تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3953|ئىنكاس: 18

قەشقەر كىشىلىرنىڭ قوش بىسلىق گەپلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47450
يازما
10
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-8
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 23:05:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئاغىنىمىز بار شۇنداق قىزىقچى. بىر كۈنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ مۇشۇ لەتىپە چاقچاق توغرىلىق گەپ بولدى. بىز ھەممىمىز غۇلجىدىكى بىر نەچچە قىزىقچىللىرىمىزنىڭ گىپىنى قىلساق، بۇ ئاغىنىمىز قوپۇپ :-خاتالاشتىڭلار ،ئەمىلىيەتتە گەپنىڭ قىزىقىنى قەشقەرلىق قىلىدۇ،غۇلجىلىقنىڭ گىپىگە شۇ ۋاقىتتا كۈلسەڭ ، قەشقەلىقنىڭ گىپىگە ئويلىنىپ كۈلىسەن، ھەتتا بەزىدە دىگەن گىپىنى ئەتىسى ئويلىساڭ ئىچىڭگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئون مو يەرگە ئۇغۇت بولغىدەك سېسىق گەپ قىلىدۇ. مەن سىلەرگە بىر ئىككى پاراڭ قىلىپ بىرەي;- دەپ ،قەشقەر شىۋىسىدە ئاۋاز بېرىپ گەپنى باشلىدى....
*تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە:- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ. ************************************************************************************
بىرسى ماشىنىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلار ئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ :ھاجېېېېېم، قايدا چىراق بولسا ماڭىتىلەدېگىدەك. **********************************************************************
ئىككى قەشقەرلىق ۈرۈمچىدە جام ; دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ، قانچە پۇل بولدى دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى 220 كوي دىيىشىگە ، يانچۇقنى كولىغان بىرسى كەينىگە بىر قارىۋىتىپ ،#; بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ، ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ دىگىدەك. [
***********************************************************************************
بىرئاداش تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ ئولتۇراپ بوللىما~~، يەنە پىشكى ئوتۇرىۋالاملىيا دەپتىكەن ، ھېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ، ;باشقىغۇ ئىش يوقتى، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ، ئولتۇراپ قاپتىمەن دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى :;ماڭ قايلىسا، ئېۋۇ چىكەدىن ئۈتۈپ باغۇ، ئوڭغا قىيسىلا تۈز يول بار، شۇ يولنى بويلاپ، مېڭىۋەسىلە بۇنىلىرىغا پۇرايدا~، شۇ يەر شۇ دىگىدەك.**********************************************************************************
قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
-ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟  
*******************************************************************************
باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
- بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ...
- ياق، قۇيغان گىلەم. دىگىدەك تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ.
ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ.
-600 كوي.
- 300 كويغا كىلەما؟ - دىسە. گىلەمچى خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك:
ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە كىگىز بازىرى بار. [s:2]
*********************************************************************************
قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماششىنا توختىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگرۈپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماشىنىدىن ساقاللىقى تەمبەل بىرسى چۈشۈپتىكەن.
      تاڭجاڭ دەرھاللا دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتتى.
**********************************************************************************
&t;بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
- ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم
*******************************************************************************
بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدا ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟&
************************************************************************************
ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، ;بۈگەن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!; دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى تەرجىمە; قىلىپ دەپتۇ: "ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇquot;، شۇندىلا خوجايىننىڭ كاللىسى &t;تىرىڭt; قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ.
*******************************************************************************
ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي.
- لازا قانچە پۇل؟
- xx كوي...
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي xx مو.
يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغا ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟
***********************************************************************
تىببى ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا قەشقەرلىق ئاغىنەم بىلەن ئىككىمىز بىر ئىش بىلەن قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق،ئاغىنەم "ئاداش ئىشىكنى ئىچىڭلار 'دىسە ياتاقتىكى بالا قەستەنگە چاقچاق قىلىپ "ياتاقتا ئادەم يوق "دىگەنتى .ئاغىنەم تۇرۇپ كىتىپ ئەمىسە ئىشەك بولسىمۇ بولىدۇ دىمەمدا...نەتىجىدە ئىشىك ئىچىلدى... [s:2]
*********************************************************************************
ئۆتكەن يىل 8- ئايدا ئىدارىدكىلەرنى قەشقەرگە ساياھەتكە ئېلىپ بارغاندىكى قىزىق ئىش ئىسىمگە كەپقالدى : ھېيتگاھ بازىرى ئەتراپىدىن ياتاق ئېلىپ ئورۇنلاشقاندىن ئەتىسى كەچتە بىر ياتاققا بىللەن ئورۇنلاشقان خىزمەتدىشىم ئىككىمىز ھېتگاھ ئەتراپىنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن پەسكە چۈشتۇق ، بىزنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ بىنانىڭ ئالدىدا باركەن ئۈچىمىز بىرگە چۆگىلەپ خام بازىرى دىگەن يەرگە كەپقاپتۇق ، قاتىرىسىغا تىزىپ قويۇلغان يەرلىك شاپتۇلنى كۆرۈپلا ئۈچىمىز تەڭلا بىرىنچى باققالنىڭ ئالدىغان كىلىشىمىزگە :
- كەسە خېرىدار كەسە ، بەشىكېرەمنىڭ شاپتۇلى ، بارمۇ دېسەڭ يوق دەيمەن ....... يارىمىسا باكالىق .............
-كىلوسى نەچچە پۇل ؟
- 6 كوي غوجام ، تېتىپ كۆرسىلە ، يارىمىسا باكالىق
شوپۇر ئاكىمىز ئىككىلەنمەيلا بىر تال شاپتۇلنى يەپ بېقىپلا گەپ سۆز قىلماي شۇنىڭ يېنىدىكى ئىككىنچى تەنزىگە كېلىپ شاپتۇلغا قاراپ بولغۇچە بىرىنچى تەنزىدىكى باققال قوپۇپ : - ھاجېېېېېم ، مۇشۇنداق تېتىپ ئىشۇ باشقا چىقسىلا ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس ما ئىككى شىشىدەك خېنىملارنىڭمۇ قوسىقىنى تويدۇرۇپ كىتەلەيدىلا ........
- نىمانداق سېسىق گەپ قىلىلا .... ؟ ھېلى ئۆزلىرى يارىمىسا باكالىق دەپ توۋلاپ كىتىپبارمامتىلە ......؟ يارىغاننى ئالىدىغان گەپتە ............
- غوجوووووووووم يارىغان بولسا ئىۋۇنىمۇ يەمتىلە ......؟ ( سېۋەتتە خېرىدارلار يەپ دۆۋلەپ قويغان شاپتۇل شۆپۈكى ۋە ئۈچكىسى تۇراتتى )
نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ شاپتۇلنىمۇ ئالماي ئۇدۇل كىتىپ قالدۇق ، شۇ ئىزا تارتقانچە مېڭىپ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قاپتۇق بۇ يولنىڭ ئايىقى چىقامدىغان دەمسىلە ئىچكىرلەپ مېڭىۋەردۇق ، ئارقىمىزغا يېنىپمۇ باقتۇق، لېكىن كەلگەن يولنى تاپالماي ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى بولماي شوپۇر ئاكىمىزنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مەن بىر ئادەمدىن يول سورىدىم : - تىچلىقمۇ ئاكا ...؟ بۇ يولنىڭ ئاخىرى نەگە ئاپىرىدۇ ...؟
- قوقماي مېڭىۋېرىشسىلە ، ئىشقىلىپ ئۇ دۇنياغا ئاپامايدا ..........
-ھېتگاھ بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆزىمىزمۇ بىلمەي بۇ يەرگە كەپقالدۇق ، چوڭ يولغا چىقالماي يۈرىمىز ............
- يېڭى كىلىشكەن ئوخشىماملا بۇ يەگە ....؟ ئۆزلىرىمۇ شۇ بويلىرى بىلەن ئېزىپ كىتىدىغان ھاللىرىغا قىزباللىنى پىقىرتىمەن دېمەي ئۇخلاپ قاسىلا بوممامدۇ جانلىرىغا جاپا سامماي ................. ( بايىقى زەربىدىن ئېسىگە كىلەمەيۋاتقان شوپۇر ئاكىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۇجۇقۇپ تىلى گەپكىمۇ كەلمىدى .. )
- ھوي ، ئابدۇسەمىتاخۇن ، كونكاڭنى ئېچىقىپ مالىنى يەتكۈزۈپ قويە مەنزىلىگە ... بالدۇر كە جۇمۇ بالام ......... ؟
مىڭ رەھمەتلەر بىلەن يامان تەسلىكتە ياتاققا كەۋالدۇق .
***********************************************************************************
بىزنىڭ ناھىيىدە دەم ئېلىشقا چىققان ياكى ئۆيىدە ئىشى يوق چوڭلار ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېسە يەپ بولمىسا چاي پۈۋلىگەچ جاھاننىڭ گىپىنى قىلىپ ياكى بولمىسا لۇشاڭ ( سىنئالغۇ ) كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان بىر ئادەتمۇ بار چۇ - ! ( بۇ يەردە مەخسۇس چايخانا ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولغاچقا ) ، مۇشۇنداق چايخۇماردىن ئىككى ئادەم قەشقەرگە بېرىپ بىر تاماقخانىغا كىرىپ شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قاپتۇ ، كۈتكۈچى قىزمۇ سەۋرىچانلىق بىلەن بىر قانچە قېتىم چاي ئالماشتۇرۇپ بىرىپتۇ بولمىسا ، بىر چاغدا قارىسا كۆرىۋاتقان فىلىممۇ تۈگەپتىكەن بىر ئادەم يەنە بىرىگە : - ئەمدى چىقىلىمۇ ئامۇتاخۇن ، يەنە تېخى بىر مۇنچە يەر بار بارىدىغان ......
- شۇنداق قىلىلى .......... دەپ ئەمدى ئورنىدىن قوزغىلىپ مېڭىشىغا ، سەۋرى قاچىسى توشقان ئاشخانا خوجايىنى :
- ئوتتۇراشماملا غوجۇللۇرۇۇۇۇۇۇۇۇم .... دەنشى تۈگىسە چېكىت چىقىدا ....! ؛
***************************************************************************
   بىژ كۇنى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق ، بىرسى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى بەرمەي ماڭدى ،
ئاشپەز : قارىم تاماقنىڭ پۇلنى ، دىدى .
ھىلىقى كىشى : سەيدىن چىۋىن چىقتى ،
ئاشپەز دەرھاللا: سىلە يەپ بولغان 4 مومىدىن چىۋىن چىقمىغاندۇ؟ [s:2]

بىر كۈنى كەچلىك بازاردىن مايدا پۇشۇرۇلغان بېلىق ئېلىپ يەي دەپ بىر بېلىق سېتىۋاتقان ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپ خېنىم
بېلىق قانچە پۇل دېسەم دانىسى 4 كوي...دېدى،،مەن چاخچاخ قىلىپ 3نى 10 كويغا بېرەملا دېسەم ....ئۇ ئايال ..ھۇيت،،،،،،،،،،،،،غوجام دەرەخنىڭ كەينىدە ئېرىق بار ..شۇ يەردىن تۇتۇپ يېسىلە...جىق ئۇيەردە...



ئەسكەرتىش:بۇ تېمىنى باشقا تور بېكەتلاردىن توپلىغان ھەم غۇلجا قىزىقچىلىقىدىنمۇ بار،،،بۇ تېمىنى يۇمۇرنىڭ ئورنىدا يوللاپ قويدۇم..ئەزىزانە قەشقەرلىك دوسلارنىڭ خاتا چۈشەنمەسلىگىنى ئۈمۈد قىلىمەنتېپىلارما؟؟؟"[s

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44014
يازما
132
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 22:28:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
47449
يازما
69
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر كىشىللىرى ھەقىقەتەن ئىنكاسى تىز سۆزمەن دىدىتلىق كىلدۇ   قەشقەردە ھەممە ئادەم ئۇنداق پۇراقلىق گەپلەرنى قىلمايدۇ پەقەت ھىلقى گالدا گۇلدۇڭ ھاڭ دېسە ساڭ دەيدىغان، چۇس مىجەز، گەپلەرنى كۇۋادىراتقا  كۈتۈرۈپ ياكى يىلتىزدىن چىقىرىپ چۈشنىلۋادىغان قۇرۇق پاراڭنى تۆكمە قىلۋىتىدىغان ئۆزنى بىلەلەيمەيدىغان داۋخوۋ كىشلەرگە شۇنداق ئۇغۇتلۇق گەپلەرنى كەلتۈرۈپ قۇيدۇ ،،،

باھا سۆز

na_mard  قويىۋالغان ئسمىڭغا لەنەت، مەرەز،توخۇنىڭ پوقى، نەرىڭ ئۇيغۇر سېنىڭ؟  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

UID
10402
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
96
تىزىملاتقان
2011-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-7 22:28
راس گەپنى قىلاي،،مەن بۇ قوشبىسلىق گەپلەرنىڭ بىرىگىمۇ  ...

ماڭا قارا ئۇكام قەشقەرلىك سىنى بىر ئىسكىيەلمەي قالغان ما نىمىشقا ھەزلكەك دە بىرمۇنچە تىللايسە ئۆزۈڭنى بۈلىۋال ھە سىنى تىپىۋالماي يەنە

UID
10402
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
96
تىزىملاتقان
2011-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-7 22:28
راس گەپنى قىلاي،،مەن بۇ قوشبىسلىق گەپلەرنىڭ بىرىگىمۇ  ...


ھۇش كاللاڭ بىلەنرەك ئىنكاس يازارسە

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

باھا سۆز

پىداكار  قەشقەرلىك بالىلار ئاچاڭنى سىككەنمۇ ؟ ھاراملىق ،ئاپاڭدىن سوراپ باقە داداڭ  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
52607
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2013-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلغىلى ئىش تاپالماي ئۇرۇشۇپ ئويناۋاتامسىلەر؟ياخشى ئادەملەرمۇ ،ئەسكى ئادەملەرمۇ ھەممە يەردە بار.ئۆز-ئارا ھاقارەت قىلىش بىرتۇغقانلىرىنى تىللىغاندەك بولماسمۇ؟

UID
44014
يازما
132
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
44014
يازما
132
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
44014
يازما
132
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
50308
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئانا ‹ئانا تىل8› دېگەن مەرەز، توخۇنىڭ پوقى، ئەسلى يىلتىزىنى ئۇنۇتقان دەيۈز، سېنىڭ تىللاۋاتقىنىڭ باشقا كىشى ئەمەس ئۆزمىللىتىڭ، ئۆز قېرىندىشىڭ، ئەگەر سەن ئۇيغۇر بولماي  يات مىللەت بولساڭ داۋاملىق تىللاۋەر!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش