كۆرۈش: 756|ئىنكاس: 3

بالىلارنى ئوچۇق قەلبلىك قىلىپ تەربىيەلەيلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22356
يازما
203
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
203
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-24
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 18:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلارنى ئوچۇق قەلبلىك قىلىپ تەربىيەلەيلى
(بۇ يازمامنى گۈلەن ۋە قانۇنىي يول كەبى ئوت يۈرەك مائارىپچىلارنىڭ ئاقيوللىقىغا بېغىشلايمەن)
ئەنۋەر جۇلا



بىر قېتىملىق ئۇرۇق-تۇققانلار ئولتۇرىشىدا بىر تاۋۇزنى پىچىش ئۈچۈن شېرەنىڭ ئۈستىگە قويىۋاتقىنىمدا بىر باجامنىڭ 3 ياشلىق ئوماق قىزى «ئەيۋەيجان دادا، بۇ تاۋۇزنى يىمىدە ياسايدۇ» دەپ ھەممىمىزنى پاراققىدە كۈلدۈرىۋەتكەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ باجام قىزىغا تاۋۇزنى ياسىمايدىغانلىقى، بەلكى دېھقانلار ئېتىزغا تېرىسا ئاۋال ئۆسۈملۈك بولۇپ ئۈنۈپ چىقىپ، ئاندىن ئۆسۈملۈكتىن گۈل ئېچىلىپ، گۈلنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭدەك ئوماق-ئوماق كىچىك تاۋۇزلارنىڭ ئۈنۈپ چىقىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىك تاۋۇزلارنىڭ بارا-بارا يوغىناپ پىشقاندىن كېيىن مۇشۇنداق يوغان تاۋۇز بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ئىدى.
پەرزەنتلەرنىڭ بۇنداق ئوماق، چۈچۈك گەپلىرى چوڭلارغا دەمال  قىزىق تۇيۇلۇپ، پاراقلاپ كۈلۈپ كەتكىنىمىز بىلەن ئەمما يەنە سەلدىن كېيىن ئويلىنىپ قالىدىكەنمىز. يەنى، بىز بالىلىرىمىزنى بىنا تاملىرىنىڭ مۇزدەك قورشاۋى ئىچىدە چوڭ قىلىۋېتىپتۇق، دەپ بىر خىل گۇناھ تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ قالىدىكەنمىز. بالىلارنى 3 ياشقا كىرگۈچە ئۆپكىسى شامالداپ قالمىسۇن،دەپ دەرىزىسى ھىم ئېتىلگەن بىنا ئۆيگە سولاپ باقىدىكەنمىز، بالا توختىماستىن تالاغا ئەچىق، دەپ قەغىش قىلىپ تېپچەكلەيدىكەن، يىغلايدىكەن، لېكىن بىز قونچاق، كارتون، جىرىڭلىما، ياغاچ ئات دېگەندەك ئويۇنچۇقلار بىلەن گوللاپ ئۇنى ئۆيگە سولىغىنىمىز سولىغان ئىكەن. بىر-ئىككى قېتىم تەبىئەتتىكى كۆپ-كۆك ئاسمان، قوياش، ئاي،يۇلتۇز، قورودىكى دەل-دەرەخ ۋە گۈل-چېچەكلەر، يىڭناغۇچ ۋە كېپىنەكلەر، گۈللۈك ئارىسىدىكى سايىداۋاتقان يېرىدىن تۇيۇقسىز شاراقشىپ چىقىپ قوڭغۇرىقىنى جىرىڭلاتقىنىچە ئەگىشىۋالىدىغان ئوماق كۈچۈكلەر، ئاندا-ساندا پەيدا بولۇپ قالىدىغان مۈشۈكلەر...نى كۆرگەن بالىنىڭ موكا ياغلىق ئۈرۈگىدەك يۈرىكى شۇ ھامان قىن-قىنىغا پاتماي قالىدىكەن-دە، تېخىمۇ يىراققا ئاپىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئىنساننىڭ  بىپايان كەڭرىلىككە، بىپايان تەبىئەتكە ئىنتىلىشى مۇشۇنداق تۇغما بولسا كېرەك، سەن ئۇنى قەغىشتىن توختىتىپ، ئۇخلىتىشتىمۇ ئۇنىڭغا تېخى ئۇ كۆرۈپ باقمىغان قوينىڭ مەرىشىنى، كالىنىڭ مۆرۈشىنى، خورازلارنىڭ قىچقىرىشىنى دوراپ بېرىش ياكى ئورمانلىقتىكى تۈرلۈك جان-جانىدارلارنىڭ چۆچىكىنى ئېيتىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەنسەن. چوڭلارغا نىسبەتەن ئۇ تېخى مۇئەللىم بولسا تەتىلدىلا نېسىپ بولىدىغان بىر ئازادىچىلىك. قالغان ۋاقىتلاردا بالىنى ئەشۇ بالىدىن سەل چوڭراق بىر بالىنى تېپىپ باقتۇرىمىز، قانداقتۇ ئادەم بېدىكلىرىنىڭ بالىنى ئېلىپ قېچىشى، قانداقتۇ بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن يۈرىكىمىز سۇ- سۇ بولغان ھالدا بالا باققۇچىغا بىز ئىشتىن قايتىپ كەلگۈچە بالىنى قەتئىي سىرتقا ئېلىپ چىقماسلىققا تاپىلايمىزكەن. شۇنداق قىلىپ بالا يەسلى يېشىغىمۇ توشۇپ قالىدىكەن...
جۇڭگونىڭ يەسلىلىرى قانداق؟
«جۇڭگونىڭ يەسلىلىرى قورقۇتۇش مائارىپى باشلىنىدىغان جاي»، «جۇڭگونىڭ يەسلىلىرى ھەربىي ئىنتىزامدىن قاتتىق باشقۇرىلىدۇ». مانا بۇ مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىز بالىلارنى ئەكىرىپ بېرىدىغان يەسلىلەرگە بەرگەن باھاسى، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان يەكۈنى، مېنىڭ ئايرىم توختىلىشىمنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى بولمىسا كېرەك.
لېكىن مېنىڭمۇ بالىلىق چاغلىرىم بولغان، بالىلىق چاغلىرىمدا يەسلىدە بىر مەزگىل چوڭ بولۇش تارىخىم بولغان. ئاتا-ئانام مېنىمۇ مەن كىچىك ۋاقتىمدا يۇرتىمىزدىكى بىردىن-بىر يەسلى ___ خەنزۇچە يەسلىگە ئەكىرىپ بەرگەن. ناھىيىتى غۇۋا ئېسىمدە،  سىنىپ چوڭلۇقىدىكى ئايرىم-ئايرىم يەسلى بۆلمىلىرىدە تامغا چۆرۈلدۈرۈپ ئېسىلغان بىر مۇنچە يېشىل سىرلىق بۆلەنگۈچلەر بار ئىدى، بىزنى شۇ كارىۋاتقا سولاپ، چىڭ ماتاپ ئۇخلىغىلى ئۇنىماي قىرقىراپ يىغلىساق ئۆزى سېمىزرەك، چېچىغا خېلى ئاق ئارىلىغان بىر ئايى ئىككى ۋارقىرىسىلا ئېسەدىگىنىمىزچە يىغىدىن توختاپ بارا-بارا ئۇيقىغا كېتەتتۇق. بىز ئۇخلايتتۇق، ئۇخلايتتۇق، ئاندىن كەچكە يېقىن ئانام، بەزىدە دادام ئالغىلى كەلسە ئەرز ئېيتىپ ھۆڭگىرەپ يىغلىغىنىمچە باغرىغا ئۆزەمنى ئاتاتتىم. ئۇندىن باشقا يەنە ئۇ ئايىنىڭ بىزنى يېشىل سىرلىق كىچىك ئورۇندۇقلاردا قاتتىق ئىنتىزام بىلەن مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇرغۇزغانلىقىنىمۇ ناھىيىتى غۇۋا ئەسلىيەلەيمەن، باشقىسىنى ئەسلىيەلمەيمەن.
ئانام پات-پات « كىچىك ۋاقتىڭدا بەك ئۇششۇق ئىدىڭ، باغچىغا پەقەت كۆنگىلى ئۇنىمىدىڭ، لېكىن ئىنىڭ باغچىغا ئاسان كۆنگەن ئىدى، شۇڭا ئۇ دوكتۇر بولدى» دەپ چاقچاق قىلىپ قويىدۇ. مەنمۇ جاۋابەن:« ئانا، مېنىڭ دوكتۇر بولالماسلىقىم مېنىڭ ئۇششۇقلۇقىمدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ئۇششۇقلىقىڭلار، سىلەر مېنى يېنىپ كېلىپ قېشىمىزدا تۇر، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالساق كىم جىنازىمىزنى كۆتۈرىدۇ، دەپ مۇشۇ جان باقتى، خۇددى تۈرمىدەك خىزمەتنى تەييارلاپ قويمىدىڭلارمۇ، چوڭ شەھەرلەرگە كەتكەن بولسام مەن ئىنىمدىنمۇ چوڭ دوكتۇر بولالايتتىم» دەپ قويىمەن. «ھە، ئىچى يامان، گەپ قىلە...» دەپ كۈلۈپ كېتىدۇ ئانام. «مەن ئىنىمدەك ئەقىللىق ئەمەسمۇ ئەمىسە؟» دەيمەن تېرىكىپ.
«ياق، سەن ئەسلىدە ئىنىڭدىنمۇ ئەقىللىق ئىدىڭ، لېكىن سەن ئىنىڭدەك ئىنتىزامچان، ئەستايىدىل ئەمەس، مايمۇن مېجەزسەن، ھېلى ئۇنىڭغا قىزىقىسەن، ھېلى بۇنىڭغا ھەم بىر ئىشتىن ئاسانلا زېرىكىسەن».
«مەن ئۇنداق ئەمەس، ماڭا پۇرسەت يوق، ماڭا مۇھىت يوق، مەن بىردەم ئۇ تامدىن، بىردەم ئۇ توسۇقتىن قاچىمەن دەپ مۇشۇنداق مايمۇندەك سەكرەپ يۈرسەم كېرەك».
«گەپ قىلە-ھە، ‹پەيلاسوپ›. سېنىڭ مۇشۇ ‹پەيلاسوپ›لىقىڭ ئىنىڭنىڭ دوكتۇرلىقىدىن يامان، يەنە نېمىگە شۈكرى قىلمايسەن...
«لېكىن، تىلىم تۇتۇق-تە، تىلىمنى كېسىمەن دەيدىغان ئادەملەر بەك كۆپ. بۇ پەيلاسوپلىقنى ساڭا قىلىپ بېرەلىگىنىم بىلەن باشقىلارغا قىلىپ بېرەلمەيمەن.
«ۋاي جېنىم بالام، سېنى مەنلا باقىمەن، مۇشۇ ‹پەيلاسوپ›لىقىڭنى پەقەت ماڭىلا قىلىپ بېرىپ ئۆتۈپ كەتكىنە»..
بىر قېتىم مەن ئانامغا«ئانا، ساڭا لاۋ زى دېگەن بىر پەيلاسوپنىڭ بىر گېپىنى ئېيتىپ بېرەي:لاۋ زى شۇنداق دەيمىشلەركى، «ئەلنى ئىدارە قىلىشتا باشقۇرمىغاندەك باشقۇر، ئەل-پۇقرا گويا سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى بىلمىسۇن، ئاندىلا سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭ ئۆز مەنىسى تاپۇر»، لاۋ زىنىڭ بۇ ئىدىيىسىگە كوڭ زىنىڭ «ئادەمنى ئاساس قىلىش» ئىدىيىسى بىرلىكتە كەلسە جەمئىيەت تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتەر ئىدى-ھە، دېدىم.
ئانام 4 ئەتراپىغا چۆچۈپ قارىۋەتكەندىن كېيىن« نېمە دەيدىغانسەن بالام، جۇڭگونى كوڭ زى ، مېڭ زى، لاۋزى ئىدىيىسى باشقۇرمايدۇ، ماركىسىزم باشقۇرىدۇ، ھازىر 4 تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، بۇنداق پەلسەپىلىرىڭنى خاتاغا ئۆرۈپ چاقىدىغانلار چىقىپ قالمىسۇن يەنە. تالادا بۇنداق دەپ يۈرمە.
ۋاي-ۋۇي ئانا، سېنىڭ ئىدىيەڭ راستلا ئارقىدا قاپتۇ. ھازىر دۆلىتىمىز كوڭ زى مېڭزى، لاۋ زىنىڭ ئىدىيەسىنى چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى ئىلغار قاراشلىرىنى ھاكىمىيەتكە تەدبىقلاۋاتىدۇ.

ئانام پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ سىياسىي مائارىپ پاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن، مائارىپ باشقۇرغۇچى، مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقى بولۇپ باققان خېلى مەلۇماتلىق ئايال. ئانچە-مۇنچە مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ قالىمىز. تىلدا قېيىپ پېشكەللىك تارتىپ قېلىشنى ھېچقانداق ئانا خالاپ كەتمىسە كېرەك، لېكىن راستلا ناھەقچىلىق بار يەردە « سېنى بورداپ باققىلى تۇغمىغان مەن» دېيىشنى بىلىدۇ ۋىجدانلىق ئانىلىرىمىز.
ئەمدى، بۇنداق گەپلەرنى قويۇپ ئاۋۇ بالىلارنى سەھراغا، ئانا تەبىئەتكە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىشنىڭ گېپىنى قىلايلى.
تەرەققى قىلغان ئەللەر___ بولۇپمۇ گۈلەن ئامېرىكا يەسلى مائارىپىنى مىسالغا ئېلىپ سۆزلىگەن ___دەك بالىلارنى كۆپرەك ئوينىتىش، بولۇپمۇ كەڭ ئانا تەبىئەتنى كىچىكىدىن ھىس قىلدۇرۇش بالىلارنىڭ تەن ۋە قەلب جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇلى. بالىلارنى كىچىكىدىن تامغا سولاپ چوڭ قىلسا ۋە ئۇنى قورقۇتسا بۇ بالىنىڭ كەڭرىلىككە ئىنتىلىش  تۇغما ئىنسانىي قەلبىگە قۇلۇپ سالغان بىلەن باراۋەر. بۇنداق قۇلۇپنى بىز ئاتا-ئانىلار سالىمىز، بىخەتەرلىك ئۈچۈن سالىمىز، چوڭ بولغاندا ئىنتىزامچان، گەپ ئاڭلايدىغان بولۇش ئۈچۈن سالىمىز، يەسلى مائارىپچىلىرى سالىدۇ يەنە شۇ ئەينى مەقسەت بىلەن، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ مائارىپى سالىدۇ شۇ ئەينى مەقسەتلەر بىلەن...شۇنداق قىلىپ سېلىنىدىغان قۇلپىلار بارغانسېرى يوغىنايدۇ، گىرەچە- ئۈلگىجەكلىرى بارغانسېرى چىڭىيدۇ...
بىز چوڭ بولغاندا، ئانا تەبىئەتنى چۈشىنىدىغان بولىمىز، ئۆيدىن بىمالال چىقىپ-كىرىش، چوڭ شەھەرلەرگە بېرىش، ساياھەت قىلىش ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىدۇ. قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، بۇلۇت، دەريا، دېڭىز، قۇم...لار بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. لېكىن بۇ چاغدا بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەرسىلەر يېڭى بىلىملەر، يېڭى تەسىراتلار ھادىسىلەر ۋە ماھىئىيەتلەردۇر.
يەنى، تەبىئەت ھەققىدىكى دەسلەپكى يۈزەكىي بىلىشتىن ئۇنىڭ قات-قېتىغا كىرىپ چوڭقۇر بىلىشكە باشلايمىز. تەبىئەت ۋە ئىنساننىڭ گامونىك مۇناسىۋىتىنى ئىدارە قىلىدىغان مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، سىياسىي- ئىقتىسادنى دەسلەپكى يۈزەكىي بىلىشتىن ئۇنىڭ قات-قېتىغا كىرىپ چوڭقۇر بىلىشكە باشلايمىز.
لېكىن كىچىكىمىزدە قەلب قۇلۇپلىرىمىز بەك چىڭ سېلىنىپ كەتكەن بولسا، چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ قۇلۇپلار بارغانسېرى يوغىناپ كېتىۋەرگەن، ئۈلگىجەك-كېشەكلىرى بارغانسېرى چىڭىپ كېتىۋەرگەن بولسا بىز شۇ خىل مەھكۇم قەلب بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ھەتتا جۈرئەت قىلىشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قالىمىز.
شۇڭا، ئىنساننى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئوچۇق قەلبلىك قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك. جۇڭگو مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە دۇنيادا ئالدىدا ماڭىدۇ، يەنى، يۇقۇرى نومۇر ئېلىشتا بەسلىشىشتە، ئوليېمپېك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا، ياۋروپا بالىلىرىنىڭ يۈگۈرسە يانچۇقىدىن چۈشۈپ قالىدىغان ئويۇنچۇقلىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
جۇڭگولۇق بالىلار تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئىنتىزامنى، ئىمتىھان مائارىپىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەنگەچكە ئەلۋەتتە ئەشۇنداق يۇقۇرى نومۇر ئېلىشقا تېگىشلىك. بۇ چاغدا ئامېرىكا- ياۋروپا بالىلىرى كۆپ ھاللاردا ئويۇنغا بېرىلگەن، تەبىئەت ۋە ئادەملەرگە قانداق سۇئال قويۇشنى ئۆگەنگەن بولغاچقا ئەلۋەتتە ئارقىدا قېلىشقا تېگىشلىك. لېكىن ئالى مەكتەپتىكى سەل قويىۋېتىلگەن مۇھىتقا چىققاندىن كېيىن جۇڭگولۇق بالىلار ئۆگەنگەن ئىنتىزام ۋە ئىمتىھان مائارىپىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى ئانچە ئاقمايدۇ-دە، ئامېرىكا-ياۋروپا بالىلىرى ئۆگەنگەن تەبىئەت ۋە ئادەملەرگە سۇئال قويۇش ئۇسۇلى ھەقىقىي ئەس قاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيدۇ.
مانا، يۇقارقى پاكىتنىڭ ئۆزىمۇ بالىلارنى ئوچۇق قەلبلىك قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەملىكىتىمىز مائارىپىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقىنغا، ئىسلاھات قىلىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولدى، لېكىن يەنىلا ئامېرىكا-ياۋروپا، ياپونىيە مائارىپى سەۋىيىسىدىن خېلىلا يىراق. ھەقىقىي تۈردە ئوچۇق قەلبلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەشتە سىياسىي تۈزۈلمە، ئىدولوگىيە جەھەتتىن تېخى جىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مائارىپ ساھەسىدە كونىچە تەپەككۈر، قاتمال ئىدىيە بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئېڭىغا ئىگە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى تېخى تولۇق ئازات بولغىنى يوق، مائارىپ ساھەسىدە يالغۇز ئىدىيە جەھەتتىكى چىرىكلىكلا ئەمەس، يەنە سىياسىي جەھەتتىكى چىرىكلىك، ئىقتىسادىي نەپسانىيەتچىلىك چىرىكلىك ھادىسىلىرىمۇ خېلىلا ئېغىر. لېكىن، ئۇنچىۋالامۇ ئۈمىتسىزلىنىشكىمۇ بولمايدۇ، جۇڭگو مائارىپى جۇڭگونىڭ ئالغا بېسىشىغا ئەگىشىپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى جۇڭگونىڭ مائارىپىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا جۇڭگونىڭ مائارىپىدا مەسىلىمۇ بار ھەم ئۈمىتمۇ بار، دەپ قاراش كېرەك.
بىز بۇنداق شارائىتتا ھەممىنى مائارىپقا تاشلاپ بەرسەك بولمايدۇ، ئاتا-ئانىلار بىزمۇ مائارىپچىلاردىن بولىشىمىز كېرەك. يەنى، مەكتەپ ئوقۇتۇش پروگراممىسى يېتىشەلمەيدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان، ئۇنى تولۇقلايدىغان مائارىپچىلاردىن بولىشىمىز كېرەك. يەنى، «قوشتىل مائارىپى»دا ئانا تىل، مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندا، ئاتا-ئانىلار بۇنى تولۇقلايدىغان گۈلەنچە مائارىپچىلاردىن بولىشىمىز كېرەك. گۈلەندەك يەسلى ئېچىشتا قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن توسۇلۇپ قالساق، ئەڭ ئاخىرقى ئىستىھكامىمىز، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىدە بۇ مائارىپنى يولغا قويساق پۈتۈنلەي بولىۋېرىدۇ. چۈنكى، ئائىلىدەك بۇ ئىنتايىن دەخلى-تەرۇزسىز «ۋەتەن»دە سىز قانۇنغا رۇئايە قىلىدىغان ئاڭلىق، مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولسىڭىز بۇ ھوقۇقىڭىزنى ئەڭ يۈكسەك دېمۇكراتىيە شەكلىدە يۈرگۈزىۋېرىڭ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا، قوشنىلىرىڭىزنىڭ بالىلىرىنىمۇ ئەكىرىپ يەر ئاستى مەدرىسە، قانۇنسىز تەبلىغ ئويۇشتۇرسىڭىز بولمايدۇ. بۇ ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ.
ئائىلە مائارىپىنىڭ مەزمۇنى ناھىيىتى كەڭرى ۋە ئەركىن بولىدۇ. بالىلارنىڭ مەكتەپ تاپشۇرۇقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن باشقا بالىلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىشىنى، ئانا تىل ۋە تارىخ-مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بالىلارنىڭ ئوچۇق قەلبلىك خارەكتىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچەڭ.
بالىلارنىڭ ئۆزى خالاپ ئوينىشىنى ناتوغرا يوللارغا كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان ئاساستا تولا چەكلىمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ، تەتىلدە قانغۇچە ئوينىسۇن بالىلار، بولسا يېزا-قىشلاق، سەھرالارغا، ئانا تەبىئەتنىڭ كەڭرى قۇچىقىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەر ماشىنىلىشىپ كەتتى، ماشىنىلىق بولغانلار ھە دېگەندىلا غۇلجا- ناراتقا بېرىپ ئوينىتىپ كېلىشنىڭ گېپىنى قىلىدۇ-يۇ، لېكىن كۆپۈنچە ھاللاردا ۋاقىت ۋە باشقا ئامىللار يار بەرمەي ئۇنداق پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بالىلارنى تەبىئەتكە قويىۋېتىش ئۈچۈن غۇلجا-نارات شەرت ئەمەس. 5-10 كىلومېتىر نېرىسىدىكى بىرەر بۈك-باراخسان كەنت، دېھقان تاغاڭنىڭ قوغۇنلىقى، دېھقان ئاغىينەڭنىڭ شاپتۇللۇق بېغىغا ئاچىقىپ ئويناتساڭمۇ بالىنىڭ قەلبى ئالامەت يايراپ كېتىدۇ دەيمەن. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مەن بالا-ۋاقىلىرىمنى ئېلىپ قەشقەر كونىشەھەرنىڭ قىرىق بۇلاققا ئاچىقسام ئۇ يەردىكى يېشىللىق، ئۇ يەردىكى زۇمرەتتەك بۇلاق سۇلىرىنى كۆرۈپ، قانغۇچە چۆمۈلۈپ شۇنچە خوش بولۇپ كەتكەن ھەم بۇلاق قانداق شەكىللىنىدۇ، بۇلاق سۈيى نىمىشقا بۇنچە سۈزۈك ھەم مۇزلۇق بولىدۇ، دېگەندەك سۇئاللارنى سوراپ كەتكەن ئىدى، مەنمۇ ناھىيىتى ئىلمىي يوسۇندا جاۋاپ بېرىشكە تىرىشقان ئىدىم. شۇ چاغدا ئوغلۇم «دادا، بىزنىڭ بۇ يۇرتلىرىمىز بەك خاسىيەتلىك، بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن تېخى ھەممە يەرنى بىزنىڭ مەلىمىزدەك بىنا بىلەن توشقانمىكىن دەپتىمەن. مۇشۇنداق چىرايلىق يەرگە كۆپرەك ئاپارساڭ بولمامدۇ» دەپ كەتكەن ئىدى. جاۋابەن مەن ئۇلارنى ئوپالغا ئاچىقىپ ھەزرىتى موللام تېغى، مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى، ھاي-ھاي تېرەكنى كۆرسۈتۈپ قويسام تېخىمۇ ھەيران قالغان، مىللىي ئىپتىخارى بىخلانغان ئىدى.
يېقىندا بىر توي ئىشى بىلەن بىر يېزىغا بارغان ئىدۇق. توينى كۆرۈپ نېمە دەيدۇ دېمەمسىز ئوغلۇم:«بۇ يەردە توي ئەجەپ ئۆيدە، ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئاستىدىلا بولىدىكەن، مۇشۇنداق توي تېخى بەك قىزىيدىكەن».
ئاندىن ئۇنى بىپايان ئېتىزلىقتىكى ئېرىقلارنىڭ ئىككى قېشىغا ئۆستۈرۈلگەن ئۈرۈكلەرنىڭ قېشىغا ئاپاردىم. ھەمدە «بۇرۇن بۇنداق مېۋىلىك دەرەخلەر چۆرىسى چىتلانغان باغنىڭ ئىچىدە بولاتتى، باغنىڭ ئىچىدە يالغۇز ئۈرۈكلا بولۇپ قالماستىن يەنە ئالما-نەشپۈت، شاپتۇل، ئەينۇللا...دېگەندەك ھەرخىل مېۋىلەر بولاتتى. ھازىر باغ قىلمايدىغان مېۋىلىك كۆچەتلەرنى، مۇشۇنداق ئېتىزدىكى زىرائەتلەرگە كىرىشتۈرۈپ بەزى يەرلەردە چىلان، بەزى يەردە ئۈرۈك قىلىدىغان بوپتۇ» دەپ يۈزەكىي ھىس قىلغىنىمنى بولسىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. بالام ئەتراپقا نەزەر سالدى ۋە مۇخبىرلاردەك تۇيغۇنلۇق بىلەن بىر نەچچە پارچە سۈرەتكىمۇ تارتىپ ئوينىدى.
ئۇ ئېرىق ئىچىگە ۋە ئېتىزدىكى ئاق قاغجىراق توپىغا تۆكۈلۈپ كەتكەن سان-ساناقسىز ئۈرۈكلەرگە قاراپ شۇنداق دېدى:
-دادا، سەن ئادەتتە بازاردىن ئۈرۈك ئالساڭ كىلوسىنى قانچە كويدىن ئالىسەن؟
5-6 سومدىن.
ماۋۇ تۆكۈلۈپ كەتكەن ئۈرۈكلەرنى تېرىۋېلىپ ساتسا دېھقانلار بېيىپ كەتكۈدەك، نىمىشقا شۇنداق قىلمايدۇ، دېدى ئوغلۇم سۆگەتنىڭ سايىسىدا قەرت ئويناۋاتقان بىر نەچچە ياش دېھقان يىگىتلىرىگە نەزەر سالغىنىچە.
كېيىن يېنىپ كېلەشىمدە، تۇققانلار بىر سېۋەتتىن ئۈرۈكنى قېقىپ كىرىپ يوللۇق قىلدى. شۇنداق شىرنىلىك، تاتلىق ئۈرۈكلەردىن ئىكەن. ئەمما ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۈرۈكلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى يىگۈسىز دەرىجىدە مىچىلداپ كېتىپتۇ. ساقلىرىنى ئىلغاپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغان بولساقمۇ بىر ھەپتىگىچە يەپ بولالمىدۇق، ھازىرغىچە تۇرىدۇ توڭلاتقۇدا...
شۇنىڭ بىلەن بالامغا:
-ھە، ھېلىقى سۇئالىڭغا ئەمدى جاۋاپ بېرەي، ئەشۇ تۆكۈلۈپ كەتكەن ئۈرۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى تېرىۋېلىپ بازارغا ئەكىرسەڭ بازارنىڭ ھەممە يېرى ئۈرۈك بىلەن توشىدۇ-دە، ئاندىن كىشىلەر ئۇنى 5-6 كويدىن ئېلىپ يېمەيدۇ، ھەتتا ئۈرۈككە تويۇپ بىكارغا بەرسىمۇ ئالماسلىقى مۈمكىن. بۇنىڭدا باققال قانداق پايدا ئالىدۇ؟ بىزنىڭ ئۆيدىكى نۇرغۇن ئۈرۈك سېسىپ كەتكەندە نائىلاج ئەخلەت چېلىكىگە تۆكىۋەتكەندەك بازاردىمۇ نۇرغۇن ئۈرۈكلەر سېسىپ بىكاردىن-بۆلەك تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. يېزىدا ئۈرۈكلەر تۈۋىگە تۆكۈلۈپ كەتسە قاق بولىدۇ، قاقنى ساتسا پۇل، ئۈچكىسىنى چېقىپ مېغىزىنى ساتسا پۇل، ئۇنى قىلمىغان تەقدىردە جان-جانىدارلارنىڭ ئوزۇقىغا ئايلىنىدۇ-دە، بىكارغا كەتمەيدۇ،- دېدىم.
ئوغلۇم «ھە...» دېگىنىچە چوڭقۇر خىيالغا پاتتى.
بۇنداق ئىنتايىن ئاددىي مىساللار ئوچۇق قەلبلىك بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ كىچىك بولسىمۇ بىر تىپىك مىسالى بولالىسا كېرەك.
قېنى، ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتلىرىمىزنى ئوچۇق قەلبلىك تەربىيەلەش ئۈچۈن ھەممىمىز بۇرچ تۇيغۇسى يېتىلدۈرەيلى، بالىلارنى كەڭ تەبىئەتكە، ئانا سەھرالارغا ئاپىرايلى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31144
يازما
397
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
397
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
92 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 13:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ..............................................بالىنى مەنە مۇشۇنداق تەربىيلەش كىرەك ،كەڭ تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇش كىرەك ،مەن مۇشۇنداق ئويدا !! شۇڭىمىكىن بالامنى 1ياشقا توشماي تۇرۇپ نۇرغۇن يەرلەرگە ئاپىرىپ كۆرسۇتۇپ كەلدىم گەرچە ئۇ ھىچنىمە بىلمىسمۇ كۆزى بىلەن كۆرسىمۇ ھىساپ سەل چوڭ بولغاندا ئىش ئۇققىدەك بولغاندا جەنۇبىي شىجاڭلارغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلغاچ دەرىس ئۆتكۇم بار ،شۇنىڭ ئۇچۇن مەن ھازرىدىن باشلاپ تارىخى كىتاپلارنى ئوقۇپ ماتىريال توپلاۋاتىمەن .‹كارل ۋىتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىس ›ماڭا بەك تەسىر قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوغۇلۇمنى خەتمە يىشىغا توشقاندا خەتمسىنىلا قىلىپ شۇ تويغا خەجلەيدىغان پۇلنى ئوغۇلۇمغا خەجلەپ شىياڭگاڭ دىسنى باغچىىسغا ئاپىرىپ ئوينۇتۇپ دۇنيادا مۇشۇنداق  يەرلەرمۇ بار دەپ  ،شۇ كىچىك قەلبىدە ئۇنتۇلماس بىر ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ قويغۇم بار ،ھازىر تويدىكى ئىسراپچىلىقنى كۆرسەم يىغلىغىم كىلىپ كتىدۇ ئسراپچىلىق خىلىلا ئىغىر !!شۇنداق قىلىپ پۇلنى قانداق يەرگە خەجلەش ،ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدى ئىلىشنى ئۆگۇتۇشى ،ھەم يىزا قىشلاقلارغا جىقراق ئاچىقىپ تۇرمۇش ئۆگۇتۇش ، كۆپرەك ساياھەت قىلىش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىش !

UID
4302
يازما
362
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8658
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
99 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 14:41:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ بىر ئوغلۇم بار ئۇنى سەھرادا تۇغۇپ .سەھرادا قاتارغا قىتىۋاتىمەن .يەسلى يىشىغا توشقاندا ئۇنى ناھيىدىكى مەركىزى يەسلگە بەردىم ،بالىنى يەسلىگە بىرىش ئۈچۈنلا ناھىيىگە قايتىپ كىردۇق .شارائىتىنىڭ ياخشىلىقى ،مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقى ،سىرىتتىكى باللار ئوينايدىغان ئۇيۇن جاھازىللىرىنىڭ كۆپلىكى ھەممىلا كىچىك بالىنى ئەسىر قىلغۇدەك ئىدى .بىر يىل ئوقۇدى بىراق كۈندا يىغا يىغلاپ كۈنى ئۆتتى ،بىر يىل ئاسان ۋاقىتمۇ ئەنە كۆنىدۇ مانا كۆنىدۇ دەپ جاھىللىقىمغا ئىلىپ ئاپىرىۋەردىم .مەن ئەتتىگەندە ئاپىرىمەن بەزىدە مەن بىلەن بىللە يىنىپ كىلىدۇ .ئۇمۇ يىغلايدۇ كىتىمەن دەپ مەنمۇ يىغلايمەن قالىسەن دەپ ...ھازىر ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ .كىيىن مەھەللىدىكى بىر خەنزۇ ئىچىۋالغان تەييارلىق سىنىپقا بەردىم .شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ئىككى ئېغىز سىنىپ ،قالغىنى ئۆزىنىڭ ئۈيى ئەتىراپىدىن گەندە پۇرايدۇ.ئوقۇش ھەققىنىڭ قىممەتلىكى ....
نە تاماق .نە ئۇسسۇزلۇقتىن گەپ ئىچىش ئەمەس ئويلاش ئىھتىماللىقى يوق .ئەتتىگەندە ۋاقىتىدا ئاپىرىمىز.بولمىسا ئالقانغا تاياق 4سائەت مۇنتىزىم دەرس،چۈشتە ئىلىپ كىتىمىز چۈشتىن كىيىن 3سائەت دەرىس .ھىسىپتەك قىستىلىپ ئولتۇرغان قاتتىق ئورۇندۇق ...بىراق بالام بۇ يەرنى شۇنچىلىك ياقتۇردىكى ھازىرمۇ ھەۋەس بىلەن ئەسلەپ كىتىدۇ.شۇنچىلىك جىق نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋالدى ئىسىت مەركىزى يەسلىگە بەرگەن بىر يىللىق ھاياتى دەپ كىتىمەن بەزىدە ...
مۇھىمى بالىلارغا بىزنىڭ يارتىپ بەرگىنىمىز ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ تاللىغىنى ئىكەن .خەتنە توينى بىزمۇ قىلماي جىمجىت ياتقۇزىۋالايلى دەپ ئويلىغان ئىدۇق بىراق بالام ئاكامنىڭكىنى«ھەدەمنىڭ ئوغلى » قىلىپ نىمىشقا مىنىڭكىنى قىلمايسىلەر مەنمۇ ئاكامدەك ئاداشلىرىمنى ئايلاندۇرۇپ توي قىلغۇم بار دىدى .بىزمۇ قوشۇلدۇق .ھەم بىر كۈن بۇرۇن نۇرغۇن يەرلەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ ،ياساپ قويىۋىدۇق شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدى ئۆزىنى ..

باھا سۆز

مالىك  بىزنىڭ بۇ يەردە خەتمە توي ئىسراپچىلىقى بەك ئىغىر !! مەن بۇنىڭغا قارشى !!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 11:21:24

UID
49888
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2013-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 15:22:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىغا    تەشەككۇر   بولسۇن  ، بەكلا    ياخشى  تېما   ئىكەن   ،  بىزدەك   ئانىلار   ئۇچۇن   بالا  تەربىيلەشكە   تەربىيە   ئەھمىيتى   چوڭ  ئىكەن   ،قەلىمڭز   ھارمىسۇن  ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش