- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2013-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-6
- UID
- 53626
- يازما
- 3
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2013-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-6
- توردا
- 1 سائەت
|
ئىسلام دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئىجتىھاتلىق، ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان كاتتا ئالىم ئىبنى كەسىرنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەبۇلفىدا ئىمادۇددىن ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر قۇرەشىي بولۇپ، ھىجريەنىڭ 701-يىلى سۈرىيەنىڭ بۇسرا شەھرى، مىجدەل يېزىسىدىكى بىر دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى شۇ يېزىدىكى مەسجىدنىڭ ئىمامى ھەم خاتىبى ئىدى. ئۇ ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئاكىسى ئابدۇلۋاھھاب ئۆز تەربىيىسىگە ئالغان ۋە باشلانغۇچ ئىلىملەرنى ئۆزى ئۈگەتكەن. ئۇ بەش ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سۈرىيەنىڭ ھازىرقى پايتەختى دەمەشىققە كۆچۈپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا دەمەشىق، ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكىگە ئايلانغان بولۇپ، ھەر قايسى پەن ۋە ھەر قايسى ساھادە يېتىشكەن نۇرغۇنلىغان كاتتا ئالىم-ئۆلىمالار شۇ يەردە ئىلىم بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلمەكتە ئىدى. كاتتا ئالىم ئىبنى كەسىرمۇ مۇشۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىلىم ئىگەللەش نېسىۋىسىگە تولۇق ئېرىشكەن. ئۇ تېخى ئون ياشقا تولماي تۇرۇپ ‹قۇرئان كەرىم› نى پۇختا ياد ئېلىپ بولغان. ئۇ، بۇرھانۇددىن ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇراھمان فەزارى، ئىسا ئىبنى مۇتئىم، ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئىبنى ھەججار، باھائۇددىن قاسىم ئىبنى مۇزەففەر ئىبنى ئەساكىر، ئىبنى شىيرازى، ئىسھاق ئىبنى يەھتا ئامىدىي، مۇھەممەد ئىبنى زەرراد، جامالۇددىن يۈسۈف ئىبنى زەكىي، شەيىخۇلئىسلام تەقىيۇددىن ئىبنى تەيمىيە، شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئوسمان ئىبنى قايماز قاتارلىق ئاتاغلىق ئالىملاردىن ‹تەپسىر› ۋە ‹قۇرئان› ئىلىملىرى، ‹ھەدىس› ۋە ھەدىس ئىلىملىرى، ‹فىقھى› ۋە فىقھى ئۇسۇللىرى، تارىخ، ماتىماتاكا، گىراماتىكا، ئەدەبىيات... قاتارلىق پەنلەردە تېرىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ئەستە تۇتۇش ۋە مەسىلىلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قابىلىيتىنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ، ئەلا دەرىجىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە پەتىۋاچىلىق، مۇدەررىسلىك ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمى، سەلىبلەرنىڭ ھۇجۇمى، ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆزئارا ھوقۇق تالىشىشلىرى، ئاچارچىلىق قاتارلىق ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولغان ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرالمىغان. ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇ مەسىلىلەرگە تېز دەلىل كەلتۈرەلەيدىغەن ئالىم ئىدى. ئۇنىڭ يازغان كىتاپلىرى ھايات ۋاقتىدىلا شەھەر- شەھەرلەرگە تارقىغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان› تارىخشۇناس، مەشھۇر ئالىم ئەبۇلمەھاسىن جامالۇددىن يۈسۈف ئىبنى سەيفۇددىن مۇنداق دەيدۇ: ‹ئىمام ۋە كاتتا ئالىم ئىبنى كەسىر ھاياتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە يېزىش ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ، فىقھىشۇناسلىق، تەپسىرشۇناسلىق، ھەدىسشۇناسلىق ساھالىرىدە ۋايىغا يەتكەن. ئۇ مۇدەررىسلىق قىلاتتى، ھەدىس توپلايتى، مۇپتىلىق قىلاتتى ۋە ھەر قايسى پەنلەردە كىتاپ يازاتتى. ئۇ تارىخ، ھەدىس ۋە تەپسىر ئىلمى ساھاسىدە كامالەتكە يەتكەن ئىدى› ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن كىتاپلارنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ تولىسى تەكرار-تەكرار بېسىلىپ ئىسلام دۇنياسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان، بىر قىسمى تاكى ھازەرغىچە قول يازما پېتى ساقلىنىپ كىلىنمەكتە. ئۇنىڭ بېسىلىپ تارقىغان كىتاپلىرىدىن بىرى ‹تەپسىرى قۇرئان ئەزىم› ناملىق ئاتە توملۇق تەپسىرى بولۇپ، رىۋاياتكە ئاساسلىنىپ يېزىلغان تەپسىرلەر ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە مۆتىۋەر تەپسىر دەپ شۆھرەت قازانغان. يەنە بىرى ‹ئەلبىدايە ۋەننىھايە› ناملىق 14 توملۇق تارىخ كىتابى بولۇپ، ئۇ بۇ كىتاپتا دۇنيانىڭ يارىتىلىشىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى ھىجىريىنىڭ 768- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹قىسقىچە ھەدىس ئىلىملىرى› ‹رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى› ‹تەۋھىدنى بىلدۈرۈش ۋە شىرىككە رەددىيە بېرىش› قاتارلىق كىتاپلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى بېسىلىپ تارقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇمىڭ نۇرغۇن كىتاپلىرى بولۇپ، بەزىلىرى يۈتۈپ كەتكەن، بەزىلىرى قول يازما پېتى ساقلانماقتا. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىمگە بېغىشلاپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ھىجىرىيەنىڭ 774- يىلى شەئىبان ئېيىنىڭ 26- كۈنى دەمەشىقتە ۋاپات بولغان. ئۇ ۋەسىيتىگە ئاساسەن شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. اللە تائالا ئۇنىڭغا چەكسىز رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئاتا قىلىپ، ياتقان يېرىنى فىردەۋس جەننىتىدىن قىلسۇن! ئەزىز قېرىنداشلار! ئىمام ئىبنى كەسىرنىڭ ‹تەپسىرى ئىبنى كەسىر› نامىدا نەشر قىلىنغان ‹تەپسىرى قۇرئان ئەزىم› ناملىق 6 توملۇق تەپسىر كىتابى ‹ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى› تەرىپىدىن 2005- يىلى تەرجىمە ۋە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
مەزكۈر تەرجىمھال: ‹تەپسىرى ئىبنى كەسىر› دىكى كىرىش سۆزدىن تەييارلاندى، |
|