كۆرۈش: 1803|ئىنكاس: 12

خەتنە توي قىلىش پەرزمۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49167
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2013-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 23:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                             خەتنە توي قىلىش پەرزمۇ
                                                                   نىجات تۇرسۇن

    ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا بىر ساۋاقدىشىم مەندىن ئوغلۇڭنىڭ تويىنى قاچان قىلىسەن دەپ سورىدى. مەن تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالغا دەمەللىققا بىر نەرسە دىيەلمەي ئوغلۇمنىڭ خەتنە تويىنى قىلمايدىغانلىغىمنى ئېيتتىم. ئۇ ساۋاقدىشىم ھەيران قېلىپ  نىمىشقا خەتنە توي قىلمايسەن ؟ خەتنە توي قىلىش دىگەن پەرىز، توي قىلمىساڭ قانداق بولىدۇ دىدى. مەن ئۇنىڭغا بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنىڭ سۈننەت بولىدىغانلىغىنى  ، خەتنە توي قىلىش   پەرىز دەپ گەپ يوقلىغىنى ئېيتتىم. ئارىلىقتا باشقا ساۋاقداشلارنىڭ گەپ قىستۇرۇشى بىلەن خەتنە توي توغرىسىدىكى مۇنازىرىمىز ئۇزۇلۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە  نۇرغۇن  ئادەملەردىن بالىنىڭ خەتنە تويىنى قىلىشنىڭ ئاتا-ئانا باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەت ئىكەنلىگىنى، ئادا قىلمىسا بولمايدىغان پەرز ئىكەنلىگى توغرىسىدىكى پەندى- نەسىھەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ مەجبۇرىيەت، پەرز دىگەن ئۇقۇملارغا بولغان بۇرۇنقى چۈشەنچىلىرىمگە گۇمانى كۆز قاراشتا بولۇپ قالدىم. شۇ ۋەجىدىن خەتنە توي توغرىسىدىكى پاراڭلاردىن كېيىن مېنىڭ كاللامدىن نۇرغۇن خىياللار كەچتى،ھەم ئۆزىمىزدىكى مەسئۇليەت، مەجبۇرىيەت بۇرچىنىڭ نەلەرگىدۇ كېتىپ بىرىۋاتقانلىقىغا چوڭقۇر سوئال قويماي تۇرالمىدىم.  مەن يېقىندا بىر تونۇشىمنىڭ تويىغا باردىم (خەتنە توي) توي باشلانغاندا توي بېشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن سەھنىگە توي ئىگىسى ئەرنىڭ ئونغا يېقىن بىر-بىرىدىن پوزۇر كېيىنگەن ئاغىنىسى، توي ئىگىسى ئايالنىڭ ئوتتۇزغا يېقىن بىر-بىرىدىن مودا كىيىنگەن دوستلىرى توي ئىگىلىرىگە  ئەگىشىپ خۇددى پادىشاھ –خانىشلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان كېنىزەك، نەۋكەرلەردەك قاتار تۇرۇشتى. توي ئىگىسىنىڭ يېنىدا  بۇنداق تۇرغانلارنى يانداش دەپ ئاتايدىكەن، تويدا بۇنداق يانداشلار قانچە كۆپ بولسا شۇ توينىڭ ئىگىسى يۈز- ئابرويلۇق، توي (دەھشەت) قىزىغان بولىدىكەن. باشقا دۆلەتتىن بولغان بىرەرسى بۇ سورۇنغا داخىل بولۇپ قالسا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ چوقۇم كىيىم-كېچەك  مودىل كېچىلىگى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قېلىشى تۇرغان گەپ. (بۇرۇن بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كىنولاردىلا كۆرۈتۇق، ھازىر ئەمەلىيەتتە،ئەمىلى تۇرمۇشۇمىزدا داۋاملىق بۇنداق تەسىرلىك، ھەشەمەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز) تويدا يەنە تەلەپكە بىنائەن توينىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان سەبى يىگىت ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىگىدە ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان كوچا ئۇسۇلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ تويدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن، تويغا قاتناشقان سېخى ئاتا-ئانا، ئاكا –ئاچىلار ھاياجان ئىلكىدە ئۆزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلىرىغىمۇ بېرىشنى قىيمىغان قىزىل ۋاراقلارنى سەبى بالىنىڭ يانچۇق قويانلىرىغا تىقىشقا باشلىدى. ئاشۇ سېخى ئاتا-ئانا، ئاكا –ئاچىلار ئۆزىنىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ سەبى بالىغا بولغان سەلبى تەسىرىنى، يامان ئاقىۋىتىنى ئويلاپ يەتمىسە كېرەك.بۇ سەبى بالىنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ خىيال ئېكرانىمدا بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرىكى مەلۇم بىر  پائالىيەت زالىدا بولغان بىر خەتنە توي ئەكىس-ئەتتى.تويغا كەلگەن بىر دادا باشقىلارنىڭ تەلىۋى بىلەن تويغا ئېلىپ كەلگەن 4-5 ياشلاردىكى ئوماق، غۇبارسىز ئوغلىنى ئۇسۇلغا سالدى، ئۇ چىرايىدىن زىرەكلىگى چىقىپ تۇرغان  بالا ھەقىقەتەن ئۇسۇلنى چىرايلىق ئوينىدى. تويغا كەلگەن چالا مەس سېخى  دادىلار ئۇ بالىنى سۆيۈپ بالىنىڭ قويۇن، يانچۇقلىرىغا پۇل سالغىلى تۇردى،ئۇ دادىلار ھەقەچان ئۆزىنىڭ بۇ قىلىغىنى ئاجايىپ مەرتلىك،دانە ئىش قىلدىم دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئاشۇ بالىنىڭ دادىسى بىلەن قوشۇلۇپ بىلىپ-بىلمەي ئۇ سەبى بالىنى جىنايەت يولىغا باشلىغانلىغىنى ھىس قىلالمىدى.كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۇ نادان دادا سەبى بالىسىنى تونۇشلىرىنىڭ تويىغا ئاپىرىپ ئۇسۇل ئوينىتىپ بالىسىنى پۇل تېپىش قۇرالى قىلىۋالغان ئىكەن، مۇشۇنداق تەربىيەنىڭ تۇرتكىسىدە بۇ سەبى بالا 13  يېشىدا بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۇرمىدە ياتقان، 16 يېشىدا يەنە قايتا تۈرمە دەرۋازىسىغا قەدەم باسقاندا ئەسلى ئەسكى ئەمەس بالا ساقچىلارغا يىغلاپ تۇرۇپ « مېنى بۇ يولغا باشلىغان دادام. ئۆيگە بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئېرىشكەن يانفۇنلارنى ئېلىپ كىرسەم بۇ كىمنىڭ، نەدىن ئالدىڭ دەپ سوراش يوق ئەكسىنچە مەن ئىشلىتەي دەپ ئېلىۋالاتتى، دادام ئاپاملارغا چوقۇم ئېيتىپ قويۇڭلار ئىنىمنى مېنى تەربىيىلىگەندەك تەربىيىلىمىسۇن،ئىنىم مەن ماڭغان يولدا مېڭىپ قالمۇسۇن » دەپ نالە قىلىپ ساقچىلارنى چوڭقۇر ئويغا سالغان. بۇ بالا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن بولسا ئاشۇ ئەقلى، ئاشۇ زىرەكلىگى، ئاشۇ قامىتى بىلەن جەمىيىتىمىزگە مىللىتىمىزگە ياراملىق ئادەم بولماسمىدى. بۇنىڭغا كىم سەۋەپچى ئاشۇ بالا ئۆزىمۇ ؟ ياكى جەمىيەتمۇ ؟ ۋە ياكى نادان دادىسىمۇ؟
ھەر بىر ئىنسان تۇغۇلۇشىدا ئىنتايىن پاك بولىدۇ ، بۇ دۇنياغا كۆز ئىچىپ ئۆسۈپ يىتلىش جەريانىدا بىرىنچى بولۇپ ئائىلىنىڭ ، ئاتا - ئانىنىڭ تەربىيە تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ،  شۇنىڭدەك جەمىئەت ۋە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرى جەريانىدا ھەر خىل شەيئىلەر بىلەن تونۇشىشقا باشلايدۇ، كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاتا - ئانىمىزدىن ئالغان تەربىيە خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغاندەك، ئىسىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ، ھەر بىر ئاتا - ئانا بالىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ  « بالا ئەمەس بالا  » بولۇشىنى  خالىمايدۇ ئەلۋەتتە ، لېكىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى ئاتا - ئانىلىق مەجبۇريەت ، مەسئۇليەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى، ئۆز ھەركەت گەپ –سۆزىمىزنىڭ، ھەر بىر پائاليەتلىرىمىزنىڭ شۇ پاك غۇبارسىز تەنگە قانداق تەسىرلەرنى ئىلىپ كېلىدىغانلىغىنى ، شۇ پەرزەنتلەرنىڭ كۆيۈنۈشكە، ئاسىراشقا ،تەربىيەگە  ۋە باشقۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، تۈگىمەس ئويۇن - مەشرەپ ، قاتار چاي ،  خەتنە  توي، غۇنچە توي ، ئايىغى چىقماس ھەر-خىل تويلار ، شۆھرەت - ئابرۇي قوغلىشىشتا   قانداق قىلىپ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنى ئويلايدۇكى ئۆز پەرزەنتىنىڭ تەقدىرى   ئۈستىدە دوپپىسىنى ئالدىغا   قويۇپ  مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن  ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقمايدۇ ، پەرزەنتىنىڭ قوسىغى تويسىلا، يالىڭاچ قالمىسا مانا بۇ ئاتا - ئانىلىق مەسئۇليەتنىڭ ئادا قىلىنغانلىغىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى دەپ ھېس قىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە شۇ پەرزەنتىنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى،   شۇ نوتىنىڭ قاياققا قاراپ ئۆسىۋاتقانلىقى ، نىمىلەرنى ئويلاپ، نىمىلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولماي ئۆزىنىڭ  ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشلا  يۈرىدۇ . لېكىن پەرزەنتلىرىمىز نىمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ، ئۇلارنى قانداق تەربىيلەيمىز دەپ ئويلانماي ئۆز ھەركەت - پائاليىتىگە چەك قويۇپ ئىزدەنمەيدۇ ، مانا مۇشۇنداق داۋاملاشسا ئەڭ ئاخىردا يەنە شۇ سەۋەبنى « بالا ئەمەس بالا بېقىپتىمەن» دەپ ئەنە شۇ بىچارە پەرزەنتكە ئارتىدۇ، ياكى  بولمىسا چوڭلار باققانتى دەپ بالىنىڭ بوۋىسى –مومىسىغا ئارتىدۇ، شۇنداقلارغا بالىڭىزنى بوۋىسى –مومىسى باققاندا سىز نەدە قالغان؟؟؟ دىگەن سۇئاللىنى قويغۇم كېلىدۇ، ئاتا-ئانىمىز بەش-ئالتە، ھەتتاكى ئونغىچە بالىنى بېقىپ ياراملىق قىلىپ قاتارغا قوشقانغۇ، بىزچۇ بىر- ئىككى بالىنى ياراملىق قىلىپ چىقالماسمىزمۇ؟ ئۇنداقتا بىزگە كىم ئارتىدۇ؟  ئۇلارنىڭ شۇ گۇناھلىرىدا بىزنىڭ قانچىلىك ھەسسىمىز بار ؟ بۇ ئويلىنىپ بېقىشىمىز زۆرۈر بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە ، مانا بۇ سوئالغا جاۋاب تاپالىساق  مىللىتىمىزدىكى يولدىن چىققان بالىلار تۈگەپ ، ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرگىمۇ خاتىمە بىرەلىگەن بولاتتۇق ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن  « ئائىلە بىر مىللى بىرلىكنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆزنىكى، بىز مانا مۇشۇ ئائىلىدىن پۈتكۈل مىللەتنىڭ شۇنىڭدەك ئىنسانىيەت نوقتىسىدىن ئىلىپ ئېيتساق بىر ئىنساننىڭ كەلگۈسى ۋە تەبىئىتىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز ، پەرزەنت بىر تۈپ كۆچەت ، بۇ كۆچەتنى قانداق يىتىلدۈرۈش، قانداق مېۋە بەرگۈزۈش شۇ ئائىلە تەركىبىنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزىگە نەزەر سېلىشىغا ۋە ئىگىلىگەن بىلىمىگە يىغىپ ئېيتقاندا ئادىمىلىكىگە باغلىق » دەپ ئىنتايىن توغرا باھا بەرگەن ئىكەن.تېمامدىن ئازراق چەتنەپ ئۆزەمنىڭ بالا تەربىيىسىدە ئاتا-ئانا تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىغى توغرىسىدا ئاددى، يۈزەكى ئوي پىكرىمنى قويۇپ قويدۇم،  ئەمدى ئۆزۈمنىڭ گېپىگە كەلسەم  خەتنە تويدىكى، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغا قائىدە-يوسۇن ، ھەشەمەتخورلۇقنى دىمىسەممۇ ھەممىمىزگە ئايان. بىزدىكى بۇ ئىسراپچىللىقلار ، ھەشەمەتچىلىكلەر قاچانمۇ تۈگەر ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز شۇنچىلىك دەرىجىدە پاراۋانلىشىپ كەتكەنمۇ......... نۇرغۇن يىللاردىن بېرى  ئاخپارات ۋاستىلىرى توي-تۆكۈنلەرنى ئاددى-ساددى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كۆپلىگەن تەشۋىق-تەربىيەلەرنى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ،  ئەكسىچە بىزدىكى ھەشەمەتچىلىك بۇ تەشۋىقاتلارغا خاپا بولغاندەك كۈچۈيۈپ كېتىۋاتىدۇ،  قارىغاندا بىزگە بۇ تەشۋىقاتلار ئەكسىچە تەسىر قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ھەر ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى،ھەشەمەتچىلىك ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە زىيان سالىدۇ. ھەتتا سىزنى،بىزنى  ۋەيران قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ھەممىز ئۆزىمىزدىن يەنە ئۆزىمىزدىن باشلاپ تۇي-تۆكۈنلەردىكى بۇ خىل ھەشەمەتچىلىكتىن يىراق يىراق...... تۇرۇشىمىزنى سەمىمى تەۋىسىيە قىلىمەن. بولسا  بالام تېخى كىچىك تۇرسا نىمىنى بىلىتى ، خەتنە توي قىلىش پەرز دىگەن خاتا كۆز قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ خەتنە تويغا سالغان مەبلىغىڭىمىزنىڭ بىر قىسمىنى چىقىم قىلىپ خەتنە تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان بالىلىرىمىزنى يىراق شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا ساياھات قىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەمەلى بىلىمىنى،نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتسەك دەيمەن. پۇلنى پەقەت خەجلەيدىغان يەر تاپالمىساق ئاتا-ئانىمىزنىڭ سالامەتلىگىگە مەبلەغ سالساق، ئېشىنغاندا ئوقۇش قىزغىنلىغى بار ئىقتىسات سەۋەبىدىن ئوقۇيالمايۋاتقان، بىر نان ئۈچۈن زار-زار قاقشاۋاتقانلارغا ياردەم قىلساق. بۇنىڭغا ۋىژدانلىق، غۇرۇرلۇق ئەركەك ئاتلىق ئاتىلىرىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ  باش بولۇدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.  
  مەنبە:ئۆز قەلىمىم

























تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-11 23:17):
بۇ مۇنبەرگە تۇنجى قېتىم تېما يوللىشىم . تورداشلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلەرنى بې

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50382
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
78
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 11:53:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇللار بالىلارغا خەتنە قىلىش سۈننەت،قىزلارغا مۇستەھەپ،  ئۇنى بىر مەرىكە قىلىۋىلىش بىدئەت!

UID
52314
يازما
69
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
82 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 12:01:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيەتتىكى مۇشىنىڭدەك يىغىلىق ئىشلىرىنىڭ ھوقوقىنى ئەركەكلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغاندا ، ئەرلەر ئۇلاردىن ئۆرنەك ئالغاندا ، ئاياللار بۇ جەھەتتىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالمىغاندا ئاندىن بۇنىڭدەك ئىسراپچىلىقتىن يىراق تۇرغىلى بولاتتى . ئەمما ، بىزدە ئەركەكلەر قالمىغانسېرى ئەرلەر ئاياللارنىڭ قورغانىغا سىڭىشىپ كېتىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ ئىسراپچىلىق بولماستىن بەلكى ئۆزلىرى شۇلارغا ئىلگىرى ئاپارغان ئامانەتلىرىنى يىغىۋېلىپ ، كەتكىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋالغانلىق دەپ قارايدۇ . ئۇيۇن تاماشاسىدا ئاشۇ ئېرىشكەن مونەك - مونەك پۇللىرىنى ئاستا - ئاستا بىر قانچە يۈز سومدىن چىقىرىپ باشقىلارغا ھېچ بولمىسا ئۆز ئورنىدا ئاپارغىنىنى ئەكىلىش ، بولمىسا ئاشۇرۇپ ئۆسۈمى بىلەن ئەكىلىش ، تۆۋەن ئەكىلىپ قالسا ئارقىدىن پاسات قىلىش .... دېگەندەك مەۋقەلىرىدە تېخىمۇ كۈچلەنمەكنى تىلىشىدۇ .
مەنغۇ ئۇنىڭدەك سۇرۇنلارنى كۆرۈپ باقمىدىم - چۈنكى مەن ئۇنداقلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىشمايمەن . ھەم كۆرۈپ بېقىش ئويۇممۇ يوق . بۈگۈنكىدەك دىنىي ماھىيەت ۋە جامائەتچىلىك قېپ قېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ، مۇمكىن بولسا ئاشۇ ئاتىلار ئۆز مەھەللىسىدىكى مەسجىد جامائىتىنى ئەتىگىنى چاقىرىپ بولسىمۇ بالىلىرى بىلەن تەڭ كۈتىۋېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز- ئارا يۇچۇقايدىغان تەرىپىنى يوقۇتۇپ ، مۇشۇ خىل يوقۇتىۋېلىۋاتقان تەرىپىنى كۈچلەندۈرىۋالسا دەيمەن .
بەلكىم بالىلارمۇ مېنىڭ سۈننەت تويۇمنى قىلىپ بەرمىدى دەپ ئاغرىنىشى مۇمكىن . ئەمما ، مۇشىنىڭدەك مەلۇم جەھەتتىن جامائەتكە چېيىم بار دېسىمۇ ، بالىسىغا سېنىڭ سۈننەت تويۇڭ دەپ جېكىلەپ قويۇش ۋە باشقىلارغا ئوخشىۋالماي بۇ كۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى چۈشەندۈرۈپ ، ئەتىگەندىن كىيىنكى ۋاقىتتا تېمىدا ئېيتىلغاندەك بىرەر يەرگە بېرىپ سەيلە قىلىپ كېلەمدۇ ، ئارتۇق پۇللىرى بولسا ساخاۋەت ئىشلىرىدا ئاجىزلارنى يوقلاپ ، بالىلىرىنىڭ ئىنكاسىغا شۇنىڭدەك ياخشى ئىشلارنىڭ قىلىنىشىنى سىڭدۈرۈشنى تىلەشسە ، بۇ نېمىدىگەن ياخشى ئەھۋال ھە !

UID
7895
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-20
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 13:06:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىش سۈننەت بولغانىكەن، ئادا قىلىشى لازىم، سۈننەت تويىنى ھەشەم بىلەن قىلىشنىڭ زورۈرىيىتى يوق...

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 18:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا بۇ زاماندا پەرز ئەمەللەر تۇغۇۋاتامدۇ نېمە؟ ئابلاجاننىڭ خەتمە تويى سۈننەت توي دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلاڭلار!ياكى مەسجىتكە بېرىڭلار!

UID
42955
يازما
61
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
61
تىزىملاتقان
2012-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 21:07:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى تويلارپەقەت قىزمايدىغانلابولدى،خۇددى نەزىرگىلائوخشايدۇ،پۇلنى قويغان،تاماقنى يەپ بولۇپلاماڭغان،ئەمدى ئوينايلى دىسەبىرسىمابولمىغان.توينىڭ خوشاللىقى ئۈلۈمنىڭ قايغۇسى بولغاندەك ،ھەرقانداق ئىشنىڭ يولى بولى بولمامدۇ.

UID
31144
يازما
405
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:00:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن زاكىر ئەپەندىنىڭ دىگنىنى بەك قوللايمەن ،ئاللاھ خالىسا ئوغلۇمنى خەتمىسنلا قىلىپ شۇ ئىسراپچىلىققا كەتكەن مەبلەغنى ئوغۇلۇمغا سىلىپ ئوغۇلۇمنى بالىلار ئەڭ خوشال ئوينايدىغان سىتنى باغچىسغا ئاپىرىپ كىچىك قەلبىدە ئۇنتۇرلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرۇش ،مەن ئسراپچىلققا قارشى !!بىزنىڭ بۇ يەردە ئىسراپچىلىقق بەك ئىغىر ،شۇ ئىسراپچىلققنىڭ جازاسىنى تارتىپ قىلىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن !! بىزنىڭ بىر بىنا پۇتۇنلەي ئويغۇر يەنە كىلىپ يىڭى توي قىلغان ياشلار مەھەلىسى بۇلۇپ كىچىنىڭ بالىلىرى 1ياش چوڭى خەتمە يىشىغا توشۇپ قالغان بىركۇنى بىر قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم بالىسىنى قىشتا خەتمىسنى قىلماقچىكەن شۇڭا ئولتۇرغىلى 3يىلدەك بولغان ئۆينىڭ جاپدۇقلىرىنى قايتىدىن يىڭىلاپتۇ خىرىستالغىلا خەجلىگەن پۇلى 30مىڭدىن ئىشىپتۇ ،پەردىسى 15مىڭدىنى تامغا ئاسىدىغان جازا 10مىڭغا بىرىپتۇ .ھەي ئۇدىگەن بىر ئاددىي خىرمەتچى بىر باي سودىگەر ئەمەس ...............................نىمىشقا مۇشۇنداق قىلىسىز ،ماڭا 1000 سومغا بەرسىڭىزمۇ ئالمايمەن نىمشقا پۇلنى مۇشۇنداق يەرگە ئىشلىتىسز دىسەم ،دوسلىرى بالىسنى ياتقۇزغاندا كىلىدىكەن شۇڭا شۇنداق ياسىمىسا بولمايدىكەن !مانا كۆرۇڭ بۇ ئىسرپچىلىقنى شۇ نەرسىنى ئالمىسمۇ ئۆيىدە بۇ نەرسىلەر كام ئەمەستى !!!
تويدىكى ئىسىراپچىلىقنى دىمەيلا قوياي بىر ئايالنىڭ شۇ تويغان بىرىش ئۇچۇن خەجلەيدىغان پۇلى يىقىن دوستۇم دەپ چۇقۇم يىڭى كىيم كىيىش كىرەك ،بۇرۇنقى كىيىم بولسا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ  تىخى ،ئۇ كىيمىنىڭ ئەرزىنى 1000 سومدىن  ئاشىدۇ ،ياخشىراقنى كىيىمەن دىسە2000 سومدىنىمۇ ئاشىدۇ ،گىرىم قىلدۇرىدۇ 100يۇەن ،ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئاياغ ئالىدۇ ،تويغا پۇل قاتىدۇ ،بالنىڭ تويى بولغانلىقى ئۇچۇن بالىسنىمۇ بىرقۇر جاپدۇيدۇ بالنىڭ كىيىمى ئەرزان بولغاندا 500سومدىن 1000 سومگىچە بولىدۇ ،يولدىشىمۇ بارسا يولدىىشىمۇ بىرقۇر ياخشىراق كىينىشى كىرەك ،مانا مۇشۇنداق ئىسراپچىلىق !!!
تويدا پۇتۇن جوزىغا 5-6 پەتنۇس تاماقتىىن سىرىت يەل يىمىش ھەم 2-3 خىلغىچە ئىچىملىك تىزىلىشى كىرەك ،بالىلارنى ئوينۇتۇش ئۇچۇن 2600سومغا بالىلار ئويۇنى تەكلىپ قىلىشى كىرەك ،تويغا كەلگەن چوڭلارغا 3-5 جوزا ھەممسىگە نەرسە تارقىتىشى كىرەك ،سۇپۇتى ياخشى بولۇشى كىرەك ،ئاداتتكىچە بولۇپ قالسا سىزنى مازاق قىلىپ كۇلۇشىدۇ ،ياكى بولمىسا توينى چىدىغانقا قىلغاندىكىن ياخشىراق قىلمامدۇ دەپ غەيۋەت قىلشىدۇ ،تويغا كەلگەن بالىلارنىڭ ھەممسىگە ئويونچۇق تارقىتىشى كىرەك ،تويدا يىندا ھە ھۇ دەپ تۇرۇشۇپ بەرگەن دوسلىرىنىڭ ھەممسىگە ئاز دىگەندە 30دىن 60 قىچە ياخشىراق نەرسە ئىلىپ رازى قىلىشى كىرەك ،خەتمىسىنى قىلغاندا كەلگەن ئەرلەرگىمۇ ياخشىراق نەرسەر ئالمىسا بولمايدۇ ،مانا مۇشۇنداق ئىسراپچىلىق !!
توي تۇگىگەندە جۇزىدىكى تۆكۇلگەن نەرسىلەرگە قاراپ ،ئاللاھ مۇشۇ قىلغان ئىسراپچىلىقىمز جازاسىنى تارتقۇزمىغايسەن دەپ تىلەپ كىتمەن !  تۆكۇلگەن پىچىنىە پىرەنىكلەر ،تاشلانغان مىۋە چىۋىلەر ،بۇزۇلۇپ يىمەيلا تاشلانغان كەمپۇت ،شاكىلاتلار ،جوزىدىكى يىيلمەي تۆكۇلگەن تاماقلار ئىچىم سىرىلىپ كىتدۇ .مانا مۇشۇنداق ئىسراپچىلىق !
،شۇنىڭغا مەن شۇنداق قارارغا كەلدىمكى مەن بۇ يولدا ھەرگىز ماڭمايمەن ،ئوغلۇمنى ئوينۇتۇپ ساياھەت قىلدۇرۇش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم !!خۇدايم بۇيرۇسا مەن ئىسراپچىلىققا ئاخىرغىچە قارش تۇرىمەن ،بۇ قانداقتۇر نامراتلىقنى ،بىخىللىقنى تەشەببۇش قىلىش ئەمەس بەلكى ئىسراپچىلققا قەتئىي قارشى تۇرۇش !!!

UID
26613
يازما
7
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتنە قىلىش سۈننەت تۇرسا،ئۇنىڭ تويى قانداقسىگە پەرىز بولۇپ قالىدۇ.بۇ ئۆمرىدە سۈننەت بىلەن پەرىزنىڭ نىمىلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ تاپقان گىپى.

UID
10479
يازما
122
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2165
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-21
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 13:28:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە ياشلارغا كىرگەن ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى قىلىغان چاغدا ئەل جامائەتكە داستىخان سېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى قىلغان ئەركەكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش، جامائەتكە ئۇچۇراشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ قويۇش كىرەك دەپ قارايمەن.  ئەلۋەتتە ئىسراپچىلىقتىن خالى ھالدا.

UID
49888
يازما
56
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
56
تىزىملاتقان
2013-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 20:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ    ئەلەيكۇم   زاكىر   ئەپەندىم    ،   بەكمۇ   ئەھمىيەتلىك   تېما    يوللاپسىز    ،   ئاللاھ   تېنىڭزنى   سالامەت   قىلىپ   بارلىق    ئىشلىرىڭزنى   ئاسان   قىلسۇن  ،  بۇ  تېمىنى   ئوقۇپ   بەكلا   خۇشال  بولدۇم   ۋە   تەسرلەندىم     ،   شۇنداق   ،   بۇ   جەمىيتىمزدە   ھەممىلا   ئادەم    سىزدەك   ئويلىيالىغان   بولسا    دۇنيا   مىھرى   مۇھاببەتكە   تولغان   بولاتتى    ،  مەن  بۇ   تېمىنى  باشقىا    دوستلىرىمغىمۇ  تەۋسىيە   قىلىمەن   ،ئاشۇ   پەرزەنتىڭزگە   ئاللا   ئەقىل  پاراسەت  ،  ئىمان ، ئېتقاد  كۇچ   قۇدرەت   ئاتا   قىلسۇن   ،قەلىمىڭز  توختاپ   قالمىسۇن   ،يەنىمۇ   ياخشى   ئەسەرلىرىڭزنى   كۇتىمەن   .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش