- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 5
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 10
- تىزىملاتقان
- 2013-4-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-3
- UID
- 49840
- يازما
- 5
- تېما
- 4
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 10
- تىزىملاتقان
- 2013-4-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-3
- توردا
- 13 سائەت
|
ۋەتەن مۇھەببىتى
ئەخمەت ۋاھىدى
قەيەردە سەن سۈيۈملۈك ۋەتەن،
قاراپ ساڭا كۆزۈم يەتمىدى.
ئەجەپ ئىكەن يات يەر،يات خەلق،
مېنى سەندەك باغاش ئەتمىدى.
ئۆزگە يۇرتتا شاھلىق قۇرۇسۇن،
سەنسىز ماڭا راھەت بىر تىيىن.
شوڭا دەيمەن، قىيىن ئىچىدە--
ئەل-يۇرتىدىن ئايرىلىش قىيىن.
ئانا ۋەتەن ئۆتۈلدى قەدرىڭ،
تىلىم تۇرۇپ سالالماي پاراڭ.
ئۆزەم كۈلۈپ، ئۆزەم يىغلايمەن،
كۆرگەنلەر دەر مېنى بىر ساراڭ.
تەڭرىم شۇ تاپ بەرسىدى قانات،
قۇشتەك ئۇچۇپ قۇنسام بېشڭغا.
سۈرەتتىم مەن شاھ ھۇزۇرىنى،
ئېغىز تەگسەم ھاردۇق ئېشىڭغا.
قۇملىرىڭدا ياتساپ ئېغىناپ،
ئاقسا تەرىم ئىسسىق قوينۇڭغا.
يىغلىۋالسام ئۈن سېلىپ بىر پەس،
مەھكەم گېرە سېلىپ بوينۇڭغا.
ئاھ،دۇنيادا كۆرمۈدۈم سەندەك،
ئىللىق چىراي،مىھرىۋان ئاپتاپ.
مۇھەببىتىم قىينايدۇ مېنى،
ئۆركەش ياساپ قەلبىمدە شۇ تاپ.
قايدىسەن ئەي سۈيۈملۈك ۋەتەن،
ئاقسۇ،قەشقەر، ئىلى ۋە خوتەن.
جودالىقتا سېغىندىم سېنى،
سېنىڭ ئۈچۈن پىدا جانۇ-تەن.
ئەي ۋەتىنىم كەچۈرەر سەنمۇ،
كېتىپتىمەن سەندىن يىراقلاپ
قاچان سېنى قىلارمەن رازى،
تەرىم بىلەن ئەجرىڭنى ئاقلاپ.
2013-يىل 26-ئىيۇن
ئامرىكا، ۋاشىنگىتون
|
|