ئايال _ ئانا .
ئانا ھاياتنىڭ گۈلى ،
بالا ئۇنىڭ بۇلبۇلى .
ئانا مېھرىبان ،
ئاتا غەمگۈزار .
ئانا سۈتى بىلەن كىرگەن ئەقىل ،
كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.
ئانا ئون بالىنى تويدۇرىدۇ ،
ئون بالا بىر ئانىنى تويدۇرالمايدۇ .
ئانا ئايىغى بىلەن بۆشۈك تەۋرىتەر ،
قولى بىلەن روزغار تەۋرىتەر .
ئايال يەردىن چىققان ئەمەس ،
ئەر ئۇنىڭ ئاتىسى .
ئەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس ،
ئايال ئۇنىڭ ئانىسى .
ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈر ،
بالاڭنى قولۇڭدا كۆتۈر .
ئانىسى ئويلاپ يۈرۈيدۇ ،
بالىسى ئويناپ يورۇيدۇ .
ئانىسى بار بالا ،
چىرايلىق لالە.
ئانام بىلەن ئاتام بار ،
ئالتۇندىن قانىتىم بار .
ئات ئاتىدىن ،
ئادەم ئانىدىن .
ئاتا قول بولسا ،
ئانا يۈرەك .
ئاتىدا قالغان كۈل يېتىم ،
ئانىدا قالغان گۈل يېتىم .
ئانىلىق بالىنىڭ ئاغزى ئوينار ،
ئانىسىز بالىنىڭ كۆزى ئوينار .
ئاتا دېغى قايدۇرار ،
ئانا دېغى كۆيدۈرەر.
ئاتا__ ئەقىل ،
ئانا__ ئىدراك.
ئاتا قارغىشى ئوق ،
ئانا قارغىشى دوق .
ئانىلىق ئۆينىڭ ئارى بار ،
ئاتىلىق ئۆينىڭ زارى بار .
ئاتا بالىسىغا يامان مەسلىھەت بەرمەس ،
ئانا بالىغا يامانلىق ئويلىماس .
ئاتا كۆرگەن يول پىچار ،
ئانا كۆرگەن تون پىچار .
ئاتىدەك غەمگۈزار قايدا ،
ئانىدەك مېھرىبان قايدا .
بالا ئانىسىنى يامان دېمەس ،
ئىت ئىگىسىنى گاداي دېمەس .
بالىغا ئاتا قورغان ،
ئانا قۇربان .
ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە ،
ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن .
ياشلىق تەلۋىلىكىنى تاشلا بېشىڭدىن ،
ئانا خىزمىتىدە بولغىن يېشىڭدىن .
ئاناڭدىن باش تارتما ،ئاشمىسۇن مۇڭى ،
شەرەپنىڭ تاجىدۇر پۇتتىكى چېڭى .
يوق بىزدە ئانىدەك مېھرىبان ،
كۆكرەككە قالقان ، باشقا سايىۋەن .
ئانا مېھرى تاشنىمۇ ئېرىتىدۇ .
ئانا مۇھەببىتى ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەت .
ئانا سەۋرى چەكسىز .
ئانا ئۆزى نەم يەردە ياتسىمۇ ،بالىلىرىنى قۇرۇق يەردە ياتقۇزىدۇ .
ئاناڭنى سۆيسەڭ ،باشقىلارنىڭ ئانىسىنى سۆكمە .
ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈرۈپ ھەرەمگە ئاپارساڭمۇ ، ئانا ئەجرىنى ياندۇرالمايسەن .
ئانا مېھرى ھېچقاچان قېرىمايدۇ .
ئانىنىڭ مېھرىمۇ زور ،قەھرىمۇ زور .
ئانىسى ئۇرسىمۇ ، بالا << ئانا >> دەپ يىغلايدۇ .
ئاناڭغا تۇخۇمنى ئالقىنىڭدا پىشۇرۇپ بەرسەڭمۇ ،ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمايسەن .
ئاتا-ئانا شەپقىتى سۇدا ئۆلمەس ،ئوتتا كۆيمەس .
بىر بالىلىق ئانىنىڭمۇ ،ئون بالىلىق ئانىنىڭمۇ قايغۇسى بىر خىل .
يول ئۈچ خىل كىشىلەرگە بوشىتىلىپ بېرىلىدۇ : ياشانغانلارغا ،بالىلارغا ۋە ئانىلارغا .
ئاتا كۈچلۈك تەربىيىچى ، ئانا قانۇنىي رىزىق بەرگۈچى .
ئەگەر سەن پەرزەنتىڭدىن ھۆرمەت ئۈمىد قىلساڭ ، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىلىشىڭ لازىم .
ئانا بالا ئۈچۈن بىرىنچى مەكتەپ .
ياخشى ئادەملەر كۆپەيسۇن دېسىڭىز ،ياخشى ئانىلارنى كۆپەيتىڭ .
ئايال __ ئىنتايىن ئۇلۇغ سۆز ، ئۇنىڭدا قىزلىق لاتاپىتى ،پىدائىيلىقى ۋە ئانا جاسارىتى بار .
ئاتا- ئانىغا بولغان مېھىر ، بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ بېشى .
"ئانا " سۆزى بالىلارنىڭ ئاغزىدا ياڭرايدىغان ، قەلبىدە جاراڭلايدىغان ئىلاھىي نامدۇر .
يىللار ئانىغا قايغۇ - ھەسرەتلەرنى ئەكەلسىمۇ ،ئۇنىڭ مېھرى كەملىمەيدۇ .
مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ھەممە كىشى دوست ، پەقەت ئانىلا مەغلۇپ بولغان چاغدىكى ھەمرا .
ئانىسىنى يىغلاتقان كىشى مەرتىۋىسى قانچىلىك يۇقىرى ۋە قانچىلىك داڭدار شەخس بولسۇن ، ئۇ قەبىھ شەرمەندىدۇر .
ئانىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ بىر تەبەسسۇم ساقلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ ، تەڭرى ئانىلارغا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مېھرى- مۇھەببەتتۇر .
ئانىنىڭ بالىنى سۆيۈش ھېسسىياتى كۈچلۈك بولىدۇ . ئانا پەرزەنتىنى باغرىغا باسقاندا پۈتۈن غەم- ئەندىشىنى ئۇنتۇيدۇ .
بىر ئايال ھۆرمەتلىك بولاي دېسە ،ئالدى بىلەن ئانا بولسۇن .
ساغلام ، بەختىيار ئىنسانلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ساغلام ،بەختىيار ئانىلار بولۇشى كېرەك .
دۇنيادا ئۆز ئاناڭدەك سەمىمىي دوستۇڭ يوق .
ئانا __ بالىنىڭ بىرىنچى تەربىيىچىسى ۋە مۇئەللىمى .
مېھرىبان ئانىدىن ئايرىلغان بالا گۈلدانغا قىستۇرۇپ قويغان گۈلگە ئوخشايدۇ . رەڭگى ،پۇرىقى بولسىمۇ ، يىلتىزى يوق .
مەنبە : توختى ھاجى تىللا تۈزگەن << ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر>> دىن . |