شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2013 - يىللىق دەرىجىدىن تاشقىرى رىياسەتچى تاللاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلىۋىزىيەسى (شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى1-قانىلى)نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى رىياسەتچى تاللاش باسقۇچىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە رىياسەتچى تاللاش خىزمىتى ئاياغلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قانال ئۈچۈن تاللانغان 28 نەپەر ماھىر توردا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق جەمئىيەتتىن پىكىر تەكلىپ قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ،28 نەپەر ماھىر ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن زىننەتگۈل قەييۇم،ئۈمىد پەرھات ۋە ئەنقەر قاتارلىق ئۈچ نەپەر ماھىر تاللانغان بولۇپ،ناۋادا بېلەت تاشلاشتىن ئوڭۇشلۇق غەلبە قىلالىسا شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلى دەرىجىدىن تاشقىرى رىياسەتچىسىگە ئايلىنالايدۇ(شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ ئايرىم تاللىنىۋاتىدۇ)توردىكى بېلەت تاشلاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە زىننەتگۈل قەييۇم بىر قەدەر يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن،بىراق ئومۇمىي ماھىرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا پەرق بار،شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ بېلەت تاشلىشىنى ، رىياسەتچىلىك سېپىدىكى بۇ ئىزباسارلارغا ئوتۇق تىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بېلەت تاشلاش ئادرېسى:
http://www.xjtvs.com.cn/special/host/vote/list.shtml
ئىسىم - فامىلىسى: زىننەتگۈل قەييۇم
يۇرتى : كورلا شەھىرى
ئوقۇش تارىخى تولۇق كۇرس
توغۇلغان ۋاقتى : 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىيەنجىن تەنتەربىيە ئىنىستىتوتى ئاخبارات ئىلمى كەسپىنى پۈتتۈرگەن
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار بۇ يەردە
http://www.xjtvs.com.cn/special/host/photo/2013-7-1/1372674219164.shtml