كۆرۈش: 790|ئىنكاس: 3

ئىسلام ئەخلاقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

تۇخۇمنى تاشقا ئۇ

UID
9429
يازما
107
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3438
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-6
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 22:08:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



بسم اللە الرحمن الرحيم

كىرىش سۆز
ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پەرۋىشچىسى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر .ئاللاھ تائالانى چىن يۈرەكتىن مەدىھيلەيمەن ۋە ئۇنىڭ غا شۈكۈر قىلىمەن .ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامغا دۇرۇد ۋە سالام يۇللايمەن .ئۇنىڭ ئائېيلە تاۋابئاتلىرىغا ،ساھابىلىرىگە ۋە تاكى قىيامەت كۈنۈگىچە ئۇنىڭ يۇلىدا ماڭغان مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا بەخت-سائادەت تىلەيمەن .

ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ :‹‹مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تۇلۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم ›› دېگەن سۈزىدە ئپادىسىنى تاپقان ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ غايىسى قىلىنغان ئسلامى گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۈگۈنۈپ، ئۈزلىرىنى ئسلاھ قىلىشقا ۋە مۇسۇلمانلىقىنى تۇلۇقلاش ئارقىلىڭ قايتىدىن قەد كۈتۈرۈشكە نەقەدەر زور ئېھتىياجلىق بۇلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى ياكى چۆكىشى ئۇنىڭ ئەخلاقىغا باغلىق .

مىسىرلىق ئاتاغلىق ئەھمەد شەۋدى مۇنداق دەپ يازغان .
إنما الأمم الأخلاق مابقيت فإن ەم ذەبت أخلاقەم ذەبوا
تەرجىمىسى :ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر
‏ئايرىلغانلار ئەخلاقتىن زاۋاللىققا ھامان كىتەر .

ئەخلاق ئەنە شۇنداق مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل .

مۇھەممەد يۈسۈپ
ھىجرىيە 1431يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
مىلادىيە 2010-يىلى 24-مارت



ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمىي بايان

بىرىنچى بۈلۈم

ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

ئەخلاق ئىنساننىڭ رۇھىدا يەرلىشىپ ئادەت ھالىغا كەلگەن قىلىقلار بۇلۇپ ، ئادەمنىڭ ئىش-ھەركتى ،گەپ-سۈزى ،ئديىسى ،مىجەز- خۇلقى ،مۇئامىلە ،مۇناسىۋىتى ، ئۈرۈپ- ئادىتىنى ئۈلچەملەشتۈرۈپ قىلىپقا سالىدىغان مىزان .
ئەخلاق -كۈندىلىك تۇرمۇشتا چىتىلىدىغان دائېرسىنىڭ كەڭلىكى ،ئۇمۇمىيلىقى ،رۇلى ، تەسىرى ۋە تەربىيە جەھەتتىن مەنىۋى كۈچلەرنىڭ سەرخىلى ھىسابلىنىدۇ

گۈزەل ئەخلاق

گۈزەل -ئەخلاق ئۈزىمىزگە ،ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ، جەمىئەتكە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بۇلغان، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن ۋە دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئەخلاقلاردۇر . بۇ .ئسلامىى گۈزەل ئەخلاقمۇ دىيلىدۇ .
گۈزەل ئەخلاق دائىرسىگە كىرىدىغان ياخشى ئشلار ۋە ئادەتلەر ئىنتايىن كۇپ ، ئۇلارنىڭ قىسقىچە بايانى مۇنداق : گۈزەل ئەخلاق- ھەر ئشتا تۇغرا ،ئادالەتلىك ، راسچىل بۇلۇش ،ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ، ئامانەتكە ئىشەنچىلىك ،سۇيگۈ -ۋاپالىق،ئمان- ئتقادلىق بۇلۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان ،ئاتا ئانىغا ۋاپادار ،ئۇرۇق- تۇققانلرىغا كۈيۈمچان ، خۇشنىلارغا ئەپۇچان ، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بۇلۇش
مەيلى دۇنيالىق بۇلسۇن ، مەيلى ئاخىرەتلىك بۇلسۇن ئۈز ۋەزىيپىسنى بىلىش ۋە ئۈز ۋاقتىدائۇرۇنداش خاتالىقىنى دادىل ئتراپ قىلىش ، ئەدەبى جاسارەتلىك ،سىخى مەرد پاكىز ، مەدەنىيەتلىك ، كۈكسى كەڭ بۇلۇش ، ھەر ئىشتا ھەقىيقەتنى كۈزلەش ، ئۈزىگە ئىششىنىش ، ئۈزىگە يۈلنىش ،ۋىجدانلىق ،غۇرۇرلۇق بۇلۇش، نۇمۇسنى ساقلاشنى بىلىش ، ۋەتەنگە خەلىققە ۋە پۈتۈن ئنسانلارغا مەنپەئەتلىك بۇلۇش ۋە باشقىلار .....................

يامان ئەخلاق

يامان ئەخلاق ئۈزىمىزگە ئەتىراىمىزدىكىلەرگە ، جەمىيىتىمىزگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بۇلغان ، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ۋە دىنىمىزدا تۇسۇلغان ئشلاردۇر .
يامان ئەخلاقنىڭ تۈرلىرى ئنتايىن كۈپ ، ئۇلارنىڭ قىسقىچە بايانى مۇنداق : يامان ئەخلاق -يالغان ئېيتىش ، ئالدامچىلىق قىلىش ، ھارام يىيىش ئاتا ئانىنى قاخشىتىش ، ئائىلىسىدىكىلەرنى رەنجىتىش ، خۇشنىلارنى ئازارلاش ، خىزمەتداشلىرىغا چۇڭلىق قىلىش ، باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ، تۈھمەت قىلىش كۈرەلمەسلىك ، قۇرقۇنچاقلىق ، سۈزىدە تۇرالماسلىق ھايۋانلارنى قىيناش ، ھۇرۇنلۇق ، تەمەگەرلىك
، پۇرسەتپەرەسلىك ، پىتنىخۇرلۇق غەيۋەتخۇرلۇق ۋە باشقىلار ..........

ئسلام دىنىدا ئەخلاق چۈشەنچىسى

دىنىمىزنىڭ بۇيرىغان ۋە تۇسقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتلىك قىلىشنى ۋە ئىنسانلارنى ئەڭ ئسىل ئەخلاقلارغا ئېرىشتۈرىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلغان .
ئنسانلار دىنىمىزدا بۇيرۇلغانلارنىڭ ھەممىسىگە تۇلۇپ ئەمەل قىلىدىغان بۇلسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ ئسىل ئەخلاقلارغا ئىگە بۇلغان بۇلىدۇ .
چۈنكى دىنىمىزنىڭ بۇيرىغانلىرى ۋە تۇسقانلرىنىڭ ھەممىسى ئنسانلارنى ئۈزلىرىگە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەتراپىدىكىلەرگە جەمئەتكە مۇھىتقا ۋە پۈتۈن ئنسانىيەتكە زىيانلىق بۇلغان

بارلىق ناچار ئەخلاق
ۋە يامان خۇيلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ پايدىلىق ئشلارغا يۇزلەندۈرىدۇ .

ئادەم ئەخلاقي تەربىيە ئارقىلىقلا ھەقىيقى ئادەم بۇلۇپ يېتىلىدۇ .ئەۋلادلارغا ئىلىپ بىرىلغان ئەخلاق تەربىيىسى قەيەردە ياخشى ئېلىپ بىرىلسا ،شۇيەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىديىۋى ساپاسى ،مەدەنىيەت ساپاسى ئەخلاق ساپاسى تەن ساپاسى ياخشى بۇلىدۇ .
ئەخلاقى تەربىيە ئارقىلىق ئەۋلدلارغا قانداق ئادەم بۇلۇش ، قانداق غايە تۇرغۇزۇش دەۋىرگە ماس قەدەمدە قانداق ئىلگىرلەش ، قانداق قىممەت يارىتىش ، نىمىنى قلىش، نىمىنى قىلماسلىق ، نىمىنى سۈيۈش، نىمىلەردىن نەپرەتلىنىش ، تۇغىرسىدا تەلىم بىرلىدۇ .

ئىنسانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئككى تەرىپى بار بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ماددى تىرىپى تەن ، مەنىۋى تەرىپى رۇىھ دەپ ئاتىلىدۇ . رۇھنى كۈرگىلى بۇلمايدۇ ئەمما ئنىسان رۇھىنىڭ ئەسىرى بۇلغان گۈزەل خۇلۇقلارنى كۈرگىلى بۇلىدۇ. بۇلارنى ئەخلاق دەيمىز . ئەخلاق - ياخشى ئەخلاق - ۋە ناچار ئەخلاقتىن ئىبارەت ئككى تۈرلۈك بۇلۇپ ، ياخشى ئەخلاق ئۈزىمىزگە ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ، جەمىيىتىمىزگە ، ۋە پۈتۈن ئنسانىيىتكە پايدىلىق بۇلغان ، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن ، دىنىمىز ئۇنىڭغا بۇيرىغان ئەخلاقلاردۇر .
يامان ئەخلاق ئۈزىمىزگە ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ،جەمىيەتكە ۋەپۈتۈن ئىسانىيەتكە زىيانلىق بۇلغان ، دىنىمىز نىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ۋە دىنىمىزدا تۇسۇلغان قىلىقلاردۇر .

مەنبە بىلوگىمغا يازغانلىرىم :http://vardar.blogbus.com/


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51176
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 19:44:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەخلاق دەيدىغان گەپ يوق، يامان ئىللەت دەيمىز، ئەخلاق دىگەننىڭ ئۆزى ياخشى دىگەن مەندىكى گەپ، مەسلەن: ئەخلاقلىق، ئەخلاقسىز دىگەندەك، بۇنۇنى چوقۇم تۈزتىش كىرەك.

UID
15872
يازما
124
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
214
تىزىملاتقان
2011-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
158 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 17:09:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yaprak1 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 19:44
يامان ئەخلاق دەيدىغان گەپ يوق، يامان ئىللەت دەيمىز، ئە ...

قارىغاندا تىلنىڭ مەنىسىنى مەزمۇنغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈنىشىڭىز يىتەرلىك ئەمەس ئوخشايدۇ . يامان ئەخلاق دەيدىغان گەپ يوق ئەمەس --- بار . كۆپرەك كىتاپ ئۇقۇسىڭىز بۇنداق ئاتالغۇنىڭ بارلىقىغا چىن پۈتۈپ قالىسىز .

UID
7895
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-20
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 12:29:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا داۋامى يوققۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش