كۆرۈش: 2189|ئىنكاس: 11

مەن كۈندە تاماكا تاشلايمەن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47513
يازما
256
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
256
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 21:08:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                           مەن كۈندە تاماكا تاشلايمەن

                           مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى


    مەن كۈندە تاماكا تاشلايمەن !
ئەتىگەندە ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ،بىر خىل بىئاراملىق،گېلىم قىمىلدايتتى،بىرخىل كۈچ مىنى ئاستا تارتمىنى ئاختۇرۇپ تاماكىنى ئېلىشقا ئىتتىرەتتى.توۋا..،نىمە دىگەن ئارام تاپقانلىق ھە،تۈتۈن ئاسماندا ماڭا ئۇسۇل ئويناپ بېرىۋاتىدۇ ،تىنىمدە بىرخىل راھەت تۇيغۇ .ئاچچىقلىرىممۇ تۈگىدى ،غەزىپىممۇ تۈگىدى،ئىچىم سىقىلىشمۇ تۈگىدى،لىكىن......
ئاخشام تېخى دادام قېشىمغا كىردى ،ئۆيدىكى تۈتۈننى كۆردى-دە ،ئاچچىقىدا ،
ــ بىزنىڭ ئەۋلادتىن  سەندىن بۆلەك بەڭگى چىقىپ باقمىغان  ،سىنىڭ قېشىڭغا كىرەي دىسىمۇ ئچى سىقىلىدۇ ئادەمنىڭ ،تاماكىنى تاشلىۋەت بالام،ــ دىگەن ئىدى .
ئانام ئاستا كىردى ،مىھرىبانلىق بىلەن،
ــ سەن مىنىڭ نەزىرىمدىكى بۈركۈتسەن ،بۈركۈت ئەگەر زىيانلىق نەرسىنى كۆرسە دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ ،ئۆزىنىڭ ئولجىسىنى كۆرسە پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئېرىشىدۇ ،بالام سەن مىنىڭ ئۈمۈدۈم ،بۇنى تاشلىۋەتكىن،ــدېدى.
ئاھ.....! نىمە دىگەن ئۈمىدلىك سۆزلەر بۇ .مەن چوقۇم تاشلايمەن ،چوقۇم....
سىڭلىم ئوماق مېڭىپ قېشىمغا كىردى،كىچىك بولغاچقا بەك ئامراق ئىدىم ،مەن ئۇنى سۆيۈپ كەتتىم ،ئېغزىمدىن چىققان پۇراقتا ئۇ ھۆتىلىپ كەتتى - دە ،يىغلاپ يۈرۈپ قولۇمدىن بوشۇنۇپ چىقىپ كەتتى،يۈرۈكۈم شۇررىدە بولۇپ قالدى.
ياق،مەن بۈگۈن تاماكا تاشلايمەن .مەن چوقۇم ئىرادىگە كىلىشىم كىرەك ،مەن دىگەن ئوغۇل بالا ،چوقۇم تاشلايمەن .
خۇشال سىرتقا چىقتىم ،جاھان شۇنچە گۈزەل ،ئائىلە قوروسى ئالدىدىكى  گۈللەر شامالدا باشلىرىى لىڭشىتىپ مىنى قارشى ئېلىۋاتاتتى ،ئاسمان كۆپكۆك ،پاھ...،بۇلار نىمە دىگەن گۈزەل ،ئەگەر تاماكىنىڭ ئىسى كاللامنى قاپلىۋالمىسا مەن قانچىلىغان مۇنداق گۈزەللىكلەردىن ھوزۇرلىناتتىم-ھە ،
مەن بۈگۈن تاماكا تاشلايمەن ،مەن گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىمەن ،چوقۇم ،بىر ئىرادىگە كەلدىم .
بىر بوۋاي بىر موماي بىلەن بىر بىرىنى يۆلىشىپ كوچىدا كىتىپ بارىدۇ ،ئۇلارنىڭ كۈلكىسى نىمىدىگەن مۇھەببەتكە تولغان ،گەرچە قېرىغان بولسىمۇ مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ قەبىنى قېرىتالماپتۇ ،لىكىن مىنىڭ نىمە كۆرسەم مۇنداق بىر نىمە كۆرمىگەندەك سوغۇق چىرايىم ،مۇھەببەت تۈتۈنگە ئايلىناي دىگەن قەلبىم ،مەن ئۇلارغا ھەۋەس قىلىمەن .ئەگەر بوۋاي تاماكا چىكىپ شۇنداق قېرىغۇچە كىسەل بولۇپ قالغان بولسا ئۇلار مۇشۇنداق بەخىتلىك بولالامدۇ ؟
موماي بۇ چاغدا يىغىدىن بۆلەك ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.مەنمۇ بىر كۈنى ئۆز سۆيگۈنۈم بىلەن شۇنداق بەخىتلىك بولارمەن ،لىكن تاماكا چەكسەم بىرنىمە دىمەك تەس
مەن كەلگۈسى بالامنىڭ بەختى ،ئايالىمنىڭ خۇشاللىقى،ئۆمرۈمنىڭ ئۇزۇنلىقى ئۈچۈن تاماكا تاشلايمەن .
شۇنداق ئويلار بىلەن چىرايىم خۇشاللىققا تولدى ،شۇنداق ئۈمىد بىلەن قەدەم باستىم .كىتىپ باراتتىم ،تۇيۇقسىز بىر دوستۇم كەلدە-دە ،ــ ئاداش كىلە بىرەردىن تارتايلى ،ــدېدى.مەن ئىككىلەندىم ،ئۇنى رەنجىتكىم يوق ئىدى.لىكىن مەن بىر ئىرادىگە كەلگەن .«ياق» بۇ سۆزنى شۇنداق غەيرەت بىلەن ئېغزىمدىن چىقاردىم. ئۇ ھەيران قالدى ،
ـ مەن تاماكا تاشلىدىم ،ـ دېدىم.
ئۇ يەنە ،
ــ مەنمۇ كۈندە بەش قېتىم تاشلايمەن ،تولا مىنىڭ ئالدىمدا ئويۇن قويما ،چىكىمىز كىلە ،ــ دېدى.
خۇمارىممۇ تۇتقان ئىدى .ئىچكى دۇنيارىمدىكى بىر خىل كۈچ مىنى تاماكىنى ئېلىشقا زورلىدى ،«ياق » دىگەن سۆز ئىچىمدە ئۇرۇش قىلۋاتىدۇ ،شۇ ھەۋەس بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ ، شۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە قايسىسىنىڭ يېڭىپ چىقىشى نامەلۇم،مەندە جۈرئەت شۇنداق كەمچىلمۇدۇ ؟مەن «ياق»دىيىشتىن قورقامدىمەن؟  بۇ جەڭ ئىچىمدە بىر نەچچە سىكنۇت داۋاملاشتى .لىكىن مەن يەنە دېدىم ،
ــ ياق،سەن مىنى دوستۇم دەپ بىلسەڭ مىنى ھۆرمەت قىل ،مىنى قوللا ،مەن تاماكا تاشلىدىم . ــ دېدىم قەتئىي ئاۋازدا .
ــ ئەكەل قولۇڭنى ئاداش ،مەنمۇ بۇ نىجىسنى تاشلاشقا ئىرادە باغلىدىم ،بىز بىللە تاشلايلى،ــ دېدى ئۇ قولىدىكى تاماكىنى ئۆچۈۋېتىپ.
كەچ بولدى ،مەن دېرىزىدىن شۇنچە بەڭگىلەرنى كۆردۈم ،«ئۇلارغا مەندىن ئۈگۈنۈڭلار  » دىگۈم كەلدى .مەن تاماكا تاشلاشنى ئىرادە قىلىپ تاماكا ۋە چاقماقنى ياستۇق ئاستىدىن تارتما ئىچىگە سالدىم ....
ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇردۇم ،تارتمىنى ئاچتىم ،يەنە شۇ ئىس  مىنى ئۆز قوينىغا ئالدى .....
مۇشۇنداق تەرىقىدە تاماكىنى كۈندە تاشلايمەن ئەتىگىنى يەنە چىكىمەن .مەن نىمىدىگەن ئىرادىسىز ! ئىزدەندىم ،زادى نىمە ئۈچۈن؟ بەلكىم مىنىڭ خاراكتىرىم مۇشۇنداقتۇ،شۇڭا تاماكا دەل مەندەك كىشىنى بوزەك قىلىدىغاندۇ، كاللامدا مىڭ خىل سۇئال .مىنى بىرسى يەنە تاماكا چىكىشكە زورلىغاندەك ،يەنە قولۇمنى باشقۇرالماي چىكەتتىم.
مەن تاماكا تاشلايمەن ،كۈندە تاشلايمەن .توختىمايمەن ............ ( بىر دوستۇم ئېغزىدىن)
     2013.04.06(تىيەنجىن)         
              

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53197
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 10:07:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى ئەتە توۋا قىلىمەن دىگەندەكلا ،

UID
16827
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-11-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-8
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 10:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر تاماكا چەككەندە ئوزىنى ئەمەس ئاتا - ئانىسىنى ، بالىسىنى ئائىلىسىنى ئويلىسا چوقۇم تاماكا چىكىشتىن ساقلىنالايدۇ ،،،،،   بارلىق ئەرلەر ، ياش بالىلار    سىلەرنى ئاتا - ئاناڭلار ئەڭ ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئوزى يىمەي سىلەرگە ياخشى ئوزۇق بولسۇن ، بالام ساغلام بولسۇن دەپ شۇنداق  پەپىلەپ چوڭ قىلغان لېكىن سىلەر چوڭ بولىۋىلىپلا ئوزەڭلەرنىڭ بىلگىنىڭلارنى قىلىپ قالايمىقان ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ ،  قالايمىقان چىكىپ يۇردۇڭلار،  بۇ بەدەن يالغۇز سىلەرگىلا مەنسۇپ ئەمەس ،، ئويلاپ بىقىڭلار سىلەرنىڭ ھاراق ، تاماكا سەۋەبىدىن بىرەر ئەزايىڭلار ياكى بەدىنىڭلار زەخمىگە ئۈچرىسا قانچىلىگەن ئادەملەرنى ئازاپقا قويىسىز؟؟؟؟؟

UID
16827
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-11-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-8
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 10:18:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر تاماكا چەككەندە ئوزىنى ئەمەس ئاتا - ئانىسىنى ، بالىسىنى ئائىلىسىنى ئويلىسا چوقۇم تاماكا چىكىشتىن ساقلىنالايدۇ ،،،،،   بارلىق ئەرلەر ، ياش بالىلار    سىلەرنى ئاتا - ئاناڭلار ئەڭ ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئوزى يىمەي سىلەرگە ياخشى ئوزۇق بولسۇن ، بالام ساغلام بولسۇن دەپ شۇنداق  پەپىلەپ چوڭ قىلغان لېكىن سىلەر چوڭ بولىۋىلىپلا ئوزەڭلەرنىڭ بىلگىنىڭلارنى قىلىپ قالايمىقان ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ ،  قالايمىقان چىكىپ يۇردۇڭلار،  بۇ بەدەن يالغۇز سىلەرگىلا مەنسۇپ ئەمەس ،، ئويلاپ بىقىڭلار سىلەرنىڭ ھاراق ، تاماكا سەۋەبىدىن بىرەر ئەزايىڭلار ياكى بەدىنىڭلار زەخمىگە ئۈچرىسا قانچىلىگەن ئادەملەرنى ئازاپقا قويىسىز؟؟؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurcc تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-25 18:12  


UID
19829
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 14:15:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا تاشلاش ئۇچۇن قەتئې ئىرادە بولىشى كىرەك ، تاماكا تاشلىدىم دەپ نىيەت قىلغاندىن كىيىن ،مەيلى خۇشال بولۇڭ ،مەيلى خاپا بولۇڭ ،قەتئې چەكمەڭ ،مەنمۇ شۇنداق قىلىپ تاشلىيالىغان.

باھا سۆز

karluq02  بۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلكەن...  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 17:48:08

ئۈمىدلىك ئەزا

qenikix.blogbus.com

UID
13676
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
184
تىزىملاتقان
2011-8-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 20:04:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تاماكا تاشلاشنىڭ گېپى چىقىپ، يېڭىدىن نەشىردىن چىققان بىر كىتاب يادىمغا كەپ قالدى. يېقىندا سەھىيە نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «بۇ كىتاب سىزنى تاماكا تاشلىتالايدۇ.» ناملىق كىتابنىڭ، تاماكىخور دوستلارنىڭ تاماكا تاشلىشىغا ياردىمى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن. بولسا دوستلار ئوقۇپ سىناپ باقسا........

UID
48750
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 19:13:40 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  نەسىنىڭمۇ زىيىنى بەكمۇ كوپ ، خۇدا دادامنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلىپ دادام ئاخىرى بۇ نەسىدىن يىراق بولدى،لىكىن يەنە بەزى قىرىداشلىرىم  بۇ نەسىدىن يىراقلىمىدى ،ئۇلا چوڭ بولغاندىكىن يا ئۇلاغا قاتتىق گەپ قىلغىلى بولمىدى  ئۇلا دەيدۇ   ئۆينىڭ ۋە شەخسى دەرتلىرى بەك كۆپمىش ،شۇڭا غەمنىڭ كۆپلىكىدىن تاما كا   چىكىدىكەن

UID
47513
يازما
256
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
256
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 00:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ بەرگەن تەكلىپلىرىگە رەھمەت .

UID
53544
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-6-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 18:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tenharoh يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 19:13
مۇشۇ  نەسىنىڭمۇ زىيىنى بەكمۇ كوپ ، خۇدا دادامنىڭ كۆڭلى ...

ھەي  مىنىڭ  بىر يىقىنىم  تاماكا چىكىدۇ ،ھەيرانمەن  پايدىلىك بولغان بولسا  كانچىلىك چىكەتتكى،ئاللا .ئىساب  بەرسۇن

UID
39967
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2012-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 22:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
si lam mu man dak qak mag la hu da yim og xay du tax lag la u ni jiz ni ta ma ki nig zu zi si ni qox ki nig tu ki din ya sa mix

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش