ئۇمۇ ئۆز قىزىڭغا ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
بۇ يىل 26-مارت سائەت 4:30لار بىلەن شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى12ياشلىق تاجىگۈل مەكتەپتىن تارقاپ،بىر قانچە ساۋاقداشلىرى بىلەن كەنت قاراماي يولىدا، مەكتەپتىن ئىككى كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۆيىگە پىيادە خۇشال خورام كېتىۋاتاتتى.بىر كەمدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن موتوسىكىلىتلىق بىر ئادەم يانداپ ئۆتۈپ كېتىپ،ئايلىنىپ قايتىپ كېلىپ تاجىگۈلنىڭ يېنىدا توختىدى. بۇ كىشى تاجىگۈلنىڭ ئاتىسىنىڭ ئاكىسى 39ياشلىق باسىت ئىدى.باسىت تاجىگۈلگە؛«موتوسىكىلىتقا مىن»دەيدۇ.تاجىگۈل تاغىسىنىڭ ھاراق پۇراۋاتقانلىقىنى،سەل مەست ئىكەنلىكىنى سېزىپ؛«نەگە بارىمىز؟»دەپ سورىغاندا باسىت:«ئاچامنىڭ ئۆيىگە»دەيدۇ.تاجىگۈل :«مەن بارمايمەن»دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.باسىت تەرىنى تۈرۈپ؛«مايزىگە ماڭ دەيمەن!»دەپ ۋارقىرايدۇ.تاجىگۈل؛«بارمايمەن»دەپ يول بويىدىكى ئۆستەڭنى بويلاپ ئۆيى تەرەپكە قاچىدۇ.باسىت تاجىگۈلنى قوغلاپ تۇتىۋېلىپ،«موتوسىكىلىتقا مىن»دەيدۇ.تاجىگۈل قورققان ھالدا:«نەگە بارىمىز؟»دېگەندە،باسىت؛«ئۆيگە كېتىمىز»دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن تاجىگۈل تاغىسىنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ موتوسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا مىنىدۇ.باسىت موتوسىكىلىتنى مىنگىنىچە يېقىن ئەتىراپتىكى دەريا بۇيىغا بارىدۇ ۋە ياندىكى توپا يولغا كىرىپ موتوسىكىلىتنى توختىتىدۇ.تاجىگۈل ئەنسىز ھالدا موتوسىكىلىتتىن چۈشمەي ئولتۇرغىنىدا،باسىت؛«موتوسىكىلىتتىن چۈشۈپ مېنىڭ ئارقامدىن ماڭ» دەيدۇ،تاجىگۈل؛« نىمىشقا ماڭىمەن؟ »دىسە ، باسىت؛«ئوينىغىلى بارىمىز،بىردەم ئوينۇتۇپ ئاپىرىپ قويىمەن» دەيدۇ.تاجىگۈل؛« نىمە ئوينايمىز؟» دەپ سورىسا،باسىت؛«تولا گەپ قىلماي ماڭ،بارغاندا بىلىسەن!» دەيدۇ،تاجىگۈل؛« مەن بارمايمەن ،ئاپام ئۇقۇپ قالساتىللاپ كېتىدۇ» دەپ تۇرۇۋالسا،باسىت غەزەپلىنىپ؛« ماڭمىساڭ بەك ئۇرۇۋاتىمەن» دەپ قورقىتىدۇ. تاجىگۈل تاغىسىغا بىر ئىشىنىپ،بىر ئىشەنمەي، ئامالسىز ئۇنىڭ ئارقسىدىن ماڭىدۇ.باسىت تاجىگۈلنى دەريا بۇيىدىكى توغراقلىق ئارىسىغا ئېلىپ كېلىپ،ئۇنى تاتلىق گەپلەر بىلەن گوللاش ۋە تىلاپ تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تاجىگۈلگە باسقۇنچىلىق قىلىدۇ.ئىش تۈگىگەندىن كېيىن باسىت تاجىگۈلگە؛«سەن ئاۋال ئېتىزلىق بىلەن مېڭىپ قاراماي يولغا چىقىپ تۇر، مەن موتوسىكىلىتنى ئېلىپچىقاي» دەيدۇ. تاجىگۈل 300مىتىر يىراقلىقتىكى قاراماي يولغا چىقىپ، يولدىن موتوسىكىلىتلىق ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ناتونۇش بىر ئادەمنى تۇسۇپ ، ئارقىسىغا مىنگىشىپ ئۈيىگە كېلىدۇ. بۇ، كەچ سائەت 5:30لار بولغان چاغ ئىدى.قىزىنىڭ كەچ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغان تاجىگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى تاجىگۈلدىن نىمىشقا بالدۇر كەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا،تاجىگۈل بولغان ئىشلارنى تولۇق دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى يېزىلىق ساقچىخانىغا دىلو مەلۈم قىلىدۇ. 2013-يىلى27-مارت شايار ناھىيىلىك ج .خ ئىدارىسى رازۋېتكا چوڭ ئەتىرتى دىلونى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، ئالاقىدار ماددىي پاكىتلار ھەم جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن باسىتنى ئەمەلگە ئاشمىغان باسقۇنچۇلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ توختۇتۇپ قويدى.6-ماي شايار ناھىيەلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىندى.
ئىگىلىنىشچە ،شۇ كۈنى كۈندۈزى جىنايەت گۇماندارى باسىت قوشنا كەنتتىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ھاراق ئىچكەن. ئئۆيىگە قايتىپ مېڭىشىدا ئوقۇغۇچى قىزلارنى،بولۇپمۇ ئۆز قىزىغا ئوخشاش ئىنىسىنىڭ قىزىنى كۆرۈپ، ھاراقنىڭ كەيىپىدە ھايۋانى ھەۋىسى قوزغۇلۇپ بۇ پەسكەش ئىشنى سادىر قىلىپ،ئۇرۇق-تۇغقان،يۇرت جامائىتىنىڭ ئارىسىدا رەسۋا بولغاندىن باشقا،ھازىر قاماقتا سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ، مەھبۇسلۇق ھاياتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئەسكەرتىش؛دىلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى.
مەنبە:ئۆزۈم( شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ماتىريال بىلەن تەمىنلىدى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-15 12:00
|