقنى مۇنداق تەرىپ قىلغان: تەقۋادارلىق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ تائىتى بىلەن ئۇنىڭ جازاسىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. يەنە بەزىلەر مۇنداق تەرىپ قىلغاندۇر: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلماي ئىتائەت قىلىش، ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرۇش، نېمەتلىرىگە تانماي شۈكۈر قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت.


روزا تۇتۇش تولۇق بەندىچىلىك ۋە ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىبادەت ۋە بەندىچىلىكنىڭ ئۇقۇمى تولۇق بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا ئىبادەت روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە نامايان بولىدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى كۆز ئالدىدا يېمەك-ئىچمەك تەييار تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ھالەتتە چىداپ تۇرىدۇ، ئىسلامنىڭ باشقا ئاساسلىق ئىبادەتلىرىدە رىياخورلۇق ۋە باشقا ئىبادەتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان ياكى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئىللەتلەر كۆرۈلسىمۇ روزا تۇتۇش ئىبادىتىدە ساپ ئىخلاستىن باشقىسى بولمايدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى ئىخلاس بىلەن روزا تۇتىدۇ، ئۇنىڭغا ئاللاھدىن باشقا كۆزىتىپ تۇرغۇچى بولمايدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن جانابى ئاللاھ روزا تۇتقانلارنىڭ ساۋاتىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىپ ئىبنى خۇۋەينە سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدىسىدا مۇنداق دېگەن: ((ئادەم بالىسىنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۆزىگىدۇر، پەقەتلا روزا ماڭىلا خاس، چۈنكى ئۇ ماڭىلا خاس قىلىنغان ئىبادەت، شۇڭا مەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن، ئۇ مەن ئۈچۈن يېمەيدۇ، مەن ئۈچۈن ئىچمەيدۇ، مەن ئۈچۈن ھۇزۇر -ھالاۋىتىنى تاشلايدۇ، ئايالىنى مەن ئۈچۈن تاشلايدۇ)) دېمەك ئىخلاس قانچىكى ئارتۇق بولغانسېرى مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولغان.

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن: "ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى ئاللاھ ماڭا پايدىسىنى يەتكۈزىدىغان بىر ئىشقا بۇيرۇسىلا"دەپ تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ((روزا تۇتقىن، چۈنكى ئۇ مىسلىسىزدۇر)). يەنى ئەجىرنىڭ كاتتىلقىدا، روھنى ساپلاشتۇرۇشتا، بەندىنى ئىگىسىگە يېقىنلاشتۇرۇشتا، جىسىمنى ساغلاملاشتۇرۇشتا، نەپسانىي شەھۋەتلەرنى سۇندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئىبادەت يوق، ئۇ بىنەزىر ۋە مىسلىسىزدۇر، ئىنسان روزا ئارقىلىق ئۆزىنى تىزگىنلەيدۇ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ، ئىسلامنىڭ كۆزلىگىنىمۇ نەپسى بالاسى ئاجىز ئادەم ئەمەس، ئىرادىلىك، چىداملىق مۆمىن.


روزا تۇتۇش ئۆزىنى قىيناش ئەمەس.

ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشنى ئۆزنى قىيناش ياكى ئۆز نەپسىمىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويمىغاندۇر، بەلكى روزىنى روھنى ئويغىتىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىرادىنى تاۋلاش، سەۋر-تاقەتكە ئادەتلەندۈرۈش، نېمەتنى تونۇتۇش، رەھىم-شەپقەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش شۇنداقلا تولۇق بەندىچىلىككە، تولۇق بويسۇنۇشقا چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر، شۇڭا بەقەرە سۈرىسى 185-روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ئايىتىنى مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇرغان: ((ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، قىيىنچىلىقنى خالىمايدۇ))

قىيناش مەقسەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسى 184-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ((روزا ساناقلىق كۈنلەردۇر)) يەنى پۈتۈن يىل بويى ئەمەس، يېرىم يىلمۇ ئەمەس پەقەتلا ساناقلىق كۈنلەردىن ئىبارەت، 24 سائەت ئەمەس تاڭ ئېتىش ۋاقتىدىن كۈنپېتىشقا قەدەر، دېمەك: كۈندۈزى روزا تۇتىمىز، كېچىسى ئېغىز ئاچىمىز، يەنە تېخى كېسەل ۋە باشقا ئۆزرىلىك كىشىلەردىن روزا تۇتۇش كەچۈرۈم قىلىنغان، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ((سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتىۋالسۇن، قېرىلىقى ياكى ئاجىزلىقتىن روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ كېتىدىغانلار بىر كۈن روزا ئۈچۈن بىر مىسكىننى تويغۇزسا بولىدۇ)).


روزا تۇتۇش بارلىق ئىشلىرىمىزنى رۇسلايدۇ.

روزا تۇتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى كۆرۈپ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئادەتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، دېگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ جەمئىيىتى، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئادەم بولىدۇ، سۆزلىسە راست سۆزلەيدۇ، ئىش قىلسا ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، ھۆكۈم قىلسا ئادىللىق بىلەن قىلىدۇ، ۋەدە بەرسە تۇرىدۇ، ئامانەت ئالسا ساقلايدۇ، تىجارەت قىلسا ساغلام قىلىدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، ھارام يېمەيدۇ، ناچار ئىشمۇ قىلمايدۇ، روزا تۇتقان كىشى بىر ئاي مۇشۇنداق داۋاملاشسا ئېسىل خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ يىل بويى شۇنداق ئالىيجاناب ھالەتتە داۋاملىشالايدۇ.


روزا تۇتۇش تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.

روزا تۇتۇشنىڭ تەننى ساغلاملاشتۇرىدىغانلىقى تىببىي جەھەتتىن ئېنىق ۋە كەسكىن ئىسپاتلانغاندۇر، لېكىن بىز مۇسۇلمانلار روزا تۇتقىنىمىزدا تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، دەپ ئەمەس جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالاغا بەندىچىلىك ۋە قۇللۇق ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇپ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن روزا تۇتىمىز، شۇنداقتىمۇ روزىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن زور پايدىسى بارلىقى بىر ھەقىيقەتتۇر، بەلكى بۇ جانابى ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئىلتىپاتى ۋە مەغپىرىتى بىلەن بىللە كېلىدىغان قوشۇمچە سوۋغىتىدۇر.


روزا تۇتۇش نېمەتلەرنى تونۇتىدۇ.

مەلۇمكى نېمەتلەر كۆپ بولغانسېرى ئىنساننىڭ ئۇنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندا ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇپ قالغاندا نېمەتنىڭ قەدرىگە ئوبدان يېتىدۇ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نۇرغۇنلىغان نازۇ-نېمەتلىرىنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ، نامراتلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغىلى، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتكىلى بولىدۇ، نېمەتلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندىلا ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا شۈكۈر قىلىشقا تىرىشىدىغان گەپ، مانا بۇنىڭدىن روزا تۇتۇشنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تەرىپى ئېنىق كۆرۈلىدۇ.


رامىزان ئېيىدا قىلىنىدىغان مۇھىم ئىبادەتلەر

بۇ ئۇلۇغ ئايدا يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەر:

1. روزا تۇتۇش.

پەرز روزا مۇشۇ ئايغا خاستۇر، بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولىشى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بۇ ئايدا قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

2. تەراۋىھ نامىزى.

نامازمۇ روزىغا ئوخشاش بەندە بىلەن ئىگىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتتۇر، جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى يولغا قويغان، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ نامازنى رامزاندا بىرنەچچە كېچە مەسچىتتە ئوقۇغان، ساھابىلارمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ جامائەت بولۇپ ئوقۇشقان، بىرنەچچە كېچىدىن كېيىن پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ نامازنىڭ پەرز بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ توختىۋالغان. كېيىنچە پەرز بولۇپ قېلىش ئەندىشىسى قالمىغاندا مۇسۇلمانلار بۇ نامازنى جامائەت شەكلىدە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئېيىغا خاس شوئار خاراكتېرلىك ئەمەلىي ئىبادەت بولۇپ قالغان، مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ ئايدا مەسچىتلەرگە يىغىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ بەرىكىتى ۋە پەزلىگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى بۇ نامازنى ئوقۇش بىلەن بۇ مۇبارەك ئايدا قىيامدا تۇرغان بولىدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان، مەن قىيام (تەراۋىھ) نامىزىنى ئوقۇشنى سۈننەت قىلدىم، شۇڭا كىمكى بۇ ئايدا ئىمانى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇپ تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇسا گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك ھالەتكە قايتىدۇ)).

3. ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش.

بۇ ئايدا قىلىنىدىغان ئۈچىنچى ئىبادەت بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتۇر، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش دېگىنىمىز: مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگىلا ئاجرىتىپ ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدلەرنىڭ بىرىدە مۇقىم تۇرۇشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ ئىبادەت ئارقىلىق ئىنسان رەھىي تەرەپتىن چېنىقىپ ماددا ۋە ئۇنىڭ جازىبىيىتىدىن ئۈستىن كېلىشكە، تائەت-ئىبادەتلەرگە ئۆزىنى كۆندۈرۈپ ھەرخىل دۇنياۋى ھەۋەسلەردىن يىراق تۇرۇشقا چېنىقىدۇ، ئېتىكاپنى جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسى 187- ئايىتىدە مۇنداق زىكىر قىلغاندۇر: ((ئاندىن كەچ كىرگىچە روزىنى تاماملاڭلار، سىلەر مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئۇلارغا(يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلماڭلار)).

بۇ ئىبادەت رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىش كۆرسىتىلگەن سۈننەت مۇئەككەدەدۇر، سەھىھەيندە كېلىشىچە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر رامزاندىن ئاخىرقى ئون كۈندە ئېتىكاپتا تۇرۇپ كەلگەندۇر.

بەزى تابىئىيلار مۇنداق دېيىشكەن: "كىشىلەرنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننىتىنى تاشلاپ قويغانلىقى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى ئىشلارنى بەزىدە قىلىپ بەزىدە قىلمايتتى، لېكىن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى قەتئىي تاشلاپ باقمىغان".

بۇ مۇھىم سۈننەت بىز ئۇيغۇرلاردا تاشلىنىپ قالغانلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، شۇڭا بۇ ئىبادەتنى ئىمكانىيەتلا بولىدىكەن چوقۇم قايتىدىن ئەھيا قىلىپ چىقىپ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ياشارتىشىمىز، بۇ ئىبادەتتىن قولغا كېلىدىغان جانابى ئاللاھنىڭ ئىنئاملىرىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىز كېرەك.

بەزى ئالىملار بۇ ئىبادەتكە مۇنداق دەپ مىسال كەلتۈرگەن: "ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى خۇددى بىر ھاجەت بىلەن بىرىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى: مېنى مەغپىرەت قىلمىغۇچە بۇ جايدىن زادى كەتمەيمەن، دەيدۇ".

4. سەدىقە پىترى بېرىش.

سەدەقەتۇل پىترى: روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقىدىن ئىبارەت .

بۇ سەدىقە ئادەم بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن كاللا زاكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ سەدىقە رامىزان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل- ھاقارەتتەك بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ، رامزاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ- يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن ياردەم قىلىپ رامزاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ. نامراتلارمۇ بۇ سەدىقىنى ئېلىپ ھېيت-ئايەمنى مۇھتاجلىق ھېس قىلماي خوشال- خۇرام ئۆتكۈزىدۇ.

بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقىنىڭ ۋاجىبلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ۋە ئەبۇل ئالىيە قۇرئان كەرىمدىكى ئەئلا سۈرىسى: ((پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى)) دېگەن 14- 15- ئايەتنى زاكاتى پىتىرنى بېرىپ ئاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇدى دەپ تەپسىر قىلغان.

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر زاكىتىنى ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلارغا بۇغدايدىن ياكى ئارپىدىن بىر سا ( 2040 گىرام ) بەلگىلىدى، ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىشكە بۇيرىدى))

بۇ سەدىقىنى بىر كۈنلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالا- چاقىلىرى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ، ھېيت نامىزىغا قەدەر تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ.

بېرىلىدىغان ۋاقتى: رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پېتىشى ياكى ھېيت كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەن سەدىقە پىتىر بېرىش ۋاجىب بولىدۇ، ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەب، ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىش جائىز، ساھابىلەرنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىستە سابىت. بەزىلەر رامىزان ئىچىدە بەرسە بولىدۇ دەپ قارىغان. ئەمما ھېيت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.


بۇ ئۇلۇغ ئايدا رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم ئەدەپ-قائىدىلەر.

ئەلۋەتتە روزا تۇتقان كىشى ئىنسانىي كامالەت ۋە ئىنسانىي تەرەققىياتنى كۆزلەيدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىدىكى يامان ئىللەتلەرنى تاشلاشقا ئۆزىنى زورلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ روزىسى جانابى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بولىدۇ، روزىنىڭ ھەقىقىي پايدىسى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن روزىدار مۆمىن كىشىگە ياراشمايدىغان بارلىق نالايىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى لازىمدۇر، بۇنى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلىگەندۇر: ((كۆپىنچە روزىدارلار تۇتقان روزىسىدىن ئاچلىقتىن باشقا نەرسە قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، كۆپىنچە كېچىدە تەراۋىھ ئوقۇغانلار ئۇيقۇسىز قېلىشتىن باشقا ئىشقا ئېرىشمەيدۇ)).

دېمەك: روزا تۇتقان كىشى دېگەن يېمەك-ئىچمەك، شۇنداقلا ناچار سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى تۇتىۋالغان، تىلىنى گەپ توشۇش، غەيۋەت ۋە يالغان-ياپىداق سۆزلەرنى قىلىشتىن تۇتىۋالغان، قولىنى ھارام پۇل تېپىش ۋە باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن تۇتىۋالغان، پۇتىنى يامان يولغا مېڭىشتىن، بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن تۇتىۋالغان كىشىدۇر، شۇڭا ئەرەب تىلىدا روزا تۇتۇشنىڭ مەنىسى تۇتۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ، يەنى سۆز جەھەتتىن بولسۇن، ئىش-ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن ئومۇميۈزلۈك ناچار قىلىقتىن ئۆزىنى تۇتۇشتۇر. باشقىلار ئۇنى تىللىغان ئەھۋالدىمۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن بويىچە: مەن روزا تۇتقان، دەپ روزىغا رىئايە قىلىشى، روزىسىنى بۇزماسلىقى، پەسلەر بىلەن تەڭ بولماسلىقى كېرەكتۇر، ئالىملار روزى تۇتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىككى تۈرگە ئايرىشىدۇ: ئاۋامۇنناس روزىسى، خاس زاتلارنىڭ روزىسى.

ئاۋامۇنناس روزىسى دېگىنى: قورساق ۋە جىما شەھۋېتىدىن ئۆزىنى تۇتۇش.

خاس زاتلارنىڭ روزىسى دېگىنى: كۆزىنى نامەھرەمگە قاراشتىن، تىلىنى، قولىنى، پۇتىنى، قۇلىقىنى ۋە بارلىق ئەزالىرىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلاش.

يەنە تېخىمۇ خاس زاتلارنىڭ روزىسى دەپ ئۈچىنچى تۈرگە ئايرىغان بولۇپ، بۇ دىلىنى ھەرقانداق پەس ئوي-خىيال ۋە ئاللاھدىن يىراقلاشتۇرىدىغان تەپەككۇرلاردىن ساقلاش دەپ كۆرسىتىشكەن. ئەلۋەتتە كىشىلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولىدۇ، تۇتقان روزىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.


بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلىش زۆرۈر بولغان يەنە باشقا مۇھىم ئىبادەتلەر.

1. مالنىڭ يىللىق زاكىتىنى بېرىش.

پەرز زاكات باي كىشىلەرگە ھەر يىلى 2.5% مىقداردا بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ بۇنى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا بېرىپ ئادەتلەنگەندۇر، بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجرىي كالېندار ئىسلام پائالىيەتلىرىنى قىلىشتا ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن زاكات بەرگەندە ھىجرىي كالىندارغا تايانماي مىلادى كالېندار بويىچە زاكات بەرگەن تەقدىردە ھەر 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتىنى يەپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا زاكات بەرگەندە بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ مىلادى كالېندار بويىچە بەرمەي، ھىجرىي كالېندار بويىچە بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، رامزاندا بېرىپ ئادەتلەنسەك تېخى ياخشى.

2. قۇرئان ئوقۇش ۋە تىڭشىشىش.

رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، رامىزان ئېيىدا ھەر يىلى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىيل ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان تىڭشىشىپ تۇراتتى، ۋاپات بولغان يىلىدا 2 قېتىم تىڭشاشقان، بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار تاراۋىھتا خەتمە قىلىشقا ھەم رامىزان كۈنلىرىدە قۇرئان ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن.

بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئادەتتىكى ئايلاردا قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەر قۇرئاننى كۈندە بىر پارىدىن ئوقۇپ 30 كۈندە بىر تامام قىلىۋالسا بولىدۇ، ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار 30 كۈن ئىچىدە يېرىم سائەتتىن ۋاقىت چىقارسا رامىزان ئىچىدە قۇرئان ئوقۇشنى تولۇق ئۆگىنىۋالالايدۇ.

3. خەيرى-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش.

بۇ ئۇلۇغ ئاي خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان ئاي بولۇپ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا ئىنتايىن بەك كۆپ خەير-ئېھسان قىلاتتى، شۇڭا باشقىلارنى ئىپتارلىتىۋېلىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش ۋە يوقلاش ئىشلىرىنى كۆپ قىلىپ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىش لازىم.

4. يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەردىن قۇتۇلۇش.

روزا تۇتۇش بارلىق يامان ئادەتلەرنى شۇنداقلا گۇناھ ئىشلارنى تاشلاشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈزۈل-كېسىل ئاجراشقا مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر، بىر ئاي جەريانىدا يامان ئادەتنى تاشلىيالىغان تەقدىردە ئۇنىڭدىن تولۇق ئاجراپ كەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن: تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تىل-ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ناخشا ئاڭلاش، تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈش، تاماقنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار.


رامىزان ئېيىدا ئىبادەت قىلىش ئاسان بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ((رامىزان ئېيى كەلسە جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ))

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ ئايدا بەندىلىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار روزا ۋە تەھەججۇدتەك كۆپ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ جەننەتكە كىرەلەيدۇ، شۇنداقلا كىشىلەردە قەيسەر ئىرادە ۋە ئاللاھ مېنى كۆزىتىدۇ دەيدىغان تۇيغۇ كۈچلەنگەچكە ئۇلار دوزاخقا كىرگۈزىدىغان گۇناھلارنى قىلمايدۇ، دېمەك بۇ پەزىلەتلىك ئايدا ساۋاب ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، كۆپ مۇسۇلمانلار گۇناھلارنى تاشلايدۇ. جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەجاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دەپمۇ كەلگەن: ((رامىزان ئېيى كەلسە رەھمەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ)).

شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىغا كەلسەك بەزى ئالىملار شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىسا يەنە بەزى ئالىملار بۇ ماجاز دەپ قارىغان.

ماجاز دېگەن ئالىملار مۇنداق دېگەن: شەيتانلارنىڭ باغلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرالماسلىقى، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ۋەسۋەسە ۋە ئازدۇرۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشقا ھېچ تەمە قىلالماسلىقىدىن ماجازدۇر، چۈنكى رامىزان ئېيى كىرسە كىشىلەر روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكى ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلايدۇ، گۇناھلارغا تۈرتكە بولىدىغان ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلىغاچقا كۆڭۇللىرى ئەينەكتەك ساپ ۋە سۈزۈك بولىدۇ، ئەقىللىرى پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا، گۇناھلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ، نەتىجىدە ئۇلار بارلىق ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرگە يۈزلىنىپ گۇناھلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ، شۇڭا ئۇلارغا جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتان ئۇلارغا ھېچ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، شەيتان ئۇلارغا ۋەسۋەسە سېلىشقا يېقىنلاشسا، ئۇلاردىكى ئىيمان ۋە تائەت نۇرى شەيتاننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)).

شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىغان بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: "شەيتانلارنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىدا ھەقىقەتەن باغلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار كىشىلەرگە ۋەسۋەسە سالالمايدۇ، ياكى شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بەزى ھەدىستە ((رامىزان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ)) دېيىلگەن، دېمەك بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ، شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟ دېيىش ئورۇنسىز، چۈنكى گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ئوسال ئادەتلەر ۋە ئىنسىي شەيتانلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ".

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىگە ھەقىقىي ياكى ماجازىي مەنە بەرسەك ھەر ئىككى ئەھۋالدا بۇ ھەدىس ئەمەلىيەتكە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى يامان ئىشلار ۋە گۇناھلار باشقا ئايلارغا قارىغاندا رامزاندا ئاز سادىر بولىدۇ، باشقا ئايلاردا ئەمەل-ئىبادەتكە يۈزلەنمەي قالغانلارمۇ بۇ ئايدا ناماز ئوقۇپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تائىتىنى قىلىشقا قولايلىق تاپىدۇ، ئادەتتە باشقا ئايلاردا تائەت-ئىيادەت بىلەن شۇغۇللانغانلار رامىزان ئېيى كەلسە تېخىمۇ كۆپ ئەمەل-ئىبادەت قىلالايدۇ، قۇرئان ئوقۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، كېچىدە تەھەججۇد ئوقۇش، خەير-ساخاۋەت قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قىلالايدۇ، باشقا ئايلاردا ئانچە-مۇنچە كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سالىدىغانلار بۇ ئايدا ئاشۇ كىچىك گۇناھلارنىمۇ قىلماي تاشلىيالايدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز كۆرگەن بۇ ھەقىقەتنى ئىلمىي جەھەتتىن يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن بىللە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايدىغان بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى رامزاندا تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىش ۋە تۈرلۈك گۇناھلارنى تاشلاشمۇ باشقا ئايلاردىن كۆپرەك بولىۋاتىدۇ ۋە بولماقتا.


شەك كۈنى دېگەن قايسى كۈن؟ ئۇنىڭدا روزا تۇتۇشقا بولامدۇ؟

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ھېچقايسىڭلار رامزاندىن بىر ياكى ئىككى كۈن ئىلگىرى روزا تۇتىۋالمىسۇن، ئادەتتە روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئادەم تۇتسا مەيلى)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

يەنە ھەزرىتى ئاممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ((كىمكى شەك قىلىنغان كۈندە روزا تۇتىدىكەن ئەبۇل قاسىم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ)). بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى سەھىھىدە مۇئەللەق ھالەتتە رىۋايەت قىلغان، باشقا بەش كىتاب مۇئەللىپلىرى سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭغا سەھىھ دەپ باھا بېرىلگەن.

شەئباننىڭ 29-كۈنى كەچتە ھاۋا تۇتۇقلۇق سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىنى كۆرمىگەن تەقدىردە شەئباننىڭ 30 -كۈنى شەك كۈنى دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ كۈن رامزانغا تەۋەمۇ ئەمەسمۇ كەسكىن بىلىنمىگەن. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ ئاي كۆرۈلمىسە شەك كۈنى دەپ قارىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار شەك كۈنى دېگەن ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولۇپ بىر قىسىم كىشىلەر ئاي كۆرگەنلىكى ھەققىدە پاراڭ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاي كۆرۈش گۇۋاھچىلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بولسا، بۇ كۈن شەك كۈنى بولىدۇ، ئۇنداق پاراڭ بولماي ھاۋا تۇتۇق بولسا، بۇ كۈن شەك كۈنى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش جەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كۈن شەئبان ئېيىغا تەۋە بولغان بولىدۇ دەپمۇ قارىغان.

ئەمدى يۇقىرىقى ھەدىسلەر سايىسى ئاستىدا بۇنداق شەك كۈندە روزا تۇتۇش ھۆكمىگە كەلسەك: كۆپچىلىك ئالىملار 29-كۈنى كەچتە ھاۋا ئوچۇق بولسۇن، تۇتۇق بولسۇن، ئاي كۆرۈلمىگەن تەقدىردە 30-كۈندە روزا تۇتماسلىق كېرەك دەپ قارىغان، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ھارام دېسە كۆپچىلىكى مەكروھ دەپ قارىغان.

دېمەك بۇ مەسىلىدە روزا تۇتۇشنى چەكلەش مۇئەييەنلەشكەندۇر.

بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى چەكلەشتىكى مەقسەت:
پەرز ئىبادەتلەرنى نەپلە ئىبادەتلەردىن ئايرىش بىلەن بىللە رامزانغا تولۇق ھىممەت بىلەن يېڭىدىن جانلىنىپ ئاتلىنىشقا تەييارلىنىش، شۇنداقلا ئىسلام بەلگىلىگەن چەك-چېگرادىن ھالقىپ بەك ياسىما تەقۋادارلىق قىلىپ كەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقى، رامزاندا كۆرگەن ئاينىڭ ھۆكمىگە شەك كەلتۈرۈپ تەنە قىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

لېكىن يۇقىرىقى ھەدىستىن چىقىپ تۇرىدۇكى، بىر كىشى ئادەتتە ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىنى روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ شەك كۈن ئاشۇ ئىككى كۈننىڭ بىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇ ئادەم ئادىتى بويىچە ئۇ كۈندە روزا تۇتسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق.

شۇنداقلا بۇرۇن تۇتالماي قالغان روزا قازاسى، نەزىر قىلغان روزا ۋە كاپپارەت روزىسىدەك ۋاجىب روزىلارنى ئاشۇ كۈندە تۇتسا بولىدۇ، چۈنكى ۋاجىبنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش زۆرۈر.


                                                مەنبە: ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورىدىن ئېلىندى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 00:36  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31618
يازما
185
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 21:17:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۇنلەردە ناھايتى ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز قىرىندىشىم . ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ..

UID
52314
يازما
69
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 11:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رامىزاننىڭ ئالاھىدە كۅنى شىبرى قەدرىدىن قالسىلا ھارپىدۇر . شۇڭلا ئاللاھ تائالا « بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى [1ـ3] بۇرۇج » دەپ ئيتقان . شۇنداق ئىكەن ، ھارپا كۅنىدىكى روزىنىڭ ساۋابى باشقا كۅندىكىلەردىن ئالاھىدە ئۉزگىچىلىككە ئىگىدۇر . شۇڭا شەك كۅنى شەباننىڭ 30 كۅنى روزا تۇتىۋلىپ شۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىپ رامىزاننى 30 قىلعانلار ۋە شۇنىڭ بىلەن تەيىن تپىشقانلار ئاحىرىدىكى ھارپا كۅنىدىكى روزا كۅنىدىن مەھرۇم بولۇپ قالعۇسى .
بۇ يىل ئەگەر كىشىلەر كالىندار بۇيىچە بولعاندا ھارپا كۅنى ھيت قىلىپ قالىدىعاندەك . ئەگەر روزىنى بىرىنچى كۅنىدىن تولۇق تۇتۇپ كەلگەن بولسا روزىسى 29 بولۇپ ، ھارپا كۅنىنى ھيت قىلىپ قالىدىعاندەك .
بىر يىلى رامىزان ھۉكۅمدەتنىڭ كالىندارى بۇيىچە بولعاندا بىر كۅن ئىلگىرى كلىپ قلىپ ، روزىنىڭ نامىزىنى بىر كۅن شەرىئەت كچىكتۅرگەنىدى. بۇ ھەم توعرا ئىدى . ئەمما بۇ يىلقىدەك ھارپا كۅنىدە ھيت كلىپ قالىدىعان ئىشلار بولۇپ قالسا ، ھۉكۅمەت ئۉز قەۋمى مۇسۇلمانلارنىڭ ھارپىدىكى روزىسىنىڭ ساۋابىنى تولۇق ئلىۋلىشى ئۅچۅن ھيتنى بىر كۅن ئارقىعا كچىكتۅرەلەمدۇ ؟

توعرا ، رامىزاندا تۇتالمىعان روزىسىنى كىيىن تۇتىۋالسا بولىدۇ دىيىش بىلەن كۇپايىلىنىش بەك ئاسان . ئەمما رامىزاندىن كىيىنكى كۅنلەردە داۋاملىق تۇتقان نەپلە روزىنىڭ ساۋابىنى يىعىپ كەلگەندە ھارپا كۅنىدىكى روزىنىڭ ساۋابىعا تەڭ باراۋەر بولالامدۇ ؟ ھەرگىز بولالمايدۇ .
ئۉمەر بىر قتىملىق نامازنىڭ تەكبىرىگە ئۇلىشالماي قالعانلىقىعا ، رەسۇللاھدىن بارلىق مال - مۅلكىنى سەدىقە قىلىۋاتسا شۇنىڭ ئورنىعا باراۋەر كلىدىعان كەلمەيدىعانلىقىنى سورىعاندا مۇمكىن ئەمەسلىكى ئايان بولعان . شۇڭا مۇسۇلمان قرىنداشلىرىمىز ، رامىزاننىمۇ ئۉز ۋاقتىدا تۇتۇش پەرز بولعانلىقى ئۅچۅن ئۉز نۉۋىتىدە تۇتىۋلىشنى تىلەشسەك ، ئۉز - ئارا زىيانكارلىقتا بولۇشۇپ قالمىساق .
مەنمۇ يۇرتنىڭ قازىسىنىڭ پەتىۋاسى بۇيىچە شەك كۅنى تۇرعانىدىم . ئەمما ، ئەتىسى ئەتتىگەندە باشقا مەسجىدتىكى ئىماملەرنىڭ جامائىتىگە رازا تۇتقان بولسا ئعىز ئچىۋتىش توعرىسىدا ئيتقان سۉزى قۇلىقىمعا كەلدى . ئەمما پىشىنگىچە تەحىر قىلىشنى تاللىدىم . سائەت يەتتىدە ئاينىڭ ھەقىقەتەن كۉرۅلمىگەنلىكى ، سائەت ئون يرىمعىچە ساقلاپ ھەرەمدىكى تۇنۇشلاردىن سوراشتۇرۇپ ئۇ يەردىمۇ ئاينىڭ چىقمىعانلىقى ئىسپاتلانعاندىن كىيىن موللىلاردىن شەك كۅنى روزىسىنى يىشىۋتىشنى تەلەپ قىلىپ ئيتقان سۉزى كەلدى . ئەمما ، مەن بەيئەت قىلعان موللىنىڭ پەتىۋاسىنى ئلىش ئۅچۅن پىشىنگە تەحىر قىلىشنى تاللىدىم ۋە شۇنىڭدىن كىيىن بىر ئاز ئۇحلۇدۇم . چۅش كۉردۅمكى ، مەن بەيئەت قىلعان موللىنىڭ بۇرنىدىن قان ئقىپ كتىپ ۋە ينىدا بىر - ئىككى كىشى ئۇنى يۉلىۋلىپ چۅش كۉرۅپتىمەن . شۇنىڭ بىلەن چوقۇم ئۇمۇ ئاينىڭ يوقلىقىنى ئاڭلىعاندىن كىيىن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىعا بويسۇنۇپ روزىدىن قايتىشنى تەلەپ قىلىدۇ دگەن ئىشەنچتە روزىنى سۇندۇردۇم . ھەم قەلبىمدىن ھچقانداق بىر گۇناھ ئۉتكۅزگەندەك ھىسسىيلىكتە بولمۇدۇم . ئەمما ، ئۇ كىشى پىشىندە نامازعا چىقماي قويدى . شۇ سەۋەب كىشىلەر عولعۇلا قىلىشىپ توحتاپ قلىشتى .
ئەمدىكى گەپ ھارپىدىكى روزىدا قالدى . ھازىرچە قارارىم ، ئەگەر ھارپىدا ھيت نامىزى ئوقۇلعان بولسا نامازنىمۇ ئوقۇش ۋە شۇ كۅنى روزىنىمۇ تۇتۇش توحتۇلۇپ قالدى .

ئۈمىدلىك ئەزا

ســېــغــىــنــدىــم

UID
2069
يازما
143
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
148
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 23:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن!
رامزان ئېيىڭىزغا  مۇبارەك بولسۇن.
مەن بۇ تېمىنى يازمىڭىزغا قىستۇرۇپ قويدۇم ،مۇنبەرداشلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .توغرا چۇشۇنەرسىز .
تولىمۇ ئېسىل تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم ،ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن ....

روزا ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر  
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر. رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. اﷲ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اﷲ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن). روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). اﷲ ئۆزەڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن, كېچە بولسۇن), ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا، پارا بەرمەڭلار». (بەقەرە سۈرىسى 183-، 184-، 185-، 186-، 187-، 188- ئايەتلەر).


رامىزان
رامىزان قەمەرىيە ئايلىرىدىن توققۇزىنچى ئاينىڭ ئىسمى بولۇپ، قورئان كەرىمدە ئۇنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
روزىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى بەزى ھېكمەتلىرى
روزا توتۇشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئاخىرەتنىڭ بەخت - سائادىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن نەپسىنى پاكلاش ۋە تەقۋالاشتورۇشدۇر.
  

روزىدار كىشىگە ۋاجىپ بولغان ئىشلار
1- شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بارلىق ئىبادەتلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىش.
2- شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك قول يىغىش.
روزىدار كىشىگە مۇستەھەپ بولغان ئىشلار
سوھۇرلۇق يېيىشنى كىچىكتورۇش، ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش، قورئان كەرىم، زىكرى - تەسبىھ، دۇئا - ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇش، ئېھسان، سەدىقىنى كۆپ قىلىش.
  

رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى
1- قورئان كەرىم رامىزان ئېيىدا نازىل بولغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى».
2- رامىزان ئېيىدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "(رامىزان ئېيىدا روزا توتۇشنىڭ پەرىزلىكىگە) ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ". (بوخارى رىۋايىتى).
3- رامىزان ئېيىدا دۇئا ئىجابەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى، ئادىل ئىمامنىڭ دۇئاسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى".
4- قەدرى كېچىسى رامىزان ئېيىدا بولىدۇ.
5- رامىزان ئېيىدا شەيتانلارنىڭ پوت - قوللىرىغا زەنجىر - كىشەنلەر سېلىنىدۇ.
6- رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "رامىزاندىكى ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ".
  

روزا
روزا تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ كۈن ئولتۇرغىچىلىك يىيىش - ئىچىشتىن، جىنسى موناسىۋەتتىن ۋە بارلىق ئىپتار قىلدۇرغۇچى ئامىللاردىن ئۆزىنى ساقلىماغلىقتۇر. روزا ئىسلامنىڭ روكنىلىرىدىن بىر روكنىدۇر.
بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا، روزا توتۇشقا قادىر بولالايدىغان، سەپەرگە چىقمىغان ھەر قانداق مۇسۇلمانغا رامىزان ئېيىنى كۆرۈش ياكى شەئبان ئېيىنى تولۇق ئوتتۇز كۈن تاماملاش بىلەن روزا توتۇش پەرز بولىدۇ.
  

روزىدار كىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار
مىسۋاك قىلىش، سەپەرگە چىقىش، ھاۋا قىزىپ كەتكەندە سۇ بىلەن ئۆزىنى سوۋۇتۇش، ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالىنىش (غىزالاندۇرىدىغان ئوكۇل بولمىسىلا)، كۆزىگە سۈرمە تارتىش قاتارلىق ئىشلار روزىدار ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردۇر.
روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار
بىللە بولۇش،يېيىش، ئىچىش، قان ئالدۇرۇش، زورلاپ ياندۇرۇش، ھەيز ۋە نىپاس قاتارلىقلار روزىنى بوزىۋىتىدۇ.
  
بالدۇر ئىپتار قىلىشنىڭ ياخشىلىقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "خەلق ئىپتار قىلىشقا ئالدىرسىلا داۋاملىق ياخشىلىق ئىچىدە بولىدۇ" (بوخارى، مۇسلىم).
نېمە بىلەن ئىپتار قىلىش كېرەك؟
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شام نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ھۆل مېۋىلەر بىلەن، ھۆل مېۋىلەر تېپىلمىسا خورمىلار بىلەن، خورمىلارمۇ تېپىلمىغاندا سو بىلەن ئىپتار قىلاتتى" (تىرمىزى)
ئىپتار دۇئاسى
ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتار قىلغاندا: "ئاللاھ خالىسا ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ساۋاپ بېرىلدى" دەيتتى. ( ئەبۇ داۋۇد).
ئىپتار ۋاقىتتىكى دۇئا ئىجابەت بولىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى، ئادىل ئىمامنىڭ دۇئاسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى".
ئىپتارلىق بەرگەن كىشىنىڭ ساۋابى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقىچىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ لېكىن روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھەرگىز كېمەيتىلمەيدۇ" (تىرمىزى)
  
تەراۋىھ نامىزى
تەراۋىھ رامزاننىڭ كېچىلىرىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن بىدار ئۆتكۈزۈشتۇر. ھەر ئىككى رەكەت ناماز ئوتتۇرىسىدا جامائەت بىر ئاز ئارام ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ناماز تەراۋىھ (يەنى ئارام ئېلىش، راھەتلىنىش) نامىزى دەپ ئاتالغان. تەراۋىھ نامىزى سۈننەتتۇر. تەراۋىھ نامىزىنىڭ قانچە رەكەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ ھەر خىل كۆز قاراشلىرى بار. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن سۆز شۇكى، تەراۋىھ نامىزى ۋىترى نامىزىنى قوشماي سەككىز رەكەت، ۋىترى نامىزىنى قوشقاندا ئون بىر رەكەتتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ۋە ياكى باشقا ئايلاردا بولسۇن ئون بىر رەكەتتىن زىيادە قىلمايتتى" (بوخارى).
  
رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونى كەلسە كىچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئەھلىنى ئويقىسىدىن ئويغۇنۇپ قوياتتى، ئىشتان بېغىنى چىگىۋىتەتتى" (بوخارى, مۇسلىم).
نەپلە روزا توتۇش مۇستەھەپ بولغان كۈنلەر
1- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا توتۇش. بۇ ئالتە كۈندە روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا تۇتقان بىلەن باراۋەردۇر.
2- دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا توتۇش. چۈنكى بۇ ئىككى كۈندە ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدۇ.
3- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا تۇتقان بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەردۇر. بۇ ئۈچ كۈن ھەر ئاينىڭ (يەنى ئاسماندىكى ئاينىڭ) ئون ئۈچ، ئون تۆت ۋە ئون بەشىنچى كۈنلىرىگە توغرا كېلىشى ئەلا ۋە ئەۋزەلدۇر.
4- ھەر يىلى زۇل ھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى توققۇز كۈنىدە بولۇپمۇ ھەجگە بارمىغانلار ئۈچۈن زۇل ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى روزا توتۇش ئەۋزەلدۇر.
5- مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا توتۇش.
روزا توتۇش چەكلەنگەن كۈنلەر
-1 شەك كۈنى روزا توتۇش. شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى شەك كۈنى ھېسابلىنىدۇ.
2- روزا ھېيت، قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا توتۇش.
3- تەشرىق كۈنلىرى روزا توتۇش. زۇل ھەججە ئېيىنىڭ 11-، 12-، 13- كۈنلىرى تەشرىق كۈنلىرىدۇر.
4- روزا توتۇشقا جۈمە كۈنىنى خاسلاشتۇرۋېلىش.
5- ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىزنىسىز نەپلە روزا توتىشى.
  
ئېتىكاپ
ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننەتتۇر. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئەۋزەلدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچىلىك رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى".
سەدىقە پىترە
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كاپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەدىقە پىترىنى پەرز قىلدى، كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلسا ئۇ قوبۇل قىلىنغان سەدىقە پىترىدۇر. ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئادا قىلسا ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقىدۇر" (ئەبۇ داۋۇد).
سەدىقە پىترىنى ئۆز نامىدىن ۋە جوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال بارلىق ئائىلە ئەزالىرى نامىدىن تولۇق ئادا قىلىنىدۇ.
  

تەلىماتلار
ھۆرمەتلىك قېرىنداش:
1- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ، رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتۇڭ.
2- ئۆزرىسىز رامزاننىڭ روزىسىنى بوزۋېتىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى روزىنى بوزۇش چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
3- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ رامىزان كېچىلىرىنى (بولۇپمۇ قەدر كېچىسىنى) تەراۋىھ، تەھەججۇد نامازلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈڭ.
4- ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل، دۇئايىڭىزنىڭ ئىجاۋەت بولىشى ئۈچۈن يەمەك - ئىچمىكىڭىز ۋە كىيىم - كىچەكلىرىڭىز ھالالدىن بولسۇن.
5- روزى تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپقا ئىرىشىشىڭىز ئۈچۈن بەزى روزىدارلارغا ئىپتارلىق بىرىڭ.
6- ساۋاپقا ئىرىشىشىڭىز ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى ياخشى قوغدىشى ئۈچۈن داۋاملىق بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭ.
7- سەدىقە - ئىھساننى كۆپ قىلىڭ. چۈنكى رامىزاندىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر.
8- بىھۇدە ئىشلارغا مەشغۇل بولۇپ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى زايا قىلماڭ. چۈنكى سىز ۋاقتىڭىزدىن بىر - بىرلەپ ھېساپ بىرىسىز.
9- رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىۋېلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى رامىزان ئېيىدا ئادا قىلغان ئۆمرە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ.
10 - روزىنى روھلۇق ھالدا تاماملىشىڭىز ئۈچۈن تاڭ سۈزۈلۈشكە يېقىنراق سوھۇرلۇق يەڭ.
11- ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىنلا ئىپتار قىلىشقا ئالدىراڭ.
12- ئىبادەتنى پاك ھالدا ئادا قىلىشىڭىز ئۈچۈن جونۇپ بولغان ۋاقتىڭىزدا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يۇيىنۋېلىڭ.
13- قىيامەت كۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ سىزگە شاپائەتچى بولىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇپ رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىڭ.
14- تىلىڭىزنى غەيۋەت - شىكايەتتىن، يالغان سۆزلەشتىن، سوخەنچىلىكتىن، باشقىلارغا ئاراز بېرىشتىن ساقلاڭ.
15- كۆپ پىكىر قىلىپ ئاز سۆزلەيدىغان، خوش چىراي بولۇپ قاپاق تۈرمەيدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ چۈملىسىدىن بولىشىڭىزغا تىرىشىڭ.
16- شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ تەقۋالىقىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.
17- زىكرى - تەسبىھ، توۋبە - ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇڭ، داۋاملىق ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ دوزاختىن پاناھلىق تىلەپ، جەننەت ئاتا قىلىشىنى سوراڭ.
18- ئۆزىڭىز، ئاتا - ئانىڭىز، ئەۋلادلىرىڭىز ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىڭ.
19- ئىلگىركى خاتالىقلىرىڭىزغا پۇشايمان ۋە توۋبە قىلىپ، ئىككىنچى ئۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىڭىز ئۈچۈن قەتئى ئىرادە باغلاڭ.
20- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇڭ. كىمكى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقاندىن كىيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتىدىكەن يىل بويى روزا تۇتقاندەك بولىدۇ.
21- ئۆتكەن ۋە كىلىدىغان يىلىدىكى گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن زول ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى يەنى ئەرەفە كۈنى روزا تۇتۇڭ (ھەج ئۈستىدە بولمىسىڭىز).
22- بىر يىللىق گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن ئاشۇرا كۈنى يەنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا تۇتۇڭ.
23- ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرغىچىلىق ئىمان، تەقۋا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە داۋام قىلىڭ. «ساڭا ئۆلۈم يېتىپ كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن». (قۇرئان كەرىم).
24- ھەقىقى توۋبە قىلىش، شەرىئەتكە مۇخالىپ ئادەتلەرنى تاشلاش ئارقىلىق ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى سىزدە روشون بولسۇن.
25- ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ساھابە كىراملىرىغا ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە كۆپ دۇئا - سالاملار ئوقۇڭ.
ئى ئاللاھ! بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئېيىنىڭ كۈندىزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، ئىلگىرى- كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغانلاردىن قىلغىن.
ئى ئاللاھ! بىزنى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇپ، تولۇق ئەجرىگە ئېرىشكەن، قەدرى كېچىسىنى تاپقان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ مۇكاپىتىگە ئېرىشكەنلەردىن قىلغىن.
ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن سەن كەچۈرۈم قىلغۇچىسەن، كەچۈرۈم قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنى كەچۈرگىن.
ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابە كىراملىرىغا رەھمەت قىلغىن. (ئامىن).




         مەنبەسى : مۇسۇلمان بىز


ئۈمىدلىك ئەزا

ســېــغــىــنــدىــم

UID
2069
يازما
143
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
148
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 23:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رامزان قوشىقى

رامىزان سەبىرى قانائەت ئېيى بۇ,
بىز ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت ئېيى بۇ.
ھەققە چىندىلدىن ئىبادەت ئېيى بۇ,
ئەھلى ئىسلامگە سائادەت ئېيى بۇ.

رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان،
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان .


,رامىزان بايلار ئۈچۈن ھىممەت ئېيى،
ئاچۇ زارغا مىھىرى ۋە شەپقەت ئېيى.
ئىزلىگەنگە ئۇشبۇ ئاي جەننەت ئېيى,
ئۇ ئازات ھەم مەغفىرەت، رەھمەت ئېيى.

رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان,
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان
.

ئۇشبۇ ئاي مۇئمىنگە خوشلۇق يەتكۈسى،
قەلىبلەردىن ئۆچ ئاداۋەت كەتكۈسى.
رەببىمىز دەۋزەخنى مەھكەم ئەتكۈسى،
روزىدارنى ھۆر پەرىلەر كۈتكۈسى.

رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان،
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.


نەپسىنى يىققاي مۇسۇلمان كۆرسە ئاي،
پاكلىنىپ چىققاي گۇناھدىن كىرسە ئاي.
خسلىتى كۆپ ھەر كىشىگە بىلسە ئاي،
زەپ ھوزۇر چىندىل ئىبادەت قىلسە ئاي.

رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان،
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.


ئۇندا مىڭ ئايغا بارابەر كىچە بار،
ئاز ئەمەلگە كۆپ ساۋاپ بەرگۈچى بار.
ئۈممىتىگە قەلبىدىن كۆيگۈچى بار ،
چىندىلىدىن ياخشىلىق سۆيگۈچى بار .

رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان،
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.


رامىزاندا بولسا ھاجەت سورىۋال،
قىپ دۇئا رەببىڭگە قاتتىق تىلىۋال.
بىل غەنىمەت ھەر ساۋاپنى ئىلىۋال،
جەننىتىڭ دەرۋازىسىنى قۇرىۋال.

رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان،
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان.



مەنبە : ساقلىۋالغىنىم



قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
4880
يازما
122
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
452
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-25
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 16:26:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلار سىلەردىن بىر گەپنى سوراپ باقسام:
7- ئاينىڭ 9- كۈنى رامزان باشلىنىدۇ دىيىلگەن بولغاچقا مەن 9- چېسىلا نىيەت قىلىپ روزا تۇتتۇم، كەچتە  رامزان 10- چېسىلا باشلىنىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم، بىراق 9- چېسىلا يەنىلا قائىدە بويىچە ناماز شامدا ئىپتار قىلدىم. 10- چېسىلا بولغاندا مەن يەنە باشقىلاردىن بەزى جايلاردا قارىملار بۈگۈن روزا تۇتىدىغان كۈن ئەمەس دەپ روزا تۇتقانلارنى مەجبۇرى ئىپتار قىلدۇرۋىتىپتۇ، يەنە بەزى جايلاردا كەچتە ئىپتار ۋاقىتدا بەزى قارىملار روزىدىلارنى ۋاقىتدا ئىپتار قىلدۇرماپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم...راس گەپنى قىلسام مىنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك ئاچچىقىم كەلدى،  ھەممە ئادەم 9- چېسىلا روزا كىردى دەپ روزا تۇتقان تۇرسا، شۇ كۇنى روزىنى تولۇق تۇتۇپ ۋاقىتىدا ئىپتار قىلسا نەرى خاتا؟ ھېچكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىر كۈن ئاۋال تۇتىۋىلىشنى خالىمايدۇ، رامزان باشلاندى دەپ تۇتقان روزىنىڭ ساۋابىنى ئىنشائاللا ئاللاھ ئىگىمىز تولۇق  بېرىدۇ. بۇ يەردە بىر كۈن ئاۋال ئۇقماي تۇتۇۋىلىشنىڭ ھېچقانداق گۇناھ بولغۇدەك يېرى يوققۇ!
چالا ساۋات موللاملارنىڭ تاپقان پەتىۋاسىمۇ ياكى مەن بىلەلمەي قالدىممۇ؟ بىرنىمە دەپ باقساڭلار... يەنە تېخى خوشنىمىزمۇ شۇ كۈنى ئوغلىغا تېلفۇن بېرىپ، نىمىشقا ماڭا بالدۇراق دەپ قويمىدىڭ، ۋاقىت ئۆزگەرگەنلىكىنى دەپ قويساڭ، بالدۇر ئىپتار قىلىۋىتەركەنمەن، ئەمدى گۇناھ قىلدىممۇ ....دەپ بىر مۇنچە تاپا قىلدى... (ھەممە ئادەمگە ئىش ئۈگىتىدىغان ئايال ئىدى) رەھمەت!

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 18:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەرگىزمۇ بەندىنىڭ بىلمەي قىلغان ئەمەللىرىدىن ھىساپ ئالمايدۇ.سىزنىڭ قىلغىنىڭىز توغرا.

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-15 18:55):
موللىلارنىڭ ساۋادىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىسەك ياخشى.

UID
52314
يازما
69
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 11:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurjula يوللىغان ۋاقتى  2013-7-15 16:26
مۇنبەرداشلار سىلەردىن بىر گەپنى سوراپ باقسام:
7- ئاينىڭ ...

روزا تۇتقانلارنى ۋاقتىدا ئىپتار قىلدۇرماپتۇ دېگەن قانداق گەپ ئەمدى ؟ مەيلى خۇپتەنگىچە ياكى تاڭ ئاتقۇچە ئىپتار قىلمىسىمۇ روزا سۇنمايدۇ . ئىپتار قىلىش ۋاجىپ ، ھۆل مىۋىدە ياكى خورمىدا ئۇ بولمىسا سۇدا ئىپتار قىلىش سۈننەت . ئىپتارغا ئالدىراش رەھمەت .
سىزنىڭ روزىڭىز دەل نەپلە روزىغا كىرىدۇ . باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىپ روھىيىتىڭىزنى خۇنۈكلەشتۈرىۋالماڭ  . ئاللاھ ھەممىگە تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلغان . سىزنىڭ تاقىتىڭىز شۇنىڭغا يەتتى . سىز مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلدىڭىز .
ئاۋۇ ئايالغا ھېلىمۇ بۇ خەۋەر يەتمەپتۇ ھە ، بولمىسا ئالەمنى مالەم قىلاركەن .
بۇ بەك تالىشىپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس . چۈنكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىندىكى ئورنى ئوخشاش ئەمەس . شۇنىڭدەك ، شەرئىي تەكلىپنىڭ ھەممىگە تاقەتلىك قىلىنىشمۇ ھەم ئوخشاش ئەمەس .

UID
4880
يازما
122
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
452
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-25
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 16:58:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسانە يوللىغان ۋاقتى  2013-7-16 11:24
روزا تۇتقانلارنى ۋاقتىدا ئىپتار قىلدۇرماپتۇ دېگەن قا ...

رەھمەت سىزگە!

UID
48034
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 14:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل تىمىدىن بىرنى ئىلىپ كەپسىز ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش