تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4256|ئىنكاس: 18

«ناۋا» پىروگراممىسىنى كۆرىۋاتامسىلەر؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15736
يازما
38
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن تېلېۋېزوردا تارقىتىدىغان ناخشا- پاخشىلارنى ئاڭلىمىغىلى. لېكىن يېزىغا ئۆتۈپ  ئەل ئىچى سازەندىلەرنىڭ ھەقىقىي يۈرەككە تېگىدىغان ناخشىلىرىنى ئاڭلاش شەرىپىگە ئېرىشىپ قالسام بېلىمنى يېرىم كۈن تىك تۇتۇپ قانماي ئاڭلاپ كېتىمەن، بەزىدە ھەتتا غۇلجا ئاھاڭلىرىغا بولىشىغا كاركىراپ جۆرمۇ بولىمەن. ناخشا- كۈينىڭ ھەقىقىي كۈچ-قۇدرىتىنى ئەل ئىچى سازەندە- ناخشىچىلىرىدىن ھىس قىلىمەن،  چۈنكى ئۇلار ناخشا ئېيتقاندا ناخشىنىڭ قات-قېتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ، كەسپى ناخشىچىلاردەك تېخنىكىنىڭ، رەسمىيەتنىڭ بويۇنتۇرىقىغا چۈشۈپ قالمايدۇ. ئۇلار ناخشىنى گويا جاھاندا ناخشىلا قالغاندەك ھەممىنى ئۇنتۇپ ئوقىغاچقا ناخشىمۇ ئۇلارغا جۆر بولسا كېرەك، ھەرقانداق يۇقۇرى ئاۋاز، ھەرقانداق قىيىن ئەگىتمىلەرمۇ ئۇلارغا بويسۇنۇپ بېرىدۇ. تۇرقىغا قارىساڭ قورساق سالغان، قاپقارا، سەت ئادەملەر، ئاق ھاراقنى پىيالىگە تولدۇرۇپ قۇيۇپ بەرمىسەڭ ھېساپ ئەتمەيدۇ، مۇزدەك پېۋىنى كاسترولكىغا لىپمۇ-لىق قۇيۇپ بەرسەڭ قوڭىنى دەستۇرخانغا بىر تەككۈزمەي تۇرۇپ ئىچىۋېتىدۇ. قانداق قىلىسەن، بۇ بىزنىڭ خەلق. سورۇنغا، ئادىمەتچىلىككە، پاراڭغا ئۆگەنگەن، يەنە ئەتىسى تۆۋە قىلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ گۇناھىنى ئاللاھتىن تېلەيدىغان خەلق. كەسپىنى سورىساڭ، بىرسى قارا دېھقان،  بىرسى سۇ كادىرى، بىرسى ئىچكىرىدىن يېڭىلا يېنىپ كىرگەن ئوغرى، يەنە بىرسى ئەيتاۋۇر ساقچى...ئۇنداق-بۇنداق ئىشلار بىلەن سەن بۇ يېزىغا، بۇ كەنتكە ئۈنۈپ قالىسەن، ئاندىن ئارىسىدىن بىرەر تونۇشۇڭ، بىرەر تۇققىنىڭ، ھەتتا ناتۇنۇشۇڭ چىقىپ قالىدۇ، ئاندىن گويا ساڭا مېھماندارچىلىق قەرزى باردەك ئالدىڭغا بېرىپ كۆرۈشىدۇ-دە، ئۇنىمىساڭ ئۇنىماي دوقمۇشتىكى كاۋاپخانىغا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلېفۇنلار سايرايدۇ، ئۇ يەردىن ئەمەت كېلىدۇ موتوسىنى گۈركىرىتىپ، بۇ يەردىن سەمەت كېلىدۇ ماشىنىسىدىن توپا توزۇتۇپ...شۇنداق قىلىپ بىر سورۇننىڭ شەپىسى كېلىدۇ-دە، قاچاي دەپمۇ قاچالمايسەن...قاچساڭمۇ نەگە باراتتىڭ، قاچما، ساڭا مېھرىنى بېرىۋاتقان، پېچىتى ئانچە بۇزۇلمىغان سۈيۈملۈك خەلقىڭ بۇ...ئاندىن مەسلىھەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كىمنىڭدۇر بىرسىنىڭ ئۆيىگە قايتىدىن دەستىرخان سېلىنىدۇ، بىر ئوغلاقنىڭ كاللىسى كېسىلىدۇ، چىۋىنلەر گىژىلداپ تۇرغان كاۋا بارىڭى، ئۈزۈم بارىڭى ياكى ئوچۇقچىلىق ئاستىغا سېلىنغان كىگىز كۆرپىگە چازا قۇرۇپ ئولتۇرىسەن. ئاندىن دۇتارنىڭ، تەمبۇرنىڭ، سازەندىنىڭ گېپى بولىدۇ، كىمدۇر بىرى تېلېفۇن سوقىدۇ، كىمدۇر بىر ئايىقى يېنىك مەن چاقىرىپ كېلەي دەپ موتوسىنىڭ تەپكۈسىنى يالاڭئاياقلا تېپىپ چوماقتەك چېپىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەقىقىي بىر سەنئەتلىك ھايات بىر نەچچە ئۇيغۇرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ مېھىر-مۇھەببەتنى شامدەك ئېرىتىدۇ...
راستىنى ئېيتقاندا، بۇنداق ئەل ئىچى ناخشىچىلاردا دىلشات راھىدىن، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدەك كەسپى ئاۋاز بولمىغىنى بىلەن ئەمما ئۇلاردا بار تەبىئىي پۇراق ۋە تەبىئىي ھېسسىياتنى دىلشات راھىدىن، ئابدۇللا ئابدۇرېھىملار بىر ئۆمۈر ئۆگەنسىمۇ ئەرزىيدۇ. بۇنى ئەل ئىچىدە مەشرەپ كۆرۈپ باققانلار، باراۋەت- مېھماندارچىلىقتا ئولتۇرۇپ باققانلار چوڭقۇر ھىس قىلالايدۇ.

ئەمدى دېمەكچى بولغان گېپىم بۇ يىل شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى «ناۋا» پروگراممىسىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ، قاچاندىن تارتىپ باشلىدى، ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدىم، 8 سان ئىشلەپ بوپتۇ. ھەر ھەپتىدە بىر سان بېرىدىكەن. تۆنۈگۈندىن بېرى بۈگۈنكى 8- سانىغا قوشۇپ تولۇق كۆرۈپ چىقتىم، ھەر ھالدا خېلى ھوزۇر بەخش ئەتتى. مەن مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك تەكلىپ بېرىشنى لايىق تاپتىم:
3- ساندىكى قاغىلىقلىق ئەل ئىچى سەنئەتكارىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىشىغا قارىماي بۇ پروگراممىغا قاتناشقىنى ماڭا بىر خىل يېڭىلىق تۇيۇلدى. ئۇنىڭ خالاستان ئۇسلۇبىدىكى ناخشا-ئۇسۇللىرى ئادەمگە گويا قەدىمىي ئۇيغۇرلارنى تىرىلدۈرۈپ ئەكىلىپ بەرگەندەك تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن. ھەر ھالدا شۇ بىر قېتىملىق ساننىڭ چېمپيونى بولدى، لېكىن ئايلىق چېمپيونلۇق تالىشىش جەريانىدا شاللىنىپ كەتتى.
مەن پەقەت ئەشۇ ئاكىمىز ئۈچۈنلا مۇشۇ تېمىنى يېزىش خىيالىغا كەلدىم. چۈنكى، قالغان سەنئەتچىلەرنى مەن مەيلى ياقتۇراي ياكى ياقتۇرماي، ئۇنداق ئىنتايىن ئادەتتىكى ئاممىباپ ناخشىلار ۋە ناخشىچىلار بىزدە 15 يىلدىن بېرى ئەزەلدىن كەم بولۇپ قالغان ئەمەس. گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا، 15 يىلدىن بۇيانقى ئاممىباپ ناخشىچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن خەلق ناخشىلىرى، ئەل ئىچى مۇغەننىلىرى ئېغىر دەرىجىدە كۆمۈلۈپ قالدى. مەن ھەتتا بىزار بولدۇم ئاتالمىش ئاممىباپ ناخشىچىلاردىن. قاچان بىرەر تورغا كىرىش ئۈچۈن ئۇلىنىش تورىنى ئاچسام ئالدى بىلەن بىر ناخشا ياڭرايدۇ، ھەممىسىنىڭ ئاھاڭى ۋە مەزمۇندا ھېچقانداق يېڭىلىق يوق، قۇلىقىمغا گويا مۇش بىلەن ئۇرغاندەك ياكى ئېشەك ھاڭرىغاندەك سەت ئاڭلىنىپ كېتىدۇ-دە، دەرھال ئۇنىڭ ئاۋازىنى يوق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خەلق ناخشىسىنى ئېيتقانلارمۇ يوق ئەمەس، لېكىن ئەسلى ئۇسلۇبى، ئەسلى پۇرىقى ئېغىر دەرىجىدە يوقىلىپ كەتكەن ياكى تېكىستلىرى ئېغىر دەرىجىدە پۈچەكلەشتۈرۈلگەن. ئاممىباپ ناخشىلارنى ئېيتسۇن، لېكىن ھېچبولمىغانمىدىمۇ ھەر يىلدىكى كەيپىيات، ئۇسلۇپ، پۇراقلاردا ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرسۇن، شۇنداق بولغاندا ئاندىن ئاممىباپ ناخشىچىلىق بولىدۇ ئۇ. مەن بىزنىڭ ئاممىباپ ناخشىچىلىقنى 15 يىللاپ ئىزىغا سەكرىگەن بىر ناخشىچىلىق دەپ قارايمەن. راستىنى ئېيتقاندا، ھازىرقى ناخشىچىلار زىيالىي ياشلار دەۋرىدىكى ناخشىچىلارغا يەتمەيدۇ، ئابدۇرېھىم ئەخمىدى، پاشا ئىشان، ھۈسەيىن تەمبۇر، غىياسىدىن بارات،  ئىمىنجان يۈسۈپ... دەۋرىدىكىلەرگە تېخىمۇ يەتمەيدۇ. ناخشا-ئۇسسۇل دەۋرى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ كەتتى، مەغلۇپ بولدى. ئاممىباپ ناخشىچىلىق يېڭىدىن باشلانغان ئەخمەتجان گېتار، ئەكبەر قەھرىمان، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم...لەر ۋەكىللىكىدىكى 90-يىللاردىكى جۇشقۇن مەنزىرە ھازىر قەتئىي يوق. بۇ ئاممىباپ ناخشىچىلىقنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىسپاتى!
شۇڭا مەغلۇپ قوشۇننىڭ ھالسىز ئەگەشكۈچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ يۈرمەيمەن. ھازىر بىز ئۇنتۇلۇش گېردابىغا بېرىپ قالغان ئەل ئىچى سەنئىتىنىڭ يورۇق كۆرۈشىگە بەكمۇ مۇھتاج.
ئەگەر «ناۋا»نى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلاي دېسەڭلەر ئەتىدىن كەچكىچە ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقىۋاتقان سويما بالىلىرىنى ئىزدەپ يۈرىۋەرمەي خوتەننىڭ يېزىلىرىغا بېرىڭلار، قەشقەرنىڭ تار كوچىلىرىغا كىرىڭلار، سېرىقبۇيىنىڭ شاكالئاۋاتلىرىغا بېرىڭلار، ئاقسۇنىڭ قاۋاقخانىلىرىغا، كورلىنىڭ نەشپۈتلۈك باغلىرىنىمۇ ئارىلاپ بېقىڭلار، غۇلجىنىڭ ئالمىلىق باغلىرىدا ياڭرىغان تارانچىلارنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى، مۇزىكا-كۈيلىرىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ. ئىشقىلىپ، خەلق بار يەردە ئەسلى سەنئەت بار...

قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى جۇلا يوللانمىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-7 21:27  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44014
يازما
130
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
6643
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1696
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-12
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچىلىرى كۆزۇمگە قەتئى سىغمىدى.ھازىرغا قەدەر قەتئى قۇبۇل قىلالمىدىم.

باھا سۆز

مالىك  مەنمۇ شۇ !  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
40338
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2013-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە يەنە شۇ ناخشا -ئۇسۇلنىڭ گىپىنى قىلىپ ، تەكلىپ- پىكىر بىرىپ ئولتۇرغۇچە باشقا ئىشقا زىھىن سەرىپ قىلساڭلار بولمامدۇ ؟

باھا سۆز

Rage  قۇللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
31618
يازما
144
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
144
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ...مەنمۇ شۇنداق ئويدا دوستلار

UID
52249
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2013-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-8
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
isajan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-8 01:11
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە يەنە شۇ ناخشا -ئۇسۇلنىڭ گىپىنى ق ...

قوللايمەن

UID
22356
يازما
200
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-12
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە يەنە شۇ ناخشا -ئۇسۇلنىڭ گىپىنى قىلىپ ، تەكلىپ- پىكىر بىرىپ ئولتۇرغۇچە باشقا ئىشقا زىھىن سەرىپ قىلساڭلار بولمامدۇ ؟
___________________________________
مەن مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردىلا ئەمەس 80 ياشقا كېرەلىسەممۇ شۇ چاغدا ناخشىغا كۆڭۈل بۆلىمەن ۋە تەكلىپ بېرىمەن. چۈنكى ناخشا- مۇزىكا، مۇقام، خەلق سەنئىتى ئۇيغۇرنىڭ زامان-زاماندىن بېرى يوقىلىپ كەتمىگەن يۈكسەك مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى. تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇرنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، قۇرۇلۇش تېخنولوگىيەسى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن كەشپىياتلىرى ئۇنىڭ ناخشا-مۇقام، ئۇسۇللىرى بىلەن جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولغان. ئۇيغۇرنىڭ ناخشا-مۇقاملىرى، بولۇپمۇ، خەلق ناخشىلىرىدا ئەشۇ شانلىق مەدەنىيەتنىڭ، ئەشۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ھىد- تامغۇسى بار، گەرچە باشقا ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئاجىزلاپ كەتكەن بولساقمۇ. ئۇيغۇرنىڭ ناخشا-مۇقامى ھەقىقىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىباھا تەۋەررۈكى.
كەمىنە شۇ ناخشا-مۇقاملىرىمنى كۈندۈز-كەچتە ئازادە، كۆڭۈللۈك، مەدەنىيەتلىك ئولتۇرۇپ ئاڭلىيالارمەنمىكىن دەپ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ پۇل تاپىمەن، ئىجات قىلىمەن، تەر تۆكىمەن.

باھا سۆز

korax001  نادىر ئىنكاس.بۇنىمىزنىڭ ئۇچىنى كۆرمەيلى.  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:53
tewip0991  بىزنىڭ ناخشائۇسۇلدىن باشقاھېچنىمىمىز يوقما؟  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
44014
يازما
130
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
17471
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
74
تىزىملاتقان
2011-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ناخشا ئۇسۇل ئىتوت سەنئەت دىگەن نىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەللەي بالام ئەللەي دەپ بىخوتلاشتۇرشتىن باشقا رولى يوق ... ئادەملەر ئۇلىۋاتىدۇ .. بىشىمىزدا جاللاتلارنىڭ قېلىچى ھەيۋە قىلىپ ئويناۋاتىدۇ ..كۇپۇنچە كىشىلەر سەنئەت ئارقىلىق ساختا خاتىرجەملىككە ئېرىشمەكچى بۇلىۋاتىدۇ  بۇنداق بىخوت ھالدا يارىماس تاماشالارنى قىلىشىپ يۇرۇش بىزگە ياراشمايدۇ ....

باھا سۆز

مالىك  شۇنداق ،ھازىر ناخشا مۇزىكنى مۇنازىرە قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەستى !!  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
anatil8  كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىپسىز مانا  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
4302
يازما
324
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8620
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-12
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «ناۋا» ياقتۇردۇم ،رىياسەتچىللىرىنمۇ ھەم ..ئۇلار مەن چۈشىنىدىغان تىلدا سۆزلەيدۇ.مەن غىڭشىيدىغان ئاۋازنى توۋلايدۇ.«ناۋا»نى قوللايلىكىن پۇتلىمايلى .

باھا سۆز

agimkax  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:54
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش