- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5
- تىزىملاتقان
- 2013-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- UID
- 53066
- يازما
- 5
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5
- تىزىملاتقان
- 2013-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-1
- توردا
- 4 سائەت
|
قېيىن ئانا بىلەن كۈيئوغۇل ئوتتۇرسىدىكى ماجرا
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى دەۋاگەر پاتىگۇل ھەسەن بىلەن جاۋاپكار ئابلىكىم مۆمىن ۋە سائەتخان مۆمىن ئوتتۇرسىدىكى بىقىش خىراجىتىنى تەلەپ قىلىش ماجرا دىلوسىغا قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوت قىلىپ تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ماجرانى مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلدى
دەۋاگەر پاتىگۇل ھەسەننىڭ قىزى چىمەنگۇل تۇرسۇن بىلەن جاۋاپكار ئابلىكىم مۆمىن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرغان بولۇپ تويدىن كىيىنكى مۇناسىۋىتى ئىناق داۋاملاشقان. 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەندە چىمەنگۇل تۇرسۇن جاۋاپكار ئابلىكىم مۆمىن ۋە سائەتخان مۆمىن(جاۋاپكار ئابلىكىم مۆمىننىڭ ئاچىسى) لەر بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن چىمەنگۇل تۇرسۇن كىچىككىنە ئائىلە زىددىيتى سەۋەبىدىن جاۋاپكار ئابلىكىم مۆمىن ئائىلىسىدە ساقلاپ كىلىۋاتقان دىھقانچىلىق دورىسى ئىچىپ بىئارام بولۇۋاتقاندا، جاۋاپكار ئابلىكىم مۆمىن تەرىپىدىن بايقىلىپ، جاۋاپكارلار ۋە دەۋاگەر پاتىگۇل ھەسەنلەر تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بىرىلىپ، يېڭشەھەر ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 19كۈن بالنىستا يىتىپ 20800يۈەنگە داۋالانغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوختۇرخانىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلىشتەك ئىچىنىشلىق پاجىئە يۈز بەرگەن .
دەۋاگەر پاتىگۇل ھەسەن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى مەرھۇم چىمەنگۇل تۇرسۇنىنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا سەرىپ قىلغان چىقىملىرى ئۈچۈن جاۋاپكارلاردىن 28020يۈەن پۇلنى تۆلىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرىز بەرگەن، يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى سوت ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىش نەتىجىسىدە، جاۋاپكارلار مەرھۇم چىمەنگۇل تۇرسۇننىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن دەۋاگەرگە 8350يۈەن پۇلنى سوت ئۈستىدە نەق بىرىپ تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ماجرا تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىندى .
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئابلىز مەمەت
|
|