كۆرۈش: 4618|ئىنكاس: 31

نەزىرە مۇھەممەد سالىھ نىڭ يۈرەك سۆزلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
95 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 16:32:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەزىرە مۇھەممەد سالىھ نىڭ يۈرەك سۆزلىرى

مەنبەسى: «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلى 2005-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.

ھەر يىلى تۈرلۈك ھېيىت - بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلىنىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكى، سەنئەت پروگراممىلىرى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن سەرپ ئېتىلىۋاتقانلىقى ئەقلى - ھوشى جايىدا ھەر قانداق ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا بىر خەلقتە چوقۇم بىر سەنئەت بولۇشى كېرەك، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى، سەنئەت ھەممە نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ بىزگە نىسبەتەن سەنئەت نۆۋەتتىكى زۆرۈرىيەتلەر كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ. بىز تېخىچە سەنئەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئىجابىي تەرەپكە سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈچ ۋە غالىبلارچە ئورۇنغا ئىگە قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. خۇددى مۇتەپەككۇرىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك: «خەلقىمىز بۈگۈنكى دۇنياۋى رىقابەتتە ناخشا - ئۇسسۇل مۇسابىقىسىغا دۇچ كەلگىنى يوق!»

شۇ تاپتا بىز ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي پادىشاھلىقى دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئېرىشكەنلىرىمىز قارشىسىغا قاراپ باقساق، ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى. بىنالار قانچە ئېگىز سېلىنغانسېرى بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىز شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.ئۆيلەرنى قانچە ھەشەمەتلىك بېزىگەنسېرى ئىچىمىز قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئېسىل كىيىنىش، ئوبدان يېييىش، قانغۇچە ئويناپ - كۈلۈپ راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزى بولغانسېرى ھاياتنىڭ يۈكسەك مەنىلىرى يوقىلىۋاتىدۇ. گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتلەر مەرۋايىتتەك چۆكۈپ، كۆپۈكتەك ئادەملەرئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەشەمخور شۆھرەتپەرەسلەر، ساختا شۆھرەتنىڭ قەغەز قانىتىدا ئۇچۇۋاتقانلار، پۇچۇق تىيىنغا ئەرزىمەس پايدا - مەنپەئەت، ھارامخور ئەمەل - مەنسەپ كويىدا قاتراپ دۇنياغا تويماي ئۆتىۋاتقانلار ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگۈچى ماغزاپلاردۇر.

ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا دۇنيانى تىترەتكەن مەشھۇر ئىمپېراتور ئىسكەندەر ماكدونىسكىي ئۆلۈم ئالدىدا ۋەزىرلىرىگە شۇنداق نەسىھەت قىپتۇ:
- كۆزۈم يۇمۇلۇپ، جىنازامنى ئېلىپ ماڭغان چېغىڭلاردا ئىككى قولۇمنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قويۇڭلار.
ھەيران قالغان ۋەزىرلىرى سوراپتۇ:
- نېمىشقا؟
ئىسكەندەر ئېيتىپتۇكى:
- كىشىلەر مەندەك شان - شۆھرىتى دۇنياغا تارالغان، ھېسابسىز بايلىققا ئىگە مەشھۇر ئىمپېراتورنىڭ بۇ دۇنيادىن قۇرۇق قول كېتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالسۇن.

پەيغەمبەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن : «ھەربىرئۈممەتنىڭ تۈرلۈك سىنىلىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سىنىلىدىغان نەرسىسى كەڭتاشا بېرىلگەن مال - دۇنيادۇر. مەن سىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭلاردىن ئەمەس، دۇنيانىڭ راھەت - پاراغەتلىرىگە بېرىلىپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن». بۇدانالارچە بېرىلگەن بىشارەت ماددىي ھەشەمەتچىلىككە چۆكۈپ، قەلب بوشلۇقلىرىنى نۇر بىلەن تولدۇرۇشتىن غەپلەتتە قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۈگۈنى ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنداق تىلەيمەن: دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلمىغىن.(ئامىين!!!)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 18:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ئورۇنلۇق گەپلەركەن..  سەنئەتنىڭ ھەددىدىن زىيادىلىكى كىشىنى غەپلەتتە قويسا قويىدىكى، ھەر گىزمۇ بىراۋنى ئۇيغۇتۇلمايدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ ھىساۋىدا بولغىنى ياخشى.

UID
19315
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 18:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاشۇ بىكاردىنلا سەرىپ بولىۋاتقان پۇللارنى  ساۋابلىق ، خەيىرلىك ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتسە نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ....................   


UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 18:29:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسۇل ئويناپ  ناخشا ئىتىپ پۇل تاپقان ھەي ھەي  ھەي  تازا ئويلىسا بەك سەت  قىلىق

UID
52309
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 19:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنشائاللاھ ياخشى كىشىنڭ،ياخشى پەرزەنتىنىڭ،ياخشى سۆزى !

UID
51683
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 20:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپمۇ ياخشى تىمىكەن!  قاچانغىچە  ناخشا-ئۇسۇل دەپ يۈرەمىز؟

UID
51683
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 20:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلار قانداق قىلسام باش سۈرىتىمنى  ئۆزگەرتەلەيمەن؟ ھەر قانچە قىلساممۇ  باش سۈرەت ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ؟!

UID
52403
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 22:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيەتنى  ھەقىقى  تەسۋىرلەپ  بىرىپتۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمدەك ياشالم

UID
2048
يازما
67
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1777
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-25
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 00:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

UID
10139
يازما
134
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2444
تىزىملاتقان
2011-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 00:36:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەر قېتىم نەزىرە سالىھنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇغىنىمدا ، بۇ قېرىندىشىمغا ئاپىرىن ئېتماي تۇرالمايمەن .

باھا سۆز

halmurat  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 02:16:52
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش