- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 60
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 695
- تىزىملاتقان
- 2010-11-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-2
- UID
- 7483
- يازما
- 60
- تېما
- 10
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 695
- تىزىملاتقان
- 2010-11-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-2
- توردا
- 36 سائەت
|
1.روزا نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاپ: سۈبھى يورۇغاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغىچە بولغان ئارلىقتا يىيىش- ئىچىش،جىما ۋە روزىنى سۇندۇرىدىغان بارلىق ئىشلارنى توختۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ.
2.روزىداردا ئىككى خۇشاللىق بولىدۇ، ئۇ ئىككى خۇشاللىق قايسى؟
جاۋاپ: ئىپتار قىلغان چاغدىكى خۇشاللىق ۋە قىيامەت كۈنى ئەجرىگە مۇيەسسەر بولغان چاغدىكى خۇشاللىق.
3. نىيەت قىلىش-روزىنىڭ زۆرۈر شەرتىمۇ؟
جاۋاپ: ھەئە. نىيەت قىلىش روزىنىڭ زۆرۈر شەرتى.
4. قايسى خىل پۇراق ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىپاردىنمۇ مىزىلىك؟
جاۋاپ: روزىدارنىڭ ئىغىزىدىكى پۇراق.
5. روزىدارنى بىر كىشى تىللىسا ياكى ئۇرسا، روزىدار كىشى نىمە دىيىشى كېرەك؟
جاۋاپ: مەن روزىدار، مەن روزىدار- دىيىش كېرەك.
6. بەندىنىڭ قىلغان ھەر خىل ئەمەللىرى ئۆزىگە بولىدۇ، قايسى خىل ئەمەل بۇنىڭ سىرتىدا؟
جاۋاپ: روزا بۇنىڭ سىرتىدا، روزا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈنلا تۇتىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى بىرىدۇ.
7. قىيامەت كۈنىدە روزا ۋە «قۇرئان»نىڭ بەندىگە قانداق پايدىسى بولىدۇ؟
جاۋاپ: بەندىنى شاپائەت قىلىدۇ.
8.بىر بەندە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر كۈن روزا تۇتسا، ئۇ قانداق ئەجىرگە ئىرىشىدۇ؟
جاۋاپ: ئاللاھ ئۇنى شۇ ئارقىلىق دەۋزەختىن 70 يىل يىراق قىلىدۇ.
9. روزا تۇتقان كىشىلەر جەننەتنىڭ قايسى دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ؟
جاۋاپ: تەشنالىق دەرۋازىسىدىن.
10.بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا ماڭا مىنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان بىر ياخشى ئەمەلنى ئىيتىپ بەرگىن-دىگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە نىمە دىگەن؟
جاۋاپ: سەن روزا تۇتقىن-دىگەن.
11. فەرىز روزا قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟
جاۋاپ:ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. 1) رامەزان ئىيىنىڭ روزىسى 2)فىدىيە روزىسى 3)ۋەدە قىلىنغان روزا.
12.رامەزان ئىيىدا روزا تۇتۇشنىڭ فەرىزلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشىگە نىمە دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: مۇرتەد دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
13. ئىسلام رۇكۇنىلىرىدىكى 4-چوڭ رۇكۇن نىمە؟
جاۋاپ: رامەزان ئىيىنىڭ روزىسى
14. روزا قايسى يىلى فەرىز قىلىنغان؟
جاۋاپ: مىلادى 623-يىلى
15.روزا تۇتۇش قاچاندىن باشلاپ بەلگىلەنگەن؟
جاۋاپ:ھىجىرىيىنىڭ 2-يىلى شەئبان ئىيىنىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە).
16.قايسى ئايەتتە روزىنىڭ فەرىز قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكىنى ئىيىتىپ بىرىڭ؟
جاۋاپ: ئى موئمىنلەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن ،ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا فەرىز قىلىنغىنىغا ئوخشاش سىلەرگىمۇ روزا فەرىز قىلىندى( سۈرە بەقەرە،183-ئايەت)
17.قەدىر كىچىسىنىڭ فەزىلىتى قانداق؟
جاۋاپ: بۇ كىچە پەزىلەت جەھەتتە 1000 ئايدىن ئارتۇق .
18. قەدىر كىچىسى قاچان بولىدۇ؟
جاۋاپ: رامەزان ئىيىنىڭ كىيىنكى 10 كۈن ئىچىدىكى تاق كۈنلىرى بولىدۇ، بىر قىسىم ئالىملار رامەزان ئىيىنىڭ27-كۈنى كىچىسى بولىدۇ- دەيدۇ.
19. رامەزان ئىيىدا خالىس، تەقۋالىق بىلەن روزا تۇتقۇچىلار قانداق ساۋاپقا ئىرىشىدۇ؟
جاۋاپ: ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.
20. روزىنىڭ رۇكۇنىلىرى نىمە؟
جاۋاپ: روزىنى سۇندۇرىدىغان بارلىق يامان ئىشلارنى توختۇتۇش.
21.«قۇرئان»نىڭ روزا ھەققىدىكى ئايەتلىرىدە ئىيتىلغان «ئاق يىپ» ۋە«قارا يىپ» لار نىمىنى كۆرسىتىدۇ.
جاۋاپ:كۈندۈزنى ۋە كىچىنى كۆرسىتىدۇ.
22.رامەزان ئىيىدا بىر كۈن روزىنى قەستەن تەرك ئەتكەن كىشى قانداق زىيان تارتىدۇ؟
جاۋاپ: ئۇ بىر ئۆمۈر روزا تۇتسىمۇ، قەستەن تەرك ئەتكەن شۇ بىر كۈنلۈك روزىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ.
23. بىز نىمىگە قاراپ روزا تۇتىمىز ۋە نىمىگە قاراپ ئىفتار قىلىمىز؟
جاۋاپ: يىڭى چىققان رامەزان ئېيىغا قاراپ.
24. بىر راستچىل كىشى ئۆزىنىڭ يىڭى ئاينى كۆرگەنلىكىنى ئىيىتسا، بىز ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلساق بولامدۇ؟
جاۋاپ: قوبۇل قىلساق بولىدۇ.
25.بىر راستچىل كىشى شەۋۋال ئېيى (ھىجىرىيە10-ئاينىڭ بىشىدىكى يىڭى ئاي)نى كۆرگەنلىكىنى ئىيىتسا، بىز ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلساق بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولمايدۇ، بىز ئىككى ئەر ياكى بىر ئەر، ئىككى ئايانىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ.
. روزا تۇتۇش شەرتىنى ھازىرلىغان كىشى كىم؟
جاۋاپ: بالىغ بولغان كىشى، ئاقىل كىشى ۋە تىنى ساغلام موسۇلمان كىشى.
27. ھەيىزدار ئايال ياكى تۇغۇتلۇق ئايال روزا تۇتامدۇ؟
جاۋاپ: تۇتمايدۇ، لىكىن پاكىزلانغاندىن كىيىن كەم قالغان روزىسىنى ئەينەن تولۇقلاپ تۇتىدۇ.
28. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ھامىلدار ئاياللار ۋە بالا ئىمىتكۈچى ئاياللار روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاپ:بولىدۇ، ئەمما فىدىيە تاپشۇرىدۇ.
29. ھەيىزدار ئاياللار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار فىدىيە بىرەمدۇ؟
جاۋاپ: ياق، پاكىزلانغاندىن كىيىن، كەم قالغان روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتىدۇ.
30. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى چوڭ ھېيىت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش جائىزمۇ؟
جاۋاپ: جائىز ئەمەس.
31. تەشرىق كۈنلىرى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: قۇربان ھېيىت باشلانغاندىن كىيىنكى ئۈچ كۈن تەشرىق كۈنلىرى دىيىلىدۇ.
32. تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش جائىزمۇ؟
جاۋاپ: جائىز ئەمەس.
33.مۇسۇلمانلارنىڭ يىل بويى روزا تۇتۇشى جائىزمۇ؟
جاۋاپ:جائىز ئەمەس.
34. ئەڭ فەزىلەتلىك روزا قايسى؟
جاۋاپ: داۋۇد ئەلەيھىسالامنىڭ روزىسى(بىر كۈن روزا تۇتۇش، بىر كۈن ئىغىز ئوچۇق يۈرۈش).
35. ۋەسەلە روزىسى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: كىچە-كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش-ۋەسەلە روزىسى دىيىلىدۇ.
36.ۋەسەلە روزىسى تۇتۇش جائىزمۇ؟
جاۋاپ: جائىز ئەمەس.
37.ئاياللار ئىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، نەفلە روزا تۇتسا جائىز بولامدۇ؟
جاۋاپ: جائىز بولمايدۇ.
38.تەتەۋۋۇ روزىسى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: نەفلە روزىنى كۆرسىتىدۇ.
39. بىر ئۆمۈر روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئەجرىگە ئىرىشەي دىگەن كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟
جاۋاپ: رامەزان ئېيىدىن كىيىن، ھىجىرىيە شەۋۋال ئېيىدا داۋاملىق 6 كۈن روزا تۇتۇش كېرەك.
40. ئەرافات كۈنىدە روزا تۇتقان كىشى قانداق ساۋاپقا ئىرىشىدۇ؟
جاۋاپ: ئۆتكەن يىللىق ۋ ە كىلەر يىللىق گۇناھلىرىغا كەفارەت بولىدۇ.
41. ئاشۇرا كۈنى (مۇھەررەم ئىيىنىڭ 10-كۈنى)روزا تۇتقان كىشى قانداق ساۋاپقا ئىرىشىدۇ؟
جاۋاپ:ئۆتكەن يىللىق گۇناھلىرىغا كەفارەت بولىدۇ.
42.ھەجدارلاردىن باشقا كىشىلەرمۇ زۇلھېججە ئىيىنىڭ بىشىدا 10 كۈن روزا تۇتسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ.
43. رامەزان ئېيىدىن قالسا يەنە قايسى ئاينىڭ روزىلىرى فەزىلەتلىكراق؟
جاۋاپ: مۇھەررەم ئىيىنىڭ روزىلىرى.
44.نىمە ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسىنى تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن؟
جاۋاپ: چۈنكى ئاللاھ بۇ كۈندە مۇسا ئەلەيھىسالامغا نىجاتلىق بەرگەن.
45.رەسۇلۇللاھ نىمە ئۈچۈن دائىم شەئبان ئىيىنىڭ روزىسىنى تۇتقان؟
جاۋاپ: چۈنكى بۇ ئايدا ھەر خىل ياخشى ئەمەللەر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا ئۆرلەيدۇ.
46. ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلار (تابارەك ئايلار)قايسى؟
جاۋاپ: مۇھەررەم، رەجەپ، زۇلقەئدە، زۇلھىججە ئايلىرى
47. رەسۇلۇللاھ نىمە ئۈچۈن دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتقان؟
جاۋاپ: چۈنكى بارلىق ياخشى ئەمەللەر مۇشۇ ئىككى كۈندە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ.
48. ئايدىڭ روزىسى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: ھىجىرىيە ھەر ئاينىڭ 13-14-15-كۈنلىرىدىكى روزا ئايدىڭ روزىسى دىيىلىدۇ.
49. روزىدىكى بەش مۇستەھەب قايسى؟
جاۋاپ: سوھۇرلۇق تاماق يىيىش، ۋاقتىدا ئىفتار قىلىش،«قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش، ياخشى ئەمەلنى كۆپ قىلىش ۋە ئىفتار قىلغان، روزا تۇتقاندا دۇئا قىلىش.
50. رەسۇلۇللاھ نىمە ئۈچۈن بىزنى سوھۇرلۇق تاماق يىيىشكە بۇيرىغان؟
جاۋاپ: چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت بولغاچقا.
51. روزىدا قايسى ئىككى ئىش مۇستەھەب؟
جاۋاپ: ۋاقتىدا ئالدىراپ ئىفتار قىلىش ۋە سوھۇرلۇق تاماقنى كىچىكتۈرۈپ يىيىش.
52. رەسۇلۇللاھ نىمە يىمەكلىك بىلەن ئىفتار قىلغان؟
جاۋاپ: خورما بىلەن.
53. رەسۇلۇللاھ كىشىلەرنىڭ نىمىگە ئالدىرىسا ئەبەدى بەرىكەت ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى دىگەن؟
جاۋاپ: ئىفتار قىلىشقا ئالدىرىسا.
54. قايسى 3 خىل كىشىنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ؟
جاۋاپ:1. روزىدارنىڭ دۇئاسى،2. ئادىل رەھبەرنىڭ دۇئاسى. 3. ئىزىلگۈچىنىڭ دۇئاسى.
55. روزىدار ئىفتار قىلغاندا نىمە دىيىشى كېرەك؟
جاۋاپ: ئى ئاللاھ، مەن سىنىڭ رازىلىقىڭنى كۆزلەپ روزا تۇتتۇم، ساڭا ئىمان كەلتۈردۈم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم.سەن بەرگەن رىزىق بىلەن ئىفتار قىلدىم.
56. روزىدار كىشى چىشىنى چوتكىلىسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ.
57. رەسۇلۇللاھ رامەزان ئىيىنىڭ كىيىنكى 10 كۈنىدە نىمە ئىش قىلغان؟
جاۋاپ: پۈتۈن كۈچى بىلەن تائەت-ئىبادەتكە ئاتلانغان.
58. رامەزان مەزگىلىدە ئوكۇل سالدۇرسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: مۇسكۇلدىن ئوكۇل سالدۇرۇشقا بولىدۇ، تومۇردىن ئوكۇل سالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
59. رامەزان مەزگىلىدە قەستەن قۇسقۇچىنىڭ روزىسى كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟
جاۋاپ: كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، شۇ كۈنلۈك روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتۇشى كېرەك.
60. سۇھۇرلۇق تامىقىنى يىگەندىن كىيىن بامداد نامىزىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى بىلسە نىمە قىلىشى كېرەك؟
جاۋاپ: شۇ كۇنلۈك روزىسىنى تۇتۇشى ھەمدە كىيىنكى كۈنلەردە بۇ بىر كۈنلۈك روزىسىنى تولوقلاپ تۇتۇشى كېرەك.
61. رامەزان مەزگىلىدە كۆزىگە كۆز ئاغرىقىنىڭ دورىسىنى تىمىتسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: ھەئە، بولىدۇ.
62. رامەزان مەزگىلىدە ئايالى بىلەن سۆيۈشكەن كىشىنىڭ روزىسى سۇنامدۇ؟
جاۋاپ: سۇنمايدۇ.
63. روزىدار كىشى تاھارەت ئالغاندا نىمىگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
جاۋاپ: ھەددىدىن زىيادە غەرە-غەرە قىلماسلىقى ۋە مەزەمەزە قىلماسلىقى كېرەك.
64.رامەزان ئېيىدا كۈندۈزى ئۇخلاپ غوسلى تاھارىتى سۇنغۇچىنىڭ روزىسى سۇنامدۇ يوق؟
جاۋاپ: سۇنمايدۇ.
65. روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يىگەن، ئىچكەن بولسا روزىسى كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟
جاۋاپ: روزىسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
66. قازا قىلىپ كەتكەن كىشىنىڭ كەم قويغان روزىسىنى ۋەسىلىرى تۇتۇپ قويسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ.
67. روزىدار كىشى كۈندۈز كۈنى ئايالى بىلەن جىما قىلسا، روزىسى سۇنامدۇ؟
جاۋاپ: سۇنىدۇ، ئۇ چوقۇم فىدىيە تاپشۇرۇشى كېرەك.
68. رامەزان مەزگىلىدە كۈندۈز كۈنى ئايالى بىلەن جىما قىلغۇچى بىرىدىغان فىدىيە نىمە؟
جاۋاپ: بىر قۇل ئازات قىلىش ياكى ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش، ياكى 60 مىسكىن كىشىنى بىر كۈن بىقىش.
69. قولى بىلەن لەززەتلەنسە روزىسى سۇنامدۇ؟
جاۋاپ: ھەئە، سۇنىدۇ، شۇ كۈندىكى روزىسىنى تولوقلاپ تۇتۇشى كېرەك
70.قان ئالدۇرسا روزىسى سۇنامدۇ؟
جاۋاپ: سۇنمايدۇ.
71. ئاللاھقا يىقىنلىشىش مەقسىتىدە مەسجىددە تۇرۇش نىمە دىيىلىدۇ؟
جاۋاپ: ئىتكاف دىيىلىدۇ.
72. رامەزان ئىيىدا ئىتكافتا ئولتۇرغۇچى قاچان مەسجىدكە كىرىدۇ؟
جاۋاپ: رامەزان ئېيىنىڭ 19-كۈنى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن.
73. رامەزان ئېيىدا ئىتكافتا ئولتۇرۇش جەمئىي قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ؟
جاۋاپ:10 كۈن.
74. رەسۇلۇللاھ رامەزان ئىيىنىڭ نەچچە كۈنىدە ئىتكافتا ئولتۇرغان؟
جاۋاپ: كىيىنكى 10 كۈنىدە.
75. ئىتكافتا ئولتۇرغۇچى رامەزان ئىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىن ئىتكافتا ئولتۇرغان يېرىدىن چىقسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: ھەئە،
|
|