كۆرۈش: 721|ئىنكاس: 1

يۆگىمەچنىڭ كارامىتى(مەسەل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49840
يازما
5
تېما
4
نادىر
1
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 13:01:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۆگىمەچنىڭ كارامىتى
(مەسەل)
ئەخمەت ۋاھىدى
ئۆمىرىدە مىھنەت دىگەننى كۆرمىگەچ،
يامىشىپ ئۆستى قۇناققا يۆگىمەچ.

ئەسلى تەكتىدىن تىرىكتاپ بۇ مەرەز،
كۆڭلىگە پۈكۈپ رەزىل،ئىپلاس غەرەز،

بېشنى كۆتەردى يەردىن بىخ سۈرۈپ،
پەم بىلەن ياماشتى قۇناقنى كۆرۈپ.

ئالدىدا ماختاپ قۇناقنى لىڭشىدى،
گول قۇناق ئىگىپ بېشىنى تىڭشىدى:

ئى گىياھ،ئاسمان-زىمىننىڭ تۈۋرىكى،
شاخلىرى دەريا-دېڭىزنىڭ كۆۋرىكى،

كېچە-كۈندۈز تۇرىلا ھەيۋەت بىلەن،
خۇشلىرى يوقكەن ھەسەت،غەيۋەت بىلەن.

تەنىلىرىدە كۆرمىدۈم ئەسلا ھېرىش،
بىلمىدىم شۇ بويلىرى نەچچە غېرىش.

تەنلىرىنى بىر سۈيۈپ قىلسام تاۋاپ،
بىر ئۆمۈر ئۇزۇق ماڭا ھەمدە ساۋاپ.

بۇ خوشامەتتىن قۇناقۋاي مەس بولۇپ،
نىمە دەپ رەخمەت ئېيتىشمۇ تەس بولۇپ،

ئاتتى ئۈزىنى يۆگىمەچنىڭ قوينىغا،
يۆگىمەچ سۆيدى گىرە سېپ بوينىغا.

نىمە سىر باركىن سۆيۈشنىڭ تېگىدە،
گول قۇناقنىڭ تەنىلىرى بولدى زېدە.

يۆگىمەچ سەمىرىپ ئېتىزغا پاتمىدى،
قەلبىدە قايناپ ھەسەت تىچ ياتمىدى.

پىل بىلىپ قىلدىن ئىنچىكە بەستىنى،
ئىشلىتىپ جىمىكى سۈيقەستىنى،

قۇناقتىن ئۇغۇت ۋە سۇنى تالىشىپ،
بەزىدە ئېغىز بۇرۇنمۇ يالىشىپ،

باقتى جان يۇمشاق ۋە ھەم يېرىك بولۇپ،
قۇناقنىڭ ئۇزىقىغا شىرىك بولۇپ.

ئايلىنىپ ھەتتا ئىشەنچىلىك دوستىغا،
چىرىمىشىپ كىرىدى قۇناقنىڭ پوستىغا.

ئاقىۋەت چىرماپ قوناقنىڭ  بېلىنى،
بىر كۈنى بوغدى ئۇنىڭكى گېلىنى:

-مەن سېنى باقتىم سۈتىمدە ئەي قىلىپ،
بولمىسام يەيتتى ھاشارەت سەي قىلىپ.

نەچچە بوراندا سېنى مەن يۆلىدىم،
سەن يىگەننىڭ ھەققىنى مەن تۆلىدىم.

بەس يېتەر،بەردىڭ زەھەر سەن بىۋاپا،
چۈشكىن ئۆشنەمدىن ماڭا بولماي جاپا،

بۇ پۇشايماننى ئېلىشقا قاچا يوق،
چىققىلى ئاسمانغا شۇتا-ئاچا يوق،

ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەتتە قوناق غىڭشىدى،
جېنى ھەلقۇمدا قېلىپ كۆپ لىڭشىدى.

شاخلىرى قۇرۇپ قوناق بولدى شادا،
كەلدى كۈزىنىڭ يېشىدىن مۇنداق سادا:

-ھىلىگەرلەر قىل بىلەن باغلاپ مېنى،
قويدى ھەسىرەت ئۇتىدا داغلاپ مېنى.

ياخشىلىق قىلساڭ ئۇنى بىلگەنگە قىل،
ماختىسا ئالدىڭدا كىم ئەپسانە بىل.

ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ كۆيگەن قوناق،
دات ئېيتىپ يىغلار ئىمىش تاپماي  روناق.

شوڭا قوناق مەدىگى كالتە ئىمىش،
دېنى سېرىق،يىلتىزى ئالتە ئىمىش.
---ئاپتۇرنىڭ »قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى« نەشىر قىلغان »باراڭ ئاسىتىدىكى پاراڭ« ناملىق شىئېرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6054
يازما
325
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7439
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-19
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 18:00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مەن يۆگىمەچ بولسام مېنىڭ ۋاز كېچەلمەيۋاتقانلىرىم نىمىلەردۇ؟ ئەگەر مەن قوناق بولسام مېنى ئاينىيتمىغان يوگىمەشلەر قايسىلاردۇ ھە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش