كۆرۈش: 1370|ئىنكاس: 3

كۈلكىڭز ئۈزۈلمىسۇن،ھېسام ئاكا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11145
يازما
125
تېما
25
نادىر
2
جۇغلانما
1125
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 13:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈلكىڭز ئۈزۈلمىسۇن،ھېسام ئاكا !


2013-يىلى 12-ماي تولىمۇ خەيرلىك  مۇددىئانىڭ تۈرتكىسىدە غۇلجىغا سەپەر قىلدىم .
      گەپنى سال ئىلگىرىدىن باشلايمەن.بۇ يىل مارتنىڭ بىر كۈنى ھۆرمەتلىك يىگىت بېشىمىز خوجائەخمەت يۇنۇس ئاكا قاتارلىق مەشرەپ ئەھلى  بىلەن سورۇندا ئولتۇراتتىم ،يانفۇنۇم توساتتىن سايراپ قالدى،تېلېفۇن بەرگۈچى يېڭىلا غۇلجا سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن سازەندە كامال ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئىدى.
     تېلېفۇن سۆھبىتىدىن مەلۇم بولدىكى ،كامال بۇ قېتىم غۇلجىدا بىتەكرار چاقچاق ئۇستىسى ھېسام قۇربان ئاكىنى يوقلىغان ھەمدە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىدىن خاۋاتىرلىنىپ ،بۇرادەرلەرنىڭ دالالىتى بىلەن بۇخەۋىرنى ماڭا يەتكۈزۈشكە ئالدىرىغانىكەن،ئۇلار ھېسام چاقچاقلىرى تېمىسىدا ئۇزۇن يىللار سەۋىر ۋە چىدام بىلەن خالىس  ئەمگەك قىلغان ماڭا ھېسام ئاكىنىڭ ئەڭ يېڭى سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ ،ھېسام بىلەن يېڭى سۆھبەتتە بولۇشۇمنى ئۈمۈد قىلىۋاتاتتى ،ئۇلارنىڭ ئىزگۈ نىيىتىدىن ئەلۋەتتە سۆيۈندۈم ھەمدە رەھمەت ئېيتتىم .
      كېيىن تېلېفۇندىكى پاراڭنىڭ مەزمۇنىنى سورۇندىكى ئاكىلىرىمىزغا يەتكۈزدۈم ،ئەمدى سۆھبەت تېمىسى خېلىغىچە ھېسامقۇربان ۋە ئىلى چاقچاقلىرىدىن نېرى بولالمىدى،خىيالىمدا بولسا ئەسلىمىلەر گۈلخانى يېلىنجىماقتا  ئىدى.
     ئىتىسى ھېسام ئاكامنىڭ ئۆيىگە تېلېفۇن بەردىم ،تېلېفۇننى ئانچە كېچىكمەستىنلا زېمىنىخان ھەدەم ئالدى،سالامسىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى ئېيتتىم ،زېمىنىخان سەدەم بىردىنلا ھاياجانلىنىپ كەتتى.
     _ۋاي ماخمۇتجانمۇ سىز؟ئۇزاق بولدىسىزنى كۆرمىدۇق ،ھېساممۇ ئارىلاپ گېپىڭىزنى قىلىدۇ،كىتاپلىرىڭىزنى ئەپچىقتۇرۇپ كۆرۈپ كېتىدۇ...
     ھېسامكامنىڭ سالامتلىك ئەھۋالىنى ئېھتىيات بىلەن سورىۋىدىم ،زېمىنىخان ھەدەم ماڭا تونۇش ئاۋازى بىلەن يەنە چاڭىلداپ سۆزلەپ كەتتى:
    _ھېسام ياخشى ،قىشچە خېلى ئاغرىۋالغانىدى،ھازىر ياخشى بولۇپ قالدى.تالا-تۈزلەرگە  ئاچىقمىدۇق، چېقىمەن دەيدۇ، كۈن يەنە سەل ئىسسىسۇن دېدۇق ...سىز ئۈرۈمچىدىما ؟غۇلجىغا كەلسىڭىز ئۆيلەرگە كېلڭ ئۇكام!
      تۈنۈگۈنكى تېلېفۇن تۈپەيلى پەيدا بولغان ئەندىشەم لەپپىدە پەسىيىپ قالدى.ئالدىراش ئىشلار بىلەن ئارىدىن يەنە خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى ،بىراق مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە  ھېسامكامنىڭ سالامەتلىكى تۈپەيلى بىر ئىزتىراپلىق خىيال ئەگىپلا يۈرەتتى ،ھەممىمىز ھاياتنىڭ  ئامانەتلىرى ،ئاتىلار << دەم غەنىيمەت،دىدار غەنىيمەت>> دەپ توغرا ئېيتقان،ھېسام ھەققىدە شۇنچە كۆپ ئەجىر ،ئەمگەك قىپتىمەن،شۇ ئەمگەكنىڭ تىخى ئاخىرقى مۇساپىسى ئەمەسقۇ؟بۇنىڭدىن 27يىل ئاۋال ئىلى ئىلىي مېھمانخانىسىنىڭ چىرايلىق ھويلىسىدا ھېسامكام ئىككىمىز مۇشتۇملىرىمىزنى ئالقانلىرىغا ئۇرۇشۇپ ،چاقچاقتىن ئوت چىقىرىپ ئېسىل بىر پارچە سۈرئەتكە چۈشكەنىدۇق،شۇنداق سۈرەتكە يەنە چۈشۈش ھاياتنىڭ بىزگە بەرگەن نېمىتىغۇ ئاخىر...
     ئويلىغانسىرى ھېسامكامنى غۇلجىغا بېرىپ يوقلاپ كېلىش ئىستىكىم كۈچۈيدى،دەل شۇ كۈنلەردە مەلۇم نەشىرىياتنىڭ تەكلىپى بىلەن ھېسام ۋە ھېسام چاقچاقلىرىغا بېغىشلانغانبارلىق ئەمگەكلىرىم جۇغلانغان يىرىك بىر كىتابقا جىددى ئىشلەۋاتاتتىم ، ئىشىمنى ۋاقتىنچە ،توختاتتىمدە،12-ماي (يەكشەنبە ) سەھەردە  ئۈرۈمچى خۇمدانلىق ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىگە يول ئالدىم.
     غۇلجىغا كەلگىنىمنىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا كۆڭلى دەريا ،ھارماس فۇتوگراف تۇرسۇنمۇھەممەد ئوسمان ۋە ئىلى ئوبلاستلىق ئۇيغۇر دارامما ئۆمىكىدە ئىشلەيدىغان چوڭ ئوغلۇم ئادىلجان بىلەن  بىرلىكتە ھېسامكامنىڭ مەھەللىسى-بەيتۇللا مەدرىسكە يېقىن 10-ئولتۇرق رايۇنغا كەلدىم .ئىشىكنى مەن ئىلگىرى بارغان ۋاقىتلار دىكىدەك زېمىنىخان ھەدەم ئاچتى ۋە ھاياجانلىق ئاۋازى ياڭرىدى:
    _تۇرۇڭە ھېسام ،ماخمۇت مۇھەممەت سىزنى يوقلاپ كەپتۇ !
     ئۆيگە كىرىپ زېمىنىخان ھەدەم بايىقى گېپىنى تەكرارلىغىنىچە كىرىپكەتكەن ھۇجرا تەرەپكە قارىدىم ،ھەم ئۆتمەي ھېسامكامنىڭ بوغۇق يۆتۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى،كۆڭلۈمنى بىر خۇرسەنلىك قاپلدى ،چۈنكى ھېسامكامنىڭ تونۇش ئاۋازىنى يەنە ئاڭلاۋاتاتتىم ،سەلدىن كېيىن ئىشىكتە ھېسامكامنىڭ تونۇش قامىتى كۆرۈندى،زېمىنىخان ھەدە ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلىگىنىچە،بىر ياقتىن كىيملىرىنى ئوڭشىغاچ ساراي ئۆيگە ئاچىقىۋاتاتتى ،ئاڭغىچە تۇرسۇنمۇھەممەت بىلەن ئادىلجانمۇ ھېسامكامنى يۆلەش ئۈچۈن يۈگۈردى.
      ھېسامكام ئۈچ ئادەمنىڭ يۆلىشى بىلەن ئالدىمدا تۇراتتى ،ئىتتىك بېرىپ قولىرىنى تۇتتۇم ،ئەزەلدىن قورۇق ئۆكسىمىگەن چىرايىغا قارىدىم .قورۇقلار ئارىسىدا يەنىلا مەشھۇر بىر كۈلكە بالقىپ تۇراتتى،قېرىلىق يەتكەن بەدىنىنى تىك تۇتۇشقا تېرىشىۋاتقان ھېسامكام قىزىل مانچېستېر دوپپىلىق بېشىنى سەل قىيسايتىپ ،ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى،قولىدىن شۇ تۇتقىنىمچە نېرىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنى تارتىپ ،ھېسامكامنى ئاۋايلاپ ئولتۇرغۇزدۇم .
      ئالدىمدىكى تونۇش قامەتكە يېڭىباشتىن سەپ سېلىپ قارىدىم ،90نىڭ تېغىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان بۇ بەردەم ئىنساننىڭ  بەدىنى ئورۇقلىغان ،قەددى مۈكچەيگەن ،كۆزلىرى سەل گۇنسىزلاشقان بولسىمۇ ،بىراق ئۇ كۆزلەردە ۋە تامام چىشسىز ئاغزىدا كۈلكنىڭ بەخىت شولىلىرى لىپىلداپ تۇراتتى،ھاسا تۇتقان قوللىرى مۇزدەك ئىدى.كۆك كاستىيۇمنىڭ ئىچىدىكى قولدا توقۇلغان پوپايكىسى ۋە بىر ياقىسى چاپان سىرتىغاچىقىپ كەتكەن ئاق كۆڭلىكىنىڭ ئىچىدە ئاقئۆستەڭنىڭ تارماق ئېقىنلىرىدەك تارشا تومۇرلار بىر چىدامدىن  ،ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىدىن بەلگە بېرىپ سوقۇپ تۇراتتى ،قۇلاق تۈۋۈمھە نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى بىر ئەتىياز كۈنى غۇلجىنىڭ پاتقاقلىق شەھەر ئىچى مەھەللىسىدە تاڭگا سېتىپ كىتىۋاتقان ئالتە ياشلىق شوخ بالىنىڭ  << ھېسام ،تاڭگا يەمسەن ؟>> دېگەن چاڭىلداق ئاۋازى ياڭرىغاندەك بولدى.....
      زېمىنىخان ھەدە ئۈستەلگە مەززە تېزىپ چاي دەملىدى،مەن بولسام ھېسامكام بىلەن بەھۇزۇر پاراڭلىشىشقا ئالدىرايتتىم ،يەنە بىر ياقتىن ھېسامكامنىڭ سالامەتلىك ھەققىدە زېمىنىخان ھەدەمدىن ئۈزۈك-ئۈزۈك سوئاللارنى سوراپ تۇراتتىم ،زېمىنىخان ھەدەم سۇئاللارغا بىر يولىلا جاۋاپ بەردى:
        ئۇيقۇسى جىق ،ئويغاتمىسىڭىز ئۇخلاۋېرىدۇ....كىچىك تەرىتى سەل ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ،تاماقنى ئاز يەيدۇ ،قالغان تەرىپى ،ئۆزىڭىز كۆردىڭىز ياخشى مانا!
       ھېسامكام ئۇزاق يىللار ئۆزىنىڭ جاپاسىنى مىننەتسىز تارتقان ۋە ھىلىمۇ كىچىك بالىنى جۇڭقۇرغاندەك ئۆزىگە ھەمشېرىلىك قىلىۋاتقان قەدېناسىنىڭ گېپىنى تەستىقلىغاندەك ،ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى.دەررۇ بايقىدىم ،ئۇنىڭ كاللىسى ھىلىھەم شۇنچە سەگەك ئىدى .
       -ھېسامكام تاڭئاتار ئولتۇرۇشلىرىدا << چاقچاق قىلىمەن >> دەپ جىق ئۇخلىمىغان ،ئەمدى شۇ ئۇيقۇلىرىنى تولۇقلىۋالاي دەپتۇ -دە،-دېدىم چاقچاق قىلىپ ،لېكىن كۆڭلۈم شۇنچە يېرىم ئىدى .قېنى ئۇ ئىلى دەرياسىدەك  ئۈزۈلمەس چاقچاقلار ؟قېنى ئۇ بىر مەشرەپنى سېرىپ چىقىپ كىتىدىغان ھازىر جاۋاپ ،ئوت يۈرەك چاقچاق كۈچتۈڭگۈرى ياپياش ھېسام ؟...بىراق  شۈكرى،شۇ خىسلەتلىرىنى شۇ تاپتىمۇ نامايەن قىلىپ تۇرغان كۆڭلى ۋۇجۇدىدا  شانلىق تارىخىنى ھېلىھەم ئەسلىتىپ ھېسام قۇربان ئاكا ئالدىمىزدا ئامان ،سالامەت ئولتۇراتتى.
    تۇرسۇنمۇھەممەت ئوسما غەنىيمەت پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ بىزنى سۈرەتكە تارتماقتا ،ئىجتىھاتلىق خىزمىتىنى داۋام ئەتمەكتە ئىدى .مەن تۇرسۇنمۇھەممەتنىڭ ئاپراتىغا ئاجايىپ بىر كۆرۈنۈشنى پەملىگەنلىكىنى سەزدىم ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ:
     _ ھېسامكا ،ھېلىقى كونسۇل مېھمانخانىسىدا چۈشكەندەك سۈرەتكە يەنە بىر چۈشىۋالامدۇق ؟-دەپ سورىدىم .
      گېپىم تۈگشىگە ئىنكاسى تېز ھېسام ئاكا دەررۇ بىر قولىنى تاپانچا بەتلىگەندەك  قىلىپ ئالدىغا سوزدى ۋە قاقاقلاپ كۈلدى،مەنمۇ شۇئان ئۇنىڭغا ماسلاشتىم ...سەلدىن كېيىن بۇ كۆرۈنۈش تالادا،ھېسامكامنىڭ ئىشىك ئالدىدا يەنە تەكرارلاندى ۋە ئۆچمەس سىما سۈپىتىدە قېتىپ قالدى .
      ئوقۇرمەنلىرىمىزگە،ئۇكۈنى ھېسام ئاكىنىڭ ھەدىگەندە ئۆزۈمنى تونۇپ،ئىسمىمنى يادىغا ئالالمىغىنىنى ،كېيىن زېمىنىخان ھەدەمنىڭ گەپ ئارلىشىشى بىلەن دەررۇ << ماخمۇت ،ماخمۇت!>>دەپ قولۇمنى مەھكەم تۇتقىنىنى ھەمدە ھايال ئۆتمەستىن :
      كىنو قاچان چىقىدۇ؟-دەپ سورىغانلىقىنى قوشۇمچە قەيت قىلىپ ئۆتۈپ كەتسەم مۇۋاپىق بولار،دەپ ئويلايمەن.
      ھېسامكامنىڭ سوراۋاتقىنى مەن 2008-يىلى يازغان << چاقچاقچى  ھېسامنىڭ كەچۈرمىشلىرى >> ئىدى،ھەخىىل  سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ فىلىم ھازىرغىچە سۈرەتكە ئېلىنىش تەرەددۇدىدا كېتىۋاتاتتى. ئىنشا ئاللا ،خەيرىلىك بىر كۈنلىرى ھېسامكامنىڭ ئۇشبۇ فىلىمىدە بىۋاستە رول ئىلىشى نېسىپ بولۇپ قالار ،لېكىن مەن شۇ تاپتا ھېسامكامنىڭ سۇئالىغا ،بۇيىل غۇلجىدا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان باشقا بىر فىلىم خۇسۇسىدىن جاۋاپ بەردىم،بۇ فىلىمدە ھېسام قۇربانغا بېرىلىدىغان رول ئالاھىدە ۋە خېلى ئۇزۇن ئىدى.
       _ھېسامكا ،-دېدىم دەررۇ ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ ،-6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ،سىز دېگەن فىلىمنى جىلىليۈزدە سۈرەتكە ئالىمىز ،ۋاقتى كەلگەندە زېمىنىخان ھەدەم  ئىككىڭلارنى غۇلجا ناھىيەسىگە بىللە ئاچىقىپ ،مىھمانخانىغا ياتقۇزۇپ ،كۆرۈنۈشۈڭلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ ،رىژىسور ئۆمەر سايىم بىلەن بۇ گەپلەرنى دېيىشكەنمىز.....
      ھېسامكامنىڭ ۋەزمىن چىرايىنى كۈلكە ئەگىدى،ئىچىمدە <<شۇ كۈنلەرگە يەتكۈزگەي !>>  دەپ تىلەك تىلىدىم .
       چۈشكە يېقىن زىيارىتىمىزنى ھازىرچە تامام قىلىپ ،ھېسامكام ۋە ئۇنىڭ جاپاكەش قەدىناسىنى بىلەن خوشلاشتۇق ،ھېلىمۇ ھېسامكام كۆپ غەيرەت قىلغانىدى.ئۆيدە ۋە تالادا تارتىلغان ھەرخىل  سۈرەتلەرگە  ئۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل ،جۇشقۇن ۋە تەبئىي چۈشتى ،فوتوگىراف << ھېسامكا ،كۈلىڭە >> دېيشىگىلا ئۇ دەرھال، شۇنچىلىك بىرىلىپ تەبىئىي كۈلەتتى ،كۈلكە ئاۋازىدا بىر غەييۇرلۇق ۋە ئىلگىركىدەكلا ئۆتكۈر ھەجىۋىي بالقىپ تۇراتتى .راستىنلا ،تۇنجى سۈرەتكە تارتىشقا تەرەددۇدلانغان  تۇرسۇنمۇھەممەتنى ئۇ دەررۇ توختىتپ قويۇپ ، زېمىنىخان ھەدەمگە قاراپ جىددىي رەۋىشتە :
    _ گالىستۇك ! دېدى.
   _ بۇ ئادەم گالىستۇك تاقاشنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ ._دېدى زېمىنىخان ھەدە ھېسامكامغا قىزىل چىكىتلىك قارا گالاستۇكنى تاقاۋېتىپ ،- بۇرۇنمۇ بوينىدىن گالاستۇكنى ئالمايدىغان ،ھازىرمۇ چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ تالاغا ئاچىقايلى دېسەك،گالاستۇك دەيدۇ!
      مەن پاكىز سۈرتۈپ،ساراي ئۆينىڭ ئاشخانىغا تۇتاش يېرىگە قويۇپ  قويۇلغان چاقلىق ئورۇندۇققا قارىدىم .كېيىن ھېسامكامنى قېنىپ بىر ئۇخلىۋالسۇن، دەپ ساھىبخانلار بىلەن خوشلاشتۇق .
       ئىككى كۈندىن كېيىن تۇرسۇن مۇھەممەت ئوسمان ئىككىمىز ھېسامكامنىڭ ئۆيىگە 2-قېتىم باردۇق ،بېرىشتىن ئىلگىرى زېمىنىخان ھەدە بىلەن تېلېفۇندا ئالايىتەن كېلىشىۋالغانىدۇق ،ئۇ ھېسامكامغا ئائىت  سۈرەتلەر ئالبوملىرىنى تېپىپ تەييارلاپ قويغانىدى .تۇرسۇن مۇھەممەت ئەڭ دەسلەپكىسى 1948-يىلى تارتىلغان بۇ زور بىر تۈركۈم يالداما سۈرەتلەر ئارىسىدىن تاللاپ نۇسخا ئالماقچى ئىدى ،زېمىنىخان ھەدەم بۇ قىممەتلىك سۈرەتلارنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ ساقلىماقتا ئىدى ،شۇڭا تۇرسۇنمۇھەممەتنىڭ سۈرەتلارنى ئۆيدە قايتا تارتىۋېلىش تەلىپىگە مىڭ تەستە ماقۇل بولدى . ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى ئىنتايىن توغرا ئىدى.ئاڭلىشىمچە ،دائىم ئۇ يەر-بۇ يەردىن  كىلىدىغان ئادەملەر ئاللىقانداق ئىدارىنىڭ نامىنى سېتىپ ،يالغان ۋەدىلەرنى قىلىپ ھېسامكامنىڭ ئۆيىدىن كىتاپ،سۈرەت ،لېنتا ۋە باشقا مۇھىم يالدامىلارنى ئېلىپ كىتىدىكەن  ۋە كۆپ ساندىكىلىرى ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىكەن. بىر قېتىم ئۆزلىرنى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئسىتۇدىيەدىن كەلدۇق،دەپ تونۇشتۇرغان ئۈچ يېگىت زېمىنىخان ھەدىنىڭ ئېتىرازىغا قارىماي ،ھېسام ئاكىنى مەجبۇرەن ياتقان يېرىدىن تۇرغۇزۇپ ،چالا-پۇلا كىيىندۈرۈپلا ،ئالدىغا قۇرۇق پىسىركايدىن بىرنى قويۇپ ئاتالمىش <<كىنوغا ئېلىش >>نى باشلاپتۇ...
      _توۋا خۇدايىم ،شۇكۈنى شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى ،_دېدى زېمىنىخان ھەدە ،-خۇددى ھېسامغا ئۆتكۈزۈپ قويغىنى باردەك ..ئەڭ بولمىغاندا ئۈستەلگە تەتلىق تېزىپ چاي دەملەي دېسەممۇ تۆزمىدى .كۆرگەن خەقلەر نىمە دەپ قالار ؟ھېسامنىڭ ئۆيىدە بىر پىيالا چايمۇ يوقكەن ؟ دەپمۇ ئويلىمامدۇ!
     ئاچچىق ھېسلارغا چۆمۈلگىنىمچە زېمىنىخان ھەدىگە تەسەللى بەردىم .بىزدە شۇنداق نەپ سەۋدايىلىرى ،پۇرسەت ئوغرىلىرى ،ئەدەبىيات -سەنئەت قويىمچىلىرى بار.يەنە تېخى ئاتالمىش << ھېسامنىڭ ۋەسىيىتى>>نى يانفۇنىغا كىرگۈزۈۋالغانلار،دەستىخان سالىدىغنلار ،ھېسام ئولتۇرغان ھارۋىنى ئىتتىرىپ سۈرەت پۇلى تىلەيدىغانلارمۇ ..بار.ئۇلارنىڭ دەسلەپكىلىرى 1998-يىلى پەيدا بولغان ،بۇنداقلارنىڭ بازىرى قىززىسا ،نادانلىقنىڭ ۋە ئاچ كۆزلۈكنىڭ كۆلەڭگۈسى ئۇزىرايدۇ .ناۋايى ھەزرەت ئېيتقاندەك ،ئۇلارنىڭ قەلەم ۋە سىن ئاپراتى تۇتقان ئوغرى قىوللىرىنى << قەلەمگە ئوخشىتىپ توغراش كېرەك!>>.
       ئەسلىي گېپىمگە قايتىپ كېلەي ،تۇرسۇنمۇھەممەت ئالتە ،يەتتە ئالبومدىكى سۈرەتلەرنى تاللاپ ،كېرەكلىرىنى ئېجتىھات بىلەن ئاپراتقا ئالغۇچە مەن  ھېسامكام بىلەن گاھ ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە ئەسلىشىپ ،گاھ چاقچاقلىشىپ ئولتۇردۇق .زېرەك تۇرسۇنمۇھەھممەت پەيتنى پايلاپ ،ئارىلىقتا بىزنى ھەرخىل كۆرۈنۈشلەردە سۈرەتكە تارتاتتى .بۇ ۋە ئۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى ،ئەلۋەتتە مەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ بېرىپلا داۋاملىق ئىشلەيدىغان <<كۈلكە گۈلۈستانى>>سەرلەۋھىلىك كاتتا كىتابقا ئېسىل ماتېرىيال ،زىننەت  بولاتتى ،ھېسام ئاكىنىڭ ئۈزۈلمەس كۈلكىسىنى ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا ئېلىپ كېتەتتى.
      ھېسامكامنى 2-قېتىم يوقلاشمۇ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ،مەنىلىك بولدى.ماي ئېيىنىڭ  گۈزەل كۈنلىرى غۇلجىغا قىلغان ئەھمىيەتلىك سەپىرىم قەلبىم گۈلىستانىنىڭھېسام چاقچاقلىرى گۈلدانىغا گۈل ،رەڭ ۋە خۇشبۇي تولۇقلاپ ،ئىشلىنىۋاتقان يېڭى كىتابىمغا مەزمۇن،ئۆمۈر رىسالامگە يېڭى قۇت قوشۇپ ،مېنى ۋە ئاڭلىغان دوست-يارەنلەرنى خۇرسەنلىككە چۆمدۈردى كەمىنە ھېسامكامغا ،ئائىلىسىگە يەنە بىر قېتىم ئامانلىق ،سالامەتلىك تىلەپ،قىيالماي خوشلىشىپ غۇلجىدىن ئايرىلىش ئالدىدا،لەۋزى ھالال تۇرسۇنمۇھەممەت ئوسمان ماڭا  بىر دەستە سۈرەت _يىپيېڭى  سۈرەتلەر ۋە قايتا تارتىپ ،يۇيۇلغان يالداما سۈرەتلەرنى ھەمدە ئۈچ سۈرەت دىسكىسىنى يوللۇق قىلغانىدى.سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجالاندىم،يېڭى تەسىراتلارغا چۈمۈلدۈم .ھەر بىر سۈرەتتە قەدىردان ھېسام قۇربان ئاكىمىزنىڭ تونۇش، قىممەتلىك كۈلكىسى پارلاپ تۇراتتى .سالامەت بولۇڭ ھېسامكا ،ئەل بىلەن تەڭ قۇياشنىڭ جامالىنى ئۇزاق ۋاقىتلار كۆرۈڭ،كۈلكىڭىز ئۆكسۈپ،ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.  




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
15736
يازما
41
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 13:30:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ باشتىكى رەسىمگە قارىغان ئادەم ھېسامكامنىڭ قېرىغان ھالىتىگە قاراپ ئىچى سىيرىلىپلا كىتىدىكەن.ئۆمرىنى كۈلكە چاقچاق بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ كىشىنىڭ قەلبىدە بەلكىم ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئازاپلار بۇلىشى مۇمكىن.

ئەڭ يېڭى ھېسام چاقچاقلىرى

ھېسام ياشىنىپ تالا-تۈزگە چىقالمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كېيىن ،ئۇنى زېرىكىپ قالمىسۇن دېگەن  خوتۇنى چاقىلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ كوچىغا ئاچىقىپ ئايلاندۇرۇپ يۈردى1-كۈنى تالاغا چىقىشىغا بىر پەمسىز قوشنىسى ئۇلارغا ئۇچراپ:
    _ھېسامكا ،چاقلىق ئورۇندۇق مۇبارەك بولسۇن!-دېدى.
    _رەھمەت ،_دېدى ھېسام،_يېڭى ئۆيگە كۆچكىنىمدە مۇبارەكلىمىۋىدىڭىز،ھەر ھالدا چاقىلىق ئورۇندۇقۇمنى بولسىمۇ مۇبارەكلىدىڭىز.
     *زېمىنىخان ھېسام ئولتۇرغان  چاقىلىق ئورۇندۇقنى ئەتتىگەندە ئىتتىرىپ كوچىغا  ئىچىقىپ قويۇپ،ئۆزى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋالغلى كىرىپ كېتەتتى.بۇنداق چاغلاردا مەھەللىدىكى كىچىك بالىلار ھارۋىنى ئىتتىرىپ ھېسامنى ئايلاندۇراتتى.
     _ھېسامكا ،نەگە ماڭدىڭىز؟-دېدى شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەيلەن يولدا ھېسامغا .
   _مەن ھېچنەگە ماڭمىدىم ،_دېدى ھېسام،_مېنى ئورۇندۇق ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ مۇنۇ بالىلار مېڭىۋاتىدۇ.
    *چاقىلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھېسامنىڭ يىنىغا ئۈزۈلمەي ئۇ،بۇ كېلىپ پاراڭلىشىپ ئۆتەتتى ،چاقچاق قىلىشاتتى.
    _ھېسامكا ،بىر چاغلاردا ئۆيلەرگە چاق بېكىتسە ،دەپ چاقچاق قىلىپ يۈرەتتىڭىز ،مانا ئەمدى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپسىز....
   _ئاۋازىڭىزنى پەسرەك قىلىڭ ،-دېدى ھېسام دەررۇ،-مۇشۇ گېپىڭىزنى زېمىنىخان ئاڭلاپ قالسا ئاساسى قاتلامغا دەپ ئۇنىمۇ قىلدۇرۇشتىن يانمايدۇ .
    *كوچىدا ھېسامنى چاقلىق ئورۇندۇقتا كۆرگەن ساياھەتچىللەر ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ ،يانچۇقىغا بىرەر ئىككى يۈز كوي سېلىپ كېتىشەتتى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئادەم ھېسامدىن ئەھۋال سورىدى :
    _ھېسامكا ،مۇشۇ كۈنلەردە ئىشلىرىڭىز قانداقراق ؟بىرەر دۇكان-پۇكان ئىچىۋالمىدىڭىزمۇ؟
   _دېمەيلا قويۇڭ ،_دېدى ھېسام جاۋابەن،_نەچچە يىلدىن بىرى ماڭالمايمەن دەپ ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپتىمەن ،ئاچىدىغان دۇككان ئەسلىي چاقلىق ئورۇندۇقتا ئىكەن ئەمەسمۇ!
    *بىر ياش ساياھەتچى ھېسام بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ۋە ئۇنىڭغا 200يۇەن تەڭلەپ ،توساتتىن ھېسامغا چاقچاق قىلغۇسى كېپقالدىدە،دېدى:
    _ھېسامكا ،تالون بىرەمسىز ،بۇدا مەن خىزمەت بىلەن چىققان ،قايتقاندا ئاتچوت قىلدۇراتتىم .
   ھېساممۇ غەمتاتىنماي پۇلنى ئالغاچ دېدى:
   _تالون يوق ئىدى ئۇكا ،بىراق مەن بىلەن چۈشكەن سۈرىتىڭنى ئاپىرىپ باشلىققا كۆرسەتسەڭ ،سۈرەتنىڭ كەينىگە تەستىق سېلىپ بېرىدۇ.
       *بىرنەچچە بالا ھېسام ئولتۇرغان چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ يولدا خېرىدار چاقىرىپ مىڭىپتۇ :
    ھېسام يۈز،مانا ھېسام يۈز...
  بىر مويسىپىت يولدا كېتىۋىتىپ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپتۇ -دە،ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ:
   _ھېسامىدىن ،بۇ بالىلار ھېسام يۈز،ھېسام يۈزلا دەيدۇ،نېمە دىگىنى ئۇ ؟
   ھېسام چۈشەندۈرۈپتۇ:
   _بۇلار ماڭا بەك ئامراقچۇ ھاجىكا،شۇڭا << ھېسام يۈزگە كىرگەي >. دەپ خۇدايىمدىن تىلەۋاتىدۇ...
    _ئامىن!_ دەپتۇ ھاجىم.
     *ھېسام بىركۈنى تالادا چاقلىق ئورۇندۇقتا پەرىشان ئولتۇرسا ،بىر قىلىقسز ياش ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ -دە:
    _ ھېسامكا ،ئىككىمىز بىر سۈرەتكە چۈشىۋالامدۇق؟_دەپتۇ.
   _بۈگۈن دۇككان تاقاق ئۇكا ،_دەپتۇ ھېسام دەررۇ،_باشقا كۈنى تالون كەستۈرۈپ كەلگىن.
    * ھېسامنى خېلى كۈنلەر تالادا كۆرمىگەن بىرى بىر كۈنى ئۇنى مەللىدە كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ سوراپتۇ:
   _ۋاي ھېسامىدىن،ئەجەپ يالغۇز ئولتۇرۇپ قاپسىزغۇ ؟
  زېمىنىخان بىلەن گەپ تالىشىپ قالغانىدىم ،مەشەگە ئاچىقىپ قويدى،_دەپتۇ ھېسام ،_كەچتە ئاچچىقى يانغاندا ئۆزى چىقىپ ئەكىرىپ كېتىدۇ.
    *بىر قېتىم بىر يىگىت ئىشقىيار نامەتنىڭ لەتىپىلىرىنى ئاڭلاپ ،مەھەللىگە كېلىپ ھېسامدىن سورىدى:
     _ھېسامكا ،ئىشقىيار نامەت يامانمۇ،سەن يامانمۇ؟
ھېسام جاۋاب بەردى:
   _ئىشقىيار  تاجىۋاي مەھەللىسىنىڭ يامىنى ،مەن سۇ دەرۋازىسىنىڭ يامىنى .
     * _ھېسامكا ،ماخمۇتكام ئىشقىيارنىڭ بەزى چاقچاقلىرىنى سېنىڭ چاقچاقلىرىڭغا قوشۇۋىتىپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇگەپلەر سىېنىڭ بوپكەتتىما ؟_دەپ سورىدى بىرى.
     _ياق ،_دېدى ھېسام،_ كېيىن ئىگىسى تونۇپ قېلىپ ئېلىپ كەتتى.
    *_ھېسامكا ،ئىشقىيار نامەت بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغانمۇ سىز؟_دەپ سوراپتۇ بىر قىززىق يىگىت.
    _بىر سورۇندا ئولتۇرمىغان،_دەپتۇ ھېسام جاۋابەن ،_ئەمما مۇسانىڭ چايخانىسىدا بىردەم ئۆرە تۇرۇشقان!   


UID
31618
يازما
185
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 18:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئۆمۇرىنى ئۇزۇن قىلسۇن

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1416
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43151
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 23:20:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىغان ھالەتتىكى  رەسىمىنى كۆرۇپ كۆڭلۇم يېرىم بولدى،،،،،ئاللاھ  ئۆمرىنى ئۈزۈن قىلسۇن ،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش