ئىگىسى: بۇلاق

ناماز ھەققىدە قىسقىچە ساۋات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
122
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
122
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 13:31:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن قېرىندىشىم!
مۇمكىن بولسا، ھەر ۋاق نامازنىڭ ئۇقۇلۇشىنى تۇلۇق ھەم ئايرىم-ئايرىم يوللاپ قويسىڭىز؟

UID
48598
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 19:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەرتېكىن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنىڭ دەلىلى بىلە ، اللە سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ، شۇڭا اللە سىزگە ئىيمان نۇرى ئاتا قىلىپتۇ . شۇڭا سىز اللەنى ياخشى كۆرۈپ ، اللە يولىدا ئىزدىنىپسىز ، ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي ، تىلەكلىرىڭىزنى ئىجابەت قىلغاي . اللە خالىسا ، مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىڭىزنى پات ئارىدا ئاقلايمەن . اللەقا ئامانەت .

UID
48598
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 16:11:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئەرتىكىن ، مەن سىزگە بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇنلىيالمىدىم ، چۈنكى مەن « نامازنى بىۋاستە ئوقۇشنى ئۆگىنىش يېتەكچىسى » ناملىق ناھايىتى ياخشى بىر ماتىرىيالنى يوللىغانىدىم . مۇنبەر باشقۇرغۇچى قېرىنداشلىرىم زادىلا تەستىقلىمايۋاتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ماڭىمۇ ئايان . چنكى مەن ئۇ تېمىنى ھەنەفى مەزھىبىنىڭ ئەقىدىسى بويىچە يازغانىدىم . قارىغاندا باشقۇرغۇچىلار بۇ مەزھەبنىڭ ئىجتىھادىنى ياقتۇرمايدىغاندەك قىلىدۇ . مەيلىلا ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ ، ئەگەر كىشى ھەنەفى مەزھىبىنى ياقتۇرمىسا ، ۋەھھابىي مەزھىبىنى تاللايدۇ - شۇ . ئۇ چاغدا : « ئەقىدە بىلمىگەن كىشى ، ھەر قاچان شەيتانغا ئەلدۇر . ئىبادەت قىلسا گەر مىڭ يىل ، بەرىبىر كېرەكسىز يەلدۇر ». دىگەن كۈنگە قالىدۇ - شۇ .
      تۆۋەندە مىسىرانىم مۇنبىرىدە مۇشۇ تېمامغا چۈشكەن ئىنكاسقا بەرگەن جاۋابىمنى كىرگۈزۈپ قوياي :

              2- قەۋەتتىكى پۈتۈكچى شىكەستە9098 گە ئىنكاس .

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، ياخشى مەسلىھەتلەر بېرىپسىز ، اللە رەھمەت قىلغاي . سۇئاللىرىڭىزغا قىسقىچە جاۋاب بېرەي :
      1- « ئامىن » نى ئۈنلۈك ئېيتىش ۋە پىنھان ئېيتىشتا باشقا مۇجتەھىد ئالىملار ھەدىسنى دەلىل قىلغان . لېكىن ئۈنلۈك ئېيتىش بىلەن پىنھان ئېيتىش توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ئۆزارا تەڭ دەرىجىدە كىلىپ قالغاچقا ، ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللا ئلەيھى بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ : «
ئامىن » نى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دېيىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئامىن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى  « دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىل » دېمەكتۇر ، يەنى بۇ سۆز بىر دۇئادۇر . « رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار » ( ئائراف 7\55 ) دېگەن ئايەتكە ئاساسەن ، دۇئادا ئاۋاز كۆتۈرۈلمەسلىكى كېرەك . ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدى سەپتىكىلەرگە ئاڭلاتقۇدەك بىر شەكىلدە « ئامىن » دېيىشى ، يەنى « ئامىن » نى ئۈنلۈك دىيىش ئۈچۈن ئەمەس . بەلكى ، « ... ۋەلۇەز زۇاللىين » دىن كېيىن « ئامىن » دېيىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىدى . بۇ سەۋەبتىن فاتىھەنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىماممۇ ، جەمائەتمۇ « ئامىننى پىنھان دېيىشى لازىم . - قاراڭ : ئەھمەد نەئىم ، سەھىھ بۇخارى ، مۇختەسەرى تەجرىدى سەرىھ تەرجىمىسى ، تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى نەشىرىياتى 6- باسمىسى ، ئەنقەرە 1980 - 2 - جىلىد ، 779 - بەت ، 435 - ھەدىسنىڭ شەرھى .
      2 - سەللە تېڭىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنسىز ، ئۇنداقتا يالاڭ باشتاق ئوقۇغان نامازدىن ، سەللە تېڭىپ ئوقۇغان نامازنىنىڭ ساۋابى ھەسسىلەپ ئارتۇق بولىدۇ . ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئاجىز ، مومىيى يوق ، ياكى بولۇمسىز كىشىلەرنىڭ كىرلىشىپ قالغان سەللىسىگە قاراپلا ، ئومۇمى سەللىنى ئىنكار قىلىش ، قايسى مۇجتەھىدنىڭ مەنتىقىسى ؟!
      3 - سىزنىڭ مەزھەب ھەققىدىكى كۆزقارىشىڭىز خاتا . شۇنى بىلىپ قېلىڭكى ، مەزھەبىنى تەكىتلىگەنلىك دىنىمىزدا ئىتتىپاقلىقنى ، ئىناقلىقنى تەكىتلىگەنلىكتۇر ، ئەكسىنچە مەزھەپنى ئىنكار قىلىپ ، يوقاتماماقچى بولغانلىق ، دەل ئىسلامدا زىدىيەت تېرىغانلىق ، بۆلگەۈنچىلىك ، تەپرىقىچىلىق قىلغانلىق ، ئىسلامنى ۋەيران قىلىشقا ئاساس سالغانلىق بولىدۇ . چۈنكى سىز دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېقىڭ ، ئارىمىزدىن ئەھلى تەۋھىدچىلەر ( ئەسلىيەتچىلەر ) مەيدانغا كېلىپ : « بىر اللەقىلا تىۋىنىز ، بىر اللەتىنلا تىلەيمىز ، قۇرئان ۋە ھدىسنىلا تۇتىمىز ، مەزھەبلەرنى ، بىدئەتلەرنى يوقۇتۇپ ، دىننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىگە قايتۇرىمىز ، بىر بولسىمۇ ھەدىسنى تىرىلدۈرىمىز » - دېگەن ئەقىدىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئىلگىرىكى جامائەتلەرنى مەزھەبچى ، بىدئەچى ، مۇشرىك ، دوۋزىخىي ؛ بىز بولساق توغرا يولدا - دەپ داۋراڭ سېلىۋاتىدۇ . ئۇنداقتا سىزدىن سوراپباقاي :  (1)   ئەھلى سىننى ۋەل جەمائەتتىن ئىبارەت بۇ تۆت مەزھەبنى يوقۇتۇۋېتىپ ، شۇنداقلا  « بىدئەتنىڭ ياخشىسى يوق ، قەبرىگەاھلىقتا قۇرئان ئوقۇش ، مەۋلۇد ئوقۇش ، نەزىر قىلىش ... قاتارلىقلار بىدئەت . بىدئەت ئىشنى قىلغۇچى دوزاققا مەھكۇم » - دەپ ، بۇ بىدئەتلەرنى قىلغان مۇسۇلمانلارنى ، شەرتسىز ھالدا ئىنكار قىلىپ ، دوزاققا يولغا سېلىۋېتىپ ، ، « ئىسلامنى ئەسلىگە قايتۈرىمەن » - دېگەن بۇ ئەقىدە قايسى مۇجتەھىدنىڭ ئەقىدىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەلىلى بىلەن ئېيتىپ بەرسىڭىز . بۇ ئەقىدە ئىتتىپاقلىقنى تەرغىپ قىلىۋاتادۇ ، ياكى ... ؟؟؟!!!
      (2)  بۇ ئەھلى تەۋھىدچىلەر باشقا مەزھەبلەرنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن ، ئىسلامنى ئىسلاھ قىلىپ ئەسلىگە قايتۇرماقچى ئىكەن ، ئۇنداقتا بۇلار مەزھەب ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر مەزھەب بولمىسا ئۇلارنى نىمە دەپ ئاتايمىز ؟ ياق   !!!    ئۇلارنىڭمۇ ئەقىدىسى ئايرىم  ھەم بار ، مۇشۇخىل ئەقىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇجتەھىد ئالىمى ھەم بار ، مۇشۇ مۇجتەھىدنى ئۇستاز تۇتۇپ ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆگەتكەن بىلىملىرىنى ۋە ئەقىدىسىنى توغرا دەپ تەستىقلاپ ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ، ئىسلام يولىنى تۇتۇپ مېڭىۋاتقان ئاجايىپ غەلىتە زور بىر گۇروھ ھەم بار . سىز بۇ گۇروھنى مەزھەب ئەمەس دىيەلەمسىز ؟؟؟!!!
      (3)   ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەتتىن ئىبارەت بۇ تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسىنىڭ  ئەقىدىسى توغرا ، لېكىن پەرىقلىق مەسىلىلەردەبولسا ، ئىتتىپاقلىقنى نەزەردە تۇتۇش يۈزىسىدىن ، ھەممىسىنىڭ ئۆز جايىدا توغرا - دېگەن قاراشتا بىردەك ئىتتىپاق . سىزنىڭ كۆزقاراشلىرىڭىز ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەتتىن ئىبارەت تۆت مەزھەبنىڭ ھېچقايسىسىنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن . ئۇنداقتا سىز زادى قايسى مەزھەبكە ، ياكى قايسى گۇروھقا ، ياكى قايسى مۇجتەھىدكە تەۋە ؟!
       (4)    مەزھەب تۇتۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ئەلۋەتتە بار ، بار بولغاندىمۇ بەك زور ، چۈنكى مەزھەبنى توغرا تاللىيالىسىڭىز ، توغرا ئەقىدىگە ئېرىشەلەيسىز ، ئەگەر مەزھەبنى توغرا تاللىيالمىسىڭىز خاتا ئەقىدىدە بولۇپ قالىسىز - دەھ ، شۇنىڭ بىلەن قىلغان ئەمىلىڭىز خۇددى « ئەقىدە بىلمىگەن كىشى ، ھەرقاچان شەيتانغا ئەلدۇر . ئىبادەت قىلسا گەر مىڭ يىل ،  بەرىبىر كېرەكسىز يەلدۇر » - دېگەندەك بولۇپ قالىسىز .
      (5)   ئىتتىپاقلىقنى بەك تەكىتلەپسىز ، نىيىتىڭىز توغرا ، لېكىن لېكىن سۆز - ھەركىتىڭىز كۆزقارىشىڭىز خاتا ، چۈنكى  سىز بىرىنچىدىن ، مەزھەبنى ئىنكار قىلىدىكەنسىز ، ئىككىنچىدىن ، مەزھەبلەرنىڭ پەرىقلىق پائالىيەتلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىكەنسىز ، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنىڭ يا مۇقىم ئۇستازىڭىز يوق ، ياكى ئۇستازىڭىز بولغان تەقدىردىم ئەھلى تەۋھىد بىرەرسى بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا مۇكەممەل مەيدانىڭىز يوقىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازمىڭىزدا ئىنكار قىلغان نۇقتىلىرىڭىزدىن قارىغاندا ، ئوپ ئوچۇقكى ، ئەقىدىڭىز ئەھلى تەۋھىدكەن . سىز ئەھلى تەۋھىد ئىكەنسىز شەكسىزكى ، ياخشى بىدئەتلەرنى قىلسا بولىدۇ دېگەن جەمائەتلىرىمىزنى ھىچ ئىككىلەنمەستىن دوزاققا يولغا سالالايسىز ، بۇنداق قىلىش سىزلەرنىڭ ( ئەمەلىيەتتە تىلىڭىزلاردا مەزھەب ئەمەس ، ئاددىسى ئۆزىڭىزلەرمۇ بىلمەيدىغان ) مەززھىبىڭىزلارنىڭ زور بىر ئالاھىدىلىكى . سىزلەرنىڭ مەزھەبتىكىلەر ، مۇشۇخىل ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇسۇلنانلاردۇ . شۇڭا سىزلەر بىزنى كۆزگە ئىلمايسىزلەر ، خالىغانچە ئەيىپلەپلا قالماي ، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق ، ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسى دوزاقتا » دېگەن ھەدىسنىڭ شەكلىگە قاراپلا ، بىزدەك بىدئەتنىڭ ياخشىسى بار - دەپ تەستىق قىلغۇچىلارنى دوزاققا بۇيرىۋېتىسىزلەر ،  دېمەك سىزلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقتىن ئېغىز ئېچىش سالاھىيىتىڭىزلەر بارمىكەن ؟؟؟!!! يەنە قانداق قىلسىڭىزلار رازى بولارسىزلەر ؟؟؟!!! ...
      (6)   ياخشى بىدئەتلەرنى قىلساق بولىدۇ - دېگەن ئەقىدىنى ئىنكار قىلىپ ، جەمائەتلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنى خالىغانچە ئەيىپلەپ ، خالىغانچە تىل تەككۈزسىڭىزلارمۇ سىزلەرنى ئىتتىپاقسىزلىق قىلدى - دەپباقمىدۇق ، گەپلا بولسا ، ئىشلا بولسا سىزلەرنىڭ توغرا بولۇپ ، خاتالىقلا بولسا ، بىدئەتنىڭ ياخشىسى بار دىگۈچى ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەتنىڭ بولىۋاتىدۇغۇ ؟! يەنە قانداق قىلسىڭىزلار رازى بولارسىزلەر ؟؟؟!!! مەنمۇ قەلىبدىن ئىبارەت اللە بەرگەن بىر پارچە گۆشتنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپۈتىم بىلەن ، ماقالەمدىكى بايانلارنى ،  ئۆزەم توغرا دەپ قارىغان ھەم چىن دىلىندىن تەستىق قىلغان  ، ئۇستازىمىز ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەيھىنىڭ ئۆگەتكىنى ھەم ئەقىدىسى بويىچە يازدىم .
      شۇ نۇقتا ئېنىق بولۇپ قالسۇنكى ، مەن ئەھلى تەۋھىدچىلەرنىڭ ئەقىدىسىنى خاتا - دەپ كەسكىن قارايمەن ، سىزنىڭ ئۇمۇ ، بۇمۇ بولىدۇ دىگەن ئەقىدىڭىزنىمۇ خاتا -دەپ كەسكىن قارايمەن . ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىدىغان لەۋزىڭىز ھەقىقى يۈرىكىڭىزدىن چىققان بولسا ، ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللاھ ئەلەيھىنىڭ ئىجتىھاتىغا قايتىپ كېلىپ ، شۇ يولدا چىڭ تۇرۇپ ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىڭ . ئۆگەنمەي ، بىلمەي تۇرۇپ ، باشقىلارغا غايلىماڭ ، باشقىلارنىڭكىنى ئارىلاشتۇرىۋالماڭ ، شۇندىلا تەۋھىدتە چىڭ تۇرغان ، بىر اللەقىلا تىۋىنگەن ، بىر اللەنىلا چاقىرغان ، بىر اللەقىلا ئىبادەت قىلغان ، ئايەت ۋە ھەدىسنى چىڭ تۇتۇپ ئازمىغان ، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھۆكۈملىرىنى توغرا ئىجرا قىلغان بولىسىز . چۈنكى ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللاھ ئەلەيھىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىس ئاساسىدا بىزگە ئۆگەتكەن ئىسلامى بىلىمى ، باشقىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ نۇقسانسىز ، ئەڭ مۇكەممەل ، ئەڭ ئىلغار . ھەر جەھەتتىن ئالاھىدە ئىلغار .
      اللە ھەر بەندىسىنىڭ دىلىغا ئۆزى ھىدايەت نۇرى ئاتا قىلغاي ، اللە ھەممىمىزنى توغرا ئەقىدىدە ، كامىل ئىماندا قىلغاي ، اللە ھەممىمىزنىڭ ئىلمىنى زىيادا قىلغاي ، اللە ھەممىمىزنىڭ ئىلاھى ئىنساپ تەۋپىقىنى ، ئەل - يۇرتىمىزنىڭ ئامانچىلىقىنى بەرگەي . ئى اللە بىزگە دۇنيادا ياىشىلىق ئاتا قىلغىن ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ، بىزنى دوزاق ئازابىدىن ساقلىغىن ، ئامىن .
      اللە خالىسا يەنە ئورتاقلىشارمىز . اللەقا ئامانەت .

UID
50039
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 16:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ قولىڭىزشغا دەرت بەرىسۇن .

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-19 16:47):
قولىڭىزغا ئىدى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش