كۆرۈش: 577|ئىنكاس: 4

سىلەرنىڭ قانداق قىممەتلىك پىكرىڭلار بار؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52802
يازما
18
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 23:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. كىشلەر ئارىسىدىكى مېھرى-ۋاپا ۋە مۇھاببەتنىڭ ئاستا-ئاستا ھازىرقى زامان تەرەققىياتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تەرەققىياتقا بەزىدە ئۆچلىگىم كىلىدۇ.
2 . ئائىلە ئەڭ مۇستەھكەم قورغان، ئۇنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلالايدىغىنىمۇ ياكى بىردەمدىلا بۇزىۋىتەلەيدىغىنىمۇ يەنىلا شۇ ئەر-ئايال.
3 . بۇ دۇنياغا كەتمەن-تىشاڭ بىلەن تۇغۇلغان كىم بار دەيسىز؟ شۇڭا ئەڭ نامىراتلارمۇ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ھەقلىق.
4 . ئىنسانلارغا قۇياش ئەڭ مۇھىم دەيمىز، مىنىڭچە ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىنمۇ مۇھىم نەرسە يوق .
5 . ئۆزەڭدىن باشقا ھەر قانداق ئادەمگە سەل قارىما، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سىنى ئېگىز يەرگە چىقىرىپ بىراقلا پەسكە ئىتتىرۋىتىشى ۋە ياكى چىقماقچى بۇلۇپ چىقالمىغان يىرىڭگە  بېشىغا ئېلىپ چىقىرىپ قۇيىشىمۇ مۈمكىن.
6 . سەن ئويلىغاننى ھەممە ئادەم ئويلىيالايدۇ، مۇھىمى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتسەڭ ھىساپ.
7 . جاھاندا ئايال كىشىنىڭ ئەجىر مېھنىتىنى بېسىپ چۈشكىدەك ئەجىر-مېھنەت يوق.
8 . بىكارچى ئادەم - ئىستىرىلكىسىز سائەت.
9 . تەربىيە كۆرگەن ئەر-ئايال بىر-بىرسىگە ئەزىز مېھمان.
10 . قىزلار ئەسىلدە بىر بەدىئى رەسىم، ئوغۇللار ئاشۇ رەسىمنىڭ رامكىسى، رامكىسى يوق رەسىمنىڭ ئۇنچە جەلىپكار بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن.
11 . تۇتۇپ قۇيۇپ بەرگەن بېلىق، ئەگەر چۆچەكلەردىكىدەك زۇۋانغا كىلىپ مەندىن: " نىمە تەلىپىڭ بار، ئېيت، بەجا كەلتۈرەي " دەپ سورىسا، " ئاتا-ئانامنىڭ تېنىدە زەرىچە كىسەل بولمىسۇن " دىگەن بولاتتىم.
12 . كەسىپنىلا سۈيۈپ تۇرمۇشنى سۆيۈشنى بىلمىگەن ئادەم ھەقىقەتەن يالغۇز قالىدۇ.
13 . باشقىلار زىننەتلىگەن ئۈيىدىكى ئۆي جاھازىلىرىدىن ھوزۇرلانسا مەن كىتاپ جاھازامدىكى نەچچە يىللاردىن بۇيان يىغقان كىتاپ-ژورناللرىمنىڭ كۆپلىگىدىن ھوزۇرلىنمەن.
14 . " قابىلىيەتلىك " كە خەجلىمەي، نەچچە يۈز قېتىملىق ئويۇن-تاماشىغا خەجلىگەن پۇلىڭىزغا " قابىلىيەت " سېتىۋالسىڭىز، سىزمۇ كىشلەردەك " قابىلىيەتلىك " بولاتتىڭىز ئەمەسمۇ؛
15 . يول تېپىپ بەرگەندىن كۆرە ياخشىسى يول كۆرىستىپ قوي.
16 . قىرغاقتىكى قورام تاشلار بولمىسا ھەر قانچە كۈچلۈك قارا بورانمۇ دېڭىز دولقۇنىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرىستەلمەيدۇ .
17 . تۇرمۇشىمىزدا " شۈكرى "نى كۆپىرەك ئىشلەتكەچكە نۇرغۇن " راست " لار " يالغان " غا ئايلىنىپ كىتىۋاتىدۇ .
18 . كۆڭۈللۈك قىلىپ ئاخىرلاشتۇرغان بىر كۈنلۈك خىزمىتىڭ شۇ كۈنى يىگەن بىر ۋاق ئېسىل تامىقىڭ.
19 . ئېگىمەن دىسىڭىز كۆپ ھاللاردا سونۇپ كىتىشى مۈمكىن.
20 . پەقەت سەن ئىرادە ۋە ئىشەنچدىن ئايرىلىپ قالمىساڭلا، ھەر قانداق ئىشلار سەن ئۈچۈن بىردەملىك.
21 . گۈلنىڭ قۇرۇپ كىتىشى يالغۇز سۇغىلا ئەمەس بەلكى تۇپراق ۋە ھاۋاغىمۇ مۇناسىۋەتلىك.
22 . ھازىرقى زاماندىكى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر " ئىلگىرلىمىسەڭ -چېكىنسەن " دىگەن ئەندىزە بۇيىچە كۈچلۈكلەرنىڭ كۈچلۈكى بولغان بۇلۇشى مۈمكىن.
23 . ھەممىگە قانائەت قىلىپ تۇردىغان نادانلارچە ئىدىينى " تەۋەررۈك " قىلىپ ساقلاپ تۇردىغان ھەر قانداق مىللەت خۇددى دۆۋلىنىپ قالغان سېسىق گەندىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئېڭىدا رىقابەت تۇيغۇسى يوق ئۇنداق مىللەتنى " ئېگىز " دىكىلەر " تىرىك مۇردا " دىيىشى بەرھەق.
24 . جەمىيەتتكى بەزى ھاماقەتلەرگە ئاددىسى كۈن نۇرىمۇ زايا كىتىدۇ. ھەممە ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈرۋاتقاندا ئۇلار تېخىچە ئاپتاپقا قاخلىنىپ ئۇخلاۋاتمامدۇ؛
25 . يېزا-كەنت يوللىرىدىكى تاملارغا " كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر " دەپ يېزىلغان بولسىدى، قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇردىغان " قانۇن ، نىكاھ ... " توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار يېزىلمىغان بۇلاتتى.
26 . پۇتىمىزنىڭ ئۇچىغىلا قارىماي ئۇدۇلىمىزغا قاراپ ئادەتلەنگەن بولساق، ھالىمىز بۇنداق بولماس ئىدى.
27 . مۇشۇ يېقىندىن بۇيان " تۇغۇلۇشنىڭ ئۈزى بەخىتسىزلىك " نىڭ مەنىسىنى بارا-بارا چۈشىنۋاتىمەن.
28 . ئاتا-ئانىنىڭ بالىنى ياخشى تەربىيلىمىگەنلىكى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايىتى.
29 . كۈيىۋاتقان شامنىڭ بىرىنچىسىنى ئۈچىرەلىگەن پەرۋانە ئىككىنچىسىنى، ئۈچىنچىسىنى ئۈچۈرۈشتىن قورقمايدۇ.
30 . دوست دىگەن كىبىرسىز، ۋاپادار بولسا ئاندىن ھەقىقى ھۆرمەتكە نائىل بۇلالايد.
31 . مەن ئۈزەم بىلىملىك دەپ قارىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى مىللەت، ياش ۋە جىنىس ئايرىماي " قىممەتلىك " ھىساپلايمەن.
32 . بىزدە يوشۇرۇن كۈچ بۇلۇشى كىرەك، بولغاندىمۇ راۋارۇس بۇلۇشى كىرەك.
33 . قاراپ تۇر! مەن ھامان بىر كۈنى قىلغان ئىشلىرىمدىن سىنى تەسىرلەندۈرمەي قويمايمەن.
34 . ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ئادەمگە ۋاقىت ئېقىن سۇدەك ئىتتىك ئۈتىدىكەن.
35 . خارلاپ تاشلىغان دوستىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ياخشى مۇئامىلىسىگە ئۇچىراش شۇ كىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ جازا.



ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53169
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 13:44:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ھەقىقەتەن كاتتا تىما بۇلۇپتۇ.شەخسەن ماڭا بەك يارىدى.بۇ سوزلەرنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشمىزدا بار،
ۋە بىز ئۇچراپ تۇردىغان كوپ ھەقىقەتلەر.بۇ سوزلەردىن مەن بىر ياخشى كىتاپ ئۇقۇغاندەك بولدۇم.ھارمىغايسىز.گۇل قۇلڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.مەن ئۇشبۇ كەلىمىلەردىن پايدىلنىپ كوپ ئشلىرىمنى تۇزتىمەن.قۇلۇمدا بار بولغانلىرىنىڭ قەدىرگە يىتمەن،پۇشايماننىڭ ئالدىنى ئالمەن.

UID
47298
يازما
93
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 07:57:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى جۈملە سۆزگە


ئەتراپىڭىزنى گۈزەللىككە تولدۇرۇڭ . مىھىر -مۇھەببەت سىزدىن يىراق بولمايدۇ. باشقىلار سىزدىن ئۆگىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا  تەرەققىيات تۈرمىدىن چىقىدۇ.

UID
47298
يازما
93
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 08:06:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆتىنجىسىگە

لوگىكىلىق  خاتالىق  «ئىنسانلار»نىڭ ئاتا -ئانىسى بولمايدۇ.  ناۋادا ئىنسانغا دىمەكچى بولسىڭىز، ئىتقاتقا ئاساسەن  ئەڭ مۇھىم نەرسە ئوخشىمايدۇ. مەن مۇسۇلىمان  شۇڭا ماڭا مۇھىمى ئىمان ، بۇ بولسا ئاتا -ئانا مۇھەببىتىنىڭ  كاپالىتى.

UID
47298
يازما
93
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 08:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتىنجىسىگە

توغرا دەيسىز ، مەن ئۆزەمنىڭ سىنارىيەسىگە ئارتىس.

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-22 08:15):
15   قىلالايدىغانلارغا

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-22 08:15):
15   قىلالايدىغانلارغا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش