ئىگىسى: jazbidarkiz

مائاشلىقلار قانداق ياشاۋاتىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 11:23:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mulayimyigit يوللىغان ۋاقتى  2013-6-24 23:01
ئۇلارنى ھىچكىم ئۇنداق مۇنداق دىمەيدىكەن ، ئارىمىزدىمۇ ...

ماۋۇ گەپنى ئورۇنلۇق دەيمىز...  ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگەنلەرنىڭ ئۆزى نادان.

UID
53452
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 17:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ! نىمىدىگەن يۈكسەك ھالدا يىغىنچاقلانغان ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بۇلۇپمۇ مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك ياخشى تىما بۇلۇپتۇ. ھەي ئىسىت مەن شۇنچە ۋاختىمنى سەرىپ قىلىپ،  تور بەتنى زايا قىلىپ ئالدى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۇنىڭدىن كىيىن سەنئەتچىلەرنى ، ساقچىلارنى،  ئاساسى قاتلام كادىرلارنى، دۇختۇرلارنى، سوتچىلارنى، بانكا خادىملىرىنى، يازغۇچىلارنى، تىلۋىزىيە ئىستانزىسى خادىملىرىنى، مۇخبىرلارنى........ قاتارلىقلارنى بىرمۇ-بىر تىللاپ بۇلالماي(ياق كەمچىلىگىنى ئاشكارىلاپ بۇلالماي) ئۇلارنى كاپىرغا، مۇناپىققا، ھارام يەيدىغانلارغا ئايلاندۇرۇپ بۇلالماي بەكمۇ جاپا تارتىپ كەتكەن ئىدىم. يەنا چالا قالغان بىرقانچە مائاشلىقلار بار ئىدى. ئۇلارغا تېخى ۋاخىت چىقىرالماي بېشىم قاتقان ئىدى.  بۇ‹‹مائاشلىقلار قانداق ياشاۋاتىدۇ››دىگەن تىما بىلەن ھەممىنى بىرلەشتۇرۇپ تىللاپ ۋەتىۋەرىكىنى چىقىرالايدىكەنمەن. مەن ئويلايمەن . ھېچكىم ھۈكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىسا، ئۇقۇتقۇچىمۇ، ساقچىمۇ، سوتچىمۇ، كادىرمۇ، بانكىرمۇ، يازغۇچىمۇ، باجچىمۇ، تىلۋىزىيە ئىستانزىسىمۇ، ھەتتا دۇختۇرمۇ، كارخانىنىپ خۇجايىنىنىلا بۇلۇپ مائاش ئالىدىغان ئىشچىسىمۇ..........لارمۇ بولمىسا.      بىز نىمە دىگەن بەخىتلىك ياشىغان بۇلاتتۇق-ھە؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-25 17:06):
كارخانىنىڭ

باھا سۆز

orkex  دۇرۇس ،ئۇلارچە ھەممىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۆتۈنسەك توغرا بولىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 12:39:11

UID
53452
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 17:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاجىئە دەل مۇشۇ يەردە! ھەممىگە ئايانكى، مائاشلىقلار كادىرلاردۇر. كادىرلارنىڭ تۇرمۇشى قىلىپلاشقان تۇرمۇش، ئۇلار ئۆزنىڭ خىزمىتگە مىخلانغان، ئۇلار خۇددى كۆزنى تېڭىۋەتكەن كالا خامان يۇمشاتقاندەك بىر ئۆزگەرمەس لىنىيدە توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش موھىتىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلار بىر خىل ئۆلۈك، ئۇچۇرسىز، تۇرغۇن مۇھىتتا ياشايدۇ. ئۇلار ئۆزنى ئەركىن سانايدۇ، ئەمما روھىغا سېلىنغان ئارغامچىنى ھېس قىلالالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئارغامچا سوزۇلىدىغان رىزىنكىدىن ياسالغان. زەيداننىڭ تۇرغۇن زەي سۇلىرى بىلەن دەريانىڭ دولقۇنلۇق، ئىقىن سۇلىرنى سىلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟ زەي سۇ نىمىشقا سېسىق؟

UID
31618
يازما
185
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 17:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى يىزىلىپتۇ ماۋۇ ئەسەر ...ئەمىلىيەتنى يىزىپتىغۇ ھىچقانداق رەنجىش يوققۇ ..بەزىلەرنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تىگىپتۇ ما ئەسەر .....ھەممىسى ئەمىلىيەت ...تىخىمۇ تىرىشىڭ قىرىندىشىم..

UID
2794
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2010-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 17:37:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق  ئادەملەگە بەك ئوچ، مۇشۇ يېقىندىن مۇشۇ گەپ ئاينىپ قالدى،ھەممىڭلا خىزمەت ئورنىنى بېرىۋەتسەڭلا خەخلە قانچىمۇ خوش بوپ كېتە ،تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ  ھەممە ئورۇننى بوشىتىپ بېرىڭلا!!!!!!!!!!!

UID
51326
يازما
132
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 17:49:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
malika602 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 17:37
مەن مۇشۇنداق  ئادەملەگە بەك ئوچ، مۇشۇ يېقىندىن مۇشۇ گە ...

قورقماڭ ... مانا بىزلەر ھوقۇقى يوق ئەمەلگە ، ‹‹نەپ››ى يوق  خىزمەتكە( ئەلگە نەپ يوق ، دىمەكچى ، بولسىمۇ بەك ئاز ، ئەگەر ئۆز ئېلىمىزغا نەپ ئاتا قىلدىغان مەمۇرلار كۈپەيگەن بولسا ، يۇرتىمىزدا بۇندا ناھەقچىلىك بولمىغان بۇلاتتى...) باغلىنىپ قېلىپ ئاكىلىرمىز ئالە كۇش كۇش دىسە قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يۈگرەپ يۈرۈيمىز ...بىز دەل بۇنداق يوق ھىسابىدىكى خىزمەتنى بۇشاتساق ئاندىن بىزنىڭ ھالىمىزغا يىتىۋاتقانلار تۈزۈك سورايتى ...

ئەسكەرتىش ھەممە كەسىپنى دىمەكچى ئەمەسمەن ...مەسلەن سەھيە قاتارلىقلار بۇنىڭ سىرتىدا....

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 18:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahandarqilik يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 17:03
ۋاھ! نىمىدىگەن يۈكسەك ھالدا يىغىنچاقلانغان ھەممە ئادە ...

سىزنىڭچە مائاشلىقلارنىڭ ھەممىسى كاپىر، مۇناپىق، ھارام يەيدىغانلار ئىكەندە...  ئېسىت سىزدىكى ئەقىلنى.  سىزگە دەپ قويايكى كىمنىڭ مۇناپىق، كاپىر، ھارام يەيدىغانلىقىنى بىر يىگانە ئاللا بىلىدۇ.  سىزدەك لاۋزىلارنىڭ بولغانلىقىدىن ما دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ يولىنى تاپالمايۋاتىدۇ.  خىزمەت قىلغانلارنى بىرنىمە دىسە، تىجارەت قىلغانلارنى يەنە بىرنىمە دىسە....  سىز دىگەندەك ھەممە ئادەم خىزمەتنى بوشىتىپ قويسا، ئاندىن بەخىت دىگەن شۇمۇ؟  ئېسىت...  ئۈجمەپىش، ئاغزىمغا چۈش دەيدىغان ھورۇن ئېشەكلەرنىڭ خىيالىغۇبۇ.  ئەجىبا سىزنىڭ ئۇرۇق تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىڭنىڭ ھەممىسى تىجارەتچى، سودىگەر، كارخانىچى خوجايىن بەگزادىلەردىنمۇ؟ بىلىپ قوي سىنىڭ ئاشۇ كارخانىچى سودىگەر خوجايىن ئاكىلىرىڭمۇ يەنىلا شۇ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ ياخشى بولىشى، كارخانىنىڭ پۇل تېپىشى ياكى بىرە تۈرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۇچۇكلاردەك ئەركىلەپ، پورداقچىلاردەك كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئاندىن ئۆز ئىشىنى روناق تاپقۇزىدۇ، ھەمدە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولۇپلا ساڭا ئوخشاش خىزمەتچىلەرنى تىللاپ نوچىلىق قىلىدۇيۇ، يەنە ئىشى چىقسا يەنە شۇ كۇچۇكقا ئايلىنىدۇ.

UID
53465
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 22:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىنى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ دەپ ئويلايمەن،چۇنكى مەنمۇ بىر دۆلەت خىزمەتچىسى.مانا مەن ئىنكاس يىزىپ ئولتۇرغان مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ چوڭى 5ياشقا كىچىكى  2ياشقا كىرگەن قىزلىرىمنى بىقىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپتىمەن،ئايالىم بولسا دۆلەت ئۇچۇن ئىشلىگىلى كەتتى.بۇ كەچ بولغاندا نەگە ئىشلىگىلى كەتتى دەپ ئويلاپ قالماڭلار ،ئۇ بىر يىزىلىق كەنىت يەسلىسىدە ئىشلەيتى،ئۇلارنىڭ يەسلىسىدە 10نەپەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھەممىسى ئايال،يۇقىرىدىن ئورونلاشتۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى ھەر كۇنى 5ئادەمدىن بولۇپ دىجونىلىكتە تۇرۇشقا ئورونلاشتۇرۇش قىلىپتۇ،ئەتراپىدا چۆرە تىمىمۇ بولمىغان بۇ يەسلىدە سىرىتقا سىيگىلىمۇ چىقالمايدىغان بۇ ئاياللارغا بۇ يەسلىنى ساقلاش ناھايىتى بىمەنە بولسىمۇ،ئورونلاشتۇرۇشقا بويسۇنماي ئامال يوق.شۇنداق قىلىپ بۇ ئاياللار بىر كۇن ئۆيدە بىر كۇن يەسلىدە قونىدۇ دىگەن گەپ.ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھىچنىمىگە ھىساپ ئەمەس.
ئەمدى ئەسلى تىمىگە يىنىپ كەلسەك مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىزنىڭ كادىرلار پەقەتلا ئۆز ئادەملىرىمىزنى بىسىشتىن باشقا ئىشلارغا كەلگەندە ئاساسەن ئىقتىدارسىز،سىياسىغا ئارىلاشقان رەھبەرلىرىمىزگە كەلسەك،ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تۇرمىشى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن باشقىلارغا ئىشىنالمايدۇ.يەنە سوزلىسەم سەزگۇر مەسىللەرگە تاقىلىپ قالىدىغان ئوخشايمەن،بولدى قىلاي مىنىڭمۇ تاماق قاچامدىن ئايرىلىپ قالغىم يوق........

UID
53452
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 10:25:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭچە مائاشلىقلارنىڭ ھەممىسى كاپىر، مۇناپىق، ھارام يەيدىغانلار ئىكەندە...  ئېسىت سىزدىكى ئەقىلنى.  سىزگە دەپ قويايكى كىمنىڭ مۇناپىق، كاپىر، ھارام يەيدىغانلىقىنى بىر يىگانە ئاللا بىلىدۇ.  سىزدەك لاۋزىلارنىڭ بولغانلىقىدىن ما دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ يولىنى تاپالمايۋاتىدۇ.  خىزمەت قىلغانلارنى بىرنىمە دىسە، تىجارەت قىلغانلارنى يەنە بىرنىمە دىسە....

ئىنكاسىمغا ناھايىتى توغىرا پىكىر بىرىپسىز. مەن سىزنى مىنى تىللىدى دەپ قارىمايمەن، سىزگە ئوخشاش پىكىر قىلىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا مىنىڭ مۇشۇ ئىنكاسمنىڭ مەخسىدى ئەمەلگە ئاشقان بۇلىدۇ. ئەگەر مىنىڭ ئىنكاسىمنى توغىرا دەپ قوللىغان بولسىڭىز مەن بەكمۇ ھەيران قالغان بۇلاتتىم. رەخمەت سىزگە.

UID
53465
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 11:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭچە ھازىر قانۇن ئارقىلىق ئىش بىجىرىدىغانلار كۆپمۇ ياكى باشلىقنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش بىجىرىدىغانلار كۆپمۇ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش