- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 66
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 131
- تىزىملاتقان
- 2011-10-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-12
- UID
- 15718
- يازما
- 66
- تېما
- 7
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 131
- تىزىملاتقان
- 2011-10-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-12
- توردا
- 115 سائەت
|
بۇ تىما ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئىلىم-پەن قىزغىنلىقى قوزغاش، دۇنياۋى بىلىملەرگە تەلپۈنۈش ئىستىكى ھاسىل قىلىش ۋە ئىلىم پەن ساھەسىدە دۇنياۋى شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلىم پەن ھەۋەسكارلىرىنى ئېلھاملاندۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئانا تىلىمىزدا پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە يىزىلغان. بۇ تىمىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلار شىۋىتسىيە خان جەمەتى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى ئورگان تورى (http://www.nobelprize.org) دىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، شۇڭا بۇ تىمىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئائىت مەزمۇنلار بىردەك مۇتلەق توغرىلىققا ۋە مۇشۇ ساھەدىكى ئۇچۇرلار ئىچىدە ئەڭ ئالىي نوپۇزغا ئىگە. مەن بىئولوگىيەگە ئائىت بىلىملەرنى پەقەت تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچىلا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بولغاچقا ئاتالغۇلاردا ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىسمىنى قېلىپقا چۈشۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشتە بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلمىغان بولسام ھەيران قالىمەن. ئەگەر يىتەرسىزلىكلەرلەر بايقالسا ئۇستازلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر، تۈزۈتۈش بىرىشلىرىنى سورايمەن.
-بىلگەجان (2013-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 30-كۈنى، ئامرىكا)
بۇ ماقالە تۆۋەندىكى ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئەلفىرەد نوبېلنىڭ ۋەسىيتى ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار
3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى
4. نوبېل جېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى
5. بىر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبخانىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئىككى كەلىمە ھېكايە
6. ئاپتورنىڭ ئاخىرقى سۆزى
1 .ئەلفىرەد نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
ئەلفىرەد بېرنخارد نوبېل 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ قورال-ياراق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى تۈپەيلى، خېمىيىلىك پارتلاتقۇچ دورىلارنى سىناق قىلغان. 1664-يىلى بىر قىتىمىلىق ئەجەللىك پارتلاشتا ئۇنىڭ ئېنىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇ بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پارتلاتقۇچ دورا - دىنامىتنى كەشىپ قىلغان. نوبېل ئۆزىنىڭ غايەت زور بايلىقىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن.
1888-يىلى نوبېلنىڭ ئىنىسى لۇدۋېگ فىرنسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن. فىرانسىيەدىكى بىر گېىزىت خاتالىشىپ لۇدۋېگ نوبېلنىڭ ئورنىغا ئەلفىرەد نوبېلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى گېزىتكە باسقان ۋە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. ئەلفىرەد نوبېل بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن قانداق ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى فىزىكا، خېمىيە، مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەر ۋە تىنچلىق ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى نەتىجە قازانغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە نىمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئۇ 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ سان رېمو شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا باج ۋە مىراسنى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 31 مىليۇن 225 مىڭ شىۋىت كروناسىنى (بۇ پۇل 2008-يىلىدىكى 250 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان) نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىشكە قالدۇرغان.
نوبېل 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىستىكى بىر شىۋىتلار-نورۋېگىيلىكلەر قاۋاقخانىسدا ئۇنىڭ ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ ئاخرىقى ۋەسىيتىگە ئىمزا قويغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيتى ئوقۇلغاندا شىۋىتسىيە ۋە خەلقىئارادا زور بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان چۈنكى ئۇ مال مۈلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىر مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيتىگە قارشى چىققان ۋە ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشقا تاللىغانلار بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى رەت قىلغان. ئۇ ۋەسىيىتىدە «ئىنسانلار جەمئىيتى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەن. ئاخىرى 1901-يىلى نوبېلنىڭ ۋاپاتىدىن 5 يىل ئۆتكەندە ئاندىن تۇنجى قېتىملىق نوبېل فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق مۇكاپاتلىرى تارقىتىلغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ۋە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى شىۋىتسيە پەنلەر ئاكادىميىسى تەرىپىدىن، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى سىتھوكلىم ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نورۋېگىيە پارلامىنتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. 1968-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى Sveriges Riksbank نوبېلنى خاتىرلەش يۈزسىدىن نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى تارقىتىشنى قارار قىلغان.
2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار
نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن 2012-يىلغىچە جەمئىي 555 قېتىم 862 كىشىگە تارقىتىپ بىرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاران 44 كىشى ئاياللاردۇر. بىرىنچى دۇنيا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە نوبېل مۇكاپاتى بىر نەچچە يىل تارقىتىلمىغان. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش كىشى 25 يىشىدا (William Lawrence Bragg ،1915) نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېشى ئەڭ چوڭى بولسا 90 ياش بولۇپ، بۇ كىشى 2007-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ئامرىكا مىنېسسودا ئۇنۋىرستىتى ئىقتىساد پەنلىرى پىرافىسورى Leonid Hurwicz. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ. تۇغۇلغان دۆلىتى بويىچە تىزغاندا ھىندىستاندا تۇغۇلغانلاردىن 8 كىشى، ياپونيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، ئىتالىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 28 كىشى، روسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 37 كىشى، فىرانسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 49 كىشى، گىرمانىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 74 كىشى، ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 79 كىشى، ئامرىكىدا تۇغۇلغانلاردىن 247 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكى (رەسمىي) بويىچە تىزغاندائەڭ كۆپ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبخانى چىققان 5 ئۇنىۋىرستىت: ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋىرستىتى (89 كىشى)، ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتى (87 كىشى)، ئامرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋىرستىتى (82 كىشى)، ئامرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (78)، ئامرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋىرستىتى - برىكلىي (71). بۇ كىشىلەر ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ مەشھۇر 10 كىشى:
1.Martin Luther King Jr مارتىن لۇسىر كېڭ: تىنچىلىق مۇكاپاتى (1964)
2.Albert Einstein ئالبېرت ئېينىشتېيىن: فىزىكا مۇكاپاتى (1921)
3.Mother Teresa تېرىسا ئانا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1979)
4.Rabindranath Tagore رابىندراناس تاگور: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1913)
5.Nelson Mandela نېلسون ماندېلا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1993)
6.Ernest Hemingway ئېرنېست ھېمىڭۋاي: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1954)
7.Marie Curie مارىي كىيۇرى: فىزىكا مۇكاپاتى (1903)
8.John Steinbeck جون ستېينبېك: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1962)
9.Winston Churchill ۋېنىستون چىرچېل:تىنچلىق مۇكاپاتى (1953)
10.William Faulkner ۋىللىيام فاۋلكىنېر: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1949)
3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى
نوبېل ۋەسىيتىدە ئىيتقىنىدەك، بايلىقىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىشلىتىپ «فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا ساھەسىدە ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەنلىكى ئۈچۈن 1901-يىلىدىن باشلاپ «نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى» تارقىتىلىپ كەلگەن. بۇ مۇكاپات ھەر يىلى 10-ئايدا تارقىتىلىدىغان بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى ئەتىگىنى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل مۇكاپاتى كېڭەش ئەزالىرى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار چىقارغاندىن كىين دەرھال بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ مۇكاپاتقا ئېرشكۈچىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ. 1901-يىلىدىن باشلاپ 2012-يىلغىچە جەمئىي 103 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى تارقىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 38 نوبېل مۇكاپاتى يالغۇز بىر كىشىگە، 32 نوبېل ئىككى كىشىگە (يەنى ئىككى كىشى بىر مۇكاپاتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ)، 33 نوبېل 3 كىشىگە (يەنى ئۈچ كىشى بىر مۇكاپاتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ) تارقتىپ بىرىلگەن. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە 201 كىشى بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بولغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 57 ياش بولۇپ، ئەڭ ياش نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولسا Frederick G. Banting فىرەدرىك بانتىڭ بولۇپ ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتا ئەمدىلا 32 ياشتا (1923) ئىدى. بۇ 201 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە پەقەت ئون كىشىلا ئايال بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشى 2004-يىلدىن 2009-يىلغىچە 6 يىل ئىچىدە بۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1974-يىلىدىن بۇيان نوبېل مۇكاپاتى پەقەت ھايات كىشىلەرگە ياكى ئۆلۈمى تېخى ئاشكارىلانمىغان كىشىلەرگە بىرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 2011-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئامرىكا روكىفېللفېر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ ئىممۇنولوگىيە ئالىمى Ralph Steinman راف سىتەيىنمەننىڭ 3 كۈن بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلانغان، لىكىن نوبېل كومىتېتدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز بولغاچقا، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بىرىلگەن.
نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ttp://www.nobelprize.org/nobel_prizes/medicine/prize_awarder
بۇ كېڭەشنىڭ 50 ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇلار 5 ئەزا ۋە بىر سېكىرىتاردىن تەشكىل تاپقان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن كاندىداتلار ئىچىدىن ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن بىر كىشىنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ بېلەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولمىسۇن قەتئىي سۈلھى قىلىنمايدۇ. نوبېل كومتىتىدىكىلەرمۇ كاندىداتلارنى ئۆزى ياكى سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرگە قاراپ چىقىپ ئاندىن ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان ئورۇن كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ. نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى ئەزالىرى؛
2. شىۋىتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مىدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى ياكى چەتئەللىك ئەزالىرى؛
3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرشكەن كىشىلەر؛
4. بىرىنچى تارماقتا دىيلگەن توپقا تەۋە بولمىغان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى ئەزالىرى؛
5. شىۋىتسيە ئۇنىۋىرستىتلىرى مىدىتسىنا فاكۇلتىتىنىڭ غوللۇق پىرافېسورلىرى ياكى ئوخشاش دەرىجىدىكى دانىيە، فېنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيەلىك پىرافېسورلار؛
6. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئوخشاش سالاھيەتتكى، مۇكاپاتنىڭ دۆلەت ۋە ئۆز تەتقىقات ساھەلىرىدە مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ تارقىتىلىشىنى كۆزلىگەن، نوبېل كومتىتىدىكىلەرنىڭ تاللىشىغا مۇيەسسەر بولغان 6 دىن ئارتۇق پىرافىسورلارنىڭ بىرلەشمىسى؛ ۋە
7. باشقا تەبئىي پەن كەسىپلىرىدىكى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەتقىقاتچىلار.
يۇقىرىدىكى 6 ۋە 7-تارماقلاردىكى كىشىلەرنى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخرىدىن بۇرۇن ئېنىق بىكىتىپ بولىدۇ.
نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكى جەريانلار بويىچە بېكىتىلىدۇ:
9-ئاي: نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەدىۋىلى تارقىتىلىدۇ. نوبېل كېڭىشىدىكىلەر 3000 غا يىقىن جەدۋەلنى ئۆزلىرى تاللىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇنىۋىرستىت پىرافېسورلىرى ۋە ئىلگىرىكى نوبېل مۇكاپات ئىگىلىرىگە ئەۋەتىدۇ.
2-ئاي: جەدۋەلنى تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكى. كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق توشقۇزۇلغان جەدۋەللەر نوبېل كومىتېتىغا تاپشۇرۇلىشى لازىم. نوبېك كومىتېتى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىشىلەر ئىچىدىن دەسلەپكى نامزاتلارنى تاللاپ چىقىدۇ.
3-ئايدىن 5-ئايغىچە: مۇتەخەسېسلەرنىڭ مەسلىھەتىگە سېلىش. نوبېل كومىتېتى دەسلەپكى نامزاتلار تىزىملىكىنى ماس ھالدا ئالدىن تاللانغان ھەر قايسى تەتقىقات يۆنىلىشلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەرگە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرىدۇ.
6-ئايدىن 8-ئايغىچە: دوكلاتلار يىزىلىدۇ.
9-ئاي: نوبېل كومىتېتى تەۋسىيە قىلىدىغان نامزاتلارنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ. نوبېل كومىتېتى ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغان نامزاتلار تىزىملىكىنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ. نوبېل كېڭىشىدىكىلەر ئىككى قېتىملىق مەجلىستا بۇ نامزاتلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارىدۇ.
10-ئاي: نوبېلغا ئېرىشكۈچى تاللىنىدۇ. ئوغۇز (ئۆكتەبىر) ئېيىنىڭ بېشىدا كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كېڭىشى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرشكۈچى(لەر) نى تاللاپ، ھىچقانداق مۇرەسسەسىز دەرھال جامائەتكە تاللانغۇچى (لار) نىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىدۇ.
(ئادەتتە ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلار نوبېلغا ئېرىشكۈچىگە كېچىسى تېلىفۇن قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر ناھايتى ھەيرانلىقتا بۇ خەۋەرنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭ ئوغۇزدا قارار قېلىنىشىدىكى سەۋەب نوبېل ئوغۇزدا تۇغۇلغان)
12-ئاي: نوبېل ئىگىلىرى مۇكاپاتنى تاپشۇرۋالىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ھەر يىلى كۆنەك (دىكابىر) نىڭ 10-كۈنى (نوبېل ۋاپات بولغان كۈن) شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر نوبېل مۇكاپاتى (نوبېل مېدالى، نوبېل دىپلومى ۋە مۇكاپات سوممىسى يىزىلغان رەسمىي ھۆججەتتىن تەركىب تاپىدۇ) نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى تىزىملىكىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسمى 50 يىلغىچە ئاشكارىلانمايدۇ.
تۆۋەندە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ بايقاشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:
http://www.nobelprize.org/nobel_ ... aureates/index.html
2012
Sir John B. Gurdon (سىر جون گۇردون، ئەنگىلىيە) ۋە Shinya Yamanaka (شىنيا ياماناكا، ياپونىيە): پىشپ يىتلگەن ھۆجەيرىلەرنىڭ تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرە ھالتىگە قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
2011
Bruce A. Beutler (بېرۇس بىيۇلتېر، ئامرىكا) ۋە Jules A. Hoffmann (جۇلىز خوفمەن، فىرانسىيە): ئۇلارنىڭ تۇغما ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ قوزغىلىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
Ralph M. Steinman (راف سىتەينمەن، ئامرىكا ۋە كانادا): دىندرتىك (دەرەخسىمان ئۆسۈكچە) ھۆجەيرىلىرىنى بايقىغانلىقى ۋە ماسلىشىشچان ئىممۇنىت سستىمىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.
2010
Robert G. Edwards (روبېرت ئېدۋارد، ئەنگىلىيە): تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.
2009
Elizabeth H. Blackburn (ئېلزابىت بلەكبېرن، ئاۋىستىرالىيە)، Carol W. Greider ( كارول گرېيدېر، ئامرىكا) ۋە Jack W. Szostak (جەك سوستاك، ئامرىكا ۋە پولشا): خىروموسوملارنىڭ تېلومېر ۋە تېلومېر ئېنزىمى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
2008
Harald zur Hausen (خارالد زۇر خاۋسېن، گېرمانىيە): ئىنسان ئەمچەك توپچىسىمان ۋىرۇسى (HPV) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Françoise Barré-Sinouss (فىرنچويىس باررېي-سىنوس، فىرانسىيە) ۋە Luc Montagnier (لۇك مونتاگنىيېر، فىرانسىيە): ئىنسان ئىممۇنىت كەملىكى ۋىرۇسى (HIV، ئەيدىز ۋىرۇسى) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
2007
Mario R. Capecchi (مارىيو كاپېچى، ئامرىكا)، Sir Martin J. Evans (سىر مارتىن ئېۋان، ئەنگىلىيە) ۋە Oliver Smithies (ئولىۋېر سىمىتىيىز، ئامرىكا): تۆرەلمە غول ھۆجەيرىنى ئىشلىتىپ چاشقان بەدىنىگە مەلۇم گېنلارنى توغرا ھالدا كىرگۈزۈپ گېنى ئۆزگەرتىلگەن چاشقانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
2006
Andrew Z. Fire (ئاندېرۇ فايىر، ئامرىكا) ۋە Craig C. Mello (كرەيگ مېللو، ئامرىكا): RNA ئىنتېرفېرىيىنىس - يەنى قوش زەنجىرلىك RNA نى ئىشلتىپ گېنلارنى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش (تىنچلاندۇرۇش) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
2005
Barry J. Marshall (باررىي مارشال، ئاۋىستىرالىيە) ۋە J. Robin Warren (ج روبېن ۋوررېن، ئاۋىستىرالىيە): باكتېرىيەHelicobacter pylori نى ۋە ئۇنىڭ ئۈچەي ۋە ھەزىم قىلىش سىستىمىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
2004
Richard Axel (رىچارد ئاكسېل، ئامرىكا) ۋە Linda B. Buck (لىندا باك): ئۇلارنىڭ پۇراق قوبۇللىغۇچى ئاقسىلى ۋە پۇراش سىستىمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
2003
Paul C. Lauterbur (پول لاۋتېربېر، ئامرىكا) ۋە Sir Peter Mansfield (سىر پىتىر مانسفىيلد، ئەنگىلىيە): ماگېنىتلىق رېزونانىس سۈرەتكە تارتىش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
2002
Sydney Brenner (سىيندىي برېننېر، ئەنگىلىيە)، H. Robert Horvitz (خ روبېرت ھورۋېت، ئامرىكا) ۋە John E. Sulston (جون ئې سۇلسىتون، ئەنگىلىيە): ئۇلارنىڭ ئەزالارنىڭ يىتىلىشى ۋە پىراگراممىلانغان ھۆجەيرە ئۆلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
2001
Leland H. Hartwell (لېلاند ھارتۋېل، ئامرىكا)، Tim Hunt (تىم ھانت، ئەنگىلىيە) ۋە Sir Paul M. Nurse (سىر پول نېرس، ئەنگىلىيە): ئۇلارنىڭ ھۆجەيرە دەۋرىيلىكىنى باشقۇرغۇچى ئامىللار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
2000
Arvid Carlsson (ئارۋىد كارىلسون، شىۋىتسىيە)، Paul Greengard (پول گرىنگارد، ئامرىكا) ۋە Eric R. Kandel (ئېرىك كەندېل) : ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستىمىسىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ سېگنال يەتكۈزۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1999
Günter Blobel (گۈنتېر بلوبېل، ئامرىكا): ئاقسىللارنىڭ ھۆجەيرە ئىچىدە ئورۇنلىشىشى ۋە توشۇلۇشىدا ئىچىكى سېگناللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1998
Robert F. Furchgott (روبېرت فېرچگوت، ئامرىكا)، Louis J. Ignarro (لۇيىس ئىگناررو، ئامرىكا) ۋە Ferid Murad (فەرىد مۇراد، ئامرىكا): نېيترىك ئوكسىدنىڭ يۈرەك-قان تومۇر سىستىمىسىدا سېگناللىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1997
Stanley B. Prusiner (سىتەنلى پرۇسىنېر، ئامرىكا): پىرىئون - يېڭى بىئولوگىيلىك يۇقۇملۇق جانلىق، نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1996
Peter C. Doherty (پىتىر دوئىرتى، ئاۋىستىرالىيە) ۋە Rolf M. Zinkernagel (روف زىنكېرنەيگېل، شىۋىتسارىيە): ھۆجەيرە ئىممۇنىت مۇداپىئەسىنىڭ خاسلىقى ھەققىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1995
Edward B. Lewis (ئېدۋارد لۇۋىس، ئامرىكا)، Christiane Nüsslein-Volhard (كرىستىيانا نۈسلېيىن-ۋولخارد، گېرمانيە)، Eric F. Wieschaus (ئېرىك ۋىيساۋۇس، ئامرىكا): تۆرەلمە دەسلەپكى يىتىلىشىنىڭ گېنتىكىلىق كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1994
Alfred G. Gilman (ئەلفىرەد گېلمەن، ئامرىكا) ۋە Martin Rodbell (مارتىن رودبېل، ئامرىكا): G-ئاقسىلى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆجەيرىدە سىگنال يەتكۈزۈشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1993
Richard J. Roberts (رىچارد روبېرتس، ئەنگىلىيە) ۋە Phillip A. Sharp (فېلىپ شارپ، ئامرىكا): يارما (split) گېنلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1992
Edmond H. Fischer (ئېدموند فېشېر، شىۋىتسارىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Edwin G. Krebs (ئېدۋېن كرەب، ئامرىكا): تەتۈرىگە قايتۇرغىلى بولىدىغان ئاقسىلنىڭ فوسفاتلىنىشنىڭ بىئولوگىيلىك رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1991
Erwin Neher (ئېرۋىن نېخېر، گېرمانىيە) ۋە Bert Sakmann (بېرت سەكمەن، گېرمانىيە): ھۆجەيرىلەردىكى يەككە ئىئون قاناللىرىنىڭ رولى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1990
Joseph E. Murray (جوسېف مۇررەي، ئامرىكا) ۋە E. Donnall Thomas (دونال توماس، ئامرىكا): ئىنسانلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئورگان ۋە ھۆجەيرە كۆچۈرۈش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1989
J. Michael Bishop (مايكول بېشىپ، ئامرىكا) ۋە Harold E. Varmus (ھارولد ۋارمۇس، ئامرىكا): رىترو-ۋىرۇسلۇق (retroviral) راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گېنلارنىڭ ھۆجەيرىدىكى كىلىپ چىقىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1988
Sir James W. Black (سىر جەيمىس بلەك، ئەنگىلىيە)، Gertrude B. Elion (گېرترۇد ئېلىيون، ئامرىكا) ۋە George H. Hitchings (جورج خىچىڭ، ئامرىكا): دورا بىلەن داۋالاشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1987
Susumu Tonegawa (سۇسۇمۇ تونىگاۋا، ياپونىيە): ئانتىبىئوتىكلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى گېنتىكىلىق پىرىنسىپلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1986
Stanley Cohen (سىتەنلى كوھىن، ئامرىكا) ۋە Rita Levi-Montalcini (رىتا لېۋى-مونتالچىنى، ئىتالىيە ۋە ئامرىكا): ئۆستۈرگۈچى ھورمونلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1985
Michael S. Brown (مايكول براۋون، ئامرىكا) ۋە Joseph L. Goldstein (جوسېف گولدسىتەيىن، ئامرىكا): خولېسىتىرول مىتابولىزىمىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1984
Niels K. Jerne (نېيىل جېرن، دانىيە)، Georges J.F. Köhler (جورج كۆخلېر، گېرمانىيە) ۋە César Milstein (سېزار مىلستەيىن، ئارگېنتىنا ۋە ئەنگىلىيە): ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ يىتىلىش خاسلىقى ۋە كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى نەزەرىيىلىرى ۋە مونوكلونلۇق ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ئشىلەپچىقىرىلىش پرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1983
Barbara McClintock (باربارا مىككلنتوك، ئامرىكا): يۆتىكىلىشچان گېن ئېلىمىنىتىلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1982
Sune K. Bergström (سۇنى بېرگستروم، شىۋىتسىيە)، Bengt I. Samuelsson (بەڭت سەمىئۇلسون، شىۋىتسىيە) ۋە John R. Vane (جون ۋەين، ئەنگىلىيە): پروستاگلاندىنلار ۋە مۇناسىۋەتلىك بىئو-ئاكتىپ ماددىلار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1981
Roger W. Sperry (روجىر سپېررى، ئامرىكا): چوڭ مېڭە فۇنكىسىيىسىنىڭ خاسلاشتۇرۇلۇشى ئۈستىدىكى بايقىشى ئۈچۈن.
David H. Hubel (داۋىد ھۇبېل، ئامرىكا) ۋە Torsten N. Wiesel (تورىستېن ۋىيسېل، شىۋىتسىيە): كۆرۈش سىستىمىسىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1980
Baruj Benacerraf (بارۇي بېناسېراف، ۋېنسىۇئىلا)، Jean Dausset (جىيىن دائۇسېت، فىرانسىيە) ۋە George D. Snell (جورج سىنەل، ئامرىكا): ھۆجەيرە يۈزىدە ئىممۇنىت رىئاكسىيىسىنى كونتىرول قىلىدىغان ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئۈچۈن.
1979
Allan M. Cormack (ئالېن كورمەك، ئامرىكا) ۋە Godfrey N. Hounsfield (گودفرېي ھاۋنىسفىيلد، ئەنگىلىيە): كومپىيۇتىرنى ئاساس قىلغان توموگرافىيە (دوختۇرخانىلاردا ئىشلتىدىغان CT ئاپپاراتى) نى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.
1978
Werner Arber (ۋېرنېر ئاربېر، شىۋىتسارىيە)، Daniel Nathans (دانىيال نەيسىن، ئامرىكا) ۋە Hamilton O. Smith (ھامىلتون سىمىس، ئامرىكا): چەكلىگۈچى ئېنزىم (restriction enzyme) نى بايقىغانلىقى ۋە ئۇنى مولىكۇلالىق گېنتىكا مەسلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللانغانلىقى ئۈچۈن.
1977
Roger Guillemin (روجېر گىلېمىن، ئامرىكا) ۋە Andrew V. Schally (ئاندىرۋ سكەلىي، ئامرىكا): مېڭىدىكى پىپتىد ھورمۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچقىرىلىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Rosalyn Yalow (روزېلىن يالوۋ، ئامرىكا): ھورمۇنلارنى ئۆلچەيدىغان رادىئوئاكتىپلىق-ئىممۇنىت ئانالىزىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.
1976
Baruch S. Blumberg (بارۇش بلامبېرگ، ئامرىكا) ۋە D. Carleton Gajdusek (كارلېتون گاجۇسېك، ئامرىكا): يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە يۇقۇش مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1975
David Baltimore (داۋىد بالتىمور، ئامرىكا)، Renato Dulbecco (رىناتو دۇلبېچو، ئىتالىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Howard Martin Temin (ھوۋارد مارتىن تىمىن، ئامرىكا): ئۆسمە ۋىرۇسلىرى ۋە ھۆجەيرىنىڭ گېن ماتىرىياللىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1974
Albert Claude (ئالبېرت كلاۋۇد، بىلگىيە)، Christian de Duve (كرىستىئان دى دۇۋ، بىلگىيە) ۋە George E. Palade (جورج پالەيد، رومىنىيە): ھۆجەيرىنىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە قۇرۇلما تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1973
Karl von Frisch (كارل ۋون فىرېش، ئاۋىستىرىيە)، Konrad Lorenz (كونرەد لورېىنىز، گېرمانىيە) ۋە Nikolaas Tinbergen (نىكولاس تىنبېرگېن، ئەنگىلىيە): ئىندىۋىدۇئال ۋە كوللىكتىپ قىلمىش شەكىللىرى ۋە تۈزۈلۈشىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن.
1972
Gerald M. Edelman (جېرالد ئېدىلمەن، ئامرىكا) ۋە Rodney R. Porter (رودنىي پورتېر، ئامرىكا): ئانتىبىئوتىلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
1971
Earl W. Sutherland, Jr (ئېرىل سۇزىرلەند، ئامرىكا): ھورمۇن پائالىيتنىڭ مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقىشى ئۈچۈن.
1970
Sir Bernard Katz (سىر بېرنارد كاتز، ئەنگىلىيە)، Ulf von Euler (ئۇلف ۋون يۇلېر، شىۋىتسىيە) ۋە Julius Axelrod (جۇلىيۇس ئاكىسېلرود، ئامرىكا): قاندىكى نېرۋا تېرمىناللىرى (ئۇچلىرى، ئاخرقى نۇقتىلىرى) ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرنى بايقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ساقلىنىشى، قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مىخانىزىملىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
داۋامى بار....
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-1 15:00):
نوبېلنىڭ ئېنىسى ئۆلۈپ كەتكەن يىل 1864-ئىدى، 1664 دەپ يىزىلىپ قاپتۇ. |
|