كۆرۈش: 700|ئىنكاس: 4

ئۇلۇغ ئانا ۋە نوبىل مۇكاپاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47513
يازما
247
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
247
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 14:41:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                 ئۇلۇغ  ئانا  ۋە نوبىل مۇكاپاتى
                                                            
                                             مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى

                                                                 باشلانغۇچتا
__ ئوماق ئوغلۇم ،باتۇر ئوغلۇم ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،دۇنيا سېنىڭ ئالىم بولۇپ دۇنيانى زىلزىلىزىگە كەلتۈرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭلا قوياش ساڭا قاراپ كۈلىدۇ ، ئادەملەر سېنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا تەقەززا بولىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بولامدۇ ؟
__ يەنە بىردەم ئۇخلىۋالايچۇ ئاپا ...
__ قارا ئوغلۇم ، قوياش سېنى چاقىرىۋاتىدۇ ، دۇنيا سېنىڭ تۇرۇشۇڭنى چاقىرىۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بولۇش ئۈچۈن يولغا ئاتلانغىن .
__ ئانا ،مەن سومكىنى ئارتىپ  نەگە بارىمەن ؟
__ ئالىم بولىدىغان يەرگە ،سەن دۇنيانى ئۆز قولۇڭغا ئالىدىغان يەرگە بارىسەن ،ئوغلۇم .
__ لىكىن قوشنىمىز ئەخمەت مەكتەپتە ئوقۇساڭ پايدىسى يوق ،ساۋادىڭ چىقسىلا بولدى دەيدىغۇ ؟
__ چۈنكى ئۇلار ئاشۇنداق قاراپ كەلگەن ،شۇڭا مەكتەپتىن  كىرەكسىز بولۇپ چىققان .
__ ئەمىسە سەنچۇ ؟ سەن قانداق ئوقۇغان ؟
__ مەن ئوغلۇمنى ئالىم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ئوقۇغان .
__ ھە.. بىلدىم .
...............
__ ئاپا ،مەن بىر ھېسابنى ئىشلىيەلمىدىم ، قانداق قىلىمەن ؟
__ قايتا سىناپ باق .
__ يەنە ئىشلىيەلمىدىم ،مەن دۆت ئوخشايمەن ،سىنىپتىكى بىرمۇنچە بالىلار ئاسانلا ئىشلىيەلەيدۇ .
__ ئالدى بىلەن چۈشكۈنلۈكنى توختات ،ئۈمىدلەن ، يەنە سىناپ باق ،مەن ساڭا ئىشىنىمەن ئوغلۇم.
__ئاپا ! ئاپا !  راستىنلا ئىشلىيەلىدىم .
__ ئوماق ئوغلۇم ،سەن بەكمۇ ئەقىللىق .
                     
                                                                   تولۇقسىزدا

    __ ئوماق ئوغلۇم ،باتۇر ئوغلۇم ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،دۇنيا سېنىڭ ئالىم بولۇپ دۇنيانى زىلزىلىزىگە كەلتۈرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭلا قوياش ساڭا قاراپ كۈلىدۇ ، ئادەملەر سېنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا تەقەززا بولىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بولامدۇ ؟
__ يەنە بىردەم ئۇخلىۋالايچۇ ئاپا ...
__ قارا ئوغلۇم ، قوياش سېنى چاقىرىۋاتىدۇ ، دۇنيا سېنىڭ تۇرۇشۇڭنى چاقىرىۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بولۇش ئۈچۈن يولغا ئاتلانغىن .
__ ئاپا ،مەن زىھىن سىناش مۇسابىقسىدە بىرىنجى بولدۇم ،مەندىن بۆلەكلەر بەك دۆت ئوخشايدۇ .
__ ئوغلۇم ،سەندىن بۆلەكلەر دۆت ئەمەس ،پەقەت سەندىن بىر نەچچە مىنۇت ئاستا پىكىر يۈرگۈزىدۇ ،دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە  سەندىنمۇ تىز پىكىر يۈرگۈزىدىغانلار بولۇشى مومكىن ،شۇڭا سەن ئۈچۈن ئەڭ موھىمى ئۆزۈڭدىن ھالقى ،باشقىلاردىن ئەمەس .
__ ئاپا ،قارا ،مەن پاقىنى  نەچچە كۈن كۈزىتىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئۇخلاش ،تاماق يىيىش قاتارلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللەپ چىقتىم .
__ يارايسەن ئوغلۇم ،مانا بۇ سېنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭنى چۈشەندۈرىدۇ ،ئەمدى بۇلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغىن .
__ دەرىسلىرىمنىچۇ ؟
__ دەرىسلىرىڭ پەقەت سېنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورال،ئۇنى ئىشلىتىشىڭ شەرت ئەمەس،تەتقىقاتىڭنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئاخىرىغار چىقارغىن .
__ ئاپا ، مۇئەللىم مىنى ماختىدى ، مەن شەھەر بويىچە داڭلىق ژۇرنالغا ئىلمىي ماقالەمنى ئىلان قىلدۇردۇم ، مەكتەپ مىنى ئالاھىدە مۇكاپاتلىدى .
__ ئوغلۇم ،يادىڭدا بولسۇن ، سېنى ماختاش پەقەت سېنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ، ھەرگىزمۇ سېنىڭ توختاپ قېلىشىڭ ئۈچۈن تورموز ئەمەس . ئىزدىنۋاتقان ئەڭ موھىم ئىشىڭدىن ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ . ئىلىم پەننىڭ چوققىسى سېنىڭ يىتىپ بېرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ .
__ بىلدىم ،ئاپا ،مەن يەنىمۇ تېرىشاي .

                                                                تولۇقتا
  __ ئوماق ئوغلۇم ،باتۇر ئوغلۇم ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،دۇنيا سېنىڭ ئالىم بولۇپ دۇنيانى زىلزىلىزىگە كەلتۈرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭلا قوياش ساڭا قاراپ كۈلىدۇ ، ئادەملەر سېنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا تەقەززا بولىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بولامدۇ ؟
__ بولىدۇ ئاپا .
__ ياخشى ئوغلۇم ، ئالىم بولۇشقا ئاتلان ئەمىسە .
__ ئاپا ،مەن بىر تىمىنى تەتقىق قىلغىلى بىر يىل بولدى ،ۋاز كىچەيمىكىن .
__ نىمىشقا ؟
__ ئۇنى تەتقىق قىلىشقا ۋاقىت يەتمىدى ،مۇھەببەتلىشىۋاتىمەن ، بارغانسىرى كاللام ئاشۇ قىز بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كىتىپ بارىدۇ ،ئۇ كۈندە ئۆزىگە ھەمراھ بولىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ ، ئاپا ، مەن ئالىم بولۇشقا ماس كەلمىگىدەكمەن .
__ ئوغلۇم ،مۇھەببەتلىشىش ساڭا لەززەت ئاتا قىلىدۇ ، لىكىن بىلىپ قوي ،ھەقىقى سېنى قوللايدىغان قىز ھەرگىز سىنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا توسالغۇ بولمايدۇ ، دىمەك ئۇ قىزنىڭ سېنى سۆيۈشى بىر ئالدامچىلىق ،ياكى ساڭا ماس كەلمەيدۇ ، بىلىپ قوي ،چوڭ ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئەزەلدىن ئۆز يولىدىن قايتقان ئەمەس .
__ بەلكىم شۇنداقتۇر ئاپا ،
__ ئويلىنىپ باقارسەن
__ ئاپا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم ،ئۇ باشقا بىرىنى تېپىۋاپتۇ ...
__ ساڭا مەنسۇپ ئەمەس نەرسە ياكى ئادەم ھامان سېنى ساقلىمايدۇ ،ھامان سەندىن ئايرىلىدۇ ، پەقەت ئۇلۇغ ئىشلىرىڭلا سىنى مەڭگۈ تاشلىمايدۇ ئوغلۇم ، مەن ساڭا ھەمراھ .سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن ،سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن   .
__ رەھمەت ئاپا . مەن ئىشلىرىمنى باشلاي .
__ ماقۇل ،ئاللاھ ئىشلىرىڭنى ئاسان قىلسۇن .
__ ئاپا ، مەن چەتئەلگە چىقىپ زىھىن سىناش مۇسابىقسىگە قاتناشتىم ،لىكىن مەغلۇپ بولدۇم . مەن بەك دۆت ئىكەنمەن .
__ چۈشكۈنلەشمە ئوغلۇم ،دۇنيادىكى  ئۇلۇغ ئالىم دەل مۇشۇنداق مەغلۇبىيەتتە سىنىلىدۇ ،چۈشكۈنلىشىش سېنى بۇ يولدىن يىراقلاشتۇرىدۇ ، مەغلۇبىيتىڭ پەقەت سېنىڭ يەنە تېرشىپ ئىزدىنىشڭ كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ خالاس .
__ ماقۇل ئاپا ،مەن يەنە ئىزدىنەي .

                                                          ئالىي مەكتەپتە
  __ ئوماق ئوغلۇم ،باتۇر ئوغلۇم ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،دۇنيا سېنىڭ ئالىم بولۇپ دۇنيانى زىلزىلىزىگە كەلتۈرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭلا قوياش ساڭا قاراپ كۈلىدۇ ، ئادەملەر سېنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا تەقەززا بولىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بولامدۇ ؟
__بولىدۇ ، ئاپا ،مەن مەكتەپنىڭ تەجىربىخانىسىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى بۈگۈن  ئالدىم ،ئۇلار مېنىڭ نەتىجىللىرىمنى كۆزدەتۇتۇپ مېنى تەقدىرلەپ بۇنى بەردى ،سېنىڭچە مەن ئالسام تۇتسام بولارمۇ ؟
__ ئۆزۈڭ بەلگىلە .
__ ئاپا ،مېنى مەكتەپنىڭ سەنئەت ئىشلىرغا مەسئۇل قىلىدىكەن ،قانداق قىلىمەن ؟
__ ئۆزۈڭ بەلگىلە .
__ ئاپا ،مەن ئۆز خائىشىم بويىچە ئىككى تەتقىقات تۈرىنى تاماملاپ ،چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم ،مەن  قانداق قىلىمەن؟ بارايمۇ  ؟
__ ئۆزۈڭ بەلگىلە .  
__ ئاپا، مەن چەتئەلدە قېلىپ تەتقىقات بنىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم  ،ئەمدى ئالىم بولۇشقا ئاز قالدى ،خۇشال بولدۇڭمۇ ؟
__ ياق .
__ نىمىشقا ئەمدى ؟
__ مەن سېنى ئۇلۇغ  ئالىم بولغاندىن كىيىن ئاندىن تەبرىكلەيمەن ،ئاندىن خۇشال بولىمەن ،شۇ ۋاقىتقىچە سەن يەنىلا شۇ ئادەتتىكى ئادەم .

                                                                نوبىل مۇكاپاتى سەھنىسىدە

__ ئوغلۇم ،قەھرىمانىم، ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،بۈگۈن ئۆزۈڭنىڭ رولۇڭنى دۇنياغا تونۇتۇپ ، دۇنياغا سېنىڭ ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىققانلىقىڭنى جاكارلايدىغان ۋاقىت كەلدى .
__ كۆپچىلىككە رەھمەت ،مىنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىپ ئالىم بولۇشۇم  ھەرگىزمۇ مىنىڭ ئالاھىدە .ئقتىدارىم  بولغانلىقىم  ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى مىنىڭ  بىر ئۇلۇغ ۋە سەۋىرچان ئانامنىڭ بولغانلىقىدا ، مىنىڭچە بۇ مۇكاپاتنى ئانام ئېلىشقا ھەقلىق .

                                                                                                                                                               2013.07.05(تىيەنجىن)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53525
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-11
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 08:59:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس!
ئەمما شارائىت،شارائىت يەنە شارائىت !ئاۋۋال ئەنە شۇنداق ساپالىق ئانىلارنى تەربىيىلەشكە بىزدە كەم بولىۋاتقان شارائىت................

UID
52607
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2013-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 14:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپالىق ئانىمۇ مۇھىم ، ئىچكى ئامىل تېخىمۇ مۇھىم.ئىرادىلىك كىشىلەرلا مەنزىلگە يېتەلەيدۇ.شارائىتنى باھانە قىلىۋېلىش ئىرادىنىڭ ئاجىزلىقى.ئەمەلىيەتتە مەنمۇ شارائىتنى باھانە قىلىدىغان ئىرادىسىزلادىن...

UID
49888
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2013-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 11:21:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس     ياخشى   تېما  ئەكىلىپسىز    ،  بولۇپمۇ   بىز   ئانىلارنىڭ   شۇنداق   ياخشى   پەرزەنت   تەربىيلىشىمىزگە  پايدىلىق    قىممىتى    ياخشى    بولغۇدەك   ،رەھمەت   سىزگە ،  قەلىمىڭز   توختاپ   قالمىسۇن ،  يەنىمۇ   ياخشى  ئەسەرلىرىڭزنى   كۇتىمەن  

UID
47513
يازما
247
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
247
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 13:17:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە ،ماتىرياللارغا  قارغاندا 95 پىرسەت نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەرنىڭ  ھەممىسى دىگۈدەك ئانىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مۇۋاپىقيەت قازىنىپتىكەن ،شۇڭا مەن مۇشۇ قىسقا ئەسەر بىلەن كىچىككىنە بىر كارتىنىنى ئىپادىلەپ قويدۇم ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش