كۆرۈش: 675|ئىنكاس: 1

تىببى مەسلىھەت سۇرايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47449
يازما
91
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
91
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 22:08:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

          ئەسىللامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، تۆۋەندىكىدەك  بىر بىمار بار ئىدى تىببى مەسلھەت  سورىۋالسام،  تىۋىپ ياكى دوختۇرلار بولسا مەسلىھەت ئۇچۇر قايتۇرسڭلار دىگەن ئۈمۈتتە بىز  。
     ئەمسە گەپنى قىسقىلا باشلاي ،تاغام بارتى بۇ يىل 53ياش سوقۇر ئۈچەي بولۇپ قېلىپ دوختۇرغا ئېلىپ كىرسەك دوختۇرخانا بىر ھەپتىگىچە سوقۇر ئۈچەينى بايقاپ بولالماي (تاغامدا دىيابىت كىسلى بارئىدى ئۆزى سىمىز بەستىلىك ئادەم سۇقۇر ئۈچەي بۇلۇپ قالغىنىنى بىز مۇ قەتتى ئۇقمايمىز شۇنداق ئۇشتۇمتۇتلا ...كىيىن بىلدۇق )دىيابىتقا قارىتا داۋالاپ بىر ھەپتە ئاسما ئۇكۇل ئاستۇرغان ئىدى بىر ھەپتىدىن كېيىن تاغام پەقەت بولالمىغاندا ئاندىن سوقۇر ئۈچەيكەن دەپ دىياگىنوز قويۇپتۇ ھەمدە جىددىي ئوپېراتسيە قىلدى (دىيابىت كىسلى بار بىمار ئوپېراتسىيە قىلسا كەسكەن يەر تۇتمايدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتىنى ئۆتكۈزۋەتتۇق ،يېشى بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ يۇقىرى قان بېسىم باركەن ئوپېراتسىيە ئۇتۇقلۇق بولىشى 30پىرسەنت دەپ بىزنى بەك قۇرقاتتى )ئامال يوق ئوپېراتسىيە قىلغان ئاللاھنىڭ  شاپاھىتى بىلەن ئوپېراتسىيە ئۇتۇقلۇق بوپتۇ 15كۈن ئېغىر كېسەللەر ياتىقىدا ياتتى،  ھازىر خۇداغا شۈكرى خېلى ياخشىلىنىپ قالدى، ئەمدىكى مەسىلە ئوپېراتسىيە ۋاقتىدا قىلىنمىغاچقا يىرىڭ دەمدۇ سەل دەمدۇ شۇنداقراق بىر نەرسە توختىماي ئېقىپ چىقىدىكەن دوختۇرلار قۇۋۋەتلەنسە بارا-بارا ئېقىشتىن توختايدۇ دەيدۇ(ئەينى چاغدا ئوپېراتسىيە قىلغان ئورۇننىڭ ئاستىدىن تىشىپ شىلەڭكە سېلىپ قويغان  . سەل يىرىڭ شۇ يەردىن ئېقىپ چىقىدىكەن خالتىغا )  ھازىر مانا ئوپىراتسىيە قىلغىلمۇ 3ئايدىن ئېشىپتۇ سەل تېخىچە توختىماي ئېقىپ چىقىۋاتىدۇ . دەسلەپكى چاغلاردا سەل جىق چىقىۋالغان كىيىن بارابارا ئازلىغاندەك قىلغان يىقىنقى 15كۈندىن بىرى يانا سەل كۆپىيۋالدى ئوپىراتسيە قىلغان دوختۇرخانىغا جىق باردۇق ھازىرمۇ شۇيەردە دوختۇرلار بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ساقايتىدىغان داۋاسى تىخى يوق بۇنداق داۋاملىق ئېقىۋەرمەيدۇ بىر مەزگىلدىن كىيىن توختايدۇ دىگەن ھازىر مانا 3ئايدى ئاشتى تىخىچە شۇ پېتى تاغام بەك ياداپ كەتتى ئوپىراتسىيە قىلماستا ئىغىرلىقى 95كىلوئىدى ھازىر 3ئاي ئىچىدىلا 75كىلوغا چۈشۈپ قاپتۇ  ...شۇڭا مۇشۇ ئاققان سەل يېرىڭنى توختىدىغان ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ ئۇقاي دەپ ئۇشبۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
      ئەگەر مۇشۇنداق كىسەلنى يەنى شۇ ئاققان سەل يىرىڭنى داۋالاپ توختىتالايدىغان ئۇستا تىۋىپ دوختۇرلار بولسا  ياردەم قىلسىكەن مەسلەھەت بەرسىەڭلار بوپتىكەن  ئالاقىلشىپ بەرسەڭلارمۇ بىز ئۈچۈن چوڭ ياردەم ئىدى.  
ئەھۋال مانا شۇ يۇقارقىدەك .
  ئالدىراشچىلىقىمدا گەپلىرىم ئىگىز - پەس بولۇپ كەتتى، ھەممىڭلارنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم .  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47815
يازما
49
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:57:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىبا ئاقماس تىمىغا ئىنكاس يازىدىغانلار بۇ تىمىغا نىمىشقا يازمايدۇ. ئاز تولا بىلىمىنى ئاياۋاتامدۇ يا ؟   تىببىي بىلىمىدىن خەۋىرى بارلار يوقما ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش