شاياردىكى ساياھەت نوقتىللىرى
ئۆمەرجان كېرىم
دۇنيا توغراق باغچىسى
مۇتەخەسىسلەر يەر شارىدىكى توغراقلىقنىڭ %90ى جۇڭگودا، جۇڭگودىكى توغراقلىقنىڭ % 90ى شىنجاڭدا، شىنجاڭدىكى توغراقلىقنىڭ %90ى شايار ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا جايلاشقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان توغراق ئورمانلىقى شايار ناھىيەسىدە بولۇپ، ئومۇمىي توغراقلىق كۆلىمى 2 مىليون مودىن ئاشىدۇ. شوڭا شايار ناھىيەسى 2008- يىلى «يەر شارىدىكى ئىپتىدائى توغراق كۆلىمى ئەڭ كۆپ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل يۇرت» دەپ دۇنيا «جىننىس رېكورتى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلدى.
شايار ناھىيەسى يۇقارقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ بېكىتىشىگە ئاساسەن، 2008- يىلى ناھىيە بازىرىدىن 50 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى 1- چارۋىچىلىق فېرمىسى دائىرسى ئىچىدە« دۇنيا توغراق باغچىسى» نى قۇردى. «دۇنيا توغراق باغچىسى» شەرقتە ئوپقان توغراق ساياھەت رايونى، جەنۇپتا گەزقۇم يېزىسىنىڭ قۇم بوستان كەنتى، غەربتە ئۆلكە يولى 210- لىنىيەسىدىكى تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى، شىمالدا تارىم دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ يەردە توغراقتىن سىرت، يۇلغۇن، چۈچۈك بۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى، يانتاق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ھەم دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ياۋا توشقان، قىرغاۋۇل، چىل تۇڭگۇز، تۈلكە، كىرپە،جاڭڭال يىلىنى، تارىم بۇغىسى قاتارلىق قۇش ۋە ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ.
2008- يىلىدىن باشلاپ، شايار ناھىيەسى ھەر يىلى بۇ يەردە«شايار خەلقئارا توغراق بايرىمى»، «خەلقئارا ساياھەت، فوتو سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى»، «دولان مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى» دېگەندەك چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى جەلىپ قىلدى. ھازىر يىل بويى بۇ جايدىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. «دۇنيا توغراق باغچىسى» تېز پۇرسەتتە دۆلەت ئىچى- سىرتىغا تېخىمۇ تونۇلۇپ، دۇنياۋى ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلىنىپ، ناھىيەمىز ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقۇسى.
«قۇياش ئارىلى»(تېرەك كۆل) سەيلىگاھى
«قۇياش ئارىلى» سەيلىگاھى تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە، شايار ناھىيە بازىرىنىڭ 30 نەچچە كېلومېتىر جەنۇبىدىكى گەز قۇم يېزىسىغا جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 2.5كۇادىرات كېلومىتىر، سۇ كۆلىمى 2000 مو ئەتىراپىدا بولۇپ، سۇ كۆلىمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۇادىرات كېلومېتىر ئەتراپىدا قۇرۇقلۇق باربۇ يەر بۇرۇندىن «تېرەك كۆل»دەپ ئاتىلاتتى. بۇ يەردە قۇياشنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى كۆرگىلى بولغاچقا، يېڭىدىن«قۇياش ئارىلى» دەپ نام قويغان. «قۇياش ئارىلى» ھەقىقەتەن ئۆزگىچە مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ، بۇ يەردە ساياھەتچىلەر قۇياشنىڭ ئۆزگىرىش مەنزىرىسىدىن، ياپيېشىل كۆل سۈيى ھەم بېلىقلارنىڭ ئويناشلىرىدىن، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن، ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ تۈرلۈك ھەركەتلىرىدىن، يۇلغۇن، چۈچۈك بۇيا، لۇپنۇر كەندىرى(ياۋا چېگە) قاتارلىق قىممەتلىك شىپائى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن، ئىپتىدائى توغراق مەنزىرىسىدىن، ئوغلاق، بېلىق كاۋاپلىرىدىن تولۇق ھۇزۇرلىنالايدۇ. يېقىندا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنغا توغراق ئورمانلىقىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى كۈزىتىش مۇنارى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ«قۇياش ئارىلى» سەيلىگاھىنى بوشلۇقتىن كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
شاياردىكى توغراق شاھى
شاياردىكى توغراق شاھى –شايار ناھىيە چىنباغ كەنتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ، 2008-يىلى شاڭخەي جىننىس باش شىتابىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن شايار ناھىيەسىدىكى توغراق شاھى « دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ توغراق دەرىخى » دىگەن نامغا ئېرىشپ ،دۇنيا جىننىس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى.
بۇ توغراقنىڭ ئېگىزلىكى 17.5 مىتىر ، تۈۋىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 8.5 مىتىر ، غول قىسمىنىڭ دىئامېتىرى 8.5مىتىر ، كېلىدىغان بۇلۇپ ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئىچى – سىرتىدىكى
داڭلىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ، ئىلمىي ئانالىز قىلىشى ئارقىلىق ، بۇ توغراقنىڭ ھازىر 1420 يىللىق تارىخقا ئېگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
چىنىباغ كەنىتلىك دېھقان رۇزى يۇنۇسنىڭ ماڭا دەپ بىرىشىچە : 5-بوۋىسى ئىمىن شېيىخ ھايات چېغىدا بۇ توغراق بار ئىكەندۇق . رۇزى يۇنۇسنىڭ چوڭ بوۋىسى مىسىر غازى ئەسلى مىسسىرلىق كىشى بۇلۇپ ، چىنىباغقا كىلىپ ماكانلىشىپ قالغان ، مىسر غازى نامەلۇم جەڭدە قازا قىلغان . مىسىر غازىنىڭ ھايات چاغدىكى « مەن قەيەردە قازا قىلسام شۇ يەرگە قويۇڭلار» دىگەن ۋەسىيىتى بۇيىچە، مۇشۇ توغراقنىڭ 200 مىتىر جەنۇبىدىكى ئۆزى قازا قىلغان قۇملۇققا دەپنە قىلغان . ھازىر بۇجاي چىنىباغدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق بۇلۇپ ، مىسىر غازى نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. مىسىر غازى قازا قىلغاندىن كىيىن ،ئوغلى ھاسان شېيىخ ، ئوغلى ئىمىن شېيىخ ، ئوغلى ئاقموللا شېيىخ ،ئوغلى ئىمىر شاڭيى ، ئوغلى تاش شاڭيى ، ئوغلى يۇنۇس تاش ، وغلى رۇزى يۇنۇسلار مۇشۇ ماكاندا ئەۋلات قالدۇرۇپ ئەجدادلىرىىنىڭ چىرىغىنى ئۈچۈرمەي كەلگەن.توغراقنىڭ يېنىدا بىر كونا كېسەك ئۆي بار بۇلۇپ، 6- بوۋىسى ئاقموللا شېيىخ سالدۇرغان ئىكەن . بۇ ئۆي ھازىر 320 يىللىق تارىخقا ئېگە ئىكەن.
رۇزى يۇنۇس يەنە ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئىزچىل مۇشۇ توغراقنى پەرۋىش قىلىپ ،ئەزىزلەپ ئۆتكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭمۇ بۇ توغراقنى ئەجدادىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ پەرۋىش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ توغراق شاھىنىڭ ئەتراپىنى رىشاتكىغا ئېلىپ ، قوغداش تاختىسىنى ئورناتتى . بۇ توغراق شاھى ھازىرمۇ شۇنداق باراقسان كۆكلەپ ، ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەرنى ، ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە .
ئېسىل سەيلىگاھ- تارىم دەريا شايار كۆۋرۈكى
ئۆلكە يولى 210-لېنىيەسىدىكى تارىم دەريا – شايار كۆۋرۈكى شايار ناھىيەسىنىڭ2-( قاسقان ) چارۋىچىلىق فېرمىسى تەۋەلىكىدە بۇلۇپ ، ناھىيە بازىرىدىن 80 كىلومېتىرلىق دائىرىسىگە جايلاشقان . غەرپ ، جەنۇپ تەرەپتىن ئۆلكە يولى210- قۇملۇق تاشيۇلى ئارقىلىق ئارال ، ئاقسۇ ، خوتەنلەرگە تۇتىشىدۇ . شەرىق تەرەپتىن شايار ناھىيە بازىرىعا تۇتىشىدۇ .
تارىم دەرياسىنى توغرىسىعا كىسىپ ئۆتىدىعان بۇ كۆۋرۈككە جەمئى 88 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇلۇپ ، ئۇمۇمى ئۇزۇنلۇقى 2348 مېتىر ، كەڭلىگى 12 مېتىر كېلىدۇ . بۇ قۇرۇلۇش 2006-يىلى 10-ئايدا باشلىنىپ ، 2008-يىلى9-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملانغان.
شايار ناھىيەسىدىكى مۇھىم ساياھەت ئۇرۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان « ئالۋاستى توغراقلىقى » تارىم دەريا كۆۋرۈكىنىڭ غەربى تەرەپتىن بىر كىلومېتىر دائىرىگە ، « نېۋېيپىڭ شاھماتخانىسى » جەنۇب تەرەپتىن 500 مېتىر دائىرىگە جايلاشقان بۇلۇپ ، كۆۋرۈكنىڭ شەرقى قىرغىقىدا بىر دېھقانلار ئارامگاھى بار . ساياھەتچىلەر بۇ جايدا گۈزەل، سېھىرلىك توغراق مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، شايار پولوسى ، تارىم ئوغلىقى ، تارىم دەريا بېلىق كاۋىپى ، توغراق تۇخۇسىنىڭ مەززىلىك تەمىدىن بەھىر ئالالايدۇ.
ھازىر بۇ جاي كۈندە دىگۈدەك دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئېسىل سەيلىگاھقا ئايلاندى.
ئالۋاستى توغراقلىغى
شايار ناھىيەسىنىڭ غەربى قىسمىغا،2-چارۋىچىلىق پېرمىسى (قاسقان)غا جايلاشقان بولۇپ، تارىم دەريا شايار كۆۋرۈكىنىڭ 6 كىلومىتىر شەرقى جەنۇبىغا،ئۆلكە يولى 210-لېنىيەسىنىڭ جەنۇبىغا 50 مىتىر دائىرىدە بولۇپ ئومۇمى يەر كۆلىمى20 مىڭ مو ئەتراپىدا.
تارىم دەرياسىى ئۇزاق يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ئەسلىدىكى باراقسان توغراقلار قېرىش،سۇسىزلىنىشتەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەر خىل نەرسە ھەم ئادەم، ھايۋانلارنىڭ شەكلىگە كىرىپ قالغان بۇ توغراقلارنىڭ بەزىلىرى يېتىپ قالغان بولسىمۇ شۇ ھالىتىدە يېتىپ قالغان، ئولتۇرۇۋاتقان ئۇخلاۋاتقان ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە كىشىگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېرىدۇ. بەزىلىرى بىخ چىقىرىپ كۆكلەشكە باشلىغان بولۇپ كىشىنى خۇددى چۆچەكلەردىكى جىن،ئالۋاستىلارنىڭ شەھرىگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.شۇڭا بۇ ساياھەت ئورنى ئالۋاستى توغراقلىغى دەپ ئاتالغان.
تارىم دەريا ساھىلى مەنزىرە رايۇنى
تارىم دەريا سىاھىلى مەنزىرە رايۇنى شايار ناھىيەسىنىڭ غەربى قىسمىغا،2-چارۋىچىلىق پېرمىسىنىڭ دائىرىسگە جايلاشقان بولۇپ تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىغا 3كىلومىتىر ، ئۆلكە يولى 210-لېنىيەسىنىڭ جەنۇبىغا3كىلومىتىر دائىرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە داڭلىق شاھماتچى نېۋىيپىڭ ھەيكىلى،ئىككى قەۋەتلىك نېۋىيپىڭ شاھمات سارىيى بار. يېقىندا بۇ ئورۇندا بىر دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىلغان بولۇپ دەريا ساھىلىنى بويلاپ كىگىز ئۆي،پىشايۋانلىق كارىۋات،ئۈستەل ئورۇندۇقلار قويۇلغان ساياھەتچىلەر بۇ ئورۇندا تارىم ئوغلىقى،تارىم دەريا بېلىقى ۋە باشقا يەرلىك يىمەك-ئىچمەكلەردىن ھوزۇرلانغاچ دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان تارىم دەرياسىى،تارىم كۆۋرۈكى، دەريا ساھىلى مەنزىرىسى،توغراق ،يۇلغۇن قاتارلىق چۆل ئۆسۈملۈكلىرى مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىدۇ ،ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشىدۇ.
مەنزىرە رايۇنىنىڭ 50 مېتىر شەرقىدە 25 مېتىر ئىگىزلىكتە بىر كۈزىتىش مۇنارى بولۇپ بۇ يەردە ساياھەتچىلەر يىراق –يىراقلاردىكى كەڭ كەتكەن توغراق ،يۇلغۇن بوستانلىقلىرىنى ،قۇم بارخانلىقلىرىنى،تارىم دەرياسىنىڭ يىراقتىكى ئېقىن كۆرۈنۈشىنى كۆرەلەيدۇ.
تارىم دەرياسى
تارىم دەرياسى-غەربى جەنۇپتىن شەرقى شىمالغا قاراپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى بويلاپ ئېقىپ تارىم ئويمانلىقىنى بېسىپ ئۆتىدىغان ئىچكى قۇرۇغلۇق دەرياسىدۇر. ئۇ تەڭرى تېغىدىن باشلىنىدىغان ئاقسۇ دەرياسى،قارا قۇرۇم تېغىدىن باشلىنىدىغان يەكەن دەرياسى،خوتەن دەرياسىنى باش مەنبە قىلىدىغان بولۇپ تاشقورغان،پوسكام،يەكەن،مەكىت،مارالبېشى،ئاۋات،ئاقسۇ،شايار،بۈگۈر،كورلا قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتۈپ لوپنۇر كۆلىگە قويۇلىدۇ.ئومۇمى ئۇزۇنلىغى2179 كىلومىتىر. بۇ دەريا ئېلىمىزدىكى ئېقىم مىقدارى ئەڭ ئۇزۇن،ۋادىسى ناھايىتى كەڭ ئىچكى قۇرۇغلۇق دەرياسىدۇر.
شايار ناھىيەسى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ بۇ دەريانىڭ شايار ناھىيەسىدىكى ئومۇمى مۇساپىسى 220 كىلومىتىر كېلىدۇ.شايار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى«داراي سۇ ئامبىرى»،«جەرەنلىك سۇ ئامبىرى»،«ئارقا چاچاق سۇ ئامبىرى»،«‹پامان سۇ ئامبىرى» قاتارلىق تۆت سۇ ئامبىرىغا مۇشۇ دەريادىن سۇ تولۇقلىنىدۇ.تارىم دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلارداتوغراق،يۇلغۇن،چاتقال،قاتارلىق دەرەخ, ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەندىن سىرت يەنە قىممەتلىك دورا ماتىرىياللىرىدىن ياۋا چېگە‹لوپنۇر كەندىرى›،چۈچۈك بۇيا....قاتارلىقلار ئۆسىدۇ.ياۋا توشقان،ياۋا تۇڭگۇز ،قىرغاۋۇل،تۈلكە،قارا تايغان بۇغىسى،سېرىق ئېشەك(چايان)،كېلە،كەسلەنچۈك قاتارلىق كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانلار،قۇشلا،رھەر خىل ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ياشايدۇ. دەريا توسمىسى كۆللەردە كۈلرەڭ تۇرنا،ئاققۇ،ساقا قۇش،ئىپار چاشقىنى،لەيلەك(قاش) قاتارلىقلار بار.شايار ناھىيەسى ساياھەتچىلەرنىڭ تارىم دەرياسى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ھوزۇرلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ماكاندۇر.
تەكلىماكان قۇملۇقى
شايار ناھىيەسىنىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمى 3.2كۇۋادىرات كىلومىتىر بۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇق كۆلىمىنىڭ ئېگەللىگەن نىسبىتى2.573كۇۋادىرات كىلومىتىر بولۇپ پۈتۈن ناھىيە ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ 80.4%نى ئېگەللەيدۇ.تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شايار دائىرسىدىكى كۆلىمى شەرىق،غەرىپ تەرەپتىن 170كىلومىتىر،شىمال جەنۇپ تەرەپتىن 160 كىلومىتىر بولۇپ شەرىق تەرەپتىن پايانسىز قۇم بارخانلىرى ئارقىلىق بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر،بۈگۈر قاتارلىق ناھىيەلىرى بىلەن ،غەرىپ تەرەپتىن ئاقسۇ ئارال شەھرى،ئاۋات ناھىيەلىرى بىلەن جەنۇپ تەرەپتىن قۇملۇق ئارقىلىق خوتەن ۋېلايىتى بىلەن شىمال تەرەپتىن توقسۇ،كۇچار ناھىيەلىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىدا ياۋا تۆگە،ياۋا تۇڭگۇز،جەرەن،توشقان،جاڭگال يىلىنى،كېلە،قىرغاۋۇل،چىل،تورغاي،ياۋا غاز،قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قۇشلار ھەم توغراق،يۇلغۇن،سۆك-سۆك،يانتاق،لوپنۇر كەندىرى،چۈچۈك بۇيا،يېكەن ،قومۇش قاتارلىق قىممەتلىك چۆل،سۇ دورىلىق ئۆسۈملۈك،دەرەخ تۈرلىرى بار. ئاتاغلىق ئېكىسپىدىتسىيەچى شىۋىتسىيەلىك سىۋىن ھىدىن،ئەنگىلىيەلىك ئاۋرىل سىتەيىن جوڭگۇلۇق خۇاڭۋېنبى قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملارتەكلىماكان قۇملۇقىدا ئېكىسپىدىتسىيە،تەكشۈرۈشتە بولغان.
ئاپتۇر:شايار ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ،رادىيو،كىنو،تېلىۋىزىيە ئىدارىسدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-15 11:59